bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 05:08:51

بىلگەجان دەرسخانىسى(1)-ھورمۇن دېگەن نېمە؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 11:58  

ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،

ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەدىنىنى ۋە بەدىنىدىكى ئەزالارنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىشكە قىزىقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما نۇرغۇنلىرىمىز ئۆز بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ زادى قانداق فۇنكىسىيىسى بار، ئۇلار بەدىنىمىزدە زادى نېمە ئىش قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن كېسەل بولىمىز…. دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەردە گاڭگىراپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مەن ھەتتا ئۈرۈمچىدە بىئولوگىيە كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان ۋاقتىدىمۇ بۇ توغۇرلۇق چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالمىغان ئىدىم، مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغانلاردىن باشقىلار بۇ جەھەتتە يۈزەكى چۈشەنچىلەردىن باشقىنى بىلمىسە بۇ تامامەن توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغان ئىش. چۈنكى بىزگە بۇ مەزمۇنلار ھېچقانداق مەكتەپ باسقۇچىدا تەپسىلىي ئۆگىتىلمەيدۇ، پەقەت بەزى ئالاقىدار بىئولوگىيە دەرىسدىكى مەزمۇنلار قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىلمىگەچكە بىزنىڭ بىلمەي قېلىشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تەلىيىمگە يارىشا ناھايىتى مۇنەۋۋەر بىر ئۇستازنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ كۆيۈنۈپ تەربىيىلىشى ۋە ئۇنىڭ قىزىقارلىق دەرسلىرىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ بۇ جەھەتتە خىلى چوڭقۇر بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. 2 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر مەۋسۈم «ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگىيە» دەرىسى سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا سازاۋەر بولغان ئىدىم. مەن ئەمدى بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىمنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر تىلىدا سىلەرگە ئاز-ئازدىن سۇنسامكەن دەيمەن. مەن ئىلگىرى يازغان بىر قىسىم چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەردە بۇ توغرۇلۇق بەزى مۇھىم ساۋاتلار بولۇپ، مەن كىچىك بۆلەكلەر بويىچە سىلەرگە ئايرىم تېما قىلىپ سۇنۇپ بولۇپ ئاندىن باشقا يازمىغان ئەزا-ئورگانلار توغرۇلۇق قەلەم تەۋرىتىشنى نىيەت قىلىپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. بۇ ماقالىلەر پۈتۈنلەي كاللامدىكى بىلىملەر ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ھېچقانداق پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن پايدىلىنىمىغان، خاتالىق بارلىقى سېزىلسە ئوتتۇرىغا قويساڭلار ئەڭ توغرىسىنى بىللە ئۆگىنىمىز. مەقسىتىم - بۇ مەزمۇنلارنىڭ سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ بىلىم بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گەپنى ئالدى بىلەن بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان ھورمۇن دېگەن ئاتالغۇدىن باشلايمەن.

بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: ھورمۇن دېگەن نېمە؟
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە


بىز ھورمۇن دىگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلاپ تۇرىمىز. بولۇپمۇ تەنھەركەتچىلەرنىڭ ھورمۇن ئىشلىتىپ مۇسابىقە مەيدانىدىن قوغلانغانلىقى ياكى نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنغانلىقى، ھورمۇنلۇق دورىلار....توغرىسىدىكى پاراڭلار دائىم قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ھورمۇن دىگەن زادى نېمە؟ ئادەم بەدىنىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ھورمۇنلار قايسىلار؟ ھورمۇنلارنىڭ قانداق فۇنكىسىيىسى بار؟ يىمەكلىكلەردىكى ھورمۇنلارنىڭ سالامەتلىككە قانداق تەسىرى بار؟ تەنھەرىكەتچىلەر نىمە ئۈچۈن ھورمۇن ئىشلىتىدۇ؟ بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، قېنى دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن. (پەقەت ئىنسانلاردىكى ھورمۇنلار ئاساس قىلىندى)

ھورمۇن دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم ئاجراتما ئەزادا ئىشلىنىپ قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىدىغان ۋە قان ئارقىلىق تەسىر قىلغۇچى ئەزاغا يىتىىپ بىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ بەزىدە يەرلىك (ئۆزى ئىشلەپچىقىرىلغان ئەزادا) تەسىرىمۇ بولىدۇ، لىكىن كۆپىنچە ھاللاردا باشقا بىر ئەزادىكى ھورمۇن قوبۇللىغۇچى ئاقسىلغا بىرىكىش ئارقىلىق شۇ ئەزادىكى ھۆجەيرىلەرگە مەلۇم ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ گېن ئىپادىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە مۇناسىپ فىزىئولوگىيلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ تەسىرچانلىقى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ، ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ياكى كۆپىيىشى دەرھال فىزىئولوگىيلىك ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ.

ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ئەزالار ئىچكى ئاجرىتىش سىستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بەدەندىكى ھەربىر فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت دىگۈدەك ھورمۇنلارنىڭ تەڭشىشى ۋە كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئەگەر ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىدا چاتاق كۆرۈلسە چوقۇم بەدەننىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ قانداق بولۇپ ئانا بەدىنىدە بىر تۆرەلمە ھالىتىدە ئانىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى تەسىرىگە ئۇچرىماي ھاياتلىقنى باشلىشىمىزدىن تارتىپ، بىزنىڭ بالياتقۇدا ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىمىزگىچە؛ بىزنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قانداق ئانىمىزدىن تۇغۇلۇشىمىزدىن تارتىپ، تۇنجى قېتىم يىغلىشىمىزغىچە؛ بويىمىزنىڭ توختىماي ئۆسۈپ چوڭ بولۇشىدىن تارتىپ، بالاغەتكە يىتىش مەزگىلىنىڭ تۇيۇقسىز باشلىنىشىغىچە؛ بىزنىڭ يولۋاسنى كۆرسەك دەرھال قىچىشىمىز ياكى جىددىيلەشكەندە يۈرەك رىتىمىنىڭ تىزلىشىشىدىن تارتىپ، ياخشى سۆز ئاڭلىساق، يىقمىلىق چىرايلارنى كۆرسەك مۇھەببەت تۇيغۇمىزنىڭ قوزغىلىشىغىچە؛ قورساق ئېچىشنى ھېس قىلىپ توقلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن تارتىپ، تاماقتىن كىيىن تويۇش تۇيغۇسىدا بولۇشىمىزغىچە؛ ھەتتا قاچان ئۇخلاپ قاچان ئويغىنىشىمىزغىچە بولغان بارلىق پائالىيەتلىرىمىز ھورمۇنلارنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا بولىدۇ. دىمەك بىز ھورمۇنلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۆز پائالىيەتلىرىمىزنى تىگىدىن چۈشىنىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
خۇلاسىلىساق، ھورمۇنلار تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ فۇنكىسىيەگە ئىگە:

1. بىرلىككە كەلتۈرۈش. بۇ دىگەنلىك ھورمۇنلار بىر غىدىقلىغۇچى مۇھىت تەسىرىگە ئاساسەن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنى شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ.
2. ئىچكى مۇۋازىنەت. يەنى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ نورمال ئەھۋالدىكى خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
3. ئۆسۈش. مەلۇم جانلىقنىڭ ۋە مەلۇم ئەزانىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى پۈتۈنلەي ھورمۇنلارنىڭ كونتىروللىقىدا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 08:35:09

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
سىزنىڭ تۇرمۇش رېتىمى تېز بولغان شۇ يىراق ئەلدە تۇرۇپمۇ ئەلنىڭ غېمىنى قىلىپ ،ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ خەلقىمىزگە بىلىم بىرىش يولىدا باسقان قەدىمىڭىزگە تەشەككۈر. ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت،ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.ئەلگە مەنپەتلىك ئىلمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
دىيارىمىزدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ سىز قاتارلىق قەدىردانلىرىمىزنى ئۈلگە قىلىپ بىلگەنلىرىنى ئەلگە تەقدىم ئىتىشىنى؛ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ ئەل ئۈچۈن ئەمەلىي،ئىلمىي ئەمگەك قىلىشىنى ؛بىلىمىنى ئۆزىنىڭ ئەمەل،ئۇنۋان-دەرىجىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس ئەلنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلدۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 11:49:27

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، شۇنچە زىچ ۋاقتىڭىزدىن يەنە بىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم ،«ئۆزۈم ھەر جايدا مەن كۆڭلۈم سەندىدۇر » دېگەننىڭ مەنىسىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق كۆرسىتىۋاتىسىز ،سالامەتلىك يار بولسۇن .

