hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 09:37:50

دېۋان قارىدىن بىر ھېكمەت (1)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 09:40  

دېۋان قارىدىن بىر ھېكمەت
ئەي شەھباز قۇدۇسىي تاجى بەقا مۇبارەك،
ھەر دەم كېلۇر پىيامى لۇتفى ئەتا مۇبارەك.

سانسىز سالام سالاۋات بىز ئاسى پۇرگۇناھتىن،
مەقبۇل بولسا ئولدەم بىزگە دۇئا مۇبارەك.

ئى ھەزرىتى مۇھەممەد يىغلاپ تېلەرسىز ئۇممەت،
قولغا ئەسا ئېلىپسىز قەددى دۇتاھ مۇبارەك.

ھەق ئەيدى نەھنۇ ئەقرەب، مەن بارچىدىن يېقىنمەن،
ئەي دوست كەل يېقىنراق، قۇربەت ساڭا مۇبارەك.

مازاغە سۈرمەسىدىن كۆزى خۇمارى تاپقان،
ۋەششەمسى يۈزى ئۆزرە سۇمبۇل ساچى مۇبارەك.

ھېچ كەلمەدى مۇنىڭدەك ئۇممەتكە مېھرىبانراق،
ھەر قانچە شۈكرى كەمدۇر بىر مۇيىگە مۇبارەك.

كەئبە يولىدە تۇردى مىسلى يېتىمچىلەردەك،
شايەد مۇيەسسەر ئولسا تەۋفى ماڭا مۇبارەك.

بىر قەترە ئابى چەشمى دەۋزاخ ھىجابى ئەرمىش،
ھەقتىن كېلىپ پىيامى لاتەقنەتۇ مۇبارەك.

بىر زەررە خاكى راھى قارىغا تۇتىيادۇر،
گەر يەتسە بۇ سائادەت قۇلغا بولۇر مۇبارەك.

مەنبەسى: دېۋان قارى ناملىق كىتاب.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 13:16:37

مەنبەسى: دېۋان قارى ناملىق كىتاب.

مۇشۇنداق كىتاب بارمىكەن، قارىغاندا زاماننىڭ كەينىدە قاپتىىز.:funk:

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 16:38:13

matimatika يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 13:16 static/image/common/back.gif
مەنبەسى: دېۋان قارى ناملىق كىتاب.

مۇشۇنداق كىتاب بارمى ...

بەلكىم سىز دېگەندەك كەينىڭىزدە قالغاندىمەن.ئەمما قانۇنلۇق نەشىردىن چىققان بۇ كىتاب ھازىر كىتاب ئىشكابىمنىڭ ئىچىدە ساقلاغلىق. ۋاراقلىرى ئانچە-مۇنچە پۇچۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەينەك ئىچىدىن ماڭا قاراپ، ئىللىق كۈلۈمسىرىگەندەك قىلىپ، بەزىدە كۆز قىسىپ قويۇپ، كۆزۈمنىڭ يېغىنى يەيدۇ-دە، كاساپەت!
چاپاق كۆزۈمنى سۈرتۈۋېتىپ ۋاقتىم چىقسا ئانچە-مۇنچە ۋاراقلاپ قويىمەن شۇ.
كومپىيۇتىردا ئويۇن ئويناپ، ئاتە!- تارتە! چاپە! ياپە! ۋايجان! ۋاييەي! دېگەننىڭ ئورنىغا.....

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 16:46:59

مەزكۇر شېئىردا قۇرئان ئايەتلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئىكەن. تەرجىمە-تەپسىر ئوقۇغان بولسىڭىز بىلەلىشىڭىز مۇمكىن.
يېشىل بوياقتا بەلگە سېلىپ قويدۇم، چۈشىنىپ باقارسىز:


دېۋان قارىدىن بىر ھېكمەت
ئەي شەھباز قۇدۇسىي تاجى بەقا مۇبارەك،
ھەر دەم كېلۇر پىيامى لۇتفى ئەتا مۇبارەك.

