muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 09:39:04

ئىككى نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى سىمىتىرىكسىزلىكلەر

تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى بىلەن كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنى ئوتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20يىلىدا ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان بۇلۇپ ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەىيەسىدە ئاساسلىغى ھەرىكەت مەسلىلىرى  تەھلىل قىلىنسا ، كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە مەيدان ۋە مەيدان بىلەن ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋەت مەسلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە نىسبى ھەرىكەت تىزلىگى يۇرۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تىزلىكىدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ ، كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە ماكان-زامان ئەگىرىلىكى شارائىتىنىڭ خالىغان ۋاقىت-بوشلۇق نوقتىسىدا دائىرىلىك ئىنىرتىسىيالى سېستىمىنى تېپىش مۇمكىن دەپ ھۇكۇم قىلىنىدۇ.
ئۇنداقتا ، دائىرىلىك ئىنىرتىسىيىلىك سېستىمىنىڭ تىزلىگى يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك ، بىراق ، غەيرى نوقتىدا بۇ خىل سىمىتىرىكلىك مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ ئىككى نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى خاس ۋاقىت ، خاس ئۇزۇنلۇق ، ماسسا قاتارلىقلارنىڭ سىمىتىرىكسىزلىكى كىلىپ چىقىدۇ ، بۇ مەسىلە ئوگەنگۇچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۇزىگە تارتىشى كېرەك.

Mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:57:16

كائىناتتا مۇتلەق تىنچ ئىنىرتسىيەلىك سىستېما مەۋجۇت بولمايدۇ،لېكىن نىسپى بولغان ئىنىرتسىيەلىك سىستېما بار، دەپ قارىلىدۇ.مۇشۇ بويىچە بولغاندا نىسپىيەلىك نەزىرىيەسى يەنىلا ئىشەنچىلىك بولىدۇ. تار مەنىدىكى نىسپىيەلىك نەزىرىيەسى ئوخشىمىغان ئېنىرتسىيەلىك سىستېما ئارقىلىق ئوخشىمىغان ۋاقىت، ئوخشىمىغان ئۇزۇنلۇق شۇنداقلا ئوخشىمىغان ماسسىغا ئاساسەن نىسپى ئىنىرتسىيەلىك سىستېمىنىڭ تار مەنىدىكى نىسپىيەلىك نەزىرىيەسى كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان. كەڭ مەنىدىكى نىسپىيەلىك نەزىرىيەسى بولسا تەڭ ئۈنۈملىك پىرىنسىىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بوشلۇقنىڭ ئەگىرىلىكىگە ئاساسەن كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان. مۇشۇنداق بولغان سىممىرىكلسىزلىكىنى تەك ئۈنۈملىك پىرىنسىپى بويىچە چۈشەندۈرگىلى بولارمۇ؟

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:04:26

كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە تەڭ ئۇنۇمدارلىق پىرىنسىپى غەيرى نوقتىدىن باشقا رايۇنلاردا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ، بوشلۇق ئەگىرىلىكىنىڭ خالىغان بىر نوقتىسىدا بىر ئىنىرتىسىيالى سېستىما قۇرۇلىدۇ  دەپ قارىلىدۇ، بۇ رايۇنلاردا تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى مىقتارلار بىلەن كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى مىقتارلار سىمىتىرىك بۇلىدۇ ، مەسلەن خاس ۋاقىت ، نىسبى تىزلىك ، خاس ئۇزۇنلۇق ، ماسسا قاتارلىقلار .
بىراق ، غەيرى نوقتىدا بۇ مىقتارلارنىڭ سىمىتىرىك بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ، سەۋەبى تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە يۇرۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىكنى يوق دەپ قارايدۇ.
بەت: [1]
: ئىككى نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى سىمىتىرىكسىزلىكلەر