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 12:19:41

بىلگەجان دوكتۇر بۇگۈن تېما دىگەننى تۆكمە قىلۋېتىپسىزغۇ؟ سىزنىڭ بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:00:32

kumbah يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 12:19 static/image/common/back.gif
بىلگەجان دوكتۇر بۇگۈن تېما دىگەننى تۆكمە قىلۋېتىپسىزغ ...

رەھمەت! بۈگۈن باشقا ئالدىراشچىلىقلاردىن ئەنسىرىمەي تور ئالدىدا ئولتۇرىدىغانغا پۈتۈن بىر نەچچە سائەت ۋاقىت چىقىپتىكەن، بۇرۇن يازغانلىرىمنى ئازراق رەتلەپ، رەسىملەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ دېگەندەك ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان بىر نەچچە تېما يوللاپ قويدۇم. ئۆزۈمچە دەرس ئۆتكۈم كىلىپ قالدىغۇ تاڭ؟ ۋىدىئودا دەرس سۆزلەپ تارقىتىشنى ئويلىشۋاتقان، ھازىرچە مۇشۇنداق ئۆتۈپ تۇردۇق. قارا كۆزلۈكلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتۈش نېسىپ بولغان بولسىتى… ئۇمۇ بوپمۇ قالار بەلكىم كىيىنچە. :)

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:08:20

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 13:00 static/image/common/back.gif
رەھمەت! بۈگۈن باشقا ئالدىراشچىلىقلاردىن ئەنسىرىمەي ت ...

ئەملىيەتتە بۇ بىز ئۈچۈن شۇنداق پايدىلىق تېمىلار ئىكەن، بىزلەرنىڭ بۇرۇن ئۆزتىلىمىزدا بۇنداق چۈشۈنۈشلۈك تېمىلارنى ئۇچرۇتۇش بەكمۇ تەس ياكى يوق دىيەرلىك ئىدى. سىزبىزگە زارغرا تىلدا چۈشنۈشلۈك قىزقارلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈۋاتىسىز. مانا بۇنى بىلىمنىڭ زاكىتىنى ھەقىقى بەرگەنلىك دەيمىز.
ھەراس بىلگەجان دوكتۇر مېنىڭ بۇسۇئالىمغا قاراپ باققان بولسىڭىز؟
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58378&pid=366681&page=4&extra=page%3D1#pid366681

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:27:07

‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزگە كۆپ رەھمەت.
‏مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بىئولوگىيىلىك ئاددى ساۋاتلاردىن تارتىپ بىزگە باشتىن ساۋات بىرىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم، بىراق سىزگە ئېيتالمىغان، چۈنكى ۋاقتىڭىز بەلكىم يار بەرمەسلىكى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، شۇنچە زىچ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ بىزگە دەرسلىك قىلىپ سۆزلەپ بەرگىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇشالمەن، سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە مۇنەۋۋەر ، تىرىشچان ئوقۇغۇچىڭىز بولۇپ جاۋاپ قايتۇرىمەن، قېنى ئەمسە مەنمۇ ئۆگۈنۈشۈمنى باشلىۋەتتىم ئەمسە.

‏مۇمكىن بولسا ھەر بىر دەرسلىكنىڭ ئاستىغا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئال بىرىلسە، شۇ مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئۆزلەشتۈرۈشىمىزگە پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، كۆپ رەھمەت.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:33:39

‏بىر سوئالىم بار ئىدى، ھورمۇن بەدەندىكى ھەر قانداق ئەزادا ئاجرىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولامدۇ؟
‏مەسىلەن: ئاشقازان، جىگەر، تىرە، مىڭە......
‏بۇ يەردىكى ئەزا دىگەن قايسى مۇتلەق ئاتالغۇنى كۆرسىتىدۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:49:21

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 15:33 static/image/common/back.gif
‏بىر سوئالىم بار ئىدى، ھورمۇن بەدەندىكى ھەر قانداق ئەز ...