سانسىز سالام سالاۋات بىز ئاسى پۇرگۇناھتىن،
مەقبۇل بولسا ئولدەم بىزگە دۇئا مۇبارەك.

ئى ھەزرىتى مۇھەممەد يىغلاپ تېلەرسىز ئۇممەت،
قولغا ئەسا ئېلىپسىز قەددى دۇتاھ مۇبارەك.

ھەق ئەيدى نەھنۇ ئەقرەب، مەن بارچىدىن يېقىنمەن،
ئەي دوست كەل يېقىنراق، قۇربەت ساڭا مۇبارەك.

مازاغە سۈرمەسىدىن كۆزى خۇمارى تاپقان،
ۋەششەمسى يۈزى ئۆزرە سۇمبۇل ساچى مۇبارەك.

ھېچ كەلمەدى مۇنىڭدەك ئۇممەتكە مېھرىبانراق،
ھەر قانچە شۈكرى كەمدۇر بىر مۇيىگە مۇبارەك.

كەئبە يولىدە تۇردى مىسلى يېتىمچىلەردەك،
شايەد مۇيەسسەر ئولسا تەۋفى ماڭا مۇبارەك.

بىر قەترە ئابى چەشمى دەۋزاخ ھىجابى ئەرمىش،
ھەقتىن كېلىپ پىيامى لاتەقنەتۇ مۇبارەك.

بىر زەررە خاكى راھى قارىغا تۇتىيادۇر،
گەر يەتسە بۇ سائادەت قۇلغا بولۇر مۇبارەك.

مەنبەسى: دېۋان قارى ناملىق كىتاب.



matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 13:13:02

hezret2011 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 16:38 static/image/common/back.gif
بەلكىم سىز دېگەندەك كەينىڭىزدە قالغاندىمەن.ئەمما قان ...

ئاپلا ، «قارىغاندا زاماننىڭ كەينىدە قاپتىمىز » دېگەن سۆز « قاپىسز » دەپ بىر «ت » كەم بىسىلىپ قاپتۇ. كۆچۇرسىز.
ئەسلى ئۆزۇمنى دېمەكچى ئىدىم.
راستىمنى ئىيىتسام مىنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرىم بولسىمۇ مەن مۇشۇنداق كىتابنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان، ھەم كۆرۇپ باقمىغان.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 12:50:20

