hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 13:18:24

يەل-قاداق-سانجىق تۇرۇۋېلىشنى داۋالاشقا دائىر نۇسخىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-16 13:22

كىلاسسىك ئەسەرلەردە يەل-قاداق-سانجىق تۇرۇۋېلىشنى داۋالاشقا دائىر نۇسخىلار
مەنبەسى: http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3348&page=1&extra=#pid10870

ئەگەر بىمارنىڭ كۆكسى ۋە ئىككى بېقىنىنىڭ قوۋۇرغىلىرىدا ئاغرىق بولسا ياكى ئۆپكە ئىششىقى بار بولسا، ئۇنىڭغا 30 گرام كۈنجۈت ئۇنى بىلەن 50 گرام بادام يېغىدا قيرۇتى تەييارلاپ، يېرىم قىزىق ھالەتتە ئاغرىق جاينىڭ ئۇدۇلىغا تاڭسا بولىدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ قوۋۇرغا ئاستىدا قاداق پەيدا بولۇپ قالسا، قىچا ۋە زىغىر ئۇنىنى خالتىغا ئېلىپ قىزىتىپ، كۆيمىگۈدەك ھالەتتە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

سانجىق _ قاداق
كىشىنىڭ بىقىن _ قوۋۇرغا ئارىسى سانجىق تۇرۇپ قالغانلىقتىن ئاغرىپ بىئارام بولسا، گۈل بىنەپشە، بابۇنە، سېرىق چېچەك، بۇغداي كېپىكى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى، شومشا، ئارپا ئۇنى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىدۇ ھەمدە يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، چىگىت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ،مەلھەم تەييارلىنىپ چېپىلسا، قاداق _ سانجىق يوقىلىدۇ.
يەل قاداق ۋە سانجىق
كىشىنىڭ بىقىنىغا يەل قاداق، سانجىق تۇرۇپ قالسا، ئۇينىڭ تېزىكىقىزىتىلىپ قاداق (سانجىق) تۇرۇۋالغان يەرگە قويۇلسا، ئاغرىق توختايدۇ.
بىقىندىكى قاداق، سانجىقنى داۋالاش
بىقىنغا سانجىق تۇرۇپ قالغانلىقتىن تىنالماي بىئارام بولغاندا،خېنە غازىڭى، زەرچىۋە، سوپۇندىن 10 گرامدىن ئېلىپ، سوقىدىغانلىرىنى سوقۇپ،ئېزىدىغىنى ئېزىپ يۇغۇرۇپ، قىزىق ھالدا سانجىق _ قاداق بار جايغا تاڭغاندا يەل،قاداق- سانجىقنى تارقاتقىلى بولىدۇ.
كىشىنىڭ بېقىن _ قوۋۇرغا ئارىسى سانجىق تۇرۇپ قالغانلىقتىن ئاغرىپ بىئارام بولسا، گۈل بىنەپشە، بابۇنە، سېرىق چېچەك، بوغداي كېپىكى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زېغىر ئۇرۇقى، شومشا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى13گرامدىن ئېلىنىدۇ ھەمدە، يۇمشاق سوقۇلۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، چىگىت يېغى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، مەلھەم تەييارلىنىپ چېپىلسا، قاداق- سانجىق يوقىلىدۇ (تەجرىبىدىن ئۆتكەن). سانجىق تۇرغان ئادەمنىڭ بەدەن ھارارىتى ۋە قىزىتمىسى يۇقىرى بولسا،ئۇنىڭغا گىلى ئەرمىنىنى گۇلابقا سېپىپ، بىر قوشۇقتىن (3 گرامدىن) ئىچكۈزۈش،قالدىسىنى بىمارنىڭ بەدىنىگە، دۈمبىسىگە چاپقاندا قىزىتما تېز چۈشىدۇ.

روھىي ئىلاجلار: كىشىگە سانجىق، قاداق تۇرسا،تۆۋەندىكى شەكىلنى يېزىپ، ئاغرىغان ئورۇنغا چاپلىسا، ئاغرىق توختايدۇ.

