bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 04:45:29

(bilgejan) چايان چاقسىمۇ ئاغرىمىسىكەن دەپ ئويلامسىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 22:31  

جاپا تارتماي راھەت بار: ئاغرىق سەزمەسلىكنىڭ يېڭى يىپ ئۇچى
دوكتور فىرانسىس كولىن (Dr. Francis Collins)
تەرجىمىدە: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

http://directorsblog.nih.gov/2013/11/07/gain-without-pain-new-clues-for-analgesic-design/#more-2246


ئەگەر سىز بىر جەنۇب چېكەتكە چاشقىنى بولۇپ قالسىڭىز، سىز ئۈچۈن چاياندىن بەكرەك لەززەتلىك تاتلىق-تۈرۈم بولمىسا كېرەك. بەلكىم سىز زادى نېمە بۇ خىل ئازاپلىق ياكى ھەتتا ئەجەللىك ھادېسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ھە... بۇنىڭ جاۋابى شۇكى: بۇ ئارىزونا قۇملۇقلىرىنى ماكان قىلغان يەرلىك چاشقانلار چايان چېقىشقا قارىتا كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان قارشىلىقنى شەكىللەندۈرگەن-ئوخشاش چوڭلۇقتىكى باشقا چاشقانلارنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان ئازاپلىق چايان نەشتىرى بۇ چاشقانلار ئۈچۈن ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس.

مەن نېمە ئۈچۈن بۇ تەبىئەت تارىخىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن؟ مۇنداق ئىش، بۇ چېكەتكە چاشقانلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، NIH (ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنسىتىتۇتى) مەبلىغىگە ئېرىشكەن ئىندىئانا ئۇنىۋېرستېتى مېدىتىسىنا ئىنىستىتۇتىدىكى ئالىملار تېكساس ئۇنىۋېرستېتى-ئائۇستىندىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە خۇمار قىلىش خۇسۇسىيىتى تېخىمۇ ئاجىز بولغان نېرۋا تالالىلىرىنى نىشان قىلغان يېڭى دورا ياساش ئوبىيكتىنى تىپىپ چىققان.

چېكەتكە چاشقاننىڭ ئاغرىقنى سېزىشكە بولغان قارشى كۈچىنىڭ ئاچقۇچى ئىككى خىل ئاقسىلدا بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى Nav 1.7، يەنە بىرى Nav 1.8 دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە نېرۋا تالالىرىغا جايلاشقان ئاقسىللاردۇر. چايان ئۆي چاشقىنىنى چاققاندا، ئۇنىڭ زەھىرى چاشقاندا Nav 1.7 ئاقسىلىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ ۋە دەل مۇشۇ ئاقسىل چاشقان مېڭىسىدە كۈچلۈك ئازاپنى سېزىدىغان سېگناللارنى تارقىتىدۇ. چېكەتكە چاشقىنىدا بولسا، چايان زەھىرى ئوخشاشلا Nav 1.7 قوزغىتىدۇ، لېكىن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە Nav 1.8 ئاقسىلىنىمۇ ئاكتىپلاشتۇرىدىكەن. Nav 1.8 نىڭ رولى بولسا Nav 1.7 تارقاتقان سېگنالنى بىكار قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن، شۇنداق بولغاچقا چايان زەھىرى چېكەتكە چاشقنىدا ئاغرىق پەيدا قىلىش ئورنىغا تېخى ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە ئىكەن!

گەرچە Nav 1.8 ئاقسىلى ھەر ئىككىلى خىل چاشقان تۈرىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما تۈزۈلۈشى جەھەتتىن چېكەتكە چاشقىنىدىكى بۇ خىل ئاقسىل ئالاھىدىرەك تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاغرىققا قارشىلىقى ئاساسەن پەقەت بۇ ئاقسىلنى تۈزگۈچى ئامىنو كېسلاتالىرى ئىچىدىكى بىر ئامىنو كېسلاتاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كىلىپ چىققان ئىكەن. بۇ ئىنتايىن كىچىك بولغان پەرق ئاغرىققا قارشى تۇرۇشقا يېتەرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىنسان ئاغرىق ۋە ئازاپلىرىنى يەڭگىللىتىش يولىدىكى تەتقىقاتلىرىغا يېڭى يۆنىلىشلەرنى كۆرسىتپ بېرىشكىمۇ ھەم يېتەرلىك ئىكەن.

