choice يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 16:59:04

ئەڭ ياخشىسى مېنى ئاۋارە قىلماڭ

يېقىندىن بۇيان ئۆز-  ئۆزۈمگە قولىمدىن پەقەت ئىش كەلمەيدىغان،   ئاجىز بولۇمسىز  تۇيۇلىدىغان بوپ قالدىم ، شۇنىسى ئېنىقكى ، ئەمىلىيەتتە بۇ تەن سالامەتلىكىمدە كۈرۈلىۋاتقان مەسىلە بولماستىن بەلكى پىسخىكامدا كۆرۈلگەن غەيرى ئەھۋال ئىدى. ئەسلىدە ئۆزۈمنى بولۇپمۇ ئىچكى دۇنيارىمنى ناھايىتى كۈچلۈك دەپ بىلەتتىم، ئەمما كۆز ئالدىمدىكى بۇ رىئاللىقلار  مېنى   ناھايىتى رەھىمسىزلىك بىلەن ‹‹ ھەي! ئەمدى كاللاڭنى سىلكىۋەت، سەنمۇ شۇنچىلىكلا ئىكەنسەن! ››دەپ  ئەسكەرتىشكە باشلىدى.
يۇرتۇمدىكى نەۋرە سىڭلىم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ لەنجۇۋغا خىزمەت ئىزدىگىلى كەپتۇ، سىڭلىپ كېلە كەلمەيلا  نەۋرە تاغام تېلفۇن قىپتۇ:--: ‹‹ئاڭلىسام ھازىر شەھەردە بەك ئوبدان كۈن كۆرىۋېتىپسىز، تونۇش-بىلىشلىرىڭىزمۇ چوقۇم جىق، بۇنچىلىك ئىشقا قاراپ تۇرماسسىز ھە؟!››
نەق بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىپ خىزمەت ئىزدىدىم، ئاقىۋەتتە نەۋرە سىڭلىم بىر بولسا ئۇنىڭ مائاشى ئازكەن، بۇ جاپالىقكەن دەپ ھىچقايسىسىنى ياراتماي كۈندە  ئۆيگە بېكىنىپ چىققىلى ئۇنىماي تۇرىۋالدى؛ بىر بولسا  پات ئارىدا بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان يوغان قوسىقىمغا قارىماي يۈز تۇرانا ئىمتىھانغا مېنى بىللە بېرىشىپ بېرىڭ  دەپ مېنى خىجىل قىلاتتى   . ئاخىرى  خەقنىڭ تاپا-تەنىلىرى ئىچىدە ساراڭ بوپ قالاي دىدىم، خىزمەت تېپىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ئۇلار بىلمىسە كېرەك. يا  ئوبدانراق ئوقۇش تارىخى يوق يا تەجرىبىسى يوق ئادەمگە ئابرۇيلۇق خىزمەت ئورنى تېپىش  شۇنچە ئاسان ئىشمىدى! بۇلار يەتمىگەندەك تېخى دادام نارازى بولغىلى تۇردى:‹‹ يۇرتتا شۇنداق جىق تۇغقانلىرىڭ بارمىدى سېنىڭ؟ سەن ھىچ ئىشتا ھىچكىمگە مۇھتاج بولمايمەن دىيەلەمسەن؟ مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ بولسىمۇ خەققە بىرەر قېتىم يالۋۇرۇپ باقساڭ نىمە بولىدۇ ھە؟! كېين يۇرتقا قايتمامسەن؟›› بۇ گەپلەر ئالدىدا خىجىللىق ئىلكىدەئۆزۈمنى ئەيىپلەشتىن باشقا گەپمۇ قىلالماي قالدىم.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا نەۋرە يەڭگەم ئۆزىنىڭ ھەرقانچە كۈچىسىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيۋاتقانلىقىنى، مېنىڭ مۇتخەسىسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىمنى سوراپ تېلفۇن قىپتۇ. گەرچە مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغىنىم  بىلەن ئۇنداق مۇتخەسىسلەردىن ھىچبىر تونۇشۇم يوق ئىدى. تولىمۇ ئۇيالغان ھالدا بۇ ئىشنى رەت قىلىپ تۈگىتىپ تۇراتتىم،ئادەمنى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قىيىن ئەھۋالغا قويىدىغان يەنە بىر ئىش چىقتى:ــ بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئوغلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىكەن،خەقتىن بەزى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل  قىلىش تارماقلىرىدا تونۇش بولسا ساننىڭ ئىچىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ دىگەندەك ئەپ قاچتى گەپنى ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ ئوغلى ئىمتىھان بەرگەندە شۇنداق  ئىش بوپتىكەنمىش.
