waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 18:18:49

غالىبلار سەھنىسى شۇنچە ئىگىزمۇ؟

                                      ئەسلىمە
  2009-يىلى 3-ماي شىنجاڭ گۇاڭخۇي « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى تارىخىدا تۈنجى قىتىم CBA ( جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى ) نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشكەن ئىدى، شۇ قىتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە جەريانىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى ئەمىلى كۈچ ۋە مۇسابىقە تەجىربىسىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئومۇمى نۇمۇردا تۆتكە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىنجاڭ كوماندىسى شۇ يىللىق مۇسابىقىدە چىمپىيۇنلۇق شەرىپىگە ئىرىشەلمىگەن بۇلسىمۇ، مەملىكەتلىك ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول كەسپىي مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجە ماھارەت تەنتەربىيەسىدە ئاجىز ھىساپلىنىدىغان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنىلا كاتتا نەتىجە ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ گۇاڭخۇي « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى جۇڭگۇ ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئەمىلى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
بىر يىلدىن كىيىن، كۈنسايىن پىشىپ يىتىلىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى ئەمىلى كۈچىنى يەنە نامايەن قىلىپ، CBA نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قايتا كىردى، بىراق بۇ قىتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئالدىنقى يىلدىكىگە ئوخشاش تۆتكە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ، شىنجاڭ ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنى ئارماندا قالدۇردى. ئۇدا ئىككى نۆۋەت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا مەغلۇپ بولغان شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، نوقۇل ھالدا ئەمەلىي كۈچ ۋە تاكتىكا ماھارىتى بولسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقنى تونۇپ يەتتى. ئىككى قېتىملىق ساۋاق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىقتىدارلىق ماھىرلارنى قېزىش ۋە تەربىيەلەش، مەشىق ئەستىھەلىرى ۋە شارائىتىنى ياخشىلاش، ماھىرلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ياخشى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەستائىدىل ئىزدىنىپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن CBA نىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولدى.
  2010-2011 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىشلىگەن بىر قاتار خىزمەتلىرى ئۈنۈم بىرىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، دائىملىق مۇسابىقە جەريانىدا 34 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 33 مەيدانىدا ئۇتۇش، پەقەت بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن دائىملىق مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەردانە قەدەم بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا ئەمىلىي كۈچ ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولغان شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ھالقىلىق پەيتتىكى پاسسىپ ئىپادىسى سەۋەبىدىن يەنە كونا رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا تۆتكە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چىمپىيۇنلۇق تەختىگە چىقالمىغانلىق شىنجاڭ كوماندىسى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ۋاسكېتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان رېئاللىق ئىدى.  « ئۇچار يۇلۋاس » ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقۇرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بۇ قىتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كىيىن كوماندىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، « ئۇچار يۇلۋاس » نىڭ بەش يىللىق پىلان لايىھەسىنى تۈزۈپ ھەقىقى بىر چىمپىيۇن كوماندا قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئوتتۇرغا قويدى.
  2013-2014 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئىككى يىللىق تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەشتىن كىيىن باتۇر، شۈگوچۇڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشتا چوڭ ماھىرلار بىلەن بولغان توختامنى توختىتىپ، كوماندىنىڭ ئەنئەنىۋى توپ ئويناش تاكتىكىسىدا ئۆزگىرىش ياسىدى. شىرئەلىجان، قىرانبېك قاتارلىق 1990-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ياش ماھىرلار ئاساسلىق ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە سەپلىرىدىن ئورۇن ئالدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم مەشقاۋۇلى جاڭ شىنچۈەننىڭ تەكلىپى بۇيىچە، لىياۋنىڭلىق ياش مەشقاۋۇل سۈي ۋەنجۈننى باش مەشقاۋۇللۇققا تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە يېپيېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىققان « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى ھاياتى كۈچىنى قايتا نامايەن قىلىپ، بۇ يىللىق جۇڭگۇ ئەرلەر كەسپى ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قايتا كىردى. بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەت-ئىچى سىرتىدىكى تەنتەربىيە تەھلىلچىلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىردەك شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلى كۈچىنىڭ بېيجىڭ كوماندىسىنىڭكىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىگىنى قەيت قىلىپ، « شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۈنجى چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ » دەپ پەرەز قىلىشقانىدى. « ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا تۇغرا كەلمەپتۇ » دىگەندەك بۇ قېتىملىق نەتىجىمۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇيلىغىنىدەك بولماي، شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا تۆتكە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، تۆتىنچى قېتىم CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولۇپ قالدى.
