bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 10:11:20

بىلگەجان دەرسخانىسى(4)-دىئابىت ۋە ئىنسۇلىن

دىئابىت كېسىلى ھەققىدە باشلانغۇچ ساۋاتلار
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



بۇ تېمىدا ئالدىنقى بىر نەچچە تېمىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر ھورمۇننى ۋە ئۇنىڭدىكى نورمالسىزلىق تۈپەيلى كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر كېسەلنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي - ئىنسۇلىن ۋە دىئابىت كېسىلى:

تاماق يىگەندىن كىيىن ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىدۇ ۋە كۆپىنچىسى گلۇكوزا (ئالتە كاربونلۇق ئاددى قەنىت، ئەڭ مۇھىم ئېنىرگىيە مەنبەسى) غا ئايلىنىپ كىچىك ئۈچەيدىن قانغا سۈمۈرىلىدۇ. ئاندىن گىلۇكوزا قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارغا، بولۇپمۇ ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان مېڭە، سۆڭەك مۇسكۇلى، يۈرەك مۇسكۇلى ۋە گلۇكوزىنى گلۇكوگېنغا ئايلاندۇرۇپ ئامباردا ساقلايدىغان جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا سۈمۈرۈلىدۇ، دە گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى تۆۋەنلەپ نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. لىكىن بۇ نورمال بولغان فىزىئولوگىيلىك جەريان يەنە شۇ ھورمۇنلارنىڭ ياردىمىسىز تاماملىنالمايدۇ. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارى ئاشقانلىقىنى سەزگەن ھامان ئاشقازان ئاستى بېزى (pancreas) دىكى بىتا- ھۆجەيرىلەر (β-cell) ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئىنسۇلىن قاندا ئايلىنىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھۆجەيرە پەردىلىرىگە جايلاشقان گلۇكوزا توشىغۇچى ئاقسىل-4(GLUT4) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق گلۇكوزىنىڭ قاندىن بەدەندىكى ئەزالارغا سۈمۈرۈلۈپ قاندىكى مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنسۇلىننىڭ مىقدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككى خىل نورمالسىز ئەھۋال ئىككى خىل دىئابىت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:

1. ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىسا، ئۇ ھالدا ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن تاماقتىن كىيىن قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئىزچىل يۇقىرى ھالاتتە تۇرىۋىرىدۇ ۋە بۇ زەھەرلىك بولۇپ I-تىپلىق دىئابىت كېسلى نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چوقۇم ئىنسۇلىن ئۇرۇش لازىم بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە تىز ئورۇقلاپ كىتىدۇ چۈنكى يىگەن تاماقتىكى ئوزۇقلۇق (گلۇكوزا) ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن بەدەنگە قوبۇل قىلىنالماي، بەدەن ئېنىرگىيە ھالىتى مەنفىي بولىدۇ.

2. ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، لىكىن كۆپىنچە سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قاندا ھەم يۇقىرى ئىنسۇلىن ۋە يۇقىرى گلۇكوزا بولغان بىر ئەھۋال يۈز بىرىپ، يەنىلا گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكىسى ئادەتتە II-تىپلىق دىئابىت كېسىلى دىيىلىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھەرىكەت قىلىش ۋە ئورۇقلاش. ئىنسۇلىن ۋە ياكى باشقا دورىلار ئاساسەن كۆپ كار قىلمايدۇ. ئادەتتە، بۇ خىلدىكى دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار پۈتۈن دىئابىت بىمارلىرىنىڭ 80-85% نى ئىگەللەيدۇ.

دىئابىت كېسىلى ناھايىتى كەڭ كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، يەرلىكتە قەنىت كېسىلى، شېكەر سېيىش كېسىلى دېگەندەك ئىسىملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. دىئابىت كېسىلى توغرۇلۇق يازغان ئىلمىي ماقالەمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما ھازىرچە يېتىشىپ بولالمىدىم، كېيىنچە ئۇنىمۇ يوللاپ قويىمەن. مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ توغرۇلۇق سوئاللىرى بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:27:58