‹‹ سىز دىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،  تونۇشىڭىز يوق بوپ قالامتى شۇنداقمۇ›-دىمەسمۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىم قېيىپ كەتتى، ۋاي ئاللا ،ۋاي دەردىم ئەمدى بۇ ئىشنى قانداق قىلغۇلۇق؟ خەقنىڭ نەزىرىدە مەن بىر ھىچ ئىش كۆرمىگەن  سويما ئوقۇتقۇچى تۇرسام، يە  مەرتىۋەم بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىجەزىم ئەسلىدىلا بۇنداق مۇناسىۋەت تورى باغلاشقا پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان تۇرسا، قانداقسىگە ئاددەتتىكى بىر بالىنى‹985›لىق مەكتەپكە ئۆتكۈزەلەيتىم؟!
كىشىلەر ئېسىل ئادەم ئۆزىنى سورايدۇ دىيىشىدىكەن، بۇ ئىشلاردىن كېيىن غورۇرۇم كىشىلىك قەدىر قىممىتىمنى بىر چەتكە قايتىپ قويۇپ ، ئۆزىمنىڭ تولىمۇ كىچىك  بىر چەمبىرەك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمغا ئىقرار بولدۇم. ئويلىسام بىرقانچە ئادەتتىكى دوستلىرىم بىلەن بېرىش كېلىش قىلغاندىن باشقا ، ئۆزگىلەرنى چىۋىندەك ئەگىپ،ئىستىقبال يولۇم ۋە مۇناسىۋەت تورۇمنى كېڭەيتىشنى ئەزەلدىن ئارزۇ قىلىپمۇ باقماپتىمەن.
چوڭلاردا‹ ئېسىل كىشى ئۆزىنى بىلىپ قازىنىڭ ئالدىغا بارماس›  دەيدىغان گەپ بار، بىراق مەن ئۆزۈمنى بىلىپ يۈرگىنىم بىلەن باشقىلار بۇنى چۈشۈنۈپ يەتمەيدىكەن، بۇنداق ۋاقىتتا چۈشەندۈرۈشمۇ مېنىڭچە بىھاجەت ئىش.
ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈن دادام مېنى يەنە تەنقىدلەپ مۇنداق دىدى:--‹ ئادەم بۇنداق ياشىماسلىقى كېرەك، باشقىلارغا يېلىنىشنى بىلگەندە ئاندىن ئىش بېجىرگىلى بولىدۇ،  بارلىق ئىشلارمۇ   يۈرۈشۈپ تۇرىدۇ، ساڭا  ئوخشاش جاھاندا ئۆزى ياخشى ياشىسىلا قانائەت قىپ ئۆتسە بولامدا؟!. ...›.
بۇ سۆزلەر ماڭا پەقەتلا ياقمىسىمۇ بىراق رەددىيە بېرەلمىدىم. مېنىڭچە بولغاندا ئەگەر بىر كىشى قابىل، ئىقتىدارلىق بولسا ھەرگىزمۇ تۇرمۇشىنى باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ  ئولتۇرماستىن ئەكسىچە ئۆز ھاياتىغا ئۆزى ئىگە بولىشى، ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشى ، باشقىلارنى ئاۋارە قىلماسلىقى، باشقىلارغا يېلىنىپ بېقىنىپ يۈرمەسلىكى كېرەك ئىدىغۇ؟!  ئەپسۇس مەن ئىزچىل چىڭ تۇرغان بۇ كۆز قاراش باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىچارىلىك ھېساپلىنىدىكەن،ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا باشقىلارنىڭ دىگىنى ھىساپ ئوخشايدۇ.  
ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا تولۇقسىز 1-يىللىق سىنىپ ۋاقتىمدا سىنىپ مەسئۇلىمىز ماقالەمنى تەكشۈرۈپ يېزىپ قويغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەسلەپ قالدىم:
نامرات بولساڭمۇ پەزىلەتنى يوقاتمىغىن نەپسىڭ غېمىدە
ساقلىغايسەن پەزىلىتىڭنى مەرتىۋەڭ ھەم پەللىگە يەتكەندە
(تۆۋەندىكىسى ئەسلى خەنچە ماقالىدىكى مېڭزى ئەقىسىنىڭ ئەسلىسى بولۇپ قاپىيە كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىپ بولغىچە خېلى ئىزدەندىم شۇڭا پىكىر بولسا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن خەنچىسىنىمۇ ئەسلى بويىچە كۆچۈرۈپ قويدۇم )
穷则独善其身,达则兼济天下