سانجىق _ قاداق: كىشىنىڭ بىقىن _ قوۋۇرغا ئارىسى سانجىق تۇرۇپ قالغانلىقتىن ئاغرىپ بىئارام بولسا، گۈلبىنەپشە، بابۇنە، سېرىق چېچەك، بۇغداي كېپىكى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى،شومشا، ئارپا ئۇنى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىدۇ ھەمدە يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، چىگىت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ، مەلھەم تەييارلىنىپ چېپىلسا،قاداق _ سانجىق يوقىلىدۇ.
سانجىق _ يەل _ قاداقنىڭ ئىلاجى: بەدەننىڭ ھەر قانداق يېرىگە سانجىق تۇرۇپ قالغاندا،ئۇينىڭ تېزىكىنى قىزىتىپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىش لازىم، بۇنىڭ بىلەن سانجىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
سانجىق تۇرۇپ قالغاندا، داۋغان ئۆتىنى يۇلغۇن يېلىمى بىلەن قوشۇپ ئىچكەندە، سانجىقنى تىزلا ساقايتقىلى بولىدۇ.
سانجىق تۇرۇپ قالغاندا، قىزىلگۈلدىن بىرسىقىم، بەدىيان، يازغى بۇغداي كېپىكىنىڭ ھەر بىرى بىر چاڭگالدىن ئېلىپ، ئۇلارنى سوقۇپ، سۇدا يۇغۇرۇپ خېمىر ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خېمىر ياكى باشقا نەرسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئوتتا پىشۇرۇپ، خەسە خالتىغا ئېلىپ، سانجىق تۇرغان ئورۇنغا تېڭىش لازىم.

سانجىق، يەل تۇرۇۋېلىشنىڭ ئىلاجى: ئۇينىڭ تېزىكىنى ئوتتا قىزىتىپ، سانجىق بار ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە، سانجىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ. كەپتەر مايىقىنى قىزىتىپ، سانجىق بار ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىمۇ سانجىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئوچاقنىڭ داشقال چالمىسى ياكى توپىسىنى رەخت ئىچىگە ئېلىپ قىزىق ھالەتتە تاڭغاندىمۇ سانجىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىمۇ بولمىسا، ئوچاقنىڭ شورىنى قىزىتىپ تاڭسا ساقىيىدۇ.
سانجىق، يەل تۇرۇۋېلىشنىڭ ئىلاجى: سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئۈچىيىگە يەل تۇرۇپ قالغاندا، چۈچۈك بۇيا يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچۈرسە پايدا قىلىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: ئادراسماننى قوينىڭ سۈتىگە بىر كېچە چىلاپ قويۇش ئارقىلىق زەھەرسىزلەندۈرۈپ، پىشۇرۇپ يېگەندە قورساقتىكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: ئىچكى ئەزاغا سانجىق تۇرۇۋالغاندا، بېلىق يېلىمىنى داۋغان ئۆتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم، بۇنىڭ بىلەن سانجىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: بىقىندىكى قاداق، سانجىقنى داۋالاش. بىقىنغاسانجىق تۇرۇپ قالغانلىقتىن تىنالماي بىئارام بولغاندا، خېنە غازىڭى، زەرچىۋە،سوپۇندىن 10 گرامدىن ئېلىپ، سوقىدىغانلىرىنى سوقۇپ، ئېزىدىغىنى ئېزىپ يۇغۇرۇپ،قىزىق ھالدا سانجىق _ قاداق بار جايغا تاڭغاندا يەل، قاداق- سانجىقنى تارقاتقىلى بولىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى:بەدەننىڭ بىرەر يېرىگە سانجىق تۇرۇپ قالغاندا، قومۇش يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچكۈزۈش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن سانجىق تارقاپ كېتىدۇ، بۇ ئىسسىقتىن بولغان سانجىققا پايدا قىلىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: خىنە، زەچىۋە، يەرلىك سوپۇن قاتارلىقلارنى سالايەقىلىپ، سانجىق تۇرىۋالغان يەرگە تاڭغاندا، سانىجىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: سوغۇقتىن سانجىق تۇرۇپ قالغاندا، 1 گرام پارپىنى 1 گرام قىزىلگۈل بىلەن پىشۇرۇپ ياكى ماش بىلەن ئۈگۈپ، سالايە قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىش لازىم. يۇمغاقسۇت ئۇرۇقىنى سوقۇپ، شېكەر بىلەن كاپ ئەتكەندىمۇ، سانجىق تارقاپكېتىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: كىشىنىڭ ئىچكى ئەزاسىدا يەل تۇرىۋالسا ياكى يەل چىرمىۋالسا ئادراسمان ئۇرۇقىنى سوقۇپ تالقانلاپ، كۈنجۈت يېغىدا نەمدەپ، ئۈچ كۈن ناشتىدا يېسە، باشتىكى بۇزۇق يەل تارقايدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: كىشىنىڭ بىرەر ئەزاسىغا سانجىق تۇرسا ياكى بىرەر نەرسە سانجىغاندەك ئاغرىسا، سانا، بەدىيان9 گرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى، شومشا، سېرىق چېچەك، ئاق لەيلى، گۈلبىنەپشە، تەرتىزە12 گرامدىن، نىلۇپەر 6 گرام، خولىنجان قاتارلىق دورىلارنى سۇغا چىلاپ، شەربەت تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، تىرىپلىرىنى سانجىق تۇرغان ئەزاغا زىماد قىلسا، سانجىقنى يوقىتىدۇ ۋە تۇرىۋالغان ھەر قانداق يەلنى تارقىتىدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: كىشىنىڭ بىقىنىغا يەل قاداق، سانجىق تۇرۇپ قالسا، ئۇينىڭ تېزىكى قىزىتىلىپ قاداق (سانجىق) تۇرۇۋالغان يەرگە قويۇلسا،ئاغرىق توختايدۇ.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: كۆكرەككە سانجىق تۇرۇپ قالغاندا، كۆك كەپتەرنىڭ قېنىنى ئىچىش لازىم.
سانجىقنىڭ ئىلاجى: يەل قاداق ۋە سانجىق. كىشىنىڭ بىقىنىغا يەل قاداق، سانجىق تۇرۇپ قالسا، ئۇينىڭ تېزىكى قىزىتىلىپ قاداق (سانجىق)تۇرۇۋالغان يەرگە قويۇلسا، ئاغرىق توختايدۇ.


