bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 09:58:55

بىلگەجان دەرسخانىسى(3)-يېمەكلىك ۋە ھورمۇن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 07:31  

سېنتىزلەنگەن ھورمۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە زېيىنى
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



ھورمۇنلار ئىچكى ئاجراتما ئەزالاردىن ئىشلەپچىقىرىلىپ بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى ياكى پۈتۈن بەدەندە ناھايتى مۇھىم ۋە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالايدىغان، ناھايتى يۇقىرى فىزىئولوگىيىلىك ئۈنۈمگە ئىگە خېمىيىلىك سېگناللىغۇچى ماددىلاردۇر. ئۇلار بىر خېمىيلىك ئەلچى (ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى) بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەدەندىكى بىر قىسىم ياكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە سېڭىپ كىرىپ، مۇھىتتىن سېگنال يەتكۈزۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلار كونتىرول قىلىدىغان بىر توپ گېنلارنى قوزغىتىش ئارقىلىق بەدەندە زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ناھايتى ئاز مىقداردا كەملەپ كەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە، ھورمۇنلار بەدەندە نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بولۇپمۇ، ستىروئىد (steroid) تىپىدىكى جىنسىي ھورمۇنلار (ئېستىروگېن، تېستوستىېرون ۋە ئۇلارغا ئوخشاش رولغا ئىگە سېنتىزلەنگەن ھورمۇنلار) مولىكۇلا تۈزۈلۈشىنىڭ كىچىك ۋە مايدا ئېرىشچانلىقى تۈپەيلى ھەر قانداق ھۆجەيرە پەردىسىدىن خالىغانچە ھۆجەيرە ئىچىگە كىرەلەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېنىق رولىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن باشقا تەسىرلىرىنىڭ بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن.

يىغنىچاقلىغاندا، ھورمۇنلار تۆۋەندىكى بەش مۇھىم جەرياننى كونتىرول قىلىدۇ: 1) ئۆسۈش ۋە يتىلىش؛ 2) مىتابولىزىم؛ 3) جىنسىي ئىقتىدار؛ 4) كۆپىيىش؛ 5) كەيپىيات.

يۇقىرىقىدەك مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنى كونتىرول قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھورمۇنلار سۈنئىي ئۇسۇلدا سېنتىزلىنىپ ياكى ھايۋانلار تىنىدىن ئايرىپ ئىلىنىپ دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھورمۇنلارنىڭ ئۆسۈش ۋە كۆپىيىشتىكى مۇھىم رولىغا ئاساسەن ھورمۇنلار ھايۋانلارنى تىز كۆپەيتىش، گۆش، تۇخۇم ۋە سۈت مىقدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خالىغانچە ئىشلىتىلىپ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە زور تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە. ھەتتا، بەزى ئۆسۈملۈك ھورمۇنلىرى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى تىزلىكتە يىتىلدۈرۈش ۋە پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھورمۇنلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن پاسسىپ تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدىغان بولغاچقا، يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ھورمۇنلار كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۆسۈملۈكلەردىكى ئاساسلىق زىيانلىق ماددىلار ئەمەليەتتە ھورمۇنلار ئەمەس بەلكى ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار ۋە كېسەلگە قارشى ئانتىبىئوتىكلار بولۇپ، ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان مەسىلە گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى ھورمۇن مىقدارى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھورمۇن ئىشلىتىشىدۇر. شۇنداقتا، گەپ ئەمدى ئىككى خىل تىپتىكى سېنتىزلەنگەن ھورمۇنلارغا مەركەزلىشىدۇ. بىرى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلاردىن بولغان سېنتىزلەنگەن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ۋە ئىنسۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور؛ يەنە بىرى  سېنتىزلەنگەن ستىروئىد تىپىدىكى جىنسىي ھورمۇنلار بولۇپ بۇنىڭ ئارقىسىغا مۇنداق مەسلىلەر يوشۇرۇنغان.

