hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 09:58:13

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1389&highlight=%D8%A6%DB%86%D9%BE%D9%83%DB%95

تۇنۇش: بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان، ئۆز ۋاقتىدا داۋالىمىسا ئاقىۋىتى ناچار بولىدىغان بىر خىل يۈرەك كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئۇزۇن مۇددەت يۆتىلىش، ئۆپكە قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشى، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ زىچلىشىشى ۋە ئۆپكە جاراھىتى (سىل) ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىق ئەھۋاللار نەتىجىدە، ئۆپكە بىلەن يۈرەك ئارىلىقىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ھاۋا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، يەنى ئۆپكىدە يۈز بەرگەن كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئۆزىگە يېقىن قوشنا بولغان ۋە ئومۇمىي بەدەن بىلەن ئۆپكە ئارىلىقىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ھاۋا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، يەنى ئۆپكىدە يۈز بەرگەن كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئۆزىگە يېقىن قوشنا بولغان ۋە ئومۇمىي ۋە ئومۇمىي بەدەن بىلەن ئۆپكە ئارلىقىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان يۈرەككە تەسىر قىلىنىپ يۈرەكنىمۇ كېسەللىكلەندۇرىدۇ، ئۆپكىدە ھاۋائىي نەسمىي ۋە ھاۋائى دوخانىي ۋە قان سۇيۇقلۇقى توسۇلۇپ قالىدۇ ۋە ئۆپكىدىن ھاۋائىي نەسمىي يۈرەككە تولۇق يىتىپ بارمىغانلىقى ئۈچۈن ئوكسىگېن يىتىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئومۇمىي بەدەندىكى قان ئايلىنىش ۋە ھاۋا ئالمىشىش بۇزۇلغانلىقى ۋە يۈرەك ھەرىكىتى ئاجىزلاشقانلىقى ئۈچۈن پۇت-قول، يۇز ـ كۆزىدە ئىششىش، كۆكىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇزۇن يۆتۈلۈپ ياكى ئۆپكە ئىشىشىپ، داۋاملىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان ئۆپكىنىڭ دىۋارى يۈرەكنىڭ تاشقى پەردىسىگە تىگىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن يۈرەكتىمۇ ئىششىق پەيدا قىلىش مۇمكىن.
ئالامىتى: ھالسىراش دەم سىقىلىش ھاۋا يېتىشمەسلىك كۆكىرىش، يۈرەك بىئارام بولۇش، پۇت تەدىرىجىي ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەربىلەن بىللە يۆتۈلۈش، دەم سىقىلىش، ئۆپكە كېڭىيىش ۋە چوڭىيىپ كىتىش، قۇۋۇرغا ئارىلىقىلىرى كېڭىيىش، قىزىش، ئۇسساش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقنىڭ ئالامەتلىرىمۇ قۇشۇلۇپ كېلىدۇ، بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەن ۋە ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يەتكەن، پاختا ئاتقۇچىلۇق، خاڭچىلىق، ناۋايلىق قاتارلىق چاڭ ـ توزان، بۇس ـ بۇخاراتلار ئىچىدە ئىشلەيدىغان كىشىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: ئۆپكىنى تازىلاش، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل پەسەيتىش يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، يۈرەكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 16:34:16

مىنىڭ ئاكامنىڭ كېسىلىنى دوختۇرلار تاجىسىمان يۈرەك يوغىناش دەپ دىئاگىنوز قويۇپتىكەن ، يېقىندىن بىرى ھەر ئايدا 10-15 كۈندىن دېگۈدەك داۋالىتىپ كىلىۋاتىمىز ، يۈرىكى يوغىناپ ئۆپكىنى بېسىۋالغان دەپتۇ ، پۇتى بىلەن قورسىقى ھە دېسىلا ئىششىپ بەكلا ئەنسېرتىدۇ ، ئېغىر ھەركەت قىلمايدۇ ، ئادەتتە پىيادە ماڭسىمۇ كېسىلىگە ناچار تەسىرى بار ئىكەن . ھەر كۈنى مانچە ۋاق دورا ئىچمىسە تېخى بولمىغان ... ھەي ... قانداق قىلساق بولار ، ئائىلىدە ئۆزىمىز قوللىنالىغۇدەك ئاددىي ، مەنپەئەتلىك ئۇسۇللار بولغان بولسا بەكلا ياخشى بولاتتى ، يەنە يىمەك - ئىچمەك ۋە باشقا جەھەتلەردە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچەڭلار بولسا كەمىنە پايدىلىنىپ قالغان بولسام ؟ رەھمەت ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 16:55:47

ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بارمىكىن ؟
غەرىپچە تىبابەتتە بىرخىللا تۇرىۋاتىدۇ، يۆتەلگەن ھامان كېسەل ئېغىرلىشىدۇ.ئالامەتلىرى يۇقارقىدەك، 1-2 يىل بولدى قەن كېسىلى قوشىلىۋالدى.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:34:15