پۇتتىكى قاداقنى داۋالاش نۇسخىلىرى
قاداق چۈشۈرۈش. 1. ئالدى بىلەن، پىچاق ئارقىلىق قاداقنىڭ سىرتقى تېرىسىنى ئېلىۋېتىپ،ئاندىن قاداقنى تاماكا ئارقىلىق كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئۇدا ئۈچ كۈن ئاغرىغىچەئىسلاپ بەرسە قاداق چۈشۈپ كېتىدۇ. 2. يېڭى غولپىياز كۆكىنىڭ ئىچكى پەردىسىنى قاداققا چاپلاپ ئۈستىدىن پىلاستىر بىلەن چاپلاپ قويۇلىدۇ، ھەر 12 سائەتتە بىرقېتىم ئالماشتۇرۇشنى ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرسا قاداق چۈشۈپ كېتىدۇ.

قاداقنى داۋالاشنىڭ ئۈچ رىتسپى
1) ئىككى گرام زەمچە بىلەن ئۈچ گرام كۆكتاشنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك قازاندا ئاق مونەكچە بولغۇچە قورۇپ تالقان قىلىپ، پوستى ئېلىنغان بىر يېرىم گرام يادەنزىگە قوشۇپ ئېزىپ، ئاندىن ئازراق سۇبىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن دورا تەيياربولىدۇ. قاداقنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېرتىۋىدا ئويۇپ، ئويۇلغان جايغا تەييارلانغان دورىنى سېلىپ تېڭىپ قويۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
2)ئازراق ھەسەل ھەرىسى يېلىمى (ھەرە بېقىش ئورنىدا سېتىلىدۇ)نى قاداققا چاپلاپ پلاستېردا تېڭىپ قويغاندا، قاداق بىر ھەپتىدە چۈشۈپ كىتىدۇ.
3)ئادەتتىكىدىن چوڭراق ئاياغ سېتىۋىلىپ، ئاياغقا 0.5-0.7سانتىمېتر قېلىنلىقتىكى پېتەكنى سېلىپ، پۇتتىكى قاداققا (پېتەككە ئىز چىقىرىش ئۈچۈن) يود سۈركەپ، ئاندىن ئاياغنى كىيىپ پېتەككە ئىز چىقىرىپ، پېتەكنىڭ ئىز چۈشكەن يېرىنى ئويۇپ ئېلىۋىتىپ،پېتەكنى ئاياغقا سېلىپ، ئاياغنى بىر مەزگىل كىيگەندىن كېيىن قاداق ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 14:47:21

رەھمەت ھەزرىتىم، پايدىلىق تېمىلىرىنى ئۈزۈپ قويمىسىلا :handshake

maQak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 18:02:35

{:112:}ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي
بەت: [1]
: يەل-قاداق-سانجىق تۇرۇۋېلىشنى داۋالاشقا دائىر نۇسخىلار