Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 16:43:41

a3 پىرىنتىردا ئۇنىڭدىن چوڭىنى باسقىلى بولامدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-13 16:45  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :
بىر بۇرادەر a3 پىرىنتىر(يەنى a3قەغەزنى ئۇرالايدىغان) ئاپتىكەن ،ئەمما ئەسلى نىيىتىدە ئارخىپ قېپى (档案盒)غا خەت ئۇرماقچىكەن. مەسلە ئارخىپ قېپىنىڭ كەڭلىكى a3 قەغەزنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى بولسا a3قەغەزدىن 10 سانتىدەك ئۇزۇنكەن. بۇ 10 سانتىدەك يەرگىغۇ ھېچنىمە ئۇرۇلمايدىكەن .بىراق پىرىنتىر دەل a3چوڭلۇقتا مېڭىپ بولغاندا ، قەغەزنى قىسىلىپ خاپا قىلىپ كېتىپتۇ. سۈرۈشتۈرسەك بولمايدۇ دەيدۇ ئەمما بىر خىزمەتدىشى تەۋسىيە قىلغانكەن ،ئۇ خىزمەتدېشى لىيەنشىياڭ 6100 قىلالايدۇ ،بەھۇزۇر ماڭالايدۇ دەيدۇ...بۇ ساھەدىكى بىر قىسىملار مۈمكىن ئەمەس دەيدۇ ...قايسى راست بىلەلمىدىم. ھازىرقىسى بولسا تېخى لىيەنشىياڭ 6100 نىڭ ئىلغار تىپى 6150 ئىكەن. ھەم ئارخىپ قېپى قەغىزىنىڭ قېلىنلىقىنى قوللايدىكەن.
بىلگەنلەر ئۇچۇر قالدۇرساڭلار:
1. بۇنىڭغا ئىلاج بارمۇ؟
2. قانداق مەسلىھەتىڭلار بار؟

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 16:51:17

يىڭنىلىك پىرىنتېر بولسىغۇ ئون مىتېر كىلىدىغان قەغەز بولسىمۇ ماڭىۋىرەتتى، لىكىن ماۋۇ پىرىنتېر لازىرلىق ئىكەن، بۇنىڭغا ياخشى چارە، پىرىنتېرنىڭ خاسلىقىدىن قەغەزنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋىتىش.
بەزى پىرىنتېرلار قەغەز رازمىرىنى خالىغانچە كىرگۈزۈپ قويۇشنى قوللايدۇ. ناۋادا ئاۋۇ پىرىنتېر قوللىمىسا پىرىنتېر خاسلىقىغا كىرىپ 打印首选项 دىن قەغەز چوڭلۇقىنى A3 تىن چوڭ تىپقا مەسىلەن A2 گە تەڭشەپ قويسا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا word تىمۇ قەغەز قانچىلىك بولۇپ كەتسۇن، قەغەز چوڭلۇقىنى بىكىتىپ قويغىلى بولىدۇ. word ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ لىكىن يەنىلا نورمال چىقىۋىرىدۇ. مۇشۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقسۇن.

arki-0355 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 17:13:18

مەن ئېپسون230 پىرىنتىردا يەنى a4 باسىدىغان پىرىنتىردا كەڭلىگى21 سانتا، ئىگىزلىگى80 سانتا بولغان ھۆججەتنى بېسىپ سىناپ باققان.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 17:24:19

arki-0355 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 17:13 static/image/common/back.gif
مەن ئېپسون230 پىرىنتىردا يەنى a4 باسىدىغان پىرىنتىردا كە ...

ۋاھ بۇ بولىدىغان ئىشكەن، مەنمۇ سىناپ ئاشۇنداق ئۇزۇن نەرسىلەرنى بېسىپ باقايچۇ قېنى!