سېنتىزلەنگەن ھورمون ۋە تەنھەرىكەتچىلەر

ھورمۇنلار ئىچىدە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ۋە تېستوستېروننىڭ سېنتىزلەنگەنلىرى مەۋجۇت بولۇپ، تېستوستېرونغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان سىتروئىد تىپىدىكى ھورمۇنلار داڭلىق تەنھەرىكەتچى، كىنو چولپىنى، سىياسىئون ۋە كارخانىچى، شۇنداقلا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سابىق شىتات باشلىقى (2003-2011) ئارنولد شىۋاتزىنىگېر (Arnold Schwarzenegger) نىڭ شۇ تىپتىكى ھورمۇنلارنى ئىشلىتىپ مۇسكۇلىنى چوڭايتقانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. تۆۋەندىكىسى شىۋاتزىنىگېرنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتى:



تېستوستېرونغا ئوخشاش سىتروئىد تىپىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمۇنلار گەرچە مۇسكۇلنى چوڭايتىپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغاچقا تەنھەرىكەتچىلەر ۋە مۇسكۇل چىقارغۇچىلار دائىم مۇشۇ تىپتىكى ھورمۇنلارنى ئىشلىتىۋاتسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئەكىس تەسىرى ناھايتى قورقۇنچلۇق. ئالدى بىلەن بۇ خىل سىتىروئىد ھورمۇنلىرى قان بېسىمىنى ئاشۇرۇپ يامان خولىستىرول مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئەرلەر ۋە ئاياللاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا قاراملىق ۋە قوپاللىقنى پەيدا قىلىدۇ. يۈرەك تىقىلمىسى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى ۋە تۇيۇقسىز يۈرەك توختاپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئھتىماللىقى ناھايتى يۇقىرى بولغاچقا، گېرمانىيەلىك بىر دوختۇر ئاممىۋى سورۇندا شىۋاتزىنىگىرنى بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياش تۇرۇپلا قوزغالغان يۈرەك كېسىلى ئۇنىڭ ئىلگىرى مۇشۇ خىل ھورمۇنلارنى ئىستىمال قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دەپ جامائەتكە ئاشكارا سۆز قىلغان. شۇ سەۋەب، 1999-يىلى شىۋاتزىنىگىر بۇ دوختۇر ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ 10،000$ تۆلەم تەلەپ قىلغان. سىتروئىد ھورمۇنلىرى يەنە ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇق كەملەش ۋە تۇغماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللاردا بولسا ئاۋازى يوغىناپ قىلىش، ۋاقتىنچە ھەيىز كەلمەسلىك، بەدەننى تۈك قاپلاپ كىتىش ۋە ھامىلدار بولسا بوۋاقنى تۈرلۈك كېسەللەرگە گرىپتار قىلىش قاتارلىق ناچار ئەكىس تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ. شۇ تۈپەيلى، نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئىنسان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنى (hGH) مۇسكۇل چىقارغۇچىلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تاللىشى بولۇ قالغان بولۇپ، بۇ ھورمۇنىڭ ئەكىس تەسىرى ئازراق بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا يوق ئەمەس. مەيلى تېستوستېرون تىپىدىكى سىتروئىدلىق ھومۇنلار بولسۇن ۋە ياكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بولسۇن ھەممىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى جىسمانىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇسكۇلنى يوغانتىش، چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بولغاچقا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بۇ ھورمۇنلارنى ئىشلىتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن. ئەگەر بايقىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا بۇ تەنھەرىكەتچىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتى ۋە ياكى ئالغان نەتىجىسى بىكار قىلىندۇ.


