hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 18:05:39

تىرناقتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى (مامۇتCT)

كىسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى
بۆرەككە تاش چۈشكەندە چىمچىلاقنىڭ تىرنىقىدا ياچاقسىمان، تىرناق تۈۋىدىن ئۇچىغا قاراپ تارالغان v شەكىللىك يىرىك زەي چۈشىدۇ.
ھامىلدار ئايالللارنىڭ چىمچىلاق تىرنىقىغا تۈز يۆلىنىشتە زەي چۈشىدۇ. يانغا قارىتىپ سىرىغاندا مەلۇم بولىدۇ، ھامىلە 40 كۈنلۈك بولغاندا بىرتال، 60 كۈنلۈك بولغاندا 2 تال، 90كۈندە 3تال چۈشىدۇ.
كۆسەتكۈچ بارماقتىكى ئاق رەڭلىك خال ھەزىم ناچارلىق، قورساق ئىسىلىش، ئۈچەيدە يەل بارلىقنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن.
ئوتتۇرا بارماقتىكى خال كىندىك ئەتراپى، چەمبەر ئۈچەي، ئۆپكە، چوڭ ئۈچەي كۆتەن ئۈچەيدىكى
نامسىز بارماقتىكى خال يۈرەك كىسەللىكلىرى، يۈرەك كىلاپانى، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن.
مەزكۇر ئۇچۇرنى مەشھۇر تېۋىپ (مامۇتCT) تەمىنلىگەن.
تېلېفون نومېرى:
13095158415

Gulnur:
ياخشى تەلىم بېرىپلا رەھمەت
مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتكەن نۇرغۇن تەجرىبىلەرنىڭ نەتىجىسىدە مەيلى قايسى تىرناقتا بولسۇن ئاق داغ پەيدا بولغانلا بولسا سوزۇلما خارەكتىرلىق ئۈچۈي يۈللۇغى، جايىل قەۋزىيەت، ماددا ئالمىشىش ناچار بولۇش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان بەدەندە زەھەرلەك ماددىلارنىڭ(كېرەكسىز ئەخلەتلەر) يىغىلىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقتى. بۇنداقلارغا سەبرى تالقىنى كاپسۇلى بېرىپ داۋالىسام ئۈنۈمى ھەم تىز ھەم بىخەتەر بولدى. بىر داۋالاش باسقۇچىدىلام ئۈچەيدىكى ئەخلەت تازىلىنىپ، قەۋزىيەت تۈگەپ، بىمارنىڭ رەڭگى سۈزۈلۈپ، سالامەتلىكىمۇ ياخشىلىنىپ، تىرناقلىرىدىكى ئاق داغمۇ يوقاپ، پۇت - پاچاقتىكى ئىششىقلار ياندى.
سەبرى تالقىنى كاپسۇلىنى تونۇشتۇرۇش ئادرىسى:

http://xjarcha.com/soda/products.asp?id=668


تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇشنىڭ 9 تۈرلۈك سەۋەبى
http://disease.eldawa.com/dermatology/2012/0517/2186.html
تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇش قولنى ئېغىر نەرسىلەر بېسىۋالسا ياكى ئىشىك قىسىۋالسا، تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ پەقەت سىرتقى زەخىمدىن پەيدا بولغان داغ بولۇپ، تىرناقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا - ئاستا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەمما، سىرتقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقمىغان تىرناقتىكى ئاق داغنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى 9 خىل ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك:



1. تىرناقتا ئاق داغ بولسا، ئورگانىزمدا كالىتسىي، سىنىك، كرېمنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كەملىكىنى ياكى پارازىت قۇرت بارلىقىدىن بېشارەت. تىرناقتا ئاق داغ بار كىشىلەر ئوڭاي چارچايدۇ ياكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولىدۇ. ئوتتۇرا بارماق تىرناقتا ئاق داغ بولسا ئومۇرتقا سۆڭەكتە كالىتسىي يېتىشمەيۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بولۇپ، سۆڭەك بوشىشىپ، سۇنۇش ئوڭاي كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. تىرناقنىڭ ھەممىسىدە ئاق داغ پەيدا بولسا ھەمدە بۇ داغ سىرتقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ جىگەر ياكى بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
3. ئەگەر، تىرناقتا قايتا -قايتا ئاق داغ كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ بەدەندە تۆمۈر كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ۋاقتىدا كېسەلگە دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

