NASA: سامان يولى گالاكسىنىڭ ماگنېت مەيدان خەرىتىسى
سامان يولى گالاكسىنىڭ ماگنېت مەيدان خەرىتىسىبىلىمخۇمار
2014-يىلى 15-ماي
بىر گۇرۇپپا ئالىملار يېقىندا ياۋروپانىڭ يەر يۈزىدە تۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرىدىغان «پلانك ئالەم بوشلۇقىنى كۆزۈتۈش تېلېسكوپى» (Planck Space Observatory) دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپىدىن پايدىلىنىپ، سامان يولى گالاكسىنىڭ ماگنېت مەيدان خەرىتىسىنى ياساپ چىقتى. بۇ خەرىتە ھازىرغىچە بەرپا قىلىنغان سامان يولى گالاكسى ماگنېت مەيدانىنىڭ ئەڭ ياخشى خەرىتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سامان يولى گالاكسىنىڭ ماگنېت مەيدانىنىڭ تۈزىلىشىنى توغرا چۈشىنىش يۇلتۇزلارنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغىنىنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
بۇ مەزمۇن فىزىكا كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن بىر مۇھىم خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسۈتىلگىنى بۇ قېتىم ياساپ چىقىلغان خەرىتىدۇر. ئۇنىڭدىكى قاراڭغۇ رايونلار ماگنېت مەيدان قۇتۇپلىنىشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغان رايونلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ خەرىتىدىكى سىزىقلار ماگنېت مەيدان سىزىقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تۆۋەندىكى 2-رەسىمدە كۆرسۈتىلگىنى سامان يولى گالاكسىنىڭ بىر كۆرۈنىشى. ئالىملارنىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئىلمىي مۆلچىرىگە ئاساسلانغاندا، سامان يولى گالاكسىدە تەخمىنەن 200 مىليارد يۇلتۇز بار ئىكەن.
ناسا مەركىزى ج پ ل دىكى مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ ئالىمى چارلىس لاۋرېنس (Charles Lawrence) مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنداق دېگەن: «ئاسماننىڭ شۇنچە كەڭ رايونىغا توغرا كېلىدىغان سامان يولى گالاكسىنىڭ ماگنېت مەيدان خەرىتىلىرىنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ بۇ قېتىم ئېرىشكىنىمىز ئەڭ ياخشىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
پايدىلىنىش ماتەرىيالى ۋە 1-رەسىمنىڭ مەنبەسى:
Milky Way Galaxy's Magnétic 'Fingerprints' Revealed In New Map (IMAGE)
http://www.huffingtonpost.com/2014/05/12/milky-way-magnétic-field-star-formation_n_5309003.html
2-رەسىمنىڭ مەنبەسى:
http://d1jqu7g1y74ds1.cloudfront.net/wp-content/uploads/2010/11/milkyway.jpg
mac os نىڭ ئىكرانىدىكى سامان يولى تەگلىك سۈرىتىگە ئامراق بولۇپ قالدىم.
غەرىپكە ساياھەتتە مىراخورنىڭ سامان يولىدا ئات چاپتۇرىدىغان يىرى بار، ئاپتور 16-ئەسىردە قانداق بىلگەن بولغىيتتى سامان يولىنى. :shutup: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-15 09:37
تۈنۈگۈن تىخى مۇشۇ توغرىسىدا ئالەمنىڭ خەرىتىسىنى سىزىشقا ئائىت بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەن ئىدىم. مۇشۇ رەسىم شۇ.
بۇ توغرىسىدا تىخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بىلمەكچى بولساڭلار تۆۋەندىكى ھۈججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ بىقىڭلار:
خەنچىسى:地平线.宇宙何其大
ئىنگىلىزچىسى:.Horizon.How.Big.is.the.Universe
http://www.ed2000.com/player-430620-5.html ناتسىسىتلار تەتقىق قىلغان «تارتىش كۈچىگە قارشى» (anti gravity) ئىلىكتىر ماگىنىتلىق ئۇچار تەخسىلەرنى ئاۋۇ سامان يولىنىڭ ماگىنىت مەيدانى كۈچلۈك كارىدورغا سلىپ قويسا سامان يولىنىڭ ما بىشىدىن كىرىپ يەنە بىر بىشىدىن چىققۇدەك (فانتازىيەلىك تەسەۋۋۇرلارغا ئاساسلانغاندا) {:101:} kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:01 static/image/common/back.gif
mac os نىڭ ئىكرانىدىكى سامان يولى تەگلىك سۈرىتىگە ئامراق ...
سىزلە ئۆگىزدە ياتمايدىغان مىللەتما؟:lol
ئىككىنچى رەسىمنى ھاۋا ئۇچۇق كۈنلىرىنىڭ ئاخشىمى ئاسماندا كۆرگىلى بولىدۇ. سامان يولى يۇلتۇز سىستىمىسىنى نىمىشقا شۇنداق ئاتايدۇ؟ ئىنگىلىسچە ياكى خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغانمۇ؟ ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 17:23 static/image/common/back.gif
سىزلە ئۆگىزدە ياتمايدىغان مىللەتما؟
ئىككىنچى رەسى ...
ئانداق بۇسا دىققەت قىپ ياتسىڭىزلا بوغىدەك جۇمۇ ئۈكەم
-ماۋۇ پوخۋاشلا كىچىك باللارنى ئەكىتىپ يۈرمىسۈن يەنە kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:01 static/image/common/back.gif
mac os نىڭ ئىكرانىدىكى سامان يولى تەگلىك سۈرىتىگە ئامراق ...
توغرىسى ساما يولى بولۇشى كېرەك ئىدى.
قارىسام ھەممىڭلار سامان يولى دەپ يېزىپسىلەر. سامانيولى دېيىشنىڭمۇ ئاساسى بار. بۇ خىل ئاتاش كېچە ئاسمىنىدىكى روشەن كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلار توپلىرىنىڭ چىقارغان يورۇقلۇقلىرىغا ئاساسەن شۇنداق ئاتالغان.
مەسىلەن سىز ئېتىزلىقتىن ئۆيىڭىزگە قاراپ بىر نەچچە كۈن سامان توشۇغان بولسىڭىز، سىز ماڭغان يولدا چېچىلىپ كەتكەن سامان قالدۇقلىرىنى بايقايسىز.
كېچە ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلارنىڭ تېزىلىشى خۇددى سىز سامان توشۇغان ئاشۇ يولدىكى چېچىلغان سامانغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن شۇنداق-سامان يولى دەپ ئاتالغان. kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:01 static/image/common/back.gif
mac os نىڭ ئىكرانىدىكى سامان يولى تەگلىك سۈرىتىگە ئامراق ...
ئاخشىمى ئاسمانغا قالاپ بىلگەن... ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 17:23 static/image/common/back.gif
سىزلە ئۆگىزدە ياتمايدىغان مىللەتما؟
ئىككىنچى رەسى ...
ئۆگۈزدە بويتاقلار ياتىدۇ يۇلدۇز ساناپ .;P :lol :lol :lol ئالەم ئۇچقۇللىرى سامان يولى بىلەن ماڭامدۇ ياكى خالىغانچە ماڭامدۇ ؟ . uyghurjan0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:41 static/image/common/back.gif
ئۆگۈزدە بويتاقلار ياتىدۇ يۇلدۇز ساناپ .
مەن كىچىك ۋاقتىمىزدىكى پاراڭلارنى قىلغان.
ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۆگزىدە يېتىپ باقماپتىمەن.
ئاتاش سىزگە ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيىدىغان ۋاقتىڭىزدىن باشلاپلا 40 خۇتۇننى ئەپ بەرگەن بولمىغىيدى.......:lol ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 01:25 static/image/common/back.gif
مەن كىچىك ۋاقتىمىزدىكى پاراڭلارنى قىلغان.
ئالىي مەكت ...
:lol چاخچاق شۇنداق كەپقالدى ، بولمىسا بالا ۋاقىتلاردا بىزمۇ ياتقان ئۆگزىدە . :lol
بەت:
[1]