          « ئۇچار يۇلۋاس » قانداق تۇغۇلدى؟   
  1999-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيەسى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. شۇ يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كەسپىي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى « شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى » نى قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ « ئۈچ چوڭ توپ » تۈرىدە دۆلەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىسى يوق بولش تارىخىغا خاتىمە بىرىلدى. 2000-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ  « ئۇچار يۇلۋاس » كۇلۇبى جۇڭگۇ كەسپىي ۋاسكېتبول ساھەسىگە قاراپ رەسمىي قەدەم ئالدى.  جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە، ئەنگە ئېلىنغان كەسپىي كۇلۇپلار چوقۇم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدىن باشلاپ مۇسابىقىلىشىپ تەدىرىجىي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر قاتلىمىغا ئۆرلەيتتى.  2000-يىلى شىنجاڭ  « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى ئەمىلىي كۈچىگە تايىنىپ جۇڭگۇ كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ 3-دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلىپ چېمپىيۇنلۇق سالاھىيىتى بىلەن بىر دەرىجە يۇقۇرى بىرلەشمىگە ئۆرلىدى. 2001-يىلى 2-دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئىچىدىمۇ چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى. 2002-يىلى مەملىكەت بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن « يىزا ئىگىلىك بانكىسى لوڭقىسى » نى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالى سەھنىسى بولغان CBA گە قاتنىشىش شەرىپىگە نائىل بولدى. CBA بىرلەشمىسىگە قاتناشقان دەسلەپكى ئىككى يىلدا بىرلەشمىدىكى 16 كوماندا ئىچىدە، ئۇدا بەشىنچىلىككە ئېرىشىپ شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى مەملىكەتلىك ئەڭ يۇقۇرى سەھنىدە نامايەن قىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كوماندىسى قەيسىرانە روھ ۋە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە « ئۇچار يۇلۋاس » ئۇسلۇبى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇشقا باشلىدى.
        ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا ئېلىش كىرەك
  كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ CBA سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالى نىشانى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىنىغا 12 يىل بولدى، بۇ 12 يىل جەريانىدا « ئۇچار يۇلۋاس » ئاستا-ئاستا يىتىلىپ بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ۋاسكېتبول كوماندىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ھازىرغىچە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەرخىل كۇلۇپ كوماندىلىرى بىلەن 400 مەيدانغا يىقىن مۇسابىقىلەشتى. بۇ جەرياندا مەملىكىتىمىزدىكى گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، لىياۋنىڭ كوماندىلىرى قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن بولغان CBA مۇسابىقىلىرىدە ۋە قوشنا ئەللەردىكى داڭلىق كۇلۇپ كوماندىلىرى بىلەن بولغان دوسلۇق مۇسابىقىلىرىدە قارشى تەرەپنى يۇقۇرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇتۇپ، ئۈرۈمچى « قىزىلتاغ » تەنتەربىيە سارىيىنى تالاي قىتىم لەرزىگە سالدى.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالتە يىل جەريانىدا تۆت قىتىم CBA بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ تۇرغان ئەھۋالدا قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۇپ قويىشى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلار ۋە تەنتەربىيە تەھلىلچىلىرىنىڭ قىزىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلاندى. ھازىرقى زامان ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق « ئۇچار يۇلۋاس » ۋە ئۇنىڭ مەستانىلىرىگە ئاچچىق ساۋاقلارنى قالدۇردى. شىنجاڭ  « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسىنىڭ ئۇدا تۆت قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيۇن بولالماسلىقدىكى سەۋەپ زادى نېمە؟ جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلقىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپى بولغان « غالىبلار سەھنىسى » شىنجاڭ كوماندىسىدىن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟ ھازىرقى زامان ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق « ئۇچار يۇلۋاس » قا نېمىلەرنى ئۆگەتتى؟ يۇقارىقى سۇئاللار ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ  « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقان ھەر بىر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. شىنجاڭ  « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسىنى CBA بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى، « ئۇچار يۇلۋاس » ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، مەشقاۋۇللىرى ۋە ماھىرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا قەتئىي كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان تەخىرسىز ۋەزىپە، ئەلۋەتتە!
   CBA بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى مەملىكىتىمىزدە 1995-يىلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغانىدى. CBA بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى ئەڭ كۆپ قولغا كەلتۈرگەن كوماندا « 1-ئاۋغۇسىت » ئازاتلىق ئارمىيە كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بولۇپ، ھەر ئىككى كوماندا سەككىز قېتىمدىن چېمپىيۇن بولغان، ئۇنىڭدىن قالسا بېيجىڭ كوماندىسى ئىككى قېتىم، شاڭخەي كوماندىسى بىر قېتىم چېمپىيۇن بولغان. CBA تارىخىدىكى چېمپىيۇن كوماندىلارنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، مۇسابىقە ئويناش ئالاھىدىلىكى، تەنھەركەتچىلەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ  « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسىدىكى بەزىبىر يىتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.