<<دىۋان قارى >>
ئەلبەتتە شېئىر دا ھىكمەت بار ۋە ئەلبەتتە نەسىردە سىھرى –بەلاغەتبار
خۇداغە شۇكرىكىم ،بۇبەلەندە نۇسخە شائىرلارنىڭ ئەۋزىلى موللا مىر مەھمۇد قارى ئىبنى موللا شەمسىددىن  خۇقەندى نىڭ تامام ئەشئار لىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياراملىق سانالغان نۇسخىلىرىدىن تاللىنىپ <دىۋان قارى >ئىسمى بىلەن ئاتالدى .
تاجىر كۈتۈب موللا مىرزا ئەھمەد كېرىم مەرھۇم نىڭ ئوغۇللىرى نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ،تاشكەند فىردەۋس مانەەدە .،.، ئازىيا مەتبە ئە خانەسىدە بىسىلدى .سىراجىدىن
------------------------------------------------
تەھرىر سۆزى
مەزكۇر كىتاپ -<<دىۋان قارى >>شائىرنىڭ ئۆزۋاقتىدىكى  ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى بولغان مىسكىن (موللا قوشاق تاشكەندى) تەخەللۇسلۇق يەنە بىر شائىر تەرپىدىن 1911-يىلى (ھىجرى 1330-يىلى )نەشىرگە تەييارلانغان ،ئەسلىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇرتىل يىزىقى ھالىتىدىن ھازىرقى زامان يىزىق ھالىتىگە ئۆزگەرتىلدى .
<<قارى >>ئىسىملىك بۇمۇ ئەلىپ خوتەنلىك مەشھۇر باي ،
سودىگەر شەمسىدىن قارىنىڭ ئوغلى مەھمۇد قارى بولۇپ ،تەخمىنەن 1830-يىللارنىڭ بىشىدا خوتەندە تۇغۇلغان .بالىق ۋە ياشلىق دەۋرىدە دادىسىنىڭ تەربىسىدە ئۆتۇپ قارى بولغان ، دادىسى بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنىڭ ھەرقايسى بازار لىرىغا بىرىپ سودا ئىشلىرىغا قاتناشقان .دادىسىدىن كېيىن  مۇستەقىل ھاياتىنى باشلاپ ،ئاۋۋال يەركەنىد ،كېيىن قەشقەر ،ئاقسۇ تەرەپلەردە بىرنەچچە مەزگىل تۇرۇپ ، ئاخىرىدا قوقانغا چىقىپ كەتكەن .
<<قوقەندى >> شائىرنىڭ ئاخىرقى ۋەتىنىنىڭ نامىغا مەنسۇپ. شائىر كىچىكىدىن  تارتىپ تالانتىلىق  ئادەم بولۇپ ،ئىلىم ئۆگىنىشكە  قەدەم قويغاندىن  باشلاپ تىل ۋە ئەدەبىياتقا  ناھايىتى زور ئىشتىياق  باغلىغان .پۈتۈن ئۆمرىدە  ئەرەپ . پارىس تىلىرىنى  ۋە  تۈركى تىل  سىستېمىسىدىكى  ھەرقايسى قەۋملەرنىڭ  تىلىرىنى پىششىق  ئىگەللىگەن .
شائىرنىڭ ھەرقايسى ئەل مۇھىتىدىكى ئەدەبىيات ئۇستىلىرىنىڭ غەزەلىىرىگە شۇلارنىڭ ئۆزتىللىرى  بويىچە يازغان مۇخەممەسلىرى  ئۇنىڭ بەركامال تىل ئىگىسى  ئىكەنلىكنى مەلۇم قىلىپ بىرىدو .