ھورمونلار ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى

ئەمدى گەپنى ھورمۇن بار يىمەكلىكلەرگە يۆتكەيمىز. يىمەكلىكلەردە، بولۇپمۇ گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىسە ھورمۇن بار بولۇپ، بۇنداق يىمەكلىكلەر ئورگانىك يىمەكلىك قاتارىغا كىرەلمەيدۇ. ئاساسلىقى گۆش ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ھايۋانلىرى ۋە قۇشلىرى (كالا ۋە توخۇ قاتارلىقلار) نىڭ گۆش ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئادەتتە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ تەسىرىدە تىز يوغىناپ بازارغا تىز سالغىلى بولغاندىن باشقا، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ مۇسكۇلنى يوغانتىش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، گۆش مىقدارىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت كالىلىرىغا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بەرگەندە، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ سۈت ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھازىر سۈت كالىلىرىنى گېنتكىلىق ئۆزگەرتىش ھورمۇنلارنىڭ تەسىرى بىلەن قوشۇلۇپ بىر سۈت كالىسى كۆپ بولغاندا بىر قېتىملىق سۈت ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە (تەخمىنەن 40-60 كۈنگىچە) 17،000 كلوگرام سۈت بىرىدۇ. ئامرىكىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلغان سۈت كالىلىرى 17% نى ئىگەللەيدۇ.


ئادەتتە گۆش توخۇلىرىغىمۇ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى گۆش توخۇلىرى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تىز چوڭىيىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت ھەپتىلىك بولغان ئادەتتىكى چۆجە بىلەن ئوخشاش ياشتىكى گۆش چۆجىسى:



گەرچە گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ مىقدارى كېسەل پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لىكىن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە يەنە بىر مۇھىم ھورمۇن _ ئىنسۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور-1 (IGF1) نىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ھورمۇن ئۇرۇلغان ھايۋان گۆشلىرى يەنىلا بىخەتەر ئەمەس. ئامرىكىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلغان سۈت كالىلىرىنىڭ سۈتىدە ئادەتتىكى كالىلارنىڭ سۈتىگە قارىغاندا IGF1 نىڭ مىقدارى ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. IGF1 بولسا بىر ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن بولۇپلا قالماي ھۆجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى تىزلىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئادەم بەدىنىدە زىيادە مىقداردىكى IGF1 بولسا، بۇ ئەرلەردە مەزى بېزى راكى، ئاياللاردا ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نېسبىتىنى 5-6 ھەسسە ئاشۇرىۋىتىدۇ. دىمەك، ھورمۇنلۇق يىمەكلىلەر ھەقىقەتەن ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بىر زور تەھدىت بولماقتا.


بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس، ئامېرىكا)
2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 16-كۈنى


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 12:47:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 12:50  

  رەھمەت بىلگەجان، ھارمىغايسىز.
  ھازىر دىيارىمىز گۆش بازىرىنى ئاساسەن چىڭخەي ۋە شەندۇڭنىڭ ئىنچىكە قۇيرۇقلۇق (小尾寒羊 ) قويى بىلەن 杜泊绵羊 دىگەن قوينىڭ گۆشلىرى ئىگەلەپ كەتلىكى تۇردى.  بۇ قويلار ماخسۇس گۆش ئۈچۈن نەچچە ئەۋلاد چاڭلاشتۇرۇپ، نەسىللەندرۈلگەچكە قارا گۆش چىقىش نىسبىتى يۇقرى، يېغى ئاز بولىدىغان ئالاھىدلىكلىرى بار. ساغلىقلىرىمۇ ئىككىدىن ئۈچدىن قوزىلايدۇ. قوزىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ھەم تىز چوڭ بولىدۇ.    دىيارىمىزدىمۇ مۇشۇ قوينى زور كۆلەمدە كۆپەيتىشكە باشلىدى.  
  
