ئاي ھۇجرامدىن ئۆتكەندە
ئاي ھۇجرامدىن ئۆتكەن كېچەمەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ئاي،
يەنە شۇ ئاي!
كۆپ يىللار ئىلگىرى-
ھازىرمۇ ئوخشاش.
ئۇنتۇپ يۈرۈپتىمەن،
ئاسماندا ئاي بارلىقىنى،
يادىمغا كەلمەپتۇ،
ئالدىراش ئىشلەپلا
ياز ئاخشاملىرى
ئاسمانغا قاراش!
بۇلۇتلارنى قايرىپ،
كۆمۈش نۇرلىرىنى چېچىپ،
يېڭى پەرزەنتتەك
ئاچ چىقىپتۇ،
يۈزىنى ئېچىپ.
ئېھ،ھايات!
ساڭا قانمايمەن،
سۆيىمەن،
مېھرىڭنى سېزىپ،
ناخشىلار يېزىپ.
گۈزەل باغلارنى،
ئاي بولۇپ كېزىپ!
ئاي ھۇجرامدىن ئۆتكەن كېچە،
خىياللار ئۆزىگە غەرق.
ئارمانلار يېلىنجايدۇ،
بەلكىم،
شۇ تۈگىمەس ئارمانلاردىن
ۋۇجۇدۇم،
ئارام سورايدۇ.
قايسىدۇر بىركۈنى،
ئاي ھۇجرامدىن ئۆتكەن كېچە،
يوق ھېچنىمە،يوق تىنىق...
كۆزلىرى قىزىرىپ
ئۆكسۈپ يىغلاپ
قالىدۇ شەرق! قانداق شىئىر بۇ ئاي ھوجرامدىن ئۆتكەن كېچە،
مەنمۇ كىردىم ئاي ئىچىگە.
يۈرۈپ كەتتىم ئاي بىلەن تەڭ،
ئايمۇ يەتتى مەقسىتىگە...{:136:} ئۆزىنى تۇنۇش مىنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانىم
بەت:
[1]