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

Voltage-gated sodium channel in grasshopper mice defends against bark scorpion toxin. Rowe AH, Xiao Y, Rowe MP, Cummins TR, Zakon HH. Science. 2013 Oct 25;342(6157):441-6.

خاتىمە: كۆرگىنىڭلاردەك، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر بىر ئۆزگىچە ھادېسىمۇ ئالىملارنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىغاندا بەلكىم چوڭ بايقاشلارغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ چاشقانلارنىڭ چايان تۇتۇپ يېگىنىنى كۆرگەن قايسىبىر دېھقان ياكى كان ئىشچىسىنىڭ بۇ يېڭى تەتقىقاتلاردىن خەۋىرى يوق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما قىلمىش ئىلىمى بىلەن شۇغۇللانغۇچى تەتقىقاتچىلار ئوخشاش ھادىسىنى كۆرۈپ بۇنى خاتىرىلىگەن بولغاچقا بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. دېمەكچى، سىز ئۈچۈن مەلۇم نەرسە قىزىقارلىق تۇيۇلسا شۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ كۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، كۈچىڭىز يەتمىسە باشقىلاردىن سوراڭ ياكى خاتىرىلەپ قويۇڭ. كۈنلەرنىڭ بېرىدە سىزنىڭ شۇ قىزىقىشلىرىڭىز ئويلىمىغان يەردىن يېڭى نەتىجىلەرگە ئاساس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىلغان ئىشىغا قىزىقىشى كۈچلۈك بولغانلارنى ياقتۇرۇشى ۋە شەخىسلەرنىڭ قىزىقىشىنى ئېتىبارغا ئېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ قىزىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك.

ئىزاھات 1: ماقالە ئاپتورى دوكتور فىرانسىس كولىن توغۇرلۇق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://bbs.izdinix.com/thread-58378-1-1.html

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 08:13:55

باشلانغۇچتىكى چېغىنمدا قايسى بىر ژۇرنالدىن « ئاغرىقنى سەزمەس بالا » دېگەن تېمىدا بىر ئەسەر  ئوقىغانىدىم . ئەسەردىكى بالا پۇتىغا خىش چۈشۈپ كەتسىمۇ ، قۇلى ئوتتا كۈيۈپ قالسىمۇ ئاغرىقنى ھېس قىلمايدۇ . ئۈچىيى يۇقۇملىنىپ قالسىمۇ ئاغرىقنى سەزمىگەچكە دوختۇرمۇ ئۇنىڭ كېسىلىنى بىلەلمەي ، ئاخىرىدا ئۈچىيى تېشىلىپ ، قۇرسىقىدىن چىقىپ ساڭگىلاپ قالغاندا ئاندىن ئاغرىقنى ھېس قىلىدۇ ...............:(

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 08:23:28

جەنۇب چېكەتكە چاشقىنى بۇ چاشقاننىڭ لاتىنچە ياكى خەنزۇچە نامى قالدۇرۇلسا بۇنداق ئۇزۇن ئىسسمدىن چاشقانمۇ چىكەتكىمۇ ئايرىش تەسرەككەن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 08:53:05

ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىنساننىڭ ئاغرىق سېزىشىنى كونترول قىلغىلى بولسا، ئاغرىقنى سەزمەستىن ئۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىلماي قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىنمۇ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 09:00:02

بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ خېلى بۇرۇنلا ھەربى ئىشلار ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم . ئەگەر راستلا ئاغرىق ئازابى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىنسا ناركوز دورىلىرىنىڭ ئورگانىزىمغا كۆرسىتىدىغان ئەكىس تەسىرى ۋە ناركوز قىلىنغان ھالەتتىكى ئىدراك ۋە ھەركەتنى كونتىرول قىلالماسلىق مەسىلىسى ھەل بولغۇدەكقۇ ...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 09:56:39

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 08:53 static/image/common/back.gif
ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىنساننىڭ ئاغرىق سېزىشىنى كون ...