  1. تەشكىلىي قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىر شىنجاڭ كوماندىسىدا باش يىتەكچى، مەشقاۋۇل، ياردەمچى مەشقاۋۇل، ئالاھىدە تەكلىپلىك مەشقاۋۇل ( كۈچ، روھى كەيپىيات تىرېنىرى ) تەرجىمان، كوماندا دوختۇرى، ئاشپەز قاتارلىق بىر قاتار خادىملار تولۇق بۇلۇپ، بۇ خادىملارنىڭ ئىش ھەققى دۆلەت ئىچىدىكى چېمپىيۇن كوماندىلاردىكى خادىملارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. لېكىن ھالقىلىق پەيتتىكى مۇسابىقىلەردە تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى، چەت ئەللىك ماھىرلارغا بەكرەك تايىنىۋېلىش، مەيدان سىرتىدىكى پاسسىپ ئامىللارنى بىر تەرەپ قىلىش، ھالقىلىق پەيتتىكى كۈتۈلمىگەن يارلىنىش ۋەقەلىرى، زۆرۈرىيىتى بولمىغان، قائىدىگە خىلاپ ھەركەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى قاتارلىقلار تۆت قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلۇپ قالدى.
  2. مۇسابىقە ئويناش ئالاھىدىلىكى جەھەتتە، شىنجاڭ كوماندىسى ئەزەلدىنلا پولاتتەك قاتتىق مۇداپىئە سېپى بىلەن CBA بىرلەشمىسىدە داڭ چىقارغان. شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن كوماندىلار مەيلى ئۇتقان ياكى ئۇتتارغان بولسۇن، ئومۇمى نومۇرى 100 دىن ئاشىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۇجۇمى ئوڭۇشلۇق مۇداپىيە كۆرگەندىن كىيىن، تەشكىللىك ھالدا گار ئاستىدىكى ئېگىزلىك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ نومۇر ئېلىش ياكى ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىش ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. بۇنداق ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسپەتەن قارىماققا ئىنتايىن ماس كەلگەندەك قىلسىمۇ، ھالقىلىق پەيتىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك نومۇر ئېلىشقا نىسپەتەن ئېيتقاندا زور تەۋەككۈلچىلىك ھېساپلىنىدۇ. سەۋەبى، گار ئاستىدىكى ئېگىز بويلۇق قاۋۇل تەنھەركەتچىلەردىن تاڭ جىڭدۇڭ، سېڭكىلتون، سۇۋېي قاتارلىقلارنىڭ ھەر مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى تۇراقلىق ئەمەس، ئۈچ نومۇرلۇق توپچىلاردىن شىرئەلىجاننىڭ كوماندىدىكى ھەقىقى ۋەزىپىسىنىڭ تەشكىللىگۈچى بېك ياكى نومۇر ئالغۇچى بېك ئىكەنلىكى تېخى مۇقىملاشمىدى. قىرابېكنىڭ مۇداپىيەدىكى بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھۇجۇم جەھەتتىكى تالانتى ياخشى جارى قىلدۇرۇلمىدى، جاڭ چىڭپىڭنىڭ يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۈچ نومۇرلۇق توپىنىڭ چۈشۈش نىسپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. دېمەك، ئاساسلىق نومۇر ئېلىش نۇقتىلىرى ھالقىلىق پەيتتە « ئۇچار يۇلۋاس » نى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.  گار ئاستىغا بۆسۈپ كىرىپ نومۇر ئېلىش، كۆپرەك پاسلىشىپ ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش، گاردىن قايتقان توپنى كونتىرول قىلىپ تېزلىكتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۇش قاتارلىق ھۇجۇم يوللىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم تاكتىكىسىغا دېگەندەك سىڭدۈرۈلمىدى.
  3. تەنھەركەتچىلەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسى ۋە ماھىرلارغا زامانىۋى ۋاسكېتبول ئېڭىنى سىڭدۈرۈش جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن تالانتلىق ياش ۋاسكېتبول ماھىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان كۈچلۈك كوماندا، يېقىندا شىنجاڭ گۇاڭخۇي « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسىدىن دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان شىرئەلىجان، قىرانبېك، يۈچاڭدۇڭ، جۇچى قاتارلىق 1990-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ياش نوتىلار بۇنىڭ تىپىك دەلىلى. شىنجاڭ كوماندىسى چەتئەللىك ماھىرلارغا زىيادە تايىنىۋېلىشتەك ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزى تەربىيەلىگەن تالانتىلىق ياشلارنىڭ جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلىق سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى كىرەك. چەتئەللىك ماھىر تاللاش ئۆلچىمىدىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، بۇرۇنقىدەك قارىغۇلارچە ئەڭ قىممىتىنى ئەمەس، بەلكى كوماندىنىڭ توپ ئويناش ئۇسۇلىغا ئەڭ ماس كىلىدىغان، كوماندا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان تىپىدىكى ماھىرلار بىلەن توختام تۈزۈش ئاقىلانىلىقتۇر. ئەلۋەتتە، بۇمۇ « ئۇچار يۇلۋاس » نىڭ زامانىۋى ۋاسكېتبول ئىدىيەسى بىلەن ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە ھەقىقى ماس كىلىدىغان بىر قاتار مۇسابىقىلىشىش فۇنكىسيەسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پايدىلىق.
  يىغىپ ئېيتقاندا، ۋاسكېتبول ھەركىتى نۆۋەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئايلاندى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى يىزا-كەنتىلەردىن تارتىپ، مەرگىزى شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرگىچە ۋاسكېتبول قىزغىنلىقى يىلمۇ يىل كۈچىيىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىكى تۇنۇلۇش دەرىجىسى ئارقىلىق شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ بوكسىيورلۇق، چېلىشىش قاتارلىق تەنھەركەت تۈرلىرىدىن كىيىنكى يەنە بىر مۇھىم تۈرىگە ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ ۋاسكېتبول مەدىنىيىتى، ۋاسكېتبول ئاساسى ھەمدە ۋاسكېتبول ئەمەلى كۈچى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى  CBA بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى چۇقۇم قولغا كەلتۇرەلەيدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 21:12:34