  小尾寒羊 نىڭ كۆرۈنىشى  
    http://img3.imgtn.bdimg.com/it/u=2761994518,2997240855&fm=21&gp=0.jpg

杜泊绵羊  نىڭ كۆرۈنىشى   (نىمدەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدىم، مىتىس قوي دەمدۇق؟)  

     
     

   بۇنداق قوي شەندۇڭ بىلەن چىڭخەيدە ئەڭ جىق.  دىيارىمىزدىمۇ ھازىر كۆلەملەشتۈرۈشكە باشلىدى.  غۇلجا، ئالتاي، دۆربىلجىن، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا ئومۇملىشىپ بولدى دىسەكمۇ بولىدۇ.  بۇ قوينىڭ دىيارىمىزدا بېقىلغانلىرىنىڭ گۆشى سەل تەملىك بولىدىكەن (بىۋاستە يەم سېلىنماي يايلاقتىلا سەمىرگەنلىرىنىڭ).  شەندۇڭ چىڭخەي تەرەپنىڭ يايلاقلىرىدىن كەلگىنى بەكلا تەمسىز، لەشتەكلا بولىدىكەن.  ئىككى جاينىڭ ھاۋا كېلىماتى، يايلاق ئوتلىرىنىڭ پەرقى بولسا كېرەك.   
  ئېغىلدا بورداپ باققانلىرىنىڭ تەمى سەل ياخشىراق. لىكىن باقمىچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تىز سەمرىتكۈچ  催肥剂, 廋肉精 دىگەندەك نەرسىلەرنى يەمگە قوشۇپ سەمرىتىدۇ.  ھازىر دىھقانلارمۇ ئۈگۈنۋاپتۇ بۇنداق نەرسىلەرگە.  ئەسلىدە 100 كۈندە راۋۇرۇس سەمرىيدىغان قوي 40`45 كۈندىلا سەمىرىپ ئېغىلدىن چىقىدىكەن.  بازاردا مۇنداق سەمرۈتكۈرچلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ بوپ كىتىپتۇ.  مەسلەن :
     速效催肥添加剂      催肥专用复合预混料     肉牛前期催肥饲料     黄牛催肥快上膘快     日常牛催肥常用催       دىگەندەك.      بۇنداق نەرسىلەرنى ئادەتتىكى مال دوختۇرخانىلىرىدىمۇ ئاشكارا ساتىدىكەن.   
   بىلگەجان سىزدىن سورىسام،  مۇشۇنداق سەمرىتكۈچلەردە ھورمون بارمۇ؟      مال دوختۇرىدىن سورىسام ھورمون يوق، پەقەت ماللارغا ئەڭ مۇھىم بولغان ھەرخىل ئوزۇقۇق ماددىلار بار دەپلا چۈشەندۈردى. بۇ گپىنىڭ ئاساسى يوقتەك ھىس قىلدىم.   كۈنجۈرە، قوناق، كىپەك، سامان، بىدە قاتارلىق يەملەردىمۇ ھەرقانداق ئوزۇقلۇق ماددلار ئاساسەن دىگدەك تېپىلىدىغۇ.   

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 12:58:46

  ئاندىن بەزى كىشىلەر چوشقا بىلەن قوينى چاڭلاشتۇرۇپتۇيەي دىگەندەك قۇرۇق گەپلەرنى تاپقىلى تۇرۇپتۇ.  بۇ گەپ بەك ئەدەپكەتتى. خېلى ئوقۇغان كىشىلەر، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم.   تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ بىئولوگىيە دەرىسىدىلا مۇمكىن بولمايدۇ، دەپ ئۈگۈنۈپ بولىدىغان بۇ گەپنى قارا قوساق مەكتەپتە ئوقۇمىغان بىرەرسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ قالغان بولساقمۇ مەيلى دەيتۇق.  
  چوشقىنىڭ خىرومسومى قانچە؟، قوينىڭچۇ؟    بۇ ئىككىسنى چاڭلاشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟  مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلى بىر توختالغان بولسىڭىز.   
   ئۆتكەندە بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن خېلى جىق دىيىشىپ قالدىم. مۇمكىن ئەمەس، جىق تۇغسىلا چوشقا بىلەن چاڭلاشقان بولمايدۇ، مەخسۇس نەسىللەندۈرۈپ يىتىشتۈرگەن قويلار ئۇ. ئىككىسىنىڭ خىرومسومى ئاسمان زىمىن پەرىقلىندۇ، بىئولوگىيەدە قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئۇ دىسەم،   ۋىيشىنىنى ئېچىپ بىر يۇڭلۇق چوشقىنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتتى.  قارىسم پ س تەك قىلدى.  كىيىن بەيدۇدىن ئىزدەپ باقسام ئاۋىستىرالىيەنىڭ يۇڭلۇق چوشقىسىكەن ئۇ. :lol     