يۈرەك مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، نەپەس قىيىنلىقى ئەمگەك قىلغان چاغدا پەيدا بولۇپ ياكى ئېغىرلىشىپ، دەم ئالغان چاغدا پەسىيىدۇ ياكى يېنىكلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئوڭدا ياتقاندا ئېغىرلىشىدۇ، ئولتۇرغاندا يېنىكلەيدۇ. چۈنكى، ئولتۇرغاندا بەدەن بىمار تۆۋەنكى قىسمىنىڭ قىزىل قان )قىزىل قان( تومۇرىدىكى قان ۋە سۇلۇق ئىششىقلاردىكى سۇيۇقلارنىڭ قايتىشى ئازىيىپ، ئۆپكىدە قاننىڭ قېيىپ قېلىش دەرىجىسى يېنىكلىشىدۇ ھەمدە دىئافراگما مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە ئوڭايلىق تۇغۇلۇپ، ئۆپكىنىڭ ھاياتلىق ھەجىمىنى ئاشۇرىدۇ )ئۆپكىنىڭ ھاياتلىق ھەجىمى ئولتۇرغان چاغدا ياتقاندىكىگە سېلىشتۇرغاندا %03 − 01 ئاشىدۇ(. شۇڭا، بىمار دائىم ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
يۈرەك سول دالانچىسىنىڭ خىزمىتى جىددىي بۇزۇلغان چاغلاردا، ئۆپكىدە تېزلىكتە قان قېيىۋالىدۇ − دە، تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىش يۈز بېرىدۇ ھەمدە تولاراق كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا قوزغىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كېچىلىك تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ.
كېچىسى تۇتۇشنىڭ سەۋەبى: ئادەتتە ئۇخلاۋاتقان چاغدا ئاداشقان نېرۋىلارنىڭ قوزغىلىشى زىيادىلىشىپ، تاجىسىمان كۆك قان )شىريان( تومۇرلىرىنى قىسقارتىدۇ − دە، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك ئوڭدا ياتقاندا ئۆپكىنىڭ ھاياتلىق ھەجىمى ئازايغانلىقى ۋە گەۋدە تۆۋەنكى قىسمى قىزىل قان تومۇرلىرىدا قاننىڭ قايتىش مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆپكىدە قان قېيىپ قېلىش ھاسىل بولىدۇ. نەپەس قىيىنلىشىش تۇتقان چاغدا ھەر دائىم بىمارلار ئۇيقۇ ئىچىدە دىمى سىقىلىپ ئۇيغىنىپ كېتىدۇ − دە، ئۆرە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. يېنىك بولسا بىرقانچە مىنۇتقىچە دىمى سىقىلىپ ئاندىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ. دەم سىقىلىش ئېغىر بولغاندا نەپەس يولىدىن چىرقىرىغاندەك ئاۋاز چىقىدۇ، ئادەمنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كېتىدۇ. ئىككى ئۆپكىدە خىرقىراش تاۋۇشى بولىدۇ، يۈرەك سېلىش تېزلىشىدۇ. يۆتەلگەندە قىزغۇچ رەڭلىك پۈۋەكچىلىك بەلغەم كېلىدۇ. بۇ خىل تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىش ئادەتتە »يۈرەك مەنبەلىك زىققا« دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل دەم سىقىلىش يۇقىرى قان بېسىم مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى، تاجىسىمان قىزىل قان تومۇرلىرى قاتقان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:36:16

tayker يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 16:34 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئاكامنىڭ كېسىلىنى دوختۇرلار تاجىسىمان يۈرەك يوغ ...

دوختۇرلار تاجىسىمان يۈرەك يوغىناش دەپ دىئاگىنوز قويۇپتىكەن.
..............................
بۇ كېسەللىكتە ماۋۇ تېۋىپنىڭ خېلى تەجرىبىسى بار

مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومېرى: 13095158415

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:37:42

tayker يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 16:34 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئاكامنىڭ كېسىلىنى دوختۇرلار تاجىسىمان يۈرەك يوغ ...

