ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 23:47:19

ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىمتاھانىدىن ياردەم سۇرايمەن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىزدىنىش ئەھلى!كەمىنە بىلىمگە ئىشتىياقىم زور بار بىر بالىمەن،ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆز ۋاقتىدا،ئۇقۇشنى داۋام ئىتەلمىگەنىدىم،كىيىن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ،بىر تەرەپتىن ئۈگىنىپ،ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانىغا قاتناشقانتىم.......مانا ھازىرغىچە بارلىق ئىمتاھانلاردىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتكەنىدىم.قاتناشقان ئىمتاھانىم بولسا ئىنگىلىزتىلى ئىدى.ھازىرقى تۇرار جايىم خوتەن قاراقاش.....ئالدىنقى يىلى بۇ ئىمتاھاننىڭ ئاخىرى بولغان ئاڭلاش ۋە سۆزلەشتىن بەرگەنىدىم،ئاڭلاشتىن ئۈتۈپ،سۆزلەشتىن ئۈتەلمىدىم.ماتىرىيالنىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر كۇرۇۋاتىمەن....بىراق ھازىرقى تۇرار جايىمدا ئېغىز تىلىمنى ياخشىلايدىغان شارائىت يوق بولغانلىقى ئۈچۈن،كاللام قاتتى....چۈنكى بۇ ئىمتاھان يىلدا بىر قېتىم ئېلىنغاچقا بىر يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىدۇ....مۇشۇ بىر پەندىن ئۈتۈپ كەتسەم،ئالىي تېخنىكوم دىپلومىغا ئىرىشەتتىم - دە كىيىنكى داۋاملىق ئۇقۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشاتتى،چۈنكى مىنىڭ داۋاملىق ئۇقۇپ،ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇش مەقسىتىم بارئىدى...ھازىر بۇ ئىمتاھانغا تىزىملاش باشلاندى،مۇشۇ يىل 7-ئاينىڭ ئىككىنجى ھەپتە ئاخىرى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئىمتاھان بىرىمەن..شۇڭا كەڭ قەدىردانلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ،قانداق قىلسام بۇ ئىمتاھاندىن ئۇڭۇشلۇق ئۈتەلەيمەن؟مۇشۇ ھەقتە سەمىمىي پىكىرلىرى بولسا مەندىن ئايىماسلىقىنى سۇرايمەن.......ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 11:50:54

:'(:'(:'(ھېچكىم ھېچنىمە دىمەپتىغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:30:52

2014-يىلىدىن باشلاپ 1-ئايلىق ۋە 7-ئايلىق ئىمتاھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتتىغۇ؟ سىز قانداق تىزىملاتتىڭىز؟ :o

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:43:53

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 12:30 static/image/common/back.gif
2014-يىلىدىن باشلاپ 1-ئايلىق ۋە 7-ئايلىق ئىمتاھاننى ئەمەل ...

تىل كەسىپلىرىنىڭ ماقالە ئوقۇيدىغان ۋاقتىدا ئېغىزتىلىدىن ئالىدىغان ئىمتىھانلىرى بار، يىلدا بىرلا قېتىم ئېلىنىدۇ

tasawwur138 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:00:18

كۆرسىتەي   ماڭا چ چ دا ئۇئۇچۇر يوللاڭ ، 247868217سىزگە يول كۆرسىتەي

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:15:48

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 12:30 static/image/common/back.gif
2014-يىلىدىن باشلاپ 1-ئايلىق ۋە 7-ئايلىق ئىمتاھاننى ئەمەل ...

ئۇنداق ئەمەستۇ......ئەينا شۇ دەرۋازا تۈۋىدىكى مەخسۇس ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئىشخانىسىدىن تىزىملاتقان

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:20:51

ئىنگىلزچە تىكىست يادىلاپ بىرىڭ ، ئوقۇغۇچى بالىلاردىن تونۇشىڭىز بولسا سۇرۇشتۇرۇپ بىقىڭ، سوزلەشنىڭ پايدىلنىش ماتىريالى بار .

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:21:18

tasawwur138 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 14:00 static/image/common/back.gif
كۆرسىتەي   ماڭا چ چ دا ئۇئۇچۇر يوللاڭ ، 247868217سىزگە يول ك ...