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى پەقەت ناركوز قىلىشقا توغرا كىلىدىغان ئەھۋالدا بىخەتەر ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تىپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنى ئاغرىق سەزمەيدىغان قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. بۇنداق دورا ياسىلامدۇ، يوق- ھازىرچە بىر نېمە دېيىش تېخى بالدۇر.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 10:10:19

ئاۋۇ چاشقان بىلەن چاياننى كۆرۈپ ‏独行侠 The Lone Ranger دىگەن كىنو يادىمغا كەلدى. {:190:}
شۇنىڭدا توشقان، ئاق ئاتلارمۇ چايان يەيىتتى، ھاراق ئىچەتتى. {:200:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 10:28:36

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 08:23 static/image/common/back.gif
جەنۇب چېكەتكە چاشقىنى بۇ چاشقاننىڭ لاتىنچە ياكى خەنزۇ ...

Southern grasshopper mouse
ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئۇلىنىشى رەسىمنىڭ ئۈستىدە بېرىلگەن، شۇنىڭغا قاراپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەسلى مەن ئېڭىز چاشقىنى دەپ ئالغان دەسلەپتە، كىين قارىسام قۇملۇقتا ياشايدۇ دەپتىكەن، شۇ پىتى ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ياخشىراق ئىسىم بولسا مېنى خەۋەرلەرندۈرۈپ قويغايسىز. بۇ ئامېرىكىدىكى چاشقان تۈرى بولغاچقا ئۇيغۇرچە قېلىپلاشقان ئىسمى يوق بولۇشى مۇمكىن.

galita يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 11:25:22

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
چايان چىقىۋالسا بىزنىڭ قورقىدىغىنىمىز چاققان ۋاقىتتىكى ئاغرىق سىزىمىمۇ ياكى بەدەنگە كىرگەن زەھىرىمۇ؟؟؟   مۇنۇ چاشقانچاق ئاغرىق سەزمىسە،بەدىنگە كىرگەن زەھىرىنىمۇ بىرتەرەپ قىلالايدىغان ئوخشىمامدۇ؟؟؟. باشقا چاشقانلار ئاغرىققا چىدىماي ئۆلگەنمىدۇ ياكى بەدىنگە كىرگەن زەھەر تەسىرىدىن ئۆلگەندىمۇ؟؟؟!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 15:10:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 15:31  

چوقۇم زەھىرىنىمۇ بىر تەرەپ قىلالايدۇ، بولمىسا بۇ چاشقانلار ئائىلە بويىچە چايان يېمەس بولغايدى..
بەزى زەھەرلەر مۇسكۇلنى ئېرىتىۋېتىدۇ، بەزىلىرى نېرىۋونلارنى پالەچ قىلىۋېتىدۇ، ۋاقىتلىق ئەمەس.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 21:57:58

ماقالىلەر بىر بىرىدىن قىزىقارلىق چىقىۋاتىدۇ. كېيىنچە مەنمۇ كىرىمەن ئىلمى تەرجىمە ساھەسىگە، تۇرسۇنجان ئاكىمىز ناھايتى ياخشى بىر ئۈلگە ياراتتى بۇ ئىشقا. ھازىر ئىمتىھانلىرىم بەك ئالدىراش.
بەت: [1]
: (bilgejan) چايان چاقسىمۇ ئاغرىمىسىكەن دەپ ئويلامسىز؟