چىلان

چىلان تەركىبىدە قەنت، ئاقسىل، ماي، كراخمال، كاروتىن، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، ناترىي قاتارلىق ماددىلار ۋە ۋىتامىن E، C كۆپ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ۋىتامىن كۇمىلىچى» دېيىشىدۇ. چىلاننىڭ خۇسۇسىيتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق. چىلان بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كېتىش، قان تومۇر قېتىشىش، مۇسكۇللار قورۇلۇپ قېلىش، قول- پۇت مۇزلاش، چىش ياللۇغى، تۆۋەن قان بېسىم، يۇقۇرى قان بىسىم، نېرۋا ئاجىزلىق، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار چىلان تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:37:49

يۈرەك سانجىقى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتدە داۋالاش


يۈرەك سانجىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەبتىن بۇلىدۇ
(1) تاجىسىمان قان-تۇمۇر قېتىش خارەكتىرلىك يۈرەك سانجىقى:
سول تەرەپ بۇيۇن تەرەپتىن باشلاپ سول قول سىقىراش، كۆكرەك ئالدى ۋە ئارقا تەرەپ پىچاق سانجىلغاندەك بۇلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى رىماتىزىم خارەكتىرلىك بۇلىدۇ.
(2) يۈرەك قان-تۇمۇر تۇسۇلۇشتىن بولغان يۈرەك سانجىقى:
ئېگىزگە ماڭغاندا سەل تېزرەك ماڭغاندا ياكى تويغۇدەك تاماق يېگەندىن كىيىنلا يۈرەك ساھەسىدە ئېچىشىش بىلەن چىڭقىلىپ ئاغرىش پەيدا بۇلىدۇ.
(3) يۈرەك يەللىك سانجىقى:
تۇيۇقسىز يۈرەك، كۆكرەك ئالدىغا پىچاق سانجىش بىلەن تەڭ چىكە قىسمىدا تەرلەش تەڭ پەيدا بۇلىدۇ. يۇقارقىلارغا ئاساسلىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك دورا ئىشلىتىلىدۇ. دورىسى:
(1) مەجۈنى سازەنجى، ئەۋرىشىم بارد، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، قان بېسىمدا يۇقىرى قان بېسىم بىلەن تۆۋەن قان بېسىمدا پەرق تۆۋەن بۇلىدۇ.
(2) مەجۈنى سازەنجى، بادرەنجى بۇيا شەربىتى، ھەببى ئارەنجى، ياكى قان بېسىم ئارىلىقى يىراق بولسا لوغانزىيا بىرىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:40:00

شىپائى قەلىپ ئىچىملىكى ھەققىدە چۇشەنچە
】دورا ئىسمى【شىپائى قەلىپ ئىچىملىكى
】ئاساسلىق تەركىبى 【ئىپار،ئاق سەندەل، ئۇدى ھىندى، بادىرەنجى بۇيا، چۈل يالپۇز يىلتىزى، زاراڭزا چىچىكى، ئەپتىمون، كۇندۇر، قەلەمپۇر، رەيھان قاتارلىق 20 خىل دورىدىن تەركىپ تاپقان.
】شەكلى ۋە خۇسۇسىيتى【بۇ دورا قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭلىك سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ، پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىق، تىلنى قورۇيدۇ.
】تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى【قاننى جانلاندۇرۇپ سۇددىلەرنى ئاچىدۇ. يۈرەكنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك ھەركىتى ئاستىلاش، نېرۋا ئاجىزلىق، سەرئى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
】ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى【كۈنىگە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا ml10 دىن ئىچىلىدۇ.
】ئۆلچىمى 【 ھەربىر ئامپۇلغا ml10 قاچىلىنىدۇ.
】ساقلاش【 ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ، سايە، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
】قاچىلىنىشىml【10 × 10 ئامپول \ قاپ، دورىغا ئىشلىتىلدىغان ئامپولغا قاچىلانغان.
】ئۈنۈملۈك مۇددىتى1【يىل.
】تەستىق نۇمۇرى【شىنجاڭ دورا تەستىق نۇمۇرى 03000121Z
】داۋالاش ئاپىراتى【
خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى
ئادرىسى : خوتەن شەھەر بېيجىڭ غەربى يولى 37- نومۇر.
پوچتا نومۇرى:848000
تېلېفۇن نومۇرى :2511122-0903

تەييارلىغۇچى : دورا ياساش بۆلۇمى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:47:57

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى:
50 گىرام سېرىق پۇرچاقنى تۇزى تەڭشەلگەن سۇدا پىشۇرۇپ، 3-4 كۈن يەپ بەرسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
        تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار ئەرلەر
        تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار ئەرلەر 40 ياشتىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈندە بىر تال ئاسپىرىن يېسە، ئۆمۈرنى بىر ياشتىن توققۇز ياشقىچە ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

توغراق سۈيىنىڭ شىپالىرى
1. پاكىز داكا بىلەن سۈزۈپ تەييارلانغان تۇغراق سۈيىنى ھەر كۈنى ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن 100 مىللى گىرامدىن ئىچىپ بەرسە جاھىل خارەكتىرلىك يۇقۇرى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتدۇ. ئىچىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن تەسىرى كۈرلۈشكە باشلاپ 20-30 كۈندىن كىيىن قان بېسىمنى نورماللاشتۇرىدۇ.
2. يۇقۇرقى دورىنى ئىچىپ بەرسە قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان قان ئايلىنىش توسقۇنلىققا ئۇچىراش، يۈرەك تاجىسىمان ئارتىريىسى قېتىشش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قاتارلىق كىسەلىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
3. يۇقۇرقى ئۇسۇلدا توغراق سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ياكى سۈيى بولمىغاندا ھۆل يۇپۇرماقلىرنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ قازاندا قاينىتىپ، سۈزۈپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە يۇقۇرى قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ.