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 19:47:11

پۈتۈن تەرجىمىمۇ؟ ئويلاپ كەتتىم ئۆز بېشىدىن ئۆتتىمۇ دەپ..

يول دېگەننى ماڭىمەن دەپلا ماڭغىلى بولمايدۇ. پارىخورلۇقنىڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولسا، «ناتۇنۇشلارنىڭكىنى ئالماسلىق»، شۇڭا ماڭسىلا ئىشىك ئېچىلىۋەرمەيدۇ.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:52:29

مۇشۇ بانىدا خېلى يولىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ ھەقاچان، ھەر ئىشنىڭ دەسلىپى بولىدۇ، كۆنۈپ كېتىسىز{:136:}

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 13:36:20

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 19:47 static/image/common/back.gif
پۈتۈن تەرجىمىمۇ؟ ئويلاپ كەتتىم ئۆز بېشىدىن ئۆتتىمۇ دە ...

بۇ پۈتۈن تەرجىمە، ئەگەر باشتىن ئۆتكەن كەچمىش تۇيغۇسى بېرەلىگەن بولسام ، تەرجىمە ماھارىتىمدىن پەخىرلەنسەم بولغىدەك:$ بۇ ماقالىنى دەسلەپ ئوقۇغان ۋاقتىمدىلا   مۇنداق بىر گەپ ئېسىمگە كەپ قالغان ئىدى:‹‹ ئادەم قانچىكى كۆڭۈلچەك بولسا، زىممىسىدىكى يۈكى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ››
تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ۋاقتى بارمۇ يوق، قانچىلىق زېھىن ۋاقىت كېتىدۇ، باشقىلار خالامدۇ يوق، دىگەندەكلار بىلەن پەقەت ھىساپلاشمايلا ئۆز خاھىشى بويىچە ئازراقلا قىيىنچىلىق بولسا ئۆزى كۈچىمەي باشقىلارنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ.مېنىڭچە بولغاندىمۇ ھەركىم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشى، باشقىلارغا ئېغىرىنى سالماسلىقى كېرەك، تۇرمۇش دىگەندە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق غېمى، دەردى، قىلىدىغان ئىشى بولىدۇ، ھەركىمنىڭ ۋاقتى قىممەتلىك، زېنى قۇۋۋىتمۇ قەدىرلىكتۇر،بەزىدە ئادەم تۇرمۇش غېمىدە ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايدىغان ئىشلار بولىدۇ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ چېپىپ يۈرۈش ئادەمگە زىيادە بېسىم ئېپ كېلىدۇ.(بۇ ھەقتە زارلاشلارنى دائىملا ئاڭلاپ تۇرىمەن)ئېغىرراق بولغاندا تۇرمۇشتىن بىزارلىق ھىس قىلدۇرۇپمۇ قويىدۇ.
، كونكرت ئەڭ ئاددى مىساللىرى:نۇرغۇن ئوي تۇتۇپ بالىلىق بولغان ياشلار بار ، خىزمەت ئالدىراش، يېتىشەلمىدىم دەپ بالىلىرىنى چوڭلارغا باققىلى سالىدۇ، دائىم چوڭ ئۆيگە بېرىپ تەييار تاماقنى يەيدۇ، كىچچىكىنە كۆڭۈلسىزلىك بولسا ئىش تاشلاپ يېتىۋالىدۇ، ئۆيدە جىدەللىشىپ قالسا ئۆزى ھەل قىلماي ئاتا ئان ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ئاۋارە قىلىپ ئىشنى يوغانتىدۇ...قارىماققا ئۇششەك ئەرزىمەستەك بىلىنگىنى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ۋاقتىنى زېھنىنى خورىتىپ چارچىتىپ بىزار قىلىپ قويىدۇ... بىر ھىساپتا مەنمۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشتا .  
ئىنكاس يازدىم دەپ ھەجمى كېڭىيىپ كېتىدىغا ئوخشايدۇ، :lol  توختاپ قالاي
خۇلاسە كالام: ھەركىم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلسۇن،!