شائىرنىڭ بۇكىتاپبىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىزىقىغا  ئېلىنىشى بىرتەرەپتىن شائىرنىڭ  ئەسلى ئانا ۋەتىنىدىكى ئەۋلاتلار نىڭ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىسە ،يەنە  بىر تەرەپتىن ، بۈگۈنكى ئەۋلاد  كىشىلەرنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ كىلاسسىك شىئېرىيەت  ئەنئەسىنى چۈشنىشى ئۈچۈن بولوپمۇ ،  ئارزۇ تىپىدىكى شىئېرلارنىڭ نازۇك بولغان  ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى  بىلىۋېلىش  ۋە  ئۇنىڭدىن ئۆرنەك سۈپىتىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىلمى مەنبە ھازىرلاپ بىرىدو،
(بىسمىللا ھىر رەھمانىر رەھىم )
ئەي ھەمدىڭە تىل ئاچماققە  بۇ قۇلدە كۆپ خەتا ،
يا رەب ئىنا يەت ئىلە بۇ ئا جىزغە قىل ئەتا  .
تەنھالىغىڭغە شۈبھە يوق ھەم قۇدرە تىڭ بىلە ،
بىر ئەمرىلە بۇ جۈملە ئۇ ئالەم بولۇپ بەنا .
ئىزھا ر قۇدرەت ئەتكەلى قىلدىڭ كۆب ئىنسىۇ –جان ،
بەئزەنى دۇشمەن ئەيلەدىڭ، بەئزەنى ئا شىنا .
زاتىڭە  كىم تىل ئاچسە قىلۇر  شىرىك  بىگۇمان ،
ئەجزۇ قۇسۇر بەندەدىن ئۆز گە بارى خەتا .
بەرگى دەرەختۇ سەبزە ئى رۇيى زېمىن ھەمە ،
ۋەھدانىيەت شەھادەتى ئانلەر دە كۆب سەنا .
ھەمدۇ – سەنانى كۆب دەيۇب ئىزھار ئەجىز ئىتۇب ،
ئول ئىنسۇ – جاننىڭ سەيىدى  سەردار ئەنبىيا .
بەرگىل كۇشادلىغ سېنىڭ ھەمدىڭە ئاچسە تىل ،
يا كىم رەسۇلنىڭ نە ئتىگە جان ئەيلە سە  فىدا .
ئىسمىڭ شەرافەتىنى رەسۇلۇڭا كۆرسەتىب ،
دەللال خەير ئەيلىد ىڭ ئەيسا ھىب سا را  .
مىم چەشمە سىدە كۆر سە تىب  ئاب زۇلالىنى ،
كۆب ئاسىلەر نىڭ دەر دىگە قىلدىڭ ئەنى  دەۋا .
ھا دىن ھەقىر لەر گە بەنا ئەيلە دىڭ بۇلاغ  ،
سۈتىدىن تاپار كۇ دۇرەت كۆڭۈل بولۇب سەفا .
رەھمان رىيازىدىن ئا قۇزۇب خەمىر با لە زىز ،
لەب تە شنە لەر نىڭ مىھنەت رەنجىگە دۇر شىفا .
قىل دىڭ رەھىم چەشمەسىدىن جۇيبار ساف ،
بەر دىڭ ئەسەل شەرابىدىن بىھەدۇ مۇنتە ھا .
ھەر مۇيى مىڭ زەبان ئىلە ھەمدۇ – سەنا دېسە ،
بىر زەررە نىئمەتىڭنىڭ ھەققى  بولماغاي ئادا .
ئەي لۇتفى كۆب ئىنا يەتى سانسىز كەرىم سەن ،
بىھەد ئەتا قىلۇر سەنۇ بىزلەردە كۆب خە تا .
قىل شۇستە شۇي راندە ئى دەر گاھ  قىلماغىل ،
ئىسيان يۈكىنىڭ ئاستىدا قارى بولۇپ دۇ تا                                                                           
بەئداز ئادايى ھە مىد قىلاي مىڭ دۇرۇد ئا دا  ،
شايەد مۇيەسسەر ئولسا ماڭا دۇرر مۇددە ئا .
ھەق ئافر ىنىش ئەيلەدى زات شەرىفىنى ،
ئالەم گە رەھمەت ئاسىيۇ –گۈمرەھىغە رەھمەنا .
نۇرى جەھاندىن  ئىلگەرى مەشغۇل زىكرى ئولۇب ،
دەريالەر ئىچرە ئەيلەدى ھەمدۇ – سەنا ئادا .
ئەۋۋەل سۇجۇد ھەزرەت خەللاق ئەيلە گەن ،
ئەۋۋەل نۇر زات پاك تەبىب ئىللەت گۇ نا .
ھەر جۈرئە كەشىدىن ئىلگەرى ئىچتى شەراب ئىشىق ،