بۇ تېمىغا قاراڭ: http://bbs.izdinix.com/thread-58431-1-1.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:55:11

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 15:27 static/image/common/back.gif
‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزگە كۆپ رەھمەت.
‏مەن شۇنچە ۋاقى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياخشى تەكلىپ بېرىپسىز. بۇ ماقالىلەر بىر قەدەر قىسقا بولغاچقا، كۆپىنچىسى بىر ياكى بىر نەچچە سوئالغىلا جاۋاب بولىدۇ، شۇڭا تېما ئىسمىنى سوئال باشلاپ يەنە سوئال بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىچە كۆپ تاللاش سوئالى قىلىپ قويغان بولسام ياخشى بولاتتى. ئۇنىڭغىمۇ يەنە ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا ھازىرچە ئۇنداق قىلمىدىم، كېيىنچە شۇنداق قىلارمەن. رەھمەت.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:01:01

ھورمۇن دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم ئاجراتما ئەزادا ئىشلىنىپ قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىدىغان ۋە قان ئارقىلىق تەسىر قىلغۇچى ئەزاغا يىتىىپ بىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسىل ساۋات بوپتۇ.

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:29:13

ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ موھىم ھورمونلاردىن بولغان ئەرلىك ھورمۇن بىلەن ئاياللىق ھورمۇن ئىنسان بالىياتقۇدا تۆرەلگەندىن تاكى ۋاپات ئەتكۈچە داۋام ئېتەمدۇ؟ ياكى مەلۇم باسقۇچتا شەكىللىنەمدۇ؟
ئۇلارنىڭ كونكىرىت رولى نېمە؟ ھورمونلارنى دورىغا تايانماي يىمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىغىلى ياكى چەكلىكىگى بولامدۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:34:35

boghlan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 09:29 static/image/common/back.gif
ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ موھىم ھورمونلاردىن بولغان ئەرلىك ...

ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ موھىم ھورمونلاردىن بولغان ئەرلىك ھورمۇن بىلەن ئاياللىق ھورمۇن ئىنسان بالىياتقۇدا تۆرەلگەندىن تاكى ۋاپات ئەتكۈچە داۋام ئېتەمدۇ؟ ياكى مەلۇم باسقۇچتا شەكىللىنەمدۇ؟
ئۇلارنىڭ كونكىرىت رولى نېمە؟ ھورمونلارنى دورىغا تايانماي يىمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىغىلى ياكى چەكلىكىگى بولامدۇ؟
===================================
ياخشى سوئاللاركەن. ئەرلىك جىنسىي ھورمون ئوغۇل ھامىلە يېتىلىۋاتقان مەزگىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدىلا ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدۇ، ئاياللىق جىنسىي ھورمونمۇ ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسى تاكى ئىنسان ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋام ئېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاياللىق جىنسىي ھورمون ئېستىروگېن ئەرلىك جىنسىي ھورمون تېستوستېروندىن خېمىيىلىك رىئاكسىيەدە ئاروماتلاشتۇرۇغۇچى ئېنزىمىنىڭ تەسىرى بىلەن سېنتىزلىنىدۇ، پەقەت ئەرلەردە بۇ خىل ئېنزىم ئاز مىقداردىلا بولغاچقا، ئەرلەردە ئاز مىقداردا ئاياللىق جىنسىي ھورمون بولىدۇ، ئاياللاردىمۇ ئاز مىقداردا ئەرلىك جىنسىي ھورمون بولىدۇ. پەقەت بۇ ھورمونلارنىڭ مىقدارى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا مىقدارىدا پەرق بولىدۇ. ئەرلىك جىنسىي ھورمون بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدە مىقدارى جىددىي ئېشىپ ئوغۇللارنىڭ بالاغەتكە يېتىشىنى ۋە ئەرلىك ئىككىلەمچى ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، توي قىلمىغان 20 نەچچە ياشلىق ئەرلەردە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، 40 ياشتىن باشلاپ جىددىي تۆۋەنلەپ قېرىغانسېرى ئەرلەردە تېستوستېرون ئازلاپ ئاياللىق جىنسىي ھورمون ئېستىروگېننىڭ مىقدارى ئاشىدۇ. شۇڭا بوۋايلار مۇلايىم كىلىدۇ. ئاياللاردا ئاياللىق جىنسىي ھورمۇنمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان شەكىلدە ئۆزگىرىدۇ ۋە كىلىماتىرىيە دەۋرىگە يەتكەن ئاياللاردا مىقدارى جىددىي تۆۋەنلەپ ئەرلىك جىنسىي ھورمون تېستوستېروننىڭ مىقدارى ئېشىپ بارىدۇ، شۇڭا بەزى 50 نەچچە ياشلاردىكى ئاياللارنىڭ سەل مىجەزىنىڭ چۇش بولۇشىمۇ شۇنىڭدىن چۈنكى تېستوستېرون مىجەزنى قوپال، چۇس قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇلارنىڭ رولىمۇ بىر قۇر ئۈستىدە تونۇشتۇرۇلدى، ئەمما ئۇلارنى تەپسىلىي رولىغا كەلسەك بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر نەچچە بەت مەزمۇن يېزىشقا توغرا كىلىدۇ چۈنكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ رولى بەكلا جىق. ئومۇمەن ئەرلەرنى ئەر، ئاياللارنى ئايال قىلىپ تۇرغىنى مۇشۇ ھورمۇنلار دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. جىنىس يۆتكەش ئوپراتسىيىسى قىلغانلارمۇ دەل ھورمون ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل داۋالىنىپ ئاندىن قارشى جىنىسقا ئايلىنالايدۇ. ھەر ئىككىلى ھورمۇن ئەر ۋە ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش، جىنسىي ئالاقە ۋە باشقا نۇرغۇن قىلمىشلارنى كونتىرول قىلىدۇ. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇراي. سوئال دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ ئېنىق مەسلىلەرنى سورىسىڭىز، كېيىنچە يەنە جاۋاپ يازارمەن.