  
4. تىرناقتا ئاق بولۇپ ھەمدە بۇ ئاق ئورۇن تىرناق يۈزىدىن دۆڭچە شەكىلدە كۆپۈپ تۇرسا، نەپەس يولى سىستېمىسىدا سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى (慢性支气管炎) ياكى ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى (肺气肿) بارلىقىدىن بېشارەت.
5. تىرناقتكى ئاق ئورۇننىڭ يېقىن ئەتراپى ھالرەڭ (ئاچ قىزىل) دە بولسا، جىگەر قېتىشىش كۆرۈلگەنلىك ئېھتىمالى چوڭراق.
6. تىرناقتا ئاق بولۇپ، تىرناق تۈۋىدىكى ئاق رەڭلىك يېرىم ئايسىمان رايون قىزىل رەڭگە ئۆزگەرگەن بولسا، يۈرەكتە مەسىلە بارلىقىنىڭ بېشارىتى.
7. تىرناقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جاي ئاقىرىپ كەتسە ھەمدە تىرناق ئۇچىدا قارا نۇقتىلار پەيدا بولسا، بۆرەكتە يوشۇرۇن كېسەللىكلەر بارلىقىنىڭ بېشارىتى.
8. تىرناقتا توغرىسىغا ئاق رەڭلىك يول-يول سىزىقلار پەيدا بولسا، جىگەردە كېسەللىك بارلىقىنىڭ بېشارىتى.
9. بۇندىن باشقا، تىرناقتىكى ئاق سۇس قىزىل رەڭدە ھەمدە ئاق رايوننىڭ ئەتراپى ئانچە ئېنىق بولمىسا ياكى بىنورمال ھالدا مۇسكۇل تېرىسىگە قاراپ كېڭەيسە، ئاق كېسەلدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ.

تىرناقتىكى ئون خىل غەيرىي ئالامەت ۋە سالامەتلىك

  تېبابەتتە خاتىرىلىنىشىچە، ئادەتتە تىرناقتىكى ئالامەتلەردىن بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى تېرە كېسەللىرى دوختۇرى تامالا . لىئوۋ مەلۇم بىر ئاغرىقنىڭ تىرنىقىدا كۆك رەڭنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ئۆپكىسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى تىرناقتىكى كۆك رەڭ بەدەندىكى ئوكسىگېننىڭ ئازلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن، نەتىجىدە ئاغرىقنىڭ ئۆپكىسىدە سۇ بارلىقى بايقالغان.

  ئادەتتە ئون تال تىرناقنىڭ ئون تال يىلتىزى بولىدۇ، ئەگەر ئون تال تىرناقنىڭ يىلتىزى ساغلام بولسا، قالقانسىمان بەزنىڭ ساغلاملىقىنى، بىرەرسىنىڭ يىلتىزى كەم ياكى ساغلام بولمىسا، شۇ ئورۇندىكى قالقانسىمان بەزدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  دوختۇر تامالا. لىئوۋ كۆپ يىللىق تەتقىقات ۋە كىلىنىكىلىق داۋالاشتىن تىرناقتىكى ئون خىل ئالامەتنىڭ بەزى كېسەلدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان.

  1.تىرناق ئاقارسا، جىگەر ياللۇغى تىپىدىكى جىگەر كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  2.تىرناق سارغايسا، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى تىپىدىكى ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولىدىكەن.

  3. تىرناق سارغايسا ھەم يىلتىزى سۇس قىزارسا، قەنىت كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  4. تىرناقنىڭ يېرىمى ئاق، يېرىمى ھال رەڭ بولسا، بۆرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  5. تىرناق قىزارسا، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  6.تىرناق ئاقارسا ياكى كۈلرەڭ بولسا، قان ئازلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  7.تىرناق يۈزى ئولتۇرۇشۇپ ياكى قورۇلۇپ قالسا، كالا تەمرەتكىسى ياكى بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالامىتى بولىدىكەن.

  8. ناغرا چوكىسىسىمان بارماق يەنى بارماق ئۇچى ئۆسسە، ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  9.تىرناق پۈرۈلۈپ باش تەرىپىدە تەرتىپسىز قىزىل سىزىقچىلار بولسا، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ياكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  10. تىرناق ئاستىدا رەڭلىك سىزىقچىلار بولسا، قارا رەڭلىك ئۆسمە بارلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

  تىرناقتىكى ئۆزگىرىشلەر پەقەت مەلۇم كېسەللىكنىڭ ئالدىن بېشارىتى، ئەمما ئەمەلىي كېسەللىك يەنىلا دوختۇرنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈشىگە موھتاج، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بەدىنىمىزدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرگە سەل قارىماي، ۋاقتى – ۋاقتىدا سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3222

  ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم . ھەكىملەر  ...
مېنىڭ تىرنىقىمنىڭ(قول) ئۈستىگە كىچىك ئاق رەڭلىك تەڭگەسىمان  نەرسە پەيدا بولۇپ قالدى  . ئون بارمىقىمنىڭ ئىككى  ئۇچىدە شۇنداق ئاق رەڭلىك كىچىك تەڭگەسىمان نەرسە بار ، بۇ قانداق ئالامەتتۇ ئەمدى .كالىسىسى كەملىكمۇ ياكى
كۆپ رەخمەت  

ئەلشىپا:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
سىز تىلغا ئالغان بۇ ئالامەت تىرناققا ئاق چۈشۈش كىسەللىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇپ ، ئاساسلىق سەۋەبى غەيرى تەبىئىي خىلىتلاردىن پەيدا بولغان ، تىرناق ئاستىغا كىرىپ قالغان بۇزۇق ۋە قۇيۇق ھۆللۈكتىن شەكىللىنىدۇ .      ( بۇ كىسەل جاھىل خارەكتىرلىك كىسەل ئەمەس ، ۋاقتىدا چارە قىلىنسا تىزلا ساقىيىپ كىتىدۇ .
بۇ كىسەلنى داۋالاشتا ئەگەر سىزدە قەۋزىيەتلىك بولسا ئاۋۋال قەۋزىيەتكە قارىتا بىر نەچچە كۈن دورا ئىچىپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، قان ، ئاقسىل ، كالتىسىي تۇلۇقلاش خوسۇسىيتى بولغان دورىلاردىن بىر باسقۇچ ئىستىمال قىلىڭ !  قۇۋۋەتلىك غىزالىنىڭ ! قاننى سۇۋۇتقۇچى يىمەك _ ئىچمەكلەردىن ، مۇزلىتىلغان ئىچىملىكلەردىن پەرھىز قىلىسىز !  سىزگە شىپاھلىق تىلەيمەن !

hezret2011
تىرناق ۋە سالامەتلىك
1)        تىرناقنىڭ سائەت ئەينىكى شەكلىنى ئېلىشى ــ كۆپۈنكسىمان بولۇپ قىلىشى ــ جىگەر كىچىكلەش(جىگەر يىرىكلەش) كېسەللىكى ۋە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2)        تىرناق ئۈستىدە ئېرىقچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى زىيادە چارچاش ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
3)         تىرناق ئىچىگە ئولتۇرۇپ كەتسە، رېماتىزم، قالقانسىمان بېزىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ياكى بۆرەك ئۈستى بېزى خىزمىتىنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
4)        تىرناقلاردا توغرىسىغا ئويمان پەيدا بولۇش ــ چارچاش جىددىيلىشىش، كۆپ غەم ــ قايغۇ قىلىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى.
5)        تىرناقلارنىڭ ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ قېلىشى بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ كۆپىيىشى ۋە رېماتىزمنىڭ ئىپادىسى.

تىرناق رەڭگى ۋە سالامەتلىك
1)        تىرناق كۆكىرىپ كېتىش ــ قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ، ماددا ئالمىشىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2)        تىرناق سارغىيىپ كېتىش ــ شاخچە كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
3)        تىرناققا ئاق توچكىلار پەيدا بولۇش ــ بەدەندە كالتسىينىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
4)        تىرناقلارنىڭ سۈت رەڭگىدە بولۇپ قىلىشى بۆرەك ياكى جىگەردە كېسەل بارلىقىنىڭ ئىپادىسى.
5)        تىرناقلارنىڭ سارغىيىشى ــ كاناي ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى.
6)        تىرناقلارنىڭ ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ قىلىشى ــ جىگەر كىچىكلەش، تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنىڭ ئىپادىسى.