‏رەھمەت سىزگە، مۇشۇ ۋاقىتقىچە دىئابىت كىسىلى توغرىلىق كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدىم ، ئەمدى بۇ توغرىلىق چۈشەنچەم ئايدىڭلاشتى، دىئابىت كىسىلى ئىككى خىل بولىدىكەن، بىرسى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش توسقۇنلۇققائۇچراش سەۋەبىدىن قاندىكى گىلىكوزا بەدەنگە سۈمۈرۈلمەي پەيدا بولغان دىئابىت كىسىلى.
‏يەنە بىر خىلى ئىنسولىن ئىشلەپچىقىرىلسىمۇ سىمىزلىك سەۋەبىدىن ئىنسۇلىنغا سەزگۈرلىكى  تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ئۇزۇقلۇقلار سۈمۈرۈلمەي پەيدا بولغان دىئابىت كىسىلى.
‏شۇڭا دورا ئىشلەتكەندە قايسى خىلدىكى دىئابىت كىسىلى ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ داۋالىنىش كېرەك ئىكەن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:30:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 20:36  

ئەگەر گىلىكوزا قاندا تۇرۇپ بەدەنگە سۈمۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئادەمدە قورساق ئېچىش تۇيغۇسى بولامدۇ ياكى قورساق توق ھېچنەرسىگە ئىشتىھاسى يوق بولۇپ قالامدۇ؟
‏مەن دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى توختىماي تاماق يىگۈسى كىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:37:15

مۇشۇ توغراسىدا كۆپرەك پاراڭ قىلىپ بىرىڭلا مەنمۇ ئانچە مۇنچە سۇئال سورىغاچ ئولتۇراي.
1-دىئابىتنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار قايسىلار.
2-بۇكىسەلنىڭ ئىرسى ئالاھىدىلىكى قانداق.
3-بۇكىسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ .
4-بۇكىسەلنىڭ ساقىيىش نىسبىتى قانچىلىك.
5-ئىنسولىن ئۇرماي باشقا دورىلاربىلەن ئىنسولىننىڭ ئۈنۈمىگە ئىرشىش مۇمكىنمۇ.
يۇقارقى سۇئاللاردا چۈشۈنچىمىزنى ئورتاقلاشساق دەيمەن .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 18:12:41

ماڭا بەك لازىملىق ماتىرىيال ئىكەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 18:15:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 09:55  

doctor يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 21:37 static/image/common/back.gif
مۇشۇ توغراسىدا كۆپرەك پاراڭ قىلىپ بىرىڭلا مەنمۇ ئانچە  ...

1-دىئابىتنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار قايسىلار؟

دىئابىت كېسىلى دېگەندە ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تېمىدا دېيىلگەندەك 1-تىپلىق دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىل ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارغۇچى ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇ بىر «ئۆز ئىممۇنىت» كېسلى قاتارىدىكى كېسەل بولۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى ئۆز ھۈجەيرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇنى يەنە ئىچكىرىلەپ نېمە ئۈچۈن دەپ سورىساق، بۇنىڭ جاۋابى تېخى ئېنىق ئەمەس، پەقەت ئىممۇنىت سىستىمىسى يېتىلىش جەريانىدا مەلۇم كەمتۈكلەرگە ئىگە بولغان بولۇشى ياكى كىيىنچە فۇنكىسىيىسىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 20:30:13

ئەمسە سېلىنى ساقلاي ...................

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:33:26

ما تىمىدىكى قەرىزنى قاچان قايتۇرسىلە ئىڭەك يۈلەپ نەچچە كەچ ئۈتۈپ كەتتى.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 10:08:53

doctor يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 21:33 static/image/common/back.gif
ما تىمىدىكى قەرىزنى قاچان قايتۇرسىلە ئىڭەك يۈلەپ نەچچ ...

بۇ سوئاللار ھەر بىرى چوڭ سوئاللاركەن، ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ يازىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ بولالماي قالدىم. كېچىكىپ كەتكىنىدىن خىجىلمەن. بولسا چۈشەنچىمىزنى ئورتاقلىشايلى دېگەندىكىن، سىزمۇ چۈشەنچىڭىزنى دېسىڭىز ئاندىن ئورتاقلاشقىلى بولىدۇ. ئەمىسە تۈزۈت قىلماي سىز ئاۋۋال دېگەچ تۇرۇڭ.

مەنچە بۇ سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابىنى مەن ئاستا-ئاستا يېزىپ چىقىپ، ئاندىن «دىئابىتتىن سوئال جاۋاب» دەپ يېڭى بىر تېما قىلىپ قوياي، دەپ ئويلاۋاتىمەن. ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت كېرەك، يېقىندىن بېرى ئىشلىرىم بەكلا ئالدىراش بولۇپ قالدى، پات ئارىدا بۇ تېما مۇنبەرگە چىقىدۇ، ئىنشائاللاھ.
بەت: [1]
: بىلگەجان دەرسخانىسى(4)-دىئابىت ۋە ئىنسۇلىن