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:07:35

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 12:58 static/image/common/back.gif
ئاندىن بەزى كىشىلەر چوشقا بىلەن قوينى چاڭلاشتۇرۇپتۇي ...

قاسساپ بېگىم، ئوبدان سوئاللاركەن. ئۈستىدىكى سوئالغا مەن يەنە ئىزدىنپ باقاي. مەن تەكشۈرسەممۇ ھورمون يوق دەپتۇ، ئەمما ھورمون بولمىسا ئادەتتىكى يېمەكلىك بىلەن ئۇنچىۋلا تىز سەمىرمەيتتى، بۇ گۇمانلىق تۇيۇلدى.

ئەمما قوي بىلەن چوشقا قەتئىي چاڭلاشمايدۇ، ئۇ پۈتۈنلەي يالغان.  بۈگۈن بەك كەچ بوپقالدى، ئەتىگىچە تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قوياي. قەتئىي ئىشەنمەڭ ئۇ گەپكە.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:54:41

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 13:07 static/image/common/back.gif
قاسساپ بېگىم، ئوبدان سوئاللاركەن. ئۈستىدىكى سوئالغا  ...

  مەنغۇ قەتئىي ئىشەنمەيمەن.  بىئولوگىيە دەرسىدە ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ. لىكىن تەپسىلاتى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ.  شۇڭا سىزدىن تەپسىلاتىنى دەپ بىرەمىكى دەپ سورىشىمتى.  جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن.  

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:59:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 14:02  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 13:07 static/image/common/back.gif
قاسساپ بېگىم، ئوبدان سوئاللاركەن. ئۈستىدىكى سوئالغا  ...

ھە...مۇنداق دېسىلە...مەن بىرىنىڭ مۇشۇنداق چاڭلاشقان قويلار پەيدا بوپ كەتتى ،قانداق ،يىسەك بولامدۇ؟...دېگەندەك سوئاللارنى بىر  پەتىۋا بەرگۈچى ئەھلى ئىلىمدىن سورىغانلىقىنى كۆرىۋىدىم. ئەسلى يوق ئىشكەن دېسىلە؟...
http://news.cnwest.com/images/site1/20070917/xin_3509041708363281090035.jpg
مانداق رەسىملەر يالغان دەڭلار...

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:06:48

قاسساپنىڭ دېگەنلىرى راست ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىكەن.
قاسساپ:مۇبادا سىز دېگەن ئاۋۇ قوينىڭ گۆشى ھەممىسى دېگۈدەك قاراگۆشلا بولسا پەرق ئېتىش ئۇسۇلى بارمۇ يېشىل
يەم بىلەن بېقىلغان قويلار بىلەن؟
ئۈرۈمچىنىڭ ،كورلىنىڭ قوي گۆشلىرىنىڭ تەمى يوق دېگۈدەكلامكەن،قەشقەر تەرەپتە قانداق؟مۇبادا ھورمۇن قۇشۇلغان
گۆشلەرنى يەلا ۋەسەك چۇقۇم كېسەلگە مۇپتىلا بۇلىشىمىز ئېنىق گەپ.
سىزچە مۇشۇ بىرئىككى -ئۈچ يىل ئىچىدە گۆش باھاسى قانداق بۇلار؟ئالدىنقى قېتىم خەۋەردە مۇشۇ قوي باقمىچىلىقىغا
مانچە مىليۇن مەبلەغ سالىدۇ دەپ كۆرگەن.
قەشقەر تەرەپتە قازاق قويى بارئىكەن،تەم ،بەدەن قۇرۇلۇشى جەھەتتە قانداق بۇلىدۇ بۇ قوي؟رايۇنىمىزدا سىز بىلىدىغان
قويلارنىڭ تۈرى نەچچە خىلغا يىتىدۇ؟دەپ باقسىڭىز تۈرلىرىنى؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:57:51