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 17:34:37

ئادەتتە A3 قەغەز 29.7 سانتېمىتىردا 42 سانتىمېتىر كېلىدۇ، A3 پېرىنتىرنىڭ قەغەز كىرىش ئېغىزى پەقەت قەغەزنىڭ قىسقا تەرىپى (29.7 سانتىمېتىرلىق تەرىپى) گىلا ماس كېلىدۇ، لايىھە ئۆلچىمىنى ئۇزۇن قىلسا بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ، لېىكىن پېرىنتىرغا پاتمايدىغان قەغەز بولسا ئامال يوق، بۇنى رەڭلىك پېرىتىردا ماتېرىيال بېسىپ باققانلار بىلىدۇ، ئەڭ ئاددىيسى رەڭلىك پېرىتىردا A4 ئۆلچەمدىكى بەتنى ئېچىپ ئۇنىڭغا 5 دىيۇملىق رەسىمدىن بىرنى تىزىپ ئۇنى باسسا پەقەت باسىدىغان جاي تۈگىشىگىلا بېسىشتىن توختايدۇ، A3 پېرىتىردا ئارخىپ خالتىسى بېسىشقا كەلسەك ۋورد شۇ چوڭ ئۆلچەمنى قوللىمىسا فوتوشوپ بىمالال قوللاپ پېرىتىرنى ئالدىغا سالالايدۇ. پېرىتىر ئالماشتۇرۇپ يۈرمىسۇن.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 19:15:27

بۇنى بىلىدىغانلار ساماندەكقۇ

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 19:22:47

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەن:Lمەنمۇ بىر پىرىنتىر سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم. توردا ئەرزانكەن لىكىن سۈپىتىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. بازاردىكى دوكانلاردىن ئالاي دىسەم توردىكىدىن ئىككى ھەسسە قىممەتكەن ئىككىلىنىپ قالغانتىم. ماۋۇ يەردە پىرىنتېرنىڭ گىپى بۇلىۋېتىپتۇ. قايسىسىنى تاللىسام بۇلا بىر مەسلىھەت بىرۋەتكەن بولساڭلار.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 19:25:02

tumurjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 19:22 static/image/common/back.gif
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەنمەن ...

توردىن ئېلىۋېرىڭ

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 19:26:43

tumurjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 19:22 static/image/common/back.gif
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەنمەن ...

ئەگەر تاللىيالمىسىڭىز ماڭا خەت يېزىڭ مەن رەڭلىك رەڭسىز، قەغەز ئۆلچىمى، ماركىسى بويىچە تاللىشىپ بېرەي

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 21:16:07

توردىن ئالمىغان ياخشى ، بۇزۇلۇپ قالسا رىمۇنت قىلدۇرماق تەس ، رىمۇنت كاپالىتى بولمىسا ئېلىپ بېقىڭ

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 03:02:14

مەنمۇ خەرىتە ئۇرۇپ چىقىرىشتا جىق ئىشلىتىمەن. ئۇزۇنراق كىلىدىغان خەرىتىنى بۇرۇندىن نەچچە قەغەزگە بۆلەپ ئۇراتتىم، ماۋۇ تېما ئارقىلىق بۇرۇن كاللامغا كەپ باقمىغان ئۇسۇلنى بىلىۋالدىم. {:112:}

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 08:41:48

a3دىن چوڭ قەغەزگە قانداق ئۇرىدۇ؟

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 16:51 static/image/common/back.gif
يىڭنىلىك پىرىنتېر بولسىغۇ ئون مىتېر كىلىدىغان قەغەز ب ...

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ۋوردتا سىناپ باققان بەت شەكلىنى چوڭايتىپ ،ئەمما سىز دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىدىكەن ،مەجبۇرەن قىلساق ئەھۋال يەنە ئوخشاش ، dayinyulanقىلساق ، ئاخىرى ئوخشاشلا كۆرۈنمىدى.
ئەمما بىرىنجى ئۇسۇل ئەسقاتىدىغان ئوخشايدۇ ، مەن سىناپ باقاي ...
فوتوشۇپ ئارقىلىق ئۇرۇشنى مەسلىھەت بەرگەن قېرىندىشىمغىمۇ كۆپ رەھمەت ،ھەقىقەتەن بۇ ئېسىمگىمۇ كەپ باقماپتۇ...
مەن يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلنى سىناپ باقاي..

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 17:50:27

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 16:51 static/image/common/back.gif
يىڭنىلىك پىرىنتېر بولسىغۇ ئون مىتېر كىلىدىغان قەغەز ب ...