رەھبەرلەرنىڭ نۇتۇق تېكىستىدەك نىنچىگە ئارىلىپ ئاخىرىدا يىغىنچاقلىنىپتۇ ....

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 23:24:14

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 21:12 static/image/common/back.gif
رەھبەرلەرنىڭ نۇتۇق تېكىستىدەك نىنچىگە ئارىلىپ ئاخىرى ...

مېغىزلىق، چۈشىنىشلىك يېزىلىپتىغۇ، سىزچە بولغاندا قانداق يېزىلسا بولاتتى؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 07:53:53

بىر ئوبدان يېزىلىپتىغۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 08:20:42

رەھبەر _تەنھەركەت : ماۋۇ ئىككى سۆز بىر يەرگە كەلسە پەقەت ماس كەلمەيدىكەن ،
تەنھەركەت دىگەن ۋىجدانغا يىقىن  .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:48:47

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 23:24 static/image/common/back.gif
مېغىزلىق، چۈشىنىشلىك يېزىلىپتىغۇ، سىزچە بولغاندا قا ...

مەن دىگەندەك يېزىلماپتىما ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:51:53

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 08:20 static/image/common/back.gif
رەھبەر _تەنھەركەت : ماۋۇ ئىككى سۆز بىر يەرگە كەلسە پەقە ...

تەنھەرىكەتتىمۇ رەھبەرلىك بۇلىدۇ ،،،
تەنھەرىكەتتىمۇ چىرىكلىك بۇلىدۇ ...
ۋىجدانغا خىلاپ ئىشلارمۇ ساماندا سەككىز .....

ئىككى سۆز بىر يەرگە كىلىپ قالسا ھىچنىمە بۇلۇپ قالمايدۇ ؟؟؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:52:44

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 07:53 static/image/common/back.gif
بىر ئوبدان يېزىلىپتىغۇ.

ئوبدان يېزىلغانلىقىدا گەپ يوق
بەت: [1]
: غالىبلار سەھنىسى شۇنچە ئىگىزمۇ؟