رەھمەت سىزگە

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:25:33

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 14:20 static/image/common/back.gif
ئىنگىلزچە تىكىست يادىلاپ بىرىڭ ، ئوقۇغۇچى بالىلاردىن  ...

مەنغۇ ئاز پاز يادلاۋاتىمەن،بىراق ئۇنىمىگە ئويلىمىغان نەرسىلەر چۈشۈدىكەن ئەمەسمۇ...ئۇقۇغۇچى باللا يوقتى

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:33:36

tasawwur138 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 14:00 static/image/common/back.gif
كۆرسىتەي   ماڭا چ چ دا ئۇئۇچۇر يوللاڭ ، 247868217سىزگە يول ك ...

سىزگە خەت يازدىم جاۋاب يوق........تىزرەك ئۇچۇر قايتۇرغان بولسىڭىز!!!!:(

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:48:44

1.مەيلى ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى بولسۇن مەيلى توفئەل، ئايىلتىسقا ئوخشاش ئىغىزتىلى بار ئىمتاھانلار بولسۇن ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش خىل تىمىنى چۆرىدەپ سۇئال چىقىدۇ، يەنى مەكتەپ ھاياتى، مۇھىت، پەن-تىخنىكا،  كۆڭۈل-ئىچىش‹كىنو، تىلىۋىزىيە، ناخشا...دىگەندەك› ۋە ساياھەت. بۇلار بىلەن باغلىنشچانلىقى بولمىغان سۇئاللار ئاساسەن چىقمايدۇ. مەنچە مۇشۇ بەش تىمىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە تۈسىنى ئالغان ‹دىيالوگ شەكىلدىكى› تىكىستلەرنى يادلاپ بىرىڭ. بۇنداق ماقالىلەر توپلىمى كۆپ، مەن بىر كىتاب  تەۋسىيە قىلاي:
خەنچە نامى: 情景美国口语
ئىنگىلىزچە نامى :Situational American  English
بۇ كىتابدا تەخمىنەن 50چە دەرس بار. بۇنىڭدىكى ھەر بىر دەرسنىڭ dialogue،  discussion، debate قاتارلىق قىسىمى بار. مەنچە ئالدىنقى dialogue،  discussion ئىككى قىسمىنى يادىلاپ ئۈچىنجىسى debate قىسمىنى يادلىماڭ. 7-ئايغىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يادىلاڭ.
2.سۆزلەش ئۈچۈن ئاڭلاش مۇھىم، شۇڭا بۇ كىتابنىڭ ئاڭلاش ماتېريالىمۇ بار. يادلىغىنىڭىزنى ئاڭلايسىز. كۈندە ئاڭلاپ بىرىڭ مەنچە ھەر بەش دەرسنى بىر بۆلەك قىلىپ ھەپتىدىن ئاڭلاڭ، ئىككىنجى ھەپتە كىيىنكى بەش دەرسنى بىراقلا ئاڭلاڭ.
3. سۆزلەپ مەشىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، ئامال بار بىر شىرىك ئۈگەنگۈچى تىپىپ سۆزلىشىپ بىرىڭ، تاپالمىسىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ تىكىست ئوقۇپ بىرىڭ.
ئىنشائاللاھ ئۆتۈپ كىتىسىز.

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:56:38

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 14:48 static/image/common/back.gif
1.مەيلى ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى بولسۇن مەيل ...

بۇمۇ ئۇبدان چارىكەن....رەھمەت سىزگە:D

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:32:06

    تۇلۇق كۇرس دىپلومىنىمۇ ئۆزلۈگىدىن ئۆگىنىپ ئالماقچى بولسىڭىز، مەخسۇس كۇرس دىپلومى ئالماستا تىزىملىتىشنى باشلىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ ، تۇلۇق كۇرس دىپلومى ئېلىشىتىن بۇرۇن مەخسۇس كۇرس دىپلومى قولغا تەگسە بۇلىدۇ ...
     مەخسۇس كۇرستىن بىۋاستە ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇماقچى بولسىڭىز باشقا تورداشلارنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە تىرىشىپ بىرىڭ
بەت: [1]
: ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىمتاھانىدىن ياردەم سۇرايمەن!