  پەرق قىلغىلى بولمايدۇ.  قەشقەر تەرەپنىڭ يەرلىك قويلىرىنىڭ تەمى بوپ قويىدۇ (بېقىشقا باغلىق).  ئۈرۈمچىگە كۈنىگە چىڭخەي، شەندۇڭدىن 2000 ئەتراپىدا قوي چىقىپ تۇرىدۇ.  بۇ قويلار چىقمىسا ئۈرۈمچىنىڭ گۆش باھاسى 100 كويدىن جىق ئېشىپ كىتىدۇ.  قەشقەر دۆلەت باغ قوشخانىغىمۇ كۈنىگە ئىككى ئۈچ ماشىنا، تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا ئىچكىر، شىمال تەرەپنىڭ قويى كىلىپ تۇرىدۇ.  بۇ قويلار كەلمىسە قەشقەردىمۇ ئوخشاش گۆش قەھەتچىلىكى يۈز بىرىدۇ.  
  گۆش دىگەننى كۈنىگە جىق يىسىڭىز بىر جىڭ يەسىز. ئەندىشە؟    ئۇن، ياغ گۈرۈچ قاتارلىق نەرسىلەرچۇ؟  ھىقچايسىسىدا خىميىۋى تەركىب يوق دەمسىز؟   ئېغىلدىن چىققان بىر ماشىنا قىغنى باكاغا بىرەي دىسەم ئالىدىغان ئادەم چىقماي جاڭزەنجىدە ماشىنىغا ئۇستۇرۇپ ئاپىرىپ سايغا تۆكىۋەتتىم.  خىميىۋى ئوغۇت چىقماستا ھېلىغۇ مالنىڭ قىغىكەن، يەرلىك ھاجەتخانىلاردىكى ئادەملەنىڭ قىغلىرىىنمۇ تالىشىپ مۇشلىشىپ كىتىدىكەن بۇرۇن.  ھازىر تەييار بىكالىق قغنى بەرسەك ئالىدىغان ئادەم چىمايۋاتىدۇ. ھەممىسى خىميەۋى ئوغۇت بىلەنلا پىشۇرىدۇ.  
  گۆش باھاسى ئۆسىدۇ. بۇ ئىنىق.  
  قازاق قويى دىگەننى كۆرۈپ باقمىدىم.  قوي باقمىچىلىقىنى جىق قىلمايمەن. شۇڭا تۈرلىرىنىمۇ جىق بىلىپ كەتمەيمەن.    ئاساسەن شۇ تەييا مالنى ئېلىپلا سويىمەن.  ئۆي شەھەر ئىچىدە بولغاچقا شارائىت يوق.  ئېغىلمۇ كىچىكلا.  قىشتا شۇ 40`50 قوتاز بورداپ قويىمەن.