53 نەپەر بىماردىكى يۈرەك سانجىقى كېسەللىكىنى داۋالاشتىن دوكلات
قىسقىچە مەزمۇنى: مەقسەت: ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ يۈرەك سانجىقى كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈنۈمىنى كۈزىتىش: ئۇسۇل: 53 نەپەر بىماردىكى يۈرەك سانجىقى كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئاساس قىلىپ داۋالاش: نەتىجە: بىمارلار ئىچىدە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولغانلار 29 نەپەر (%51)، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 17 نەپەر (%32)، ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلەر 9 نەپەر (%17)، داۋالاشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى %83: يەكۈن: يۈرەك سانجىقى كېسەللىكىگە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ تاجىسىمان ئارتىرىيىنى كېڭەيتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قىسقا مۇددەتلىك قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، كېسەللىك قوزغىلىش دەۋرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق، قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغانلىقى يەكۈنلەپ چىقىلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يۈرەك سانجىقى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى، داۋالاش.
يۈرەك سانجىقى كېسەللىكى بولسا، تاجىسىمان ئارتىرىيىنىڭ قېتىشىشىدىن ئىبارەت پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنى ئاساس قىلغان، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېننىڭ قىسقا مۇددەتلىك يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان، ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش ياكى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرىنى قوللانمىغاندا، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنى نىكروزلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان، يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىك. شىپاخانىمىز يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە 2005-يىلى 3-ئايدىن 9-ئايغىچە يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغان 53 نەپەر بىمارنى داۋالاپ، بىر قەدەر يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. تۆۋەندە بۇ بىمارلارنى داۋالاش ئۇسۇلى، نەتىجىسى ۋە بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتىمىز.
1. ماتېرىيال ۋە : ئۇسۇل:
1. 1. ئادەتتىكى ماتېرىيال: 53 نەپەر بىمار ئىچىدە جىنسىي ئايرىمىسى جەھەتتە ئەرلەر 33 نەپەر بولۇپ %62نى، ئاياللار 20 نەپەر بولۇپ %38نى ئىگىلەيدۇ: ياش ئايرىمىسى جەھەتتە ئەڭ چوڭى 67 ياش، ئەڭ كىچىكى 38 ياش بولۇپ، ئوتتۇرچە يېشى 52 ياش: مىزاج ئايرىمىسى جەھەتتە سەۋدا مىزاجدىكىلەر 28 نەپەر بولۇپ %53نى، سەپرا مىزاجدىكىلەر 5 نەپەر بولۇپ %9نى، بەلغەم مىزاجدىكىلەر 20 نەپەر بولۇپ %38نى ئىگىلەيدۇ.
2. 1. دىئاگنوز قويۇش: دىئاگنوز قويۇشتا بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى، بىماردا كۆرۈلگەن تىپىك كىلىنىك ئىپادىلەر، ئېلېكتروكاردىئوگىراممىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە باشقا قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاساس قىلىندى.
3. 1. داۋالاش: بالنىستتا داۋالانغان بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى غەرب تېبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقانلار ياكى كېسەللىكى يېڭى بايقالغانلار بولۇپ، بۇ بىمارلارغا ئالدى بىلەن روھىي داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ، كېسەللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدى. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن چەكلەندى. ھاراق-شاراب، تاماكا، كالا، گۆشى، قىيمىلىق ۋە زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن پەرىز قىلىندى، شۇنداقلا بىمارغا ھەر قانداق روھىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىشلاردىن ساقلىنىش تەكىتلەپ تۇرۇلدى.