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 13:36:52

79588010 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 22:52 static/image/common/back.gif
مۇشۇ بانىدا خېلى يولىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ ھەقاچان، ھەر ئ ...

:o :o :o ؟؟؟؟؟؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 14:49:37

ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، يول مېڭىپ ئالى مەكتەپكە كىرگۈزگەن بالا، مەكتەپكە يۈك بولىدۇ.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 16:07:19

بۇنداق ئىشلار باشقا كەلسە..........{:87:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:40:12

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 14:49 static/image/common/back.gif
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، يول مېڭىپ ئالى مەكتەپكە كىرگۈزگ ...

مەكتەپكىلا ئەمەس ئاتا ئانىغىمۇ يۈك بۇلىدۇ

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:43:26

:'({:136:}

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 01:31:46

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 14:49 static/image/common/back.gif
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، يول مېڭىپ ئالى مەكتەپكە كىرگۈزگ ...

ئاپامنىڭ ئىككى ساۋاقدىشى بار. بىرى چەتئەلدە، بىرى داشۆدە ئىدى، چەتئەلدىكىسىنىڭ ئوغلى داشۆدە ئوقۇيتتى، پۈتتۈرمەي تۇرۇپ ئەچىقىپ كەتمەكچى بولدى، شۇ چاغدا داشۆدىكى ساۋاقدىشىنىڭ «ئەچىقىپ كەتكىنى ياخشى بولدى، بەرىبىر ئوقۇيالمىدى، يولىنى بەك جىق مېڭىپ كەتتىم» دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

گۇدلاكنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 14:50:24

دادىڭىزدىن ئاغرىنماڭ ، ئۇ كىشى بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن ھەم نۆۋەتتىكى دۆلەت ۋەزىيتىگە ياخشى ماسلاشقان ، ئىددىيەدە ئازات بولغان زىيالىيلاردەك قىلىدۇ .

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:10:12

tayker يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 14:50 static/image/common/back.gif
دادىڭىزدىن ئاغرىنماڭ ، ئۇ كىشى بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتك ...

دادام  بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇق ئۆتكەن ئەقىللىق مەيدانى مۇستەھكەم كىشى ئىدى، بىراق ئەزەلدىن باشقىلارغا ئىگىلىپ ياشاشنى ، خوشامات ، مۇناسىۋەت تورى تىكلەشنى پەقەتلا ياقتۇرمايتى،

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:19:30

tayker يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 14:50 static/image/common/back.gif
دادىڭىزدىن ئاغرىنماڭ ، ئۇ كىشى بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتك ...