ئىككىلى ئۇسۇلدا بولمىدى، دايىن شۈەنشىياڭ دېگەن يېرىدە تەڭشەي دېسەم ئېگىزلىكىنى تەڭشىگىلى بولمىدى. دەسلەپكى ئۇسۇلنى سىنىغان....قانداق بوپ كەتتى ھېچ بىلمىدىم. فوتوشوپتىمۇ قىپ باقتىم ، ئوخشاشلا بولمىدى....فوتوشۇپتا چوڭ قىلىپ تەڭشەپ ،ئالدىن كۆرسەم (يۈلەن)قىلسام ھېچنىمە كۆرۈنمىدى.قۇپقۇرۇق....
يەنە تەجىربىسى بارلارنىڭ تەجىربىسىگە مۇھتاجمەن.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 17:56:03

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 17:50 static/image/common/back.gif
ئىككىلى ئۇسۇلدا بولمىدى، دايىن شۈەنشىياڭ دېگەن يېرىد ...

فوتوشوپتا 浏览 قىلسا بولىدۇ ھەم باسقىلى بولىدۇغۇ؟ A4 ئەمەس نەچچە ئون مېتىرلىق ۋىۋسكىلارنى، لوزۇنكىلارنى باسقىلى بولىدۇيۇ، نېمىشقا پېرىنتىردا بولمايدۇ؟

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:10:37

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 17:50 static/image/common/back.gif
ئىككىلى ئۇسۇلدا بولمىدى، دايىن شۈەنشىياڭ دېگەن يېرىد ...

ھېلىغۇ پېرىنتىر ئىكەن، ئىۋۇ فاكىس ماشىنىسى (传真机) مۇ جېنى ئاز قالغاندىمۇ ئۈچەيدەك نەچچە مېتىر قەغەزنى بىر تىنىقتا چىقىرىۋىتىدىغان تۇرسا پېرىنتىرنىڭ بۇنداق قىلالمايدىغىنىغا ئىشەنمەيمەن

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:16:15

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 17:50 static/image/common/back.gif
ئىككىلى ئۇسۇلدا بولمىدى، دايىن شۈەنشىياڭ دېگەن يېرىد ...

مەن ھازىر سىناپ باقتىم، رەڭسىز  KYOCERA-1020 ماركىلىق A4 پېرىنتىر  بىلەن ئېپسون R290 پېرىنتىرغا A3 قەغەزنى ئوتتۇرىدىن 42 سانتىمېتىردا 15 سانتېمىتىر قىلىپ كېسىپ، ئىككىلىسىگە يېرىمدىن سېلىپ فوتوشوپتىن بۇيرۇق قىلسام بېسىۋىتىپ قايلاپ تۇرىدۇ بولمىسا...

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:19:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Control تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-14 18:22  

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 17:50 static/image/common/back.gif
ئىككىلى ئۇسۇلدا بولمىدى، دايىن شۈەنشىياڭ دېگەن يېرىد ...

مۇنداق يەر يوقمىكەن ئاۋۇ سىز دېگەن پېرىتىرنىڭ؟ مەن رەڭلىك پېرىنتىردا ئاۋۇ ئۆزى تاللاشقا ئەكىلىپ ئۆلچىمىنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەڭسىز پېرىتىرنىڭكىگە 新建 ئارقىلىق ئۆلچىمىنى كىرگۈزۈپ بېسىۋەتتىمغۇ؟

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:25:34

Control يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 18:19 static/image/common/back.gif
مۇنداق يەر يوقمىكەن ئاۋۇ سىز دېگەن پېرىتىرنىڭ؟ مەن رە ...

باكەن ،ئۇزۇنلۇقنى خالىغانچە لاھىلىيگىنى بولمىدى..سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز پۈركىمە پىرىنتىرمۇ ياكى لازىر نۇرلۇق پىرىنتىرمۇ؟

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:25:42

لېكىن بۇ ئۇسۇلدا A4 پېرىنتىردا كۆپەيتىپ باسقىلى (فۇيىن قىلغىلى) بولمايدىكەن{:92:}

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:29:48

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 18:25 static/image/common/back.gif
باكەن ،ئۇزۇنلۇقنى خالىغانچە لاھىلىيگىنى بولمىدى..سىز ...

يۈز پىرسەندىن ئاشۇرۇپمۇ قىلغىلى بولدىغۇ ئەمىسە مەن %200 بويىچە بېسىپ چىقاردىمغۇ؟
بەت: [1] 2
: a3 پىرىنتىردا ئۇنىڭدىن چوڭىنى باسقىلى بولامدۇ؟