دورا بىلەن داۋالاشتا، ئالدى بىلەن كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىلدى. شۇنداقلا مۇنزىچ، مۇسھىل دۇرىلارغا بىرلەشتۈرۈپ، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنى مۇھاپىزەت قىلىش، قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاپ، تاجىسىمان ئارتىرىيىنى كېڭەيتىپ، مۇسكۇلنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلدى.
نورمالسىز سەۋدا خلىتىدىن كېلىپ چىققانلىرىغا قارىتا نورماسىز سەۋدا خىلىتى پۇشۇرۇش مەقسىتىدە مۇنزىچ سەۋدا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ml100دىن، 25-51 كۈنگىچە بېرىلدى. قوشۇمچە ئەبرىشىم جەۋھىرى، خېمىر مەرۋايىت قاتارلىق دورىلار بېرىلدى. ماددىنى سۇرۇش ئۈچۈن نورمالسىز سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى قائىدە بويىچە تەييارلىنىپ ئىستېمال قىلدۇرۇلدى.
سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققانلىرىغا قارىتا كېسەللىك ماددىسىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن، مۇنزىچ سەپرا بەش كۈندىن توققۇز كۈنگىچە بېرىلدى. قوشۇمچە قىلىپ بادرەنجى بۇيا شەربىتى، ئەرقى گاۋزىبان، ئەرقى بېدىمىشكى، ئەبرىشىم جەۋھىرى قاتارلىق دورىلار تەرتىپلىك، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلدى. ماددىنى تەنقىيە قىلىش ئۈچۈن خالىس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى تەييارلاپ بېرىلدى.
نورمالسىز بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققانلىرىغا قارىتا مۇنزىچ بەلغىمى توققۇز كۈندىن 15 كۈنگىچە ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىش بىلەن بىرگە، شىپايى قەلب بېرىلدى. خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، خىمىر مەرۋايىت، داۋائىلمىشكى قاتارلىق دورىلار قوشۇمچە ئىشلىتىلدى. تەنقىيە ئۈچۈن خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى ئىستېمال قىلدۇرۇلدى. كېسەللىك جىددىي قورغالغان ۋاقىتتا، تاجىسىمان ئارتىرىيىنىڭ سىپازمىسىنى بوشاتقۇچى غەرب تېبابەت دورىلىرى تىل ئاستىدىن شۈمۈرۈشكە بېرىلىش بىلەن بىرگە، ھەسەلنى گولاپتا يۇغۇرۇپ، يۈرەك ساھەسىگە تېڭىش، ئوكسىگېن پۇرىتىش ھەمدە ئالامەتلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى.
2. نەتىجە:
بىمارلارنى يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولغانلار 27 نەپەر بولۇپ %51نى، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 17 نەپەر بولۇپ %32نى، ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلەر يەتتە نەپەر بولۇپ %17نى ئىگەللەپ، داۋالاشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى %83 گە يەتتى.
3. مۇھاكىمە:
1. مەركۇز كېسەللىككە، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان ئەھۋالدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن باسقۇچلۇق، سىستېمىلىق ھالدا ئىشلەتكەندە كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى، قوزغىلىش ئارقىلىق دەۋرىنى ئۇزارتقىلى، داۋالاشنىڭ ئۈنۈم بېرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
2. يۈرەك سانجىقى كېسەللىكى كۆپىنچە، نورمالسىز سەۋدا ۋە بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ تاجىسىمان ئارتىرىيىسىدە چۆكمىگە چۈشۈپ، قان تومۇردا توسالغۇ پەيدا قىلىشدەك ئۇزاق جەريانلاردىن كېيىنكى تاجىسىمان ئارتىرىيىنىڭ سىپازمىلىنىشىدىن، يۈرەك مۇسكۇلىغا قىسقا مۇددەت قان يېتىشمەي، كۆكرەك سانجىلىپ ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل كېسەللىك ماددىسى بەدەندىن تەقىيە قىلىنىغاندىن كېيىن ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بەرگەندە، بىر تەرەپتىن، كېسەللىك ماددىسى مۇنزىچ، مۇسھىل تەسىرىدە لايىقلىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، بىمارنىڭ ئاغرىق ئازابى يەڭگىللىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ قۇزغىلىش ئارىلىق دەۋىرىنى ئۇزارتىدۇ. شۇنداقلا تاجىسىمان ئارتىرىيىدە چۆكمىگە چۈشكەن نورماسىز خىلىتلارنى تازىلاپ، تاجىسىمان ئارتىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ يۈرەك سانجىقىنىڭ جىددىي قوزغالغان ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تېزلىتىش ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىي دورا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارتىشقا تىرىشىش زۆرۈز.
ئاپتۇرلار: ئىبادەتخان ئاتاۋۇللا، ئابلىز ئابدۇللا، ئابدۇقادىر مەتنىياز