izdinix93 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 22:06:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdinix93 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 22:09  

ئەسسالام ئەلەيكۇم!تىمغا مۇناسۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي  ؛بوي ئۆستۈردىغان ئۈنۈملۈك دۇرا ياكى ئۇسۇل بارمۇ.؟خەنزۇچە تورلادىغۇ بەك جېقكە بۇنداق دۇرلار، لېكىن ئېشەنچىلىكمۇ بىلمىدىم.مەن بۇيىل21ياش ئگىزلىكىم170سانتا كىلدۇ.يەنە 5_10سانتا ئۆسسەم بولتى.بىلدىغانلار ياردىمىڭلانى ئايمىغايسىلەر.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 10:24:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 10:26  

izdinix93 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 22:06 static/image/common/back.gif
ئەسسالام ئەلەيكۇم!تىمغا مۇناسۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باق ...

مۇنبەردىشىمىز @kuchtunggur بۇنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى بىلسە كېرەك. ئۇنىڭ ماۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسىغا قاراڭ:
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=57507&page=1#pid348200
سىزدە بويىڭىزنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ھەم قەتئى ئىشەنچ بولسىلا ئۆسۈشىڭىزنىڭ ياش چەكلىمىسى يوق،مەن ئۆزەم بۇنىڭغا ئىسپات بولالايمەن.يېشىم 30دىن ئاشقاندا تۇرۇپلا بويۇمنىڭ يەنە ئۆسۈشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم،ئەسلىدىكى 1.73سانتىمىتىر بويۇم ھازىر ئۆسۈپ 1.86سانتىمىتىرغا يەتتى،ئۆزەممۇ شۇ ئىگىزلىكنى ئارزۇ قىلغان.ئەلۋەتتە،بۇ مۇنداقلا پەيدا بولۇپ قالغان ئوي ئەمەستى.ئامېرىكىلىق ھۈجەيرەشۇناس بىرۇس.لىپتوننىڭ«ئىشەنچنىڭ قۇدرىتى»دىگەن كىتاۋى بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان.
بېشىدا ئۇنىڭ كىتاۋىنى كۆرگەندە ماڭىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلغان،كىيىن چېڭدۇغا بىر ئىش بىلەن بېرىپ،ئازراق ۋاقت تۇرۇپ قالدىم،ۋاقتنى بىكار ئۆتكۈزىۋېتىشنى خالىمىغاچقا بىرەر نەرسە ئۈگەنگەچ تۇراي،دەپ ئويلاپ قارىسام،  «نېرۋا پىروگراممىلاش»دەيدىغان بىر كۇرسىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ قالدىم(بۇنداق غەلىتە ئىشلارغا ئۆزەممۇ قىزىقاتتىم)بۇ  كۇرسىغا قىزىقىپ قاتنىشىپ باققاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭ مۈمكىنچىلىگىگە ئىشەندىم،شۇنىڭ بىلەن سىناپ باقماقچى بولدۇم،بىرەر يىلچە ئۈنۈمى بولمىدى،قارىسام ئۇسۇلۇم خاتاكەن،چۈنكى مەن بۇ ئىشقا «سىناپ باقماقچى»بولغان روھى ھالەتتە تۇتۇش قىپتىمەن.ئەسلىدە قەتئى تەۋرەنمەس ئىشەنچ بولۇشى كېرەككەن.(مۇشۇ ئىشەنچ دىگەننى يىتىلدۈرۈپ بولغۇچە بەكلا قايمۇقۇپ كەتتىم)ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئازراقلا دەرگۇماندا بولسا ئۇ ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىغىنى،تەۋرەنمەس ئىشەنچ بولسىلا خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى قوللايدىغانلىغىنى،ئىنسان قىلالمايدىغان ئىشنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىگىنى شۇ چاغدا چۈشەندىم.
ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئاۋال، جىم-جىت،پاراكەندىچىلىكتىن خالى بىر جاينى(ئايرىم ،پىنھان ئۆي بولسا تىخمۇ ياخشى)تېپىپ،(كارۋات،ياكى ياتما ئورۇندۇق بولۇشى)ئادەم ئۆزى راھەت ھىس قىلالايدىغان ھالەتتە يېتىپ،كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ(ئولتۇرسىمۇ بولۇۋېرىدىكەنتۇق،بۇنى كىيىن بىلدىم) پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ بېشىمغىچە بولغان ھەممە ئەزالىرىمغا بوشاش توغرىلىق بۇيرۇق بەردىم،10قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ بولۇپ،پۈتۈن بەدىنىمنىڭ تېخخىمۇ بەكرەك بوشىشىغا بۇيرۇق بەردىم. (مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزەمنى ئالدىدىم)بىرقانچە ھەپتىگىچە بۇ ئىش ماڭا كۈلكىلىكتەك تۇيۇلغان،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجى كۈنۈشكە باشلىدىم،بېشىدا كۆزۈمنى يۇمۇپ جىم-جىت ئولتۇرغاندا(موللىلارنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرغىنىدەك)كاللىغا ھەرخىل خىيال،(بۇرۇن ئاڭلىغان ناخشا مۇزىكا،ئادەمنىڭ بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار كېلىۋېلىپ ئارام بەرمەيدىكەن)كىيىن تەدرىجى پۈتۈن دىققەتنى نەپىسىڭىزگە مەركەزلەشتۈرىدىغان بولىدىكەنسىز،كىيىن قۇلىغىڭىزنىڭ تۈۋىدە ھەرخىل خىيالىڭىزغا كەچمىگەن ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك بولىدىكەن،شۇ ۋاقتتا ئۆزەمنىڭ ئالدىن بېكىتىۋالغان بويۇمنىڭ ئۆلچىمىنى خىيال قىلدىم،ھەم ئالدىن بېكىتىۋالغان ئۆلچەمگە يەتكەنلىگىمنى تەسەۋۋۇر قىلدىم.(كىشىلەرنىڭ ھەجەپ بويۇڭ ئىگىز دىگىنىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم(ئۆزەمنى ئالدىدىم)ھەركۈنى بەزىدە 15مىنۇت،بەزىدە يېرىم سائەت مۇشۇنداق قىلىشنى 4-5ئايچە ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلدىم،كىيىن ئالدىراشچىلىقتا بۇنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ كەتكىلى تاسلا قاپتىمەن،بىرەر يىل ئۆتكەندىن كىيىن تەدرىجى بويۇم ئۆسۈپ قاپتۇ
بۇنىڭدا ئۇنچىۋالا بەك كۆپ سىرمۇ يوق.
بۇنىڭدىمۇ بەكرەك تەپسىلى سۆزلەپ بىرەي دىسەم ھازىر بەك ئۇيقۇم كەپ كەتتى،كىيىن يەنە قاچان تورغا كىرگۈدەك ۋاقتىم چىقاركىن،بەكلا ئالدىراش يۈرۈيمەن،شۇڭا ئايدا،يىلدا بىرەر قېتىم ئاران تورغا كىرەلەيمەن،ئەگەر ۋاقتىم چىقىپ قالسا تېخىمۇ تەپسىلى،ئىنچىكە دەپ بىرىشىم مۈمكىن.
===================================
بۇ ئۇسۇلنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى سورىسىام ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەپ كېتىپ تەپسىلىي دېمەپتىكەن، شۇ ۋاقىتتا نېمىشقا ئۇخلىماسلىقنى بەكرەك خىيال قىلمىغاندۇ، دەپ قالغان ئىدىم. بولسا ئۇ ئەمدى ۋاقتى بولسا چۈشەندۈرۈپ قويسۇن.