ئىنكاسنىڭ كەينىنى يېزىپ بولغىچىلا كونۇپكا بېسىلىپ كېتىپ ئىنكاس كېتىپ قالدى، تايكىر بۇ يازمىدىكى دادا مېنىڭ دادام ئەمەس، بىراۋلارنىڭ دادىسى ئىكەن،  ئەزەلدىن دادامدىن ئاغىرىنىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن،ئۆمرۈمدە مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان چوڭ بىلىدىغان كىشى دادام ئىدى،ئۇ ئۆمرىدە باشقىلارغا يېلىنماي، بااش ئەگمەي، ئۆز ئىشىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ غورۇرى بىلەن ياشىغان ، ئۆزىنىڭ قەتئىلىگى، غورۇرى ، ئىمان پەزىلىتى بىلەن  ھەممەيلەنگە ئۈلگە تاغدەك يۆلەك بولغان ئىدى،ھەل بولمايدىغان ئىشلارنى خەققە يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ھەل قېلىشنى ئېغىر ئالاتتى. مەنمۇ دادامنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىغان، شۇڭا شۇنداق بوينۇم قاتتىق، ھازىرغىچە  خېلى ئىشلاردىمۇ ‹لىخۇلەن›دەك  باش ئەگمەي كېلىۋاتىمەن.:lol
بۇ بىر تەرجىمە ئەسەر، قارىغاندا ئۆز تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بەرگەن چېغى.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 10:38:07

مەن تېخى بۇ بىر ئەمەلىيەت ئوخشايدۇ ، يۇقارقى دادىنى سىزنىڭ دادىڭىز ئوخشايدۇ دەپتىمەن :lol ، لىكىن ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ قەتئىي ئىرادىلىك ، بىرنى بىر دەيدىغان ئەركەكتەك بىر ئەركەك ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كىيىن تولىمۇ خىجىللىق ھىس قىلدىم ،

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 13:42:36

مەزكۇر ئەسەر ناھايتى ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ. تەرجىماننىڭ ھەقىقەتەن تالانتى بار ئىكەن. مەنمۇ دەسلەپتە ئەسەرنى ئوقۇپ كىتىۋېتىپ ئاپتورنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا يىزىلغان ھىكايە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمما، مۇنۇ جۈملىلەرنى « بۇلار يەتمىگەندەك تېخى دادام نارازى بولغىلى تۇردى:
يۇرتتا شۇنداق جىق تۇغقانلىرىڭ بارمىدى سېنىڭ؟ سەن ھىچ ئىشتا ھىچكىمگە مۇھتاج بولمايمەن دىيەلەمسەن؟ مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ بولسىمۇ خەققە بىرەر قېتىم يالۋۇرۇپ باقساڭ نىمە بولىدۇ ھە؟! كېين يۇرتقا قايتمامسەن؟ » ئوقۇپ كىتىۋېتىپ كاللامدا ئۇيغۇر ئاتىلىرىنىڭ خاراكتىرىگە پەقەت ماس كەلمەيدىغان بۇ دېئالوگنى كۆرۈپ ئازراق غەلىتىلىك ھىس قىلغانتىم. ئىنكاسقا قارىسام تەرجىمە ئەسەر دىيىلگەنىكەن، قەلبىمدە تەرجىماننىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىغا يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 08:16:22

NeXter يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 13:42 static/image/common/back.gif
مەزكۇر ئەسەر ناھايتى ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ. تەرجىما ...

:$ :P تەشەككۈر !

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 17:43:30

ناھايىتى چۈشىنىشلىك،ياخشى تەرجىمە قىپسىز.....

رىئاللىقتىكى ئىشلار ياخشى بايان قىلىنغان ھېكايىكەن......

مېنىمۇ بەزىدە تونۇشلۇرۇم شۇنداق خىجىل قىلىپ تۇرىۋالىدۇ،دەپ كېتىمەن‹‹مەن بىر يەرنىڭ باشلىقى بولمىسام،ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭن ئوقۇتقۇچىسى تۇرسام ››دەپ....

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 18:13:54

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 18:14:09

بەت: [1]
: ئەڭ ياخشىسى مېنى ئاۋارە قىلماڭ