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:48:24

دىئابېت كېسىلى بىلەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى

دىئابېت كېسىلى تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىدەك قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى خەتەرلىك ئامىلمۇ؟

دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىدەك قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. چۈنكى دىئابېت كېسىلى بولسا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئىچكى ئاجراتما ئاجرىتىش خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىش كېسىلى بولۇپ، بۇ كېسەللىك نۇرغۇن ئورگانلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىئابېت كېسىلىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. بولۇپمۇ تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىدەك قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا يۈرەك سانجىقىنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى تىپىك بولماي، ئاغرىمايدىغان يۈرەك تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە توساتتىن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەرەرلىك ھالدا قاندىكى ياغ ۋە قەنت مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشتىن سىرت يۈرەكنىمۇ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:49:47

تاجىسىمان يۇرەك كىسىلى

تاجىسىمان يۇرەك كىسىلى بولسا يۇرەك تاجىسىمان ئارتىرىيە يېپىشقاق، قويۇق ماددىلارنىڭ تومۇر ئۆتكۈنچە يوللىرىنى توسىۋىلىشتىن بولغان بۇلۇپ، تۇۋەندىكى رەسىملەردىن بىلەلەيسىز.


بۇكىسەلدە يۇرەك سىقىلىش، يۇرەك ئالدى رايۇنى تۇتقاقلىق ئاغرىش، يۇرەك رېتىمسىزلىنىش، كۆكرەك ساھەسى ئاغرىش، باش قېيىش، سول قول ئىچكى بىلەك رايونى
يېقىمسىزلىنىش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.



شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قەرەلىك تەكشۇرتۇپ تۇرۇش، زىيادە مايلىق ،تۇزلۇق غىزالانماسلىق، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىپ تۇرۇش، دوختۇردىن مەسلىھەت سۇراپ پىكىرلىشىپ تۇرۇش كىرەك.


جەۋھىرى مۇفەررىھ ئەبرىشىم ئىچىملىكى، مۇفەررىھ ياقۇت ئىچىملىكى، ئەرقى گاۋزىبان، خېمىرى مەرۋايىت قاتارلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش بۇكىسەلنىڭ قوزغىلىشى ۋە
ۋە ئېغىرلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

كىسەل تۇتقان بىمارنى كۆرگەندە بىمارنى قالايمىقان يۆتكەشكە بولمايدۇ.120گە تېلفۇن قىلىپ ،ياردەم تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە 人中پەللىسى بىلەن 内关پەللىسىنى
ئۇۋۇلاپ بىرىش، ئەتراپنى ئۇرىۋالماي ھاۋا ئالمىشىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كىرەك.
-مەنبە-غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى مۇنبىرى-[http://hazibay.com]



hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:50:58

بەدەندە غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى شەكىللەنگەندە،ئۆزىنىڭ قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتى ئارقىلىق خىلىتلارنىڭ قويۇلدۇرۇپ،قاننىڭ ئىقىش سۇرئىتىنى ئاستىلىتىپ،قان تومۇرلارنىڭ تەبىئى نەملىگىنى كىمەيتىپ، ئۆتكۇزۇشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئوڭاي چۆكمىگە چۇشۇش ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بولغان خولىستىرول قان تومۇر دىۋارىغا چۆكمىگە چۇشۇپ،قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ قويىدۇ.نەتىجىدە قان سۇيۇقلىقىنىڭ قان تومۇرغا بىرىدىغان بىسىمى كۇچىيىپ، يۇقىرى قان بىسىم كىسەللىگى كىلىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يۇرەك تاجىسىمان ئارتىرىيە تومۇرىغا ئوخشاش قىلقان تومۇرلار تورى ئاساس بولغان،قان قىيىپ ئۆتىدىغان ئورۇندا ئاسانلا چۆكمىگە چۇشۇپ،تەدرىجى ھالدا تاجىسىمان ئارتىرىيە دىۋارىنىڭ قىلىنلىشىشى ياكى ئوخشاش بولىمغان دەرىجىدىكى توسۇلىشىنى، ئىغىر بولغاندا تاجىسىمان ئارتىرىيىنىڭ بوتقىسىمان قىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ،يۇرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.يۇرەكنىڭ ئۆزىنى يىتەرلىك قان ۋە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەش مەقسەتتە تىخىمۇ كۇچلۇك قىسقىرايدۇ-دە، بىرلىك ۋاقىتتا سىقىپ چىقارغان قان سىغىم مىقدارى ئارتىپ،قان تومۇرلارغا بىرىدىغان بىسىمى يۇقىرىلاپ،يۇقىرى قان بىسىم كىسەللىگى كىلىپ چىقىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:52:37

قىزىل قان تومۇر قېتىشىش
2013-12-08

1.

خاسىڭ مېغىزى ۋە نېپىز پوستىنى مۇۋاپىق مىقداردا يېسە بولىدۇ.
2.

بادام مېغىزىنى 20 تالدىن ئىككى ۋاخ يەپ بەرسە بولىدۇ.
3.

داۋاملىق پىياز يەپ بەرسە بولىدۇ.
4.

ھەسەلنى كۈنىگە بىر-ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر-ئىككى قوشۇق يەپ بەرسە بولىدۇ.
5.

كۆكسۇلتاندىن مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ.
6.

جىغان مېيىنى 15 مىللىلىتىردىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ يەپ بەرسە بولىدۇ.
7.

ھالۋابىدىت يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.
8.

ئاپتاپپەرەس يېغىنى داۋاملىق يەپ بەرسە بولىدۇ.
9.