فەردا نىيەتكە مەسىت بولۇب شاھ ئەسفىيا  .
رۇز – ئەلە سىت ئەۋۋەل ئىشىتتى نىدايى غەيىب ،
لارەيبە نىڭ نىداسى سۇلتان ئەنبىيا  .
بىر نەچچە لەرنى كەلتۈ رۈب ئەۋۋەل پىادە دەك ،
رۇختاب ئافتاب تۇلۇئ كۆسەتىب زىيا  .
ھېچكىم ئىشتمەگەن ئەيدى خەلقە تنىڭ كو سىنى ،
ئەۋۋەل ئىشىتتى كوشى نىاى جەھان بەنا  .
كەلگەچ جاھانغە تاق راۋاق ئەيلەدى سۇجۇد ،
سىنىدى سەنەمنىڭ باشى بولۇب رۇدلەر بەنا .
چۈن ئافتاب ئالە مۇ – ئادەمغە نۇر بەخىش  ،
بولدى مەگەر بۇخانەئى  زۇلمەتكە  رەۋشەنا  .
ئادەمدىن ئىلگەرى ئەنىڭ نامىن ئىشتتىلەر ،
ئەھمەد دىبان فەلەكدە مەلەكلەر قىلىب دۇئا   .
كۇس نەبۇ ۋە تى سالىب ئا لە مغە غۇ لغۇ لە  ،
يەتتى زېمىن قاف سەما ئەرش تا سەرا   .
ئول مىشكىفام  زۇلفىگە ۋەللەيىل دال ئولۇب  ،
نە ئىت جەما لىن ئەيلە دى ۋەششەمس ۋە ززۇھا  .
جەببار لا يە زال خۇدا ۋەند  با كەرەم   ،
دەر گا ھىدىن تىلەر ئەيدى ئۈممەتنى با رە ھا  .
بولدى نۇجۇم سا ئە نىڭ يانىدە  ئولتۇ رۇب ،
سىددىق ساف دىل ئۆمەر، ئوسمان ،مۇر تە زا  .
رەيھان جەننەت ئەر دى ئىككى نۇر دىدىلەر  ،
سەر دار خانەدان شە ھىدان كەر بە لا .
ئول نۇر زات ھامىد مە ھمۇد  قا رى يا ،
دەر گاھىدىن ئۈمىد قىلىب ئەيلە  ئىلتىجا   .
يارەب بىھەققى تاج ئەرەب شاھ  ئە سفىىيا  ،
،يا رەب بىھەققى مۇئتە مەد جۈملە ئەنفىيا .
بەرگىل كۇشا دلىغ ئەنىڭ نەئتىگە تىل ئاچاي ،
يۈز مىڭ دۇرۇد ھەزرەتىغە ئيلەب ئىلتىجا  .
سەككىز بېھشىت سەيرىنى بىر دا نىگە سا بىت  ،
دۇر دا نە ئالدىدە ئەنى تا كۆردى كەم بەھا  .
مۇشتاق سۆ ھبەتى  بولۇب ئىدرىس ساف دىل ،
مېھمان ھەقنى كۆرگە لى  كەم  بە ھا  .
شەيخ رۇسۇلكى جەبھەسدە نۇرى بار ئۈچۈن  ،
چىقتى بالا نىڭ با شىگە ئا ڭا لە قەب نىجا .
نەمرۇد ئوتى كۆزىگە  بولۇب  باغ ئەن جۈ مەن  ،
خىللەت نىڭ ئەندە لبى گۈلۈ ستا ندە خۇش نە ۋا  .
نۇرى نەسىمى ئەترە  فىشان ئولدى جا نىگە  ،
كۇشدىلىگە كەلدى ئۇ كۈن  زەبھىدىن  نىدا .
يەئقۇبدە نىشا نەئى شەۋق مۇھەببەتى ،
تا شىب تۇتاشتى قامەتى غەم با رىدىن دۇتا .
يۈسۈفكى ھۆسىن بابىدە يەكتايى  ۋەقت ئەيدى ،
تەسلىم ئىتىب ئۆزىنى ئاڭا بولدى پۇر بەھا  .
مۇساكى تۇر ئۈستىدە مىئراج تابتىلەر ،
ئەيسا بەلەند رۇتبە دە يولدە چۈن گەدا  .
شاھ ئالدىدە پىيادە سۈپەت ئۆتتى ياخشىلەر ،
چۈن ئافتاب سەير ئىلە سۇلتان ئەنبىيا  .
مىئراج ئاخشامىدە خۇدادىن تىلەر ئەيدى ،
ئۈممەتلەرى گۇناھىنى كۆب ئەيلە بان دۇ ئا .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 15:32:08

