hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:29:55

روھىنڭ رولى نىمە؟

روھىنڭ رولى نىمە؟
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3347&page=1&extra=#pid10867

1) ئەزالارھاياتلىقى ۋە پائالىيىتىنڭ تۈپ ئاساسى .
2) بارلىق قۇۋۋەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى روھ ئارقىلىقىلا بۇلىدۇ .
3) ھاياتلىق پەقەت ھاياتلىق ئىنىرگىيەسى (روھى ھايۋانى) مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ.
روھ 3 تۇرگە بۆلىندۇ.
1) روھى ھايۋانى(ھاياتلىق ئىنىرگىيەسى)
2) روھى تەبىئى(تەبىئى ئىنىرگىيە)
3) روھى نەپسانى(سەزگۇ- ھەركەت ئىنىرگىيسى)

روھى ھايۋانىنىڭ ئورنى، رولى نىمە ؟
روھى ھايۋانى يۇرەكنى مەركەز قىلغان ئىنىرگىيە بۇلۇپ، ئۇ يۇرەكنىڭ ھەركىتى نەتىجسىدە شىريان تۇمۇرلار ئارقىلىق قاننى ھەرىكەتلەندۇرۇپ قان ئايلىنىشنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇتۇن بەدەنگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ. ياكى پۇتۇن بەدەننى تەمىنلەيدۇ.

روھى نەپسانىنىڭ ئورنى ، رولى نىمە ؟
روھى نەپسانى ھس-ھەركەتكە مەنسۇپ روھ بۇلۇپ ،ئورنى مىڭىدە .
روھى نەپسانى ئۇ مىڭىدىكى قۇۋۋتى نەپسانىنى بىرگە ئېلىپ نىرۋىلارئارقىلىق پۇتۇن بەدەنگە ھس ھەركەت تارقىتىدۇ، ئەگەر روھى نەپسانى يۇقالغاندا ياكى نىرىۋىلاردا تۇسالغۇ پەيدا بولسا بەدەندىكى ھىس ھەركەت بۇزۇلىدۇ، ئەقلى تەپەككۇر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

روھى تەبىئىنڭ ئورنى، رولى نىمە ؟
ئورنى –جىگەر.
رولى ؛-روھى ھايۋانىنىڭ جىگەرگە بېرىشىدىن شەكىللىنىدىغان بۇلۇپ، جىگەرنىڭ ئۇزۇقلۇقلارنى خىمىيىۋى جەھەتتىن پىششىقىلاش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرنى جارى قىلدۇرۇپ ھەم خىلىت ئشىلەپ چىقىرىدۇ ، روھى تەبىئى، روھى نەپسانى، روھى ھايۋانى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ، روھى ھايۋانى بۇ ئىككى روھىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ .

Qudus يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 10:41:32

؟ ھېچنىمە يېزىلماپتىغۇ بەك قىيىن سۇئال بۇلاپ كەتتىمۇ نىمە.................
بەت: [1]
: روھىنڭ رولى نىمە؟