شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كۆپ تىللىق خەرىتىسى
بۇ فرانسىيە ئاكادىمىيەسىدە ئىشلەيدىغان يالقۇن ئاكىمىزنىڭ چىقارغان كۆپ تىللىق ئاتلاس(خەرىتە) تور بىتى، بۇنداق ئېنىق بولغان يۇرتىمىزنىڭ خەرىتىسى ھازىرغىچە يوق ئىدى، مانا بۇمۇ بارلىققا كەلدى. كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !تور ئادرىسى : Http://makanmap-prodig.cnrs.fr
مەنبە : Facebook
قارىسام خەرىتە بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ. ناھىيە-يېزىلارغىچە بولغان يەرلەرنىڭ ئىسىملىرى تولۇق . ۋە ئۆلچەملىك يېزىلغان ئىكەن. شۇڭا باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى . مەنمۇ بايا كۆردۈم
يەرجاي ناملىرىنى CAT ئارقىلىقلا تەرجىمە قىلغان ئوخشايدۇ، بۇنداق بولغاندا تېز ۋە سۈپەتلىك چىقىدۇ.
خۇشاللىنارلىق ئىش
بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە تەشەككۈر تەكرار يوللنۇپ قالدىمۇ قانداق ؟
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58384#lastpost مەن يازسام ئۆچۈرلۈپ ، ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئىلان قىلىنىپتۇ ،رەھمەت :{:92:}{:92:}{:92:} CAT دىگەن لوغەتمۇ؟ ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 16:28 static/image/common/back.gif
CAT دىگەن لوغەتمۇ؟
CAT دىگىنىمىز "Computer Aided Translation"نىڭ قىسقارتىلمىسى، يەنى كومپىيۇتىر ياردىمىدا تەرجىمە قىلىش دىگەن مەنىدە. بۇ بىر خىل تەرجىمە ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئۈنۈملۈك تەرجىمە قىلىش پىروگىراممىسى ئىكەن. تەكشۈرۈپ باقسام بەلەن ئوقەتكەن، پانسات، بۇنى بىر تونۇشتۇرۇپ تىما يىزىپ قويساڭلار بولغۇدەك. @pansat ھىم...ياخشى خەرىتە چىقىپتۇ مانا ئوبدان قاراي بىزنىڭ كەنت توغرا ئېلىندىمۇ يوق ، بەيدۇ ، گوگلى خەرىتىلىرىدە بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئورنىدىكى ئىسىم خاتا ، شۇنىڭدىن قارىغاندا مەن بىلمەيدىغان يەرلەردە جىق خاتالىقلار بارمىكىن دەيمەن ...
ئۈستىدىكى خەتنى ئېتىۋارغا ئالمىغاندا يەر ، تۈزۈلۈشى ، يول قاتارلىقلاردا خاتالىق بايقىغلىلى بولمايدۇ .... پىكىر تەلەپلىرىڭلار بولسا يەتكۈزۈپ قويساق بولىدۇ ، بۇنداق زور تىرىشچانلىق ، كۈچ كىتىدىغان تەتقىقاتلاردا ھەر خىل چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن ئانداق - مۇنداق مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى تۇرغان گەپ . يالقۇنجانغا بارىكاللا {:112:} كۆپچىلىكنىڭ يەر ناملىرىدىن ئۇيغۇرچە خاتا ئاتالغانلىرىغا ئاپتورغا تەكلىپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن بىر چاغدا خەنزۇچە ئۇقمايدىغان بىر قوشنىمىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەپسىلى خەرىتىسىنى بەك ئىزدەتكۈزگەن، بۇرۇن بىر كىتاپچە باردەك قىلغان كېيىن زادىلا تاپالمىدۇق. مانا ئەمدى بۇ چىقىپتۇ، ئېسىلكەن.
زادى بىر ئانا تىلدىكى خەرىتە مۇھىمكەن خەرىتە ياخشى چىقىپتۇ {:112:}، نۇرغۇن ئەمگەكنىڭ سىڭگىنى ئېنىق.
ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار.
ئارلىق ، يەر كۆلىمىنى ئۆلچەش ، يەنە بولسا يول باشلاش ...قاتارلىق ئىقتىدارلىرى قېتىلغان بولسا تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى. ئەگەر تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلىپ، ئەمگەك كۈچى لازىم بولسا ... يوقمۇ ئەمەس{:87:} ئالامەت ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بوپتۇ، قېرىندىشىمىز يالقۇن تاش ئەپەندىگە رەھمەت، بارلىق قېرىنداشلار ئۆزئارا تارقىتىپ قويايلى، پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقۇرىكەن
بەت:
[1]