تىرناق يايى ۋە سالامەتلىك
(تىرناقنىڭ تېرىگە تۇتىشىدىغان يايسىمان ئاق قىسمى)
        تىرناق يايى ئادەتتە ھەممە ئادەمدە بولىدۇ. ئۇ تىرناقنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئون بارماقنىڭ ھەممىدە بولۇپ، رەڭگى ئاق بولىدۇ. تىرناق يايى بەدەننىڭ ئاجىز ــ كۈچلۈكلۈكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ يەنە ساغلاملىقنى بىلىشنىڭ ھالقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەكشۈرۈپ باھا بېرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
1)        تىرناق يايى چوڭ (تىرناق تېنىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن چوڭ) بولسا، بۇ يۇقىرى قان بېسىمى، سەكتىنىڭ بېشارىتى.
2)         تىرناق يايى بەك كىچىك بولسا، ياكى ئېنىق بولمىسا، بۇ مېڭە يۇمشاش كېسەللىكى، ئۆتكۈر ئۆپكە ياللۇغى، زىققا، رېماتىزم ۋە ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
3)        ئون بارمىقىنىڭ ھەممىسىدە تىرناق كۆرگىلى بولمايدىغان كىشىلەر كۆپىنچە قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، تۆۋەن قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ.
4)        تىرناق يايىنىڭ رەڭگىنىڭ نورماللىقىنىڭ ئىپادىسى دائىم ئاق رەڭدە بولۇش، ئەگەر رەڭگى باشقا رەڭدە بولسا، بۇ بەدەندە كېسەللىك بارلىقنىڭ بېشارىتى.باشبارماقتىكى تىرناق يايىنىڭ رەڭگى ئاقتىن سۇس قىزىلغا ئۆزگەرسە بۇ لىمفا ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ خىزمەتلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقنىڭ ئالامىتى.
5)        كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ تىرناق يايىنىڭ رەڭگى سۇس قىزىلغا ئۆزگەرسە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا كېسەللىك بارلىقىنىڭ بېشارىتى
6)         ئوتــتۇرا بارماق تىرناق يايىنىڭ رەڭگى سۇس قىزىلغا ئۆزگەرسە بۇ روھىي ھالەت ناچارلىق، جىددىيلىشىش، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ بېشارىتى، شۇنداقلا مېڭىگە قان يېتىشمىگەنلىكتىن ئىچكى ئەزالار خىزمىتى ناچارلىقىنىڭ بەلگىسى بېشارىتى.
7)        نامسىز بارماقنىڭ تىرناق يايىنىڭ رەڭگى سۇس قىزىلغا ئۆزگەرسە، بۇ قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىقنىڭ، كەم ماغدۇرلىقنىڭ بېشارىتى.
8)        چىمچىلاق قول تىرناق يايىنىڭ رەڭگى سۇس قىزىلغا ئۆزگەرسە، بۇ يۈرەك قان تومۇرلىرىدا قاننىڭ ئېقىشى راۋان بولمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى، شۇنداقلا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەنبەسى: پەقىرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مىزاج ۋە خاراكتېر ناملىق كىتاب.

ئەلداۋا
قول تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى

تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇش قولنى ئېغىر نەرسىلەر بېسىۋالسا ياكى ئىشىك قىسىۋالسا، تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ پەقەت سىرتقى زەخىمدىن پەيدا بولغان داغ بولۇپ، تىرناقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا - ئاستا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەمما، سىرتقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقمىغان تىرناقتىكى ئاق داغنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

1. تىرناقتا ئاق داغ بولسا، ئورگانىزمدا كالىتسىي، سىنىك، كرېمنىي قاتارلىق مىكرو ئېلمېنتلارنىڭ كەملىكىنى ياكى پارازېت قۇرت بارلىقىدىن بېشارەت. تىرناقتا ئاق داغ بار كىشىلەر ئوڭاي چارچايدۇ ياكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولىدۇ. ئوتتۇرا بارماق تىرناقتا ئاق داغ بولسا ئومۇرتقا سۆڭەكتە كالىتسىي يېتىشمەيۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بولۇپ، سۆڭەك بوشىش، سۇنۇش ئوڭاي كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

2. تىرناقنىڭ ھەممىسىدە ئاق داغ پەيدا بولسا ھەمدە بۇ داغ سىرتقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ جىگەر ياكى بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن

3. ئەگەر، تىرناقتا قايتا -قايتا ئاق داغ كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ بەدەندە تۆمۈر كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ۋاقتىدا كېسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

4. تىرناقتا ئاق بولۇپ ھەمدە بۇ ئاق ئورۇن تىرناق يۈزىدىن دۆڭچە شەكىلدە كۆپۈپ تۇرسا، نەپەس يولى سىستېمىسىدا سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى (慢性支气管炎) ياكى ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى (肺气肿) بارلىقىدىن بېشارەت.
5. تىرناقتكى ئاق ئورۇننىڭ يېقىن ئەتراپى ھالرەڭ (ئاچ قىزىل) دە بولسا، جىگەر قېتىشىش كۆرۈلگەنلىك ئېھتىمالى چوڭراق
6. تىرناقتا ئاق بولۇپ، تىرناق تۈۋىدىكى ئاق رەڭلىك يېرىم ئايسىمان رايون قىزىل رەڭگە ئۆزگەرگەن بولسا، يۈرەكتە مەسىلە بارلىقىنىڭ بېشارىتى.

7. تىرناقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جاي ئاقىرىپ كەتسە ھەمدە تىرناق ئۇچىدا قارا نۇقتىلار پەيدا بولسا، بۆرەكتە يوشۇرۇن كېسەللىكلەر بارلىقىنىڭ بېشارىتى.

8. تىرناقتا توغرىسىغا ئاق رەڭلىك يول-يول سىزىقلار پەيدا بولسا، جىگەردە كېسەللىك بارلىقىنىڭ بېشارىتى.

9. بۇندىن باشقا، تىرناقتىكى ئاق سۇس قىزىل رەڭدە ھەمدە ئاق رايوننىڭ ئەتراپى ئانچە ئېنىق بولمىسا ياكى بىنورمال ھالدا مۇسكۇل تېرىسىگە قاراپ كېڭەيسە، ئاق كېسەلدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ.


http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1038

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 21:06:28

مېنىڭ تىرناقلىرىمىنڭ ھەممىسىدە ئۇششاق  پاراللىل سىزىقچىلار بار ئىكەن. زىيادە چارچاشنىڭ ئالامىتىمۇ بۇ؟

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 21:07:52

تىرناقلىرىمنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بېرەيمۇ-يا ؟ بىر دىئاگنوز قۇيۇپ بەرسىڭىز:lol{:92:}

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 23:09:29

مېنىڭدە باشقا  ئالامەت يوق شۇ  لىكىن   تىرنىقىم گۆشكە  ماڭغان شۇنداق    دوختۇرغا باسام  تىرناق  تارتىلى دەيتۇ          لىكىن مەن قورقۇپ    تارتقۇزماي  قىينىلىۋاتىمەن  .
  ئۈنۈملۈك باشقا ئۇسۇل-پۇسۇل  بامىدۇ {:92:}{:92:}{:92:}

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 08:20:55

ئۆزۇمگە دەرھال قان تولۇقلاي:funk::funk:ئىش چاتاق:(

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 10:11:47

لىكىن مامۇت CT نىڭ قىشىدىكى شىرىكى(كىمكى بىلمىدىم) قۇلىقىم ئاغىرىدى دىسمۇ، بىلىم ئاغىرىدى دىسىمۇ سىۋەتكە بىر دەمدىلا دورىنى توشقۇزۇپ(ئاساسەن ھەممىسگە ئوخشاش دىگۈدەك) 300-400 كويلۇق قىلىپ قويىدىكەن. بىرقسىم ئۆز يىرىدىن تاپقلىي بولىدىغان تەييار ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دورىلارنىمۇ بىرمۇنچە  پۇلغا سىتىپتۇ. مەن بىىرپ بىر كۆرۈنۈپلا رايىم سەل يىنىپ قالدى. بەلكىم مامۇت CT ئۇنداق ئادەم ئەمەستۇ.  ئەمما يىنىدىكى دورىغا ھۆددىگەر پىرىم  تومۇرنى مامۇت CT تۇتسا، پىرىم ئۇنىڭ گەپ قىلىشنى كۈتمەيلا ئۆزى بىلىپ بىرمۇنچە دورىنى ئەكىلىپ باھاسىنى ھىسابلاشقا چۈشىۋىدى بىر گەپ قىلاي دەپ بولدىلا بۇلارمۇ تايىنلىق ئادەم ئوخشايدۇ دەپ بەرگەن دورىسىنىڭ پۇلىنى بىرىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. مەنمۇ دەسلەپتە مۇنبەردىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، يىراق يولنى بىسىپ ئۇ يەرگە چىققان ئىدىم، ئاقىۋەت چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدىم.
تىۋىپقا كۆرۈنمەكچى بولغانلار يىنىدىكى دورىغان ھۆددىگەر پىرىمدىن ئىھتىيات قىلسا بولغۇدەك...

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 18:51:39

تىرناق دوختۇرلىرىمۇ بارمىدۇ ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 20:27:00

مامۇت CT  نىمىشقا خوتەندىكى مەكتەپتە دەرس ئۆتمەيدۇ ؟ شاگىرىت تەربىيەلەپ قويسىمۇ بولاتتىغۇ ؟  يا ئۇرۇپ سوقىدىغان دەتتىكۇم تىۋىپ بولسا دەرس ئۆتىدىغانغا ئوماچ يوقمىيا
بەت: [1]
: تىرناقتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى (مامۇتCT)