ھەر كۈنى ئىككى دانە ئالما يەپ بەرسە بولىدۇ.
10.

ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پالەك يەپ بەرسە بولىدۇ.
11.

كۈنىگە ئىككى تال بانان يەپ بەرسە بولىدۇ ياكى باناننى پىشۇرۇپ يۇمشاق يانجىب تالقانلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
12.

ئۇرۇقى ئاجرىتىلغان چىلان ئالتە تال، 30 گرام بۇغداي ئۈندۈرمىسى، 10 گرام قۇرۇتۇلغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى بىرگە قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ.
13.

250 گرام يېڭى سېرىق ماشنى ئاچچىقسۇغا 15 كۈن چىلاپ، كۈنىگە 10 دانە يېيشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
14.

تۆت دانە ياڭاقنىڭ مېغىزىنى ئېزىپ ئازراق پىياز قوشۇپ، سۇس دەملەنگەن چايدا ياڭاق چېيى تەييارلاپ، ھەر كۈنى ناشتىدا يەپ بەرسە بولىدۇ.
15.

ئۆرۈك غورىسىدا مۇراببا ياساپ يەپ بەرسە بولىدۇ.
16.

مۇۋاپىق مىقداردا دولانا يەپ بەرسە ياكى دولانا شېخىنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرك تاجىسىمان قان تومۇر قېتىش، قىزىل قان تومۇرى قېتىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ.

مەنبە:<ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش>2010-يىلى3-ئايلىق6-نەشىرى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:56:18

گازىر ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، راك كېسىلى، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇئەييەن ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.


ئۆي توشقىنىنى بېقىشنىڭ ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىچە :
(1) كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال تەلىپىنى قاندۇرۇىدۇ . توشقان گۆشى يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن مايلىق گۆش تۈرىگە كىرىدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %21 بولۇپ، توخۇ گۆشىگە سېلىشتۇرغاندا %2.4 ، كالا گۆشىگە سېلىشتۇرغاندا %4.5 پىرسەنت يۇقىرى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئاقسىل سۈپىتىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زۆرۆر بولغان ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، لېكىن ماي مىقدارى ئاران %8 بولىدۇ . بۇنى كالا – قوي گۆشىگە سېلىشتۇرغاندا خېلى تۆۋەن . ئۇنىڭدىن باشقا، توشقان گۆشى تەركىبىدە فوسفاتىد مىقدارى يۇقىرى، خولېستىرىن مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ياشانغانلار، قان تۇمۇر قېتىشىش كسدەللىكىگە ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:57:17

خېمىر مەرۋايىت

تەسىرى ۋە ئاساسىي داۋالايدىغىنى: يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ، نىرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. تاجىسىمان ئارتىرىيە قىتىش خاراكتىرلىك يۈرەك كىسىلى، يۈرەك ھەركىتىنىڭ رىتىمسىزلىقى، يۈرەك ھەركىتىنىڭ تىزلىشىپ كىتىشى، يۈرەك سىقىلىشى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە نىرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:00:33

چۈشىدە دائىم بىرسى كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەپ، ۋارقىراي دېسىمۇ ئاۋازى چىقمىسا، يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيەسىگە قان يېتىشمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.


تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆكتات ۋە مېۋە–چېۋىنىڭ رولى چوڭ ئىكەن
   شىنجاڭ گېزىتى 
      ئاۋاتلىقى      
        ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن.
       
            ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ياۋروپا ئەللىرىدىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، سەككىز يېرىم يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتە، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلغانكىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا %22 تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
            تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ ھاللارداتاجىسىمان ئارتېرىيە تارىيىپ قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇ يەنە قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى يۈرەك كېسىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا يۈرەك سانجىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ،ئېغىر بولغاندا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
            تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار پەقەت كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يېشىپ بەرگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى پىرىنسىپنى، يەنى، كۆكتات، مېۋە – چېۋە تەركىبىدىكى قايسى ماددىنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان دېگەندەك مەسىلىلەرنى تېخى ئېنىق چۈشەندۈرۈپبېرەلمەيدىكەن. كۆپ ھاللاردا كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر ساغلام تۇرمۇش ئادىتىگە ئادەتلەنگەن بولغاچقا، باشقا ئامىللارنىڭ بۇ جەرياندىكى رولىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىكەن.
       

