tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 17:55:50

قومۇلدا قۇرلۇش ئەخلەتلىرىنى نەگە تۆكىمىز

بەلكىم تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئوقۇپ بېشى ئاغرىمىغان بىر يەرگە تۆكسەك بولۇدۇ  دىيىشىڭىز مۇمكىن . ئەمدى ئادەم بولغانىدىن كىيىن ئۆي زىننەتلەش ئۆي قۇرۇلمىسىنى كىچىك ئۆزگەرتىش دىگەندەك ئىشلاردىن خالى بولغىلى بولمايدىكەن .
    يېققىندا خىزمەتدىىشىم جاڭ خانىم ئۆز بېشىدىن كەچۇرگەن بىر قىزىقارلىق ئىشنى سۆزلەپ بەردى . ئۇلار بىر ئۆي ئېلىپ ئۆي قۇرۇلمىسىغا ئاز تولا ئۆزگەرتىش كىرگۇزۇپ چىقىپتۇ ، شۇنداق قىلىپ بىر قانچە خالتا قۇرلۇش ئەخلىتى پەيدا بولۇپتۇ . بۇ ئەخلەتلەرنى زادى قەيەرگە تۆكۇش كېرەك ، ئادەتتىكى تۇرمۇش ئەخلىتى ساندۇقىغا تۆكۇۋېتىشكە كۆڭلى ئۇنىمىغان جاڭ خانىم بۇ ئىش ئۇچۇن بىر ئىككى كۇن ئويلىنىپ قومۇل شەھرىدە قۇرلۇش ئەخلىتى يىغىدىغان ئورۇننىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلىپتۇ ، قانداق قىلىش كېرەك ، ئۇلار ئاخىرى ئايلىنىپ يۇرۇپ ئىشچىلار بازىرى يېنىدىكى بىر چېقىلىۋاتقان خارابىلىكنى تېپىپ ئەخلەتلەرنى ئالماق تالماق تاشلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز خەلق ساقچىسى كىلىپ ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلۋاتقانلىقىنى سوراپ ئاندىن كىچىدە ئىمكان بار دىىققەت قىلىش تۇغۇرلۇق نەسىھەت قىلىپ كىتىپ قاپتۇ .
   مەن جاڭ خانىمىدىن سورىدىم . ساقچىنى كۆرگەندە قوقتىڭىزمۇ ، ھە ئە ئازراق تەمتىرىدىم ئاندىن ناۋادا راستىنلا قۇرۇلۇش ئەخلىتىنى بۇ يەرگە تاشلاشقا بولمايدۇ دەپ ۋەزخانىلىق قىلسا ئۇ ھالدا قايتۇرۇپلا  بىز سىزدىن سورايلى يولداش ئۇنداقتا قومۇلدا قۇرلۇش ئەخلەتلىرىنى زادى نەگە تۆكىمىز  دەپ سوراشقا تەييار بولۇپ تۇرغان ئىدىم .

ئەمىليەتتە قومۇل شەھرىنىڭ چوڭلىشىغا ئەگىشىپ مانا موشۇنداق بىر قاتار مەسەللەر كىلىپ چىقىپ خەلق قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالماقتا . ئېيتايلى لالما سەرگەردان كۇچۇكلەر ھېلىغىچە كوچا كويلاردا لايلاپ يۇرۇيدۇ ، قومۇلدا قۇرۇق باتارىيە ئەخلىتى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئورنى قۇرۇلغىنى يوق ، ئۇنىڭغا ماس ھالدا يانفۇن ئەخلىتى ، كونا توڭلاتقۇ ئەخلىتى ۋە ۋە باشقا ئېلىكتىرۇنلۇق ئەسۋاپلار ئەخلىتىمۇ ئاخىرى تۇرمۇش ئەخلىتى بىلەن بىرلىكتە تۆكۇلۋاتىدۇ ،

ئەلۋەتتە تۇپراقنى يىغىن ئېچىپ شۇئار توۋلاپ قوغداشتىن باشقىمۇ ئەمەلى قول سېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا ئېرىشەلەيمىز .

قومۇلنىڭ تۇپرىقىنى ۋە ئاتمۇسفىراسىنى قوغداش دەل ۋەتەننى سۆيۇشنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى .


مەن قومۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قومۇلنىڭ تۇپراق بۇلغۇلنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ئاز تولا ئەمەلى ئىش قىلىىپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ، ياق قومۇل پۇقراسى بولغاندىن كىيىن تەلەپ قىلاي بولدى .

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 00:49:49

مەن توخوتۇرنىڭ نىنجىلىرىگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن ئەسلى.:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:27:57

بۇ تېمىدىكى ئەڭ موھىم ھالقا ئەخلەت مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ساقچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئىكەن.:lol
يېرىم كېچىدە قاپ كۆتۈرۈپ يۈرسە، ئىچدە جەسەت بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ كۆرىشى كېرەك ئىدى.
ئۇ مەسئۇلىيەتسىز ساقچىنى ئىشتىن بوشۇتۇش كېرەكمۇ قانداق؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 13:21:22

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 12:27 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىدىكى ئەڭ موھىم ھالقا ئەخلەت مەسىلىسى ئەمەس بەلك ...

بۇ تېمىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا توخوتۇرنىڭ ئىنجى قويمىغىنى، دەپ ھىس قىلدىم مەن.  

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 16:46:17

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 12:27 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىدىكى ئەڭ موھىم ھالقا ئەخلەت مەسىلىسى ئەمەس بەلك ...

:lol

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 17:08:54

بۇ تېمىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ئەخلەت تۆكىتىدىغان جاي تېپىشتەك قىلىدۇ، ئىزدەيلى ئەمىسە{:92:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 19:33:52

:lol توخىتۇر سىتايىل ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:27:32

ئەخلەت دىگەن كىلىپ چىقىش ئورنى ، ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ ، قۇمۇل دىيارىدا شۇ ئەتراپتا تارىختىن بۇيان ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن پەقەت جاڭ خانىملا بولمىغانتىكىن ، باشقىلاردىن سوراپ مۇۋاپىق جاينى تېپىپلا تۆكىۋەتسە ئىش تۈگىمەمدۇ ؟ يەر تاپالمىسا خالتىغا ئېلىپ ئۆيىنىڭ سىرتىدا ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە يۆلەپ قويۇپ قويسا ياكى دەرىزىنىڭ سىرتىغا ئېسىپ قويسا شۇنداق يارىشىملىق تۇراتتى ئەمەسمۇ ؟

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:43:09

2009-يىلى قومۇلدا ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندا بارىكۆلگە بارىدىغان كونا يولمىكىن ئىشقىلىپ تاغقا بارىدىغان بىر يولنىڭ ياقىسىدا دۆۋە دۆۋە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى كۆرگەن. ھازىر ئۇ يەرلەر رەتلنىپ يوللار چۈشۈپ بوپتۇ.  ھازىر   قومۇلنىڭ شىمالىدىكى  سايدىكى قۇرۇلۇشقا تاش-شېغىل ئېلىپ شەكىللەنگەن ئازگاللارغا تىندۇرۇپ  تاشلامدىكىن دەيمەن.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 21:52:44

توشۇپ ئاپىرىپ سەددىچىننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تۆكۈڭلار پەقەت بولمىسا.....
بەت: [1]
: قومۇلدا قۇرلۇش ئەخلەتلىرىنى نەگە تۆكىمىز