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى شۇ ۋاقىتتىكى ئەدىبلەرنىڭ  ئەدەبى تىلىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ ئاۋام پۇقرا بۇنداق ئەرەب پارسچە گەپلەرنى كۆپ ئىشلەتمەس بولغىيتى ، بۇنىڭغا قارىغاندا ھازىرقى تىلىمىز ساپراق ئىكەن

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 22:25:31

دىلىم غەم، تەن ئەلەم، كۆز نەم، ئەجەب ئەبكارىمەن يارەب،
چۇ بۇلبۇل نالە ئەيلەپ سەيىر ھەر گۇلزارىمەن يارەب،
گىرىپتارى كەمەند زۇلفى بىر ئەييارىمەن يارەب،
تىگى دىۋارە قالغان بىر غىرىپ بىچارىمەن يارەب،
ساڭا قىلماي ئىبادەت نەفسى ئىلە ئاۋارىمەن يارەب.

كەرەمخانىمدىن ئۇمىدىمنى مەھكەم قىلغانىم قىلغان،
تۆكۈپ كۆز ياشىمنى مانەندە شەبنەم قىلغانىم قىلغان،
گىنە -رەنجىگە زىكرىڭ بىرلە مەرھەم قىلغانىم قىلغان،
سېنىڭ بىرلىكىڭگە ئىقرارى تەسدىق قىلغانىم قىلغان،
ھەمە قىلغان ئىشىمنىڭ بارچىسى بىكارىمەن يارەب.

نە تائەت، نە ئىبادەت بەندىلىكتە تەرخە ھەيرانمەن،
قولۇمدا بەرگى سەبزىم يوق ئەجەب شەرمەندە گەريانمەن،
كېتەرمەن بۇ مۇساپىر خانەدىن مانەندە مېھمانمەن،
ئەزىلى قالۇ بەلادە ساڭا يارەب ئەھدى قىلغانمەن،
ۋاپا قىلماۇ بۇ ئەھدىمغە نەچۈك دىن پارەمەن يارەب.

يۈرۈپمەن پۇر خاتا بوينۇم قىسىپ پەزلىڭ سارى باردىم،
خىجالەت ھىجرىغە غەرقاب مەن لۇتفىڭ سارى باردىم،
كىرەم بابى ئوچۇق دەپ خاھى ئېھسانىڭ سارى باردىم،
سېنىڭ ئەمرىڭنى قىلغايمەن ھەمە نەھيىڭ سارى باردىم،
بۇ نەفسى جەھلىمدىن قۇتۇلماي بارىمەن يارەب.

ئاداشقان ئاسى قۇلمەن راست يولغە جۇستىجۇ بەرگىل،
كۆڭۈل كىبرۇ نىجۇتنى كۆتەرىب ياخشى خۇي بەرگىل،
جىرىمە ئەيب نۇقسانىمغە سەترەڭدىن ئەفۇ بەرگىل،
گىنە دەشتىدە قالدىم مەن، ئۆزەڭ سەن ئابرۇي بەرگىل،
ۋەگەرنە سەندىن ئۆزگە كىمگە مەن يالبارىمەن يارەب.

ئىلاھا نۇرى نىسبەتتىن قۇلۇڭنى ئەيلە مۇستەغنى،
تۆكۈپ گەنجىنى كۆڭۈلغە بىر ئەسرارىدىن مەئنى،
مالامەت تىشەسى ھەريان تېگىپ قارىغا ئەل تەئنى،
بۇ مەشرەب لەۋھ قەلبىدە نە قالۇ ھالى بار يەئنى،
سېنىڭكى دەرگىھىڭغە ئەمدى قۇرۇق قول بارىمەن يارەب.

دېۋان قارى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
بەت: [1]
: دېۋان قارىدىن بىر ھېكمەت (1)