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:01:58

       تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ ھاللارداتاجىسىمان ئارتېرىيە تارىيىپ قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇ يەنە قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى يۈرەك كېسىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا يۈرەك سانجىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ،ئېغىر بولغاندا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
            تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار پەقەت كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يېشىپ بەرگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى پىرىنسىپنى، يەنى، كۆكتات، مېۋە – چېۋە تەركىبىدىكى قايسى ماددىنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان دېگەندەك مەسىلىلەرنى تېخى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن. كۆپ ھاللاردا كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر ساغلام تۇرمۇش ئادىتىگە ئادەتلەنگەن بولغاچقا، باشقا ئامىللارنىڭ بۇ جەرياندىكى رولىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىكەن.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:11:47

كۆكتات ، مېۋە–چىۋىنى كۆپ يەپ بەرسە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ
       
         ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدەكۆرسىتىلىشىچە، كۆكتات، مېۋە – چىۋىنى كۆپ يەپ بەرگۈچىلەرنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەتىرى كۆكتات، مېۋە – چىۋىنى ئاز يېگۈچىلەردىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ كۆكتات، مېۋە – چىۋىنى كۆپ يەپ بېرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئامىل بولۇپ قالىدۇ.
            ئەنگلىيە ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتتىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر 19 – يانۋار ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان ‹‹ياۋروپا يۈرەك كېسىلى ئىلمىي ژۇرنىلى››دا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتتە 300 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈردۇق، تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، كۈندىلىك يېمەكلىكىدە كۆكتات، مېۋە – چىۋە مىقدارى سەككىز ئۈلۈشنى ئىگىلەيدىغان كىشىلەرنى كۈندىلىك تامىقىدا كۆكتات، مېۋە – چىۋە مىقدارى ئۈچ ئۈلۈشنى ئىگىلەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەتىرى %22 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بىر ئۈلۈش 80 گىرام كۆكتات، مېۋە – چىۋىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىر تال كىچىكرەك بانان ياكى ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى ئالما ۋە ياكى كىچىكرەك سەۋزىگە باراۋەر.

        · مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:12:53

چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     
        ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى بەزى دۆلەتلەردە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى دۇنيادىكى باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن .
                بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ، بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ يېمەك –ئىچمەك تەركىبىدە زور مىقداردا تويۇنمىغان گىدور كاربون بىلەن ياغ كىسلاتاسى بار ، ئەڭ مۇھىمى زەيتۇن يېغى بىلەن تۈرلۈك بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ يۇقىرىلىقى بولۇپ ، بۇ تەركىبلەرنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ يېمەك–ئىچمىكىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىغانلىقىدا ئىكەن .
       
              بۇنىڭدىن باشقا ، گىرېتسىيەدىكى بىر تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ، بۇ رايوندا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەبىنىڭ ئۇلارنىڭ چۈشتە ئۇخلاشنى ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇرغانلىقىدا دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، يازدا چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغان كىشلەر خىزمەت ۋە ئەمگەكنى پۈتۈنلەي توختىتىپ ، بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئىشلىرىنى يىڭى باشتىن باشلايدىكەن . 
       
       
              مۇتەخەسسىسلەر بۇ رايوندىكى نەچچە ئون مىڭ ساغلام ئادەم بىلەن ئاغرىقلارنى ئىستاتىستىكا قىلغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، ساغلام ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە چۈشتە ئۇخلاش ئادىتىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان . چۈشتە يېرىم سائەت ئۇخلاشنى داۋاملاشتۇرالىسا ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %20 تىن تۆۋەن بولىدىكەن .

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:15:50

يۈرەك سانجىقى
     شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
     
        يۈرەك سانجىقى|心绞痛
       
        يۈرەك سانجىقى دېگىنىمىز، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى جىددىي، ۋاقىتلىق، يېتەرسىز بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆكرەك ئاغرىش ۋە كۆكرەك سىقىلشنى ئاساسلىق ئالامەت قىلغان كلىنىكىلىق يېغىندى ئالامەتتۇر.
        ئادەتتە بۇ كېسەللىك 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ۋە ھەيز توختىغان ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بولسا قاتتىق چارچاش، كەيپىيات جىددىيلىشىش، تاماقنى كۆپ يېيىش، سوغۇق تېگىش، ئۆتكۈر قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
       
        كېسەللىك سەۋەبى: 
       
        1. تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قان تومۇر بوشلۇقىنىڭ تۇراقلىق تارىيىشى. 
       
        2. تاجىسىمان ئارتېرىيە سپازمىلىنىش.
       
        3. رېماتىزملىق تاجىسىمان ئارتېرىيە ياللۇغى. 
       
        4. تۇغما خاراكتېرلىك تاجىسىمان ئارتېرىيە غەيرىيلىكى. 
       
        5. ئائورتا كلاپانى تارىيىش ياكى تولۇق يېپىلماسلىق. 
       
        6. سىفلىسلىق ئائورتا ياللۇغى. 
       
        7. قېلىنلاش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى. 
       
        8. ئېغىر كەم قانلىق، قالقانبەز پائالىيىتى ئېشىپ كېتىش، تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش.
        · مەنبە : شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
بەت: [1]
: ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى