osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 16:29:41

ئۇكرائىنانىڭ دونتىسكىي ۋە لۇخەنسكىي ئۆلكىلىرى مۇستەقىللىقنى جاك...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   osmanuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-14 16:30  

ئۇكرائىنانىڭ دونتىسكىي ۋە لۇخەنسكىي ئۆلكىلىرى مۇستەقىللىقنى جاكارلىدى.
جۇڭگو يېڭى تورى 5 ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى تېلگېراممىسى،روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دونتىسكىي ۋە لۇخەنىسكىي ئۆلىكىسى 12 – چىسلا مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى، ئاۋامغا ئاۋاز قويۇپ بىلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ ئىككى ئۆلكە ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ < مۇستەقىل دۆلەت> بولىدۇ.
روسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە، < دونتىسكى خەلق جۇمھۇرىيتى> ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىرلەشمە رەئىسى دانىس پۇشلىن 12 – چىسلا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ،ئاۋامغا ئاۋاز قويۇپ بىلەت تاشلاش نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، مەزكۇر < خەلق جۇمھۇرىيتى> < مۇستەقىل دۆلەت> كە ئايلىندۇ.
پۇشلىن< دونتىسكى خەلق جۇمھۇرىيتى باياناتنامىسى> نى جاكارلىغاندا مۇنۇلارنى دېدى: < بىز دونتىسكىي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقرالىرى، 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىكى ئاۋامغا ئاۋاز قويۇپ بىلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مۇستەقىللىق باياناتنامىسىغا  ئاساسەن،  تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايمىزكى، بۈگۈندىن باشلاپ، دونتىسكىي خەلق جۇمھۇرىيتى مۇستەقىل بىر دۆلەت. دونتىسكىي خەلق جۇمھۇرىيتى خەلقنىڭ ئارزۇسى شۇنداقلا تارىخى ھەقىقەتتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن، بىز روسىيە فىدراتىپىنىڭ دونتىسكى خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ روسىيەگە قوشۇلۇش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىمىز.
ئوخشاش كۈندە، < لۇخەنىسكىي خەلق جۇمھۇرىيتى> < خەلق ئۆلكە باشلىقى> ۋالىلىي بولوتۇف يىغىلىش ۋاقىتىدا باياناتنامە ئېلان قىلىپ، 5- ئاينىڭ – 11 – كۈنىدىكى ئاۋامغا ئاۋاز قويۇپ بىلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مەزكۇر< جۇمھۇرىيەت> نىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بىر < مۇستەقىل دۆلەت> كە ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دونتىسكىي ۋە لۇخەنىسكىي ئۆلكىلىرى 5 – ئاينىڭ – 11 – كۈنى يەرلىكتە يغىلىش قىلىپ، ئاۋامغا ئاۋاز قويۇپ بىلەت تاشلاش ئېلىپ باردى، بۇ پائالىەتنى فىدراتىپ مەدنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇردى. ئاۋامغا ئاۋاز قويۇپ بىلەت تاشلاشتا پەقەت بىرلا سۇئال بار: سىز دونتىسكىي خەلق جۇمھۇرىيتى ۋە لۇخەنىسكىي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى خالامسىز؟ سىتاستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى رايوندىكى 90% تىن ئارتۇق خەلق مۇستەقىل بولۇشنى قوللايدىكەن.
روسىيە كرېمىل سارىيى ئارخبارات ئىدارىسىنىڭ 12 – چىسلا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، موسكىۋا دونتىسكى ۋە لۇخەنىسكىيدىكى خەلقلەرنىڭ بىلەت تاشلاپ ئارزۇسىنى ئىپادىلەش ئۈمىدىگە ھۆرمەت قىلدىكەن. ئوخشاش ۋاقىتتا بىلەت تاشلاش نەتىجىسى مەدەنىيلىك بىلەن ئىجرا قىلنىدىكەن، ھېچقانداق مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرى ئىلىپ بىرىلمايدىكەن، ئەكىسچە كېيۋ، دونتىسكىي ۋە لۇخەنىسكىي ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىكەن.
دونتىسكىي ۋە لۇخەنىسكىي ئىككى ئۆلكىنىڭ ئاۋامغا ئاۋاز قويۇپ بىلەت تاشلاش ئېلىپ بىرىشىغا قارىتا، ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى تۇرچىنىۇف 12 – چىسلا، قاتتىق ئېتراز بىلدۈرگەن. بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ بىلەت تاشلاش ئېلىپ بىرىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسىي يوقكەن.
مەنبە: لەگلەك تورى www.leglek.com
تەرجىمىدە ئۆزەم.

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:06:33

ئايرىم دۆلەت بولىمىز دەپ تۇرۇپ روسىيەگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغىنىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:35:05

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 20:06 static/image/common/back.gif
ئايرىم دۆلەت بولىمىز دەپ تۇرۇپ روسىيەگە قوشۇلۇشنى تەل ...

دونتىسكىي ۋە لۇخەنسكىيلار ئىككىنجى قىرىم بولماقچى، بۇنداق ئاۋال مۇستەقىل بولىۋىلىپ ئاندىن رۇسىيەگە قوشۇلۇش زىخمۇ كۆيمەيدىغان كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ھىلە.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:42:11

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىينا كىرزىسىغا ئىقتىسادىي جازا بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىشى ، ياۋرۇپا چوڭلىرىنىڭ ئىنرگىيە ۋە سودا-ھەمكارلىقىدا رۇسىيەگە تايىنىپ قىلىشى ۋە رۇسىيەدىن كىلىدىغان مەنپەئەتتىن  ئايرىلىپ قىلىشى بىلەن ئۇچرايدىغان زىياندىن ئىچى ئىچىشىپ ،مەسىلىنى سۆھبەت ئۈستىلىدە ھەل قىلىشقا ئۇرىنىشى   بۇ كىرىزىسزنى ھەل قىلالمىدى  ھەم قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلالمايدۇ.ئوبامانىڭ سۈرىيە مەسلىسىدە قاتتىق قول سىياسەتنى قولانماسلىقىدىن پۇتىن ئوبامانىڭ تومۇرىنى تۇتىۋالدى ۋە ئۇكرائىينا مەسلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئۇتىۋالدى يەنى قىرىمنى قوشىۋالدى. ئوباما مەنچە چوقۇم قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىشى كىرەك. بولمىسا پۇتىن يەنە قىلغۇلىقىنى قىلىدۇ.{:92:}

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:53:20

مۇشۇ كۈنلەردە چېچىنلار ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىسا، تازا پۇرسىتى ئىدى. پۇتىن باستۇراي دېسە سەت، باستۇرماي دېسە، شۇنچە زور بەدەل تۆلەپ ساقلىغان يەر. ئاخىر يۈزىنى داپتەك قىلىپ، ئەسكەر چىقىراتتىدە.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:28:21

رەسىمىنى مەن يوللاپ قوياي !

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:45:17

بوش بولغان بولسا ياقا ياقىدىن سىقىشىپ بولارمىدى بۇۋاققا؟
ئوبامامۇ بىزدەك قوي گۆشىنى جىق يەيدىغان چېغى...يۇۋاش

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:52:09

ئوكرائىنا نەچچە پارچە بوپكىتەمدۇ ئەمدى .{:87:}

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:53:14

pervaz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 21:28 static/image/common/back.gif
رەسىمىنى مەن يوللاپ قوياي !

رەھمەت، مەن رەسىم قىستۇرۇشنى بىلمىدىم.... ئۈگىتىپ قويىدىغانلار... بولسا تەشەككۈر ئېيتاتتىم

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:55:59

مانداق قارىسا جۇڭگونىڭ خەرىتىسىگە ئوخشاپ قالىدىكەن ئۇكرائىنانىڭ خەرىتىسىمۇ............

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:00:50

ئاتالمىش ئاۋازغا قويۇشلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلغاندەك››لا بولىۋاتىدىغۇ، خۇددى ئالدىن پىلانلاپ قويۇلغاندەكلا، نەپسى يامانلار شاخماتتا ئۇتۇپ ئۇرۇق يىگەندەك بىردىن، بىردىن يەپ يالماۋاتىدۇ. تويماي يەۋاتىدۇ ،يىمەي دىسە نەپسى، يەي دىسە خەقلەر ئالىيىۋاتقان،ۋاقتى كەپ قالسا قانداقمۇ قۇساركىن يىگەنلىرىنى، يەنە بەزىلەر يىگەننى قۇسىدىغان ئىش بولارمۇ دەپ غەمدە.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:06:33

tumaq يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 20:53 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كۈنلەردە چېچىنلار ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇ ...

يەنە 10يىلدىن كىيىن شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىپ باققاي، ھازىرچە ھەرىنىڭ كۆنىكىگە ياغاچ تىقماي چىداپ تۇرغاي چىچەنلەر.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:14:15

ئەگەر ئوباما بىلەن پوتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە قوللانغان سىياسىتىگە نۇمۇر قۇيۇش توغرا كەلسە ئوباما يەتتە پوتىن ئۈچ نۇمۇر.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:21:54

patrol يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 22:14 static/image/common/back.gif
ئەگەر ئوباما بىلەن پوتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە قولل ...

دېمەك، پۇتىن رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىنى بۇرۇنقىدىن 20% ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ دېمەكچىمۇ؟ ئەمىسە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، غەربنىڭ ئەمەلىيەتتە پايدا ئالغانلىقىنى كۆرىدىكەنمىزدە؟ قايسى ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ مۇشۇنداق ھۆكۈم قىلالايسىلەر؟ قۇلاق سىلەردە.

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:22:04

RE: ئۇكرائىنانىڭ دونتىسكىي ۋە لۇخەنسكىي ئۆلكىلىرى مۇستەقىللىقنى جاك...

patrol يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 22:14 static/image/common/back.gif
ئەگەر ئوباما بىلەن پوتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە قولل ...

پاترولكا ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭىز بىلەن بۇ ئىنكاسىڭىزنى تەپسىلىي بايان قىلمامسىز ؟

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:27:06

ئەگەر ئامىرىكا-ياۋرۇپا كىرزىسنى ئىقتىسادى بېسىم، سۆھبەت ئۈستىلىدە ھەل قىلىشقا تارتمىسا قۇرال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش تەرىپىنى ئېلىشى كىرەك. بۇ ماھىيەتتە ‹جۇڭگۇ چۈشى›گە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىك. سىلەرچە 100يىلدىن بىرى دۇنيانى ئالقىنىدا چۆرگىلىتىپ كىلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا شۇنچىلىق ئاخماق گۇيلارمۇ...{:101:}

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:32:10

بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئىسمى لۇگانسىك ۋە دونېتسىك ئىكەن (Lugansk and Donetsk).

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:44:01

سۈرىيە تىمىسىغا ئوخشاش مەخسۇس بىر مارافونچە تىما ئېچىپ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ-كۇشادە پىكىرلەشمەكچى بولغان. ئەمما بەزى بىر سەۋەپلەر تۈپەيلى سۆھبەتكە ئوت يېقىپ بولغىلى بولمىدى، بۇ ھەقتە ۋەدىمۇ بەرگەنىدىم. ھەي! خەلقىم سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن{:92:}
مۇنداق بولسۇن، 48سائەت ئىچىدە ئىش باشلاشقا ۋەدە بىرەي، بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا پەرۋەردىگار ئەمىنلىك ۋە سالامەتچىلىك بەرگەي!
...
يەنە بىرگەپ تۇماق پالۋان! نۇرغۇن ئىشلىرىمنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىغا ئىمزايىڭلا سەۋەپچى، بىز سوتقا چۈشۈپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز...{:203:}

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:46:39

پاترول بىر چۇشەنچە بەرسىەڭلا بوپتىكەن، بۇ ئوكرائىنانىڭ ئىككى ئولكىسىدىكى ھوكۇمەت ،ھەربى ھوقوق ، ئاخپارات ھەممە ھوقوقلا ئوكرائىنىيە ھوكۇمىتىنىڭ قولىدا تۇرسا ، قاندا بولۇپ ئۇ ئولكىلە ئوز ئالدىغا مۇستەقىللىقلىقنى جاكارلىيالايدۇ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:55:40

ئەسىرلەر بويىچە دۇنيانى چۆرگىلەتكەنلەر  شاھمات تاختىسىدا چوقۇم توغرا ماڭىدۇ دىسەك ئوسمانىيلار، رىم ...لار ھازىرغىچە مەۋۇجۇت بولۇپ تۇراتتى. ئەجىبا ئۇلار ئەخمەقمىدۇ؟
شەرقىي ئۇكرائىينادىكى بۆلگۈنچىلەرنى رۇسلار قوللىمىسا ئۇلاردىكى ئۇكرائىينا ئارمىيسى بويسۇندۇرالمايۋاتقان قۇرال-ياراق ۋە ماسكىلىق ئەسكەرلەر نەدىن كەلدى؟ رۇس ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە ك ج ب نىڭ ياردىمىسىز ‹ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ چىققان› پۇقرالار قانداقمۇ مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن تەڭدە -تەڭ جەڭ قىلالايدۇ؟ رۇسلار ھەربىي ۋە قۇرال ياراق ياردەملىرىنى قەتئىي ئىتراپ قىلمىدى، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇكرائىيناغا س ئاي ئەي بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنى ئۇكرانچە ياساندۇرۇپ كىرگۈزسە نىمىشقا بولمايدۇ؟ ئىقتىسادىي ياردەملا قىلماي يەنە ھەربىي ياردەم قىلىشى كىرەك. پۇتىن قورقماي كىيىۋغا ئەسكەر كىرگۈزەلەمدۇ؟  پۇتىن ئۇ قىزىل رايۇندىن ھالقىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.{:101:}  ئۇزاق مۇددەتلىك غەلبىنى ھىساپقا ئالغاندا، رۇسلار ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ، يىقىن مۇددەتلىك غەلبىنى ئويلاشقاندا ، روسلار ئىككىلىنىپ قالىدۇ، ھىچ بولمىغاندا قىرىم، لۇگانسىك ۋە دونېتسىكلار تىخىچە كىيىۋنىڭ كونتىرۇللىقدا تۇرىشى مۇمكىن ئىدى.
پۇتىن ۋە ئوباماغا قانداق نومۇر قويىۋىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئوباما  بۇ قېتىم پۇتىنغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ۋە قويىۋاتىدۇ.{:101:}  
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئۇكرائىنانىڭ دونتىسكىي ۋە لۇخەنسكىي ئۆلكىلىرى مۇستەقىللىقنى جاك...