  ئولىمپىك ۋاقتىدا جىق يۆتكىۋەتتى بىز تەرەپنىڭ قويىنى ئىچكىرگە.   ئەمدى ئاياقتىن يۆتكەپ كەلگىلى تۇردى.   بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ  ۋومىن شىنجاڭ خاۋ دىفاڭ بولغاندىن كىيىن ئادەم ئاۋۇپ غايەت زور ئىستىمال توپى پەيدا بولدى.  شىنجاڭ ياڭرۇۋچۈئەن جىن خاۋچى ئوۋ!      بىرىنجى سەۋەپ بۇ.  ئىككىنجى سەۋەپ كۆچمەن چارۋىچىلارغا چارۋىچىلىق بىلەنلا قالماي، ساياھەتچىلىكنىمۇ يول قويۇشنى تەكىتلىدى.  نەتىجىدە ساياھەتچىلىك كىرىمىدىن قوللىرى ئازتولا پۇل كۆرگەن چارۋىچىلار «جاپا» تارتىپ مال باققۇچە بولدىلا دەپ ماللىرىنى ئېلىشىغا ساتتى.  چارۋىچىلارنى يىغىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش دىگەندەك سىياسەتلەرنى چىقىرىپ ماللارنىڭ يايلىنىش دائىرىسى تارلاپ كەتتى.  ئوتقا تويمىغان قويلارنى يەم ئېلىپ بېقىش چارۋىچىغا ئېغىر كەلدى. ئېلىشىغا سېتىپ مالنى ئازايتتى. دىبو پۇلىمۇ چارۋىچلارنى ھورۇن قىلىۋەتتى.  يەنە ئىكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق، يايلاق مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىشى قاتارلىقلار يايلاقنىڭ قۇملىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماللار ئۈچۈن يىتەرلىك ئوزۇقلۇق مەنبىيى ئازلاپ كەتتى.     دەپ كەلسەك گەپ جىق.   يايلاقتا بۇرۇنقىدەك لەكمىڭ لەكمىڭ قويلار ئوتلاپ يۈرگەن مەنزىرىلەر ئازلاپ كەتتى.  يايلاقتا قوي ئازلىسىلا تۈگەشتى دىگەن گەپ.  مالنى چارۋىچىلار تەمىنلىمىسە دىخاننىڭ قولىدىكى 40`50 ساغلىق بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ.  

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 16:02:32

گۆشتىن ئەندىشا قىلساق «بىسمىللا» دەپ بوغۇزلىغانمىدۇ دەپ ئەندىشە قىلساق بولىدۇ. مىنىڭچە بوغۇزلىغان قاسساپ ئۇيغۇرلا بولىدىكەن چوقۇم شۇنداق دەيدۇ. بۇنىڭدا جەق ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق مىنىڭچە.
   بېقىلىش جەريانىدىكى نامۇۋاپىق يەملەر خۇددى ئاشلىق مايلاردىكى خىميەۋى دورىلارنىڭ تەسىر قىلغىنىدەكلا ئىش. گوشنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئەندىشە قىلشقا توغرا كەلسە، ئاشلىق، ماي دىگەندەك گۆشتىن بەكرەك جىق ئىستىمال قىلىدىغان شۇ نەرسىلەردىن گوشقا قرىغاندا نەچچە ھەسسە ئەندىشە قىلساق بولىدۇ.  

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 16:18:39

‏ھورمۇنلارنىڭ ھەر خىل رولىدىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل دورىلار ۋە ھورمۇنلار ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ ، لىكىن ھەممە نەرسە ئۆز ئۆلچىمىدە، مۇۋاپىق بولسا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئىكەن، ئەكسىچە ئازراق مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالسا ھەر خىل ئويلىمىغان ئاقىۋەتكە قالىدىكەندە.
‏ھايۋانلار تىنىدىكى ھورمۇن  بىلەن ئادەم تىنىدىكى ھورمۇن ئوخشايدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغانلىرى قايسى؟
‏مەسىلەن : ئادەم تىنىدە مۇھىتقا قاراپ كەيپىيات تەڭشەشكە ياردەم بىرىدىغان ھورمۇن بىلەن ھايۋانلاردىكى ئوخشىمايدىغۇ دەيمەن.
‏لىكىن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئوخشامدىكىن؟
‏ئادەم تىنىدىكى ھورمۇن ئىشلەپچىقارغۇچى ئەزا بىلەن ھايۋانلار تىنىدىكىمۇ ئوخشاش بولمايدىغاندۇ؟
‏شۇنىڭ ئۈچۈن بازارلاردا سېتىلغان ئادەملەر ئىشلىتىدىغان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بىلەن ھايۋانلارغا ئىشلىتىدىغان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنمۇ ئوخشىمايدىغاندۇ؟
‏بىز ھايۋانلارغا ئىشلەتكەن ھورمۇنلار بار گۆشلەرنى ئىستىمال قىلساق ھەقىقەتەن خەتىرى چوڭ ئىكەن جۇمۇ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 18:31:13

ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە   @bilgejan  :lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 08:40:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 08:44  

qarayuz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 15:06 static/image/common/back.gif
قاسساپنىڭ دېگەنلىرى راست ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىكەن. ...