شۇ تېمىدا مېنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان سوئالغان بەرگەن جاۋابىم مۇنداق ئىدى:
بوينىڭ ئۆسۈشى بەدەندىكى ئۇزۇن سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سۆڭەكنىڭ ئۇچ قىسمىدا ئۆسۈش قەۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسم بار بولۇپ، بۇ قىسمنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئۆسۈشتىن توختىشى بىر ئەمەس نۇرغۇنلىغان ھورمۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى ئاستىدا قاتتىق كونتىرول قىلىنىدۇ. بۇ سۆڭەكنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى بالىلىقتىن تارتىپ بالاغەتكە يېتىشنىپ ئالدى-كەينىگىچە ئارىلىقتا بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەخمىنەن 18 ياشلارغا كەلگەندە بەدەندىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ چوڭلار بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كىلىدۇ. جىنسىي ھورمۇنلار سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەش ۋە سۆڭەك-مۇسكۇلنى چوڭايتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا 18 ياشتىن كىيىن ئاساسەن توغرىسىغا يوغىنايدىغان گەپ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىلىشىمچە، 18-25 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئۇزۇن مەزگىل ئۇرغۇزسا سۆڭەكنىڭ زىچلىقى ئېشىشى تۈپەيلى 2-3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بويى ئۆسۈشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئۆسمەيدۇ. سەۋەبى، ئۆسۈش توختىغاندىن كېيىن سۆڭەكنىڭ ئۇزىرىشىنى توسۇپ تۇرغۇچى ئامىللار بەدەندە ناھايتى كۆپ بولغاچقا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ رولىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. ئەمدى 18 ياشتىن كىيىن ئۆسكەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار قانداقتۇر بىر سىرنى بىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدىكى تىزلەتمە ئۆسۈش مەزگىلى كېچىكىپ كەتكەنلىكتىن شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا يېشىڭىز 18 دىن ئاشقان بولسا سىز ئويلىغاندەك 8 سانتىمېتىر ئۆسۈشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، 25 تىن ئاشقان بولسا پەقەت يانغا ۋە تۆۋىنىگىلا ئۆسىسىز.

خۇلاسىلىسەم، سىز 5-10 ئۆسۈشىڭىز ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، ئەمما يۇقىرىدىكى تورداش ئېېيقاندەك تازا خىيال قىلىپ باقسىڭىز شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن.

izdinix93 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 09:23:51

ھە ئۇنداق بولسا دۇرا يەيمەن دەپ ئاۋارە بۇپ يۈرمىسەم بوغىدەك.يىرىم يىلنىڭ ئالدىدا خەنزۇچە توردىن بىر دۇرنى كۈرۈپ ئالغانتىم.پايدا قىلمىدى.ئۈسۈش ئۈمۈدۈمنى ئۈزسەم بوغىدەك ئەمدى.قارغاندا چەتئەللەردىمۇ دۇرسى يوقكەن بۇنىڭ.رەھمەت ئاكا ئاتايتەن ۋاقىت چىقرىپ خەت يېزىپسىز. بەك خوش بۇلدۇم.
بەت: [1]
: بىلگەجان دەرسخانىسى(1)-ھورمۇن دېگەن نېمە؟