رايۇنىمىزدا سىز بىلىدىغان قويلارنىڭ تۈرى نەچچە خىلغا يىتىدۇ؟دەپ باقسىڭىز تۈرلىرىنى؟
=====================
بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرىپ باقاي. شىنجاڭ قوي بېقىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، يەرلىك قوي سورتلىرى كۆپ خىل، گۆشى تەملىك. شىنجاڭ ئىنچىكىلىق يۇڭلۇق قويى ئالاھىدە يۇڭ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەسىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى يەرلىك قويلارنىڭ تۈرى جەمئىي 10 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ناملىرى تۆۋەندىكىچە:
1. مەكىت قويى
2. تاشقورغان قويى
3. ئالتاي قويى
4. چۆچەك قويى =  باشباي قويى؟
5. چىرا قويى
6. قازاق قويى
7. خوتەن قويى
8. بايىنبۇلاق قويى
9. شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى
10. قارا كۆل قويى
11. قىرغىز قويى ؟

كەم دېگەندە يەنە بىرنى ئۇنتۇپ قالدىم. مەن مۇشۇ شىنجاڭدىكى قوي سورتلىرى ئۈستىدە ئىلگىرى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم، ھازىر يەپ بوپتىمەن مانا… قالغىنىنى قاسساپ بۇرادەر تولۇقلاپ قويسۇن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 08:48:05

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 18:31 static/image/common/back.gif
ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە   @bilgejan

شۇنداقراق...:lol  يەم-خەشەك قوشىدىغان نەرسىلەر ئىچىدە شېركەتنىڭ مەخپىي رېتسىپى دەيدىغان ماددىمۇ باركەن، شۇڭا بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىدى. بۇ ماددا ھورمونمۇ ئەمەسمۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىدىم، يەم-خەشەك ئىلىمى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسا جاۋاب بەرسە بولغۇدەك.

چوشقىنىڭ 38 تال خىروموسومى، قوينىڭ بولسا 54 تال خىروموسومى بار، ئەگەر 2 تال خىروموسوم پەرقى بولغان بولسىمۇ ھەر ھالدا يېقىن كىلەتتى ۋە چېتىشىش ئېھتىماللىقى بار بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما 14 تال خىروموسوم پەرقى بار جانلىقلار مۇمكىن ئەمەس چاڭلاشمايدۇ ھەم گېنتىكىلىق تۈزۈلۈشى ناھايىتى پەرقلىق بۇ ئىككى خىل ھايۋاننىڭ گامىتىلىرى (كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى) ئۇرۇقلىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇ گەپلەر ئېنىقكى ئەپقاچتى گەپلەر.

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:41:40

مەنمۇ مۇشۇ چوشقا بىلەن چاڭلاشقان قوي دىگەننى بەك جېق ئاڭلىغان، ئەمما كۆرۈپمۇ باقتىم خەق دىگەن شۇنداق قوينى، لېكىن بەكلا سەت بولىدىكەن تۈكىنى يۇلىۋالغاندەكلا. بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
تېما ئىگىسىگە يەنە ماۋۇ قاسساپ قارىمغا رەخمەت. شۇنداق قىلىپ گۇمانلىق مەسلىگە جاۋاب چىقتى
بەت: [1]
: بىلگەجان دەرسخانىسى(3)-يېمەكلىك ۋە ھورمۇن