كۆپ تىللىق تور لۇغىتى - دۇنيادىكى ھەممە تىل بار (كۆچۈرۈلمە)
بىر تور لۇغىتى ئۇچىراپ قالدى. دۇنيادىكى ئاساسلىق ھەممە تىلنى بىر-بىرىگە تەرجىمە قىلالايدىكەن. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلىمۇ بار. ئۆزبېك، تۈرك، ئەرەب، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن.... ئىشقىلىپ ھەممە تىل باركەن، شۇ يەردە بار تىللارنى بىر-بىرىگە تەرجىمە قىلالايدىكەن.ئادېرسى: http://glosbe.com/
سىزگە لازىملىق تىل تىل تىزىملىكىدە بولمىسا more دېگەن خەتنى باسسىڭىز باشقا تىللار ئېچىلدۇ.
مەنبە: ئالىپ تورى
ئالىپ تورىغا يوللانغان ئىنكاسلارداتورداشلار بۇ لوغەتنىڭ ئەپ نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپتۇ ـ
1.تور لۇغىتىنىڭ ئەپ نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
http://yunpan.cn/QiJqTHKBGbumR
چۈشۈرۈش بىتىگە كىرىش مەخپى نومۇرى:2507
2.مانا بۇتورلۇغىتىنىڭ Googleplay دىكى ئەپ نۇسخىسىنىڭ تور ئادىرسى https://play.google.com/store/ap ... le.glosbedictionary
ئالىپ تورىدىكى ئالىپ ۋە باشقا تورداشلارنىڭ بۇنداق ياخشى لوغەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت رەخمەت ھەجەپ ياخشى نەرسىدىن بىرنى تەۋسىيە قىپسىز .{:112:} شۇنچە ئېيتىشىپ چۈشۈرەلمىدىم دېسە ماۋۇ تەرجىماننى . ئۇيغۇرتىلى كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ؟ 维吾尔语 دەپبار سىناپ بېقىشقا بولىدۇ. ياخشى نەرسىلەردىن خەۋەرسىز قالمىغۇلۇق گوگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇر تىلىنى كىرگۈزىمىش دېگەندەك گەپلەر ئاندا - مۇندا تارقىلىپ يۈرەتتى. ھېچ ئۇ بايىسىدا نورمال ئۇچۇر ئۇچراتمىدىم:shutup: ئىشلىتىپ كۆردۈم ، ئاددىي ھەم قۇلايكەن.ئېلانمۇ يوق ئوخشايدۇ.
لېكىن ئۇيغۇر تىلنى تاللىغانداuighur دەپ چىقىشى سەل قاملاشماپتۇ. uyghurدەپ ئومۇملاشتۇرغىلى بولماسمۇ زادى، Control يوللىغان ۋاقتى2014-5-13 11:06 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرتىلى كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ؟
ھەممە(all) دىگەننى بېسىپ (uighur)دەپ كىرگۈزۈڭ گوگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇر تىلىنى كىرگۈزىمىش دېگەندەك گەپلەر ئاندا - مۇندا تارقىلىپ يۈرەتتى. ھېچ ئۇ بايىسىدا نورمال ئۇچۇر ئۇچراتمىدىم:shutup: karakhan07 يوللىغان ۋاقتى2014-5-13 12:31 static/image/common/back.gif
ئىشلىتىپ كۆردۈم ، ئاددىي ھەم قۇلايكەن.ئېلانمۇ يوق ئوخش ...
uyghurدىگەن ئاتالغۇ مۇشۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىدىلا ئىشلىتەمدىكىن دەيمەن، ب ب س، ن ب س ۋە باشقا ئىنگىلىزچە ئاخبارات ۋاستىللىرى ۋە بىزگە ئائىت ئىنگىلىزچە قامۇسلاردا uighur دەپ ئالىدۇ، ھەتتا مۇشۇ جۇڭگۇدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى بولغان جۇڭگۇ كۈندىلىك خەۋەر گىزىتى تور، شىنخۇا، خەلق تورى ئىنگىلىزچە بىتىدە uygur دەپ ئالىدۇ. بۇ تىل كومىتىتىدىكىلەر پەقەت ئۇستىرىسى گال كەسكەك، بىزنىڭكىگە كىسىەلىگەن بىلەن باشقىلارنىڭكىنى كىسەلمەيدۇ. uyghur دىگنى مەنچە بىزنىڭ uly دىلا شۇنداقمىكىن .
ئۇيغۇرئاتالغۇسنى گۇگۇلدىن بىرقانچەچوڭ تىلغاتەرجىمەقىلغۇزساڭلا ھەممىسى ئوخشاپ كەتمەيدۇ.
دىمەك ،ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ لوغىتىدە uighur دەپ بار.
غەرىب ئەللىردەلوغەتنى ئۆزگەرتمەك ئۇنچەئۇڭاي ئەمەسبۇ ئۈزەڭلىگە ئايان .
ئادىيسى نىمىسلارغاكەلسەك ، بىز نىمىسدەيمىز ، تۈرۈكلەر ئالمانلار دەيدۇ ، شىۋىت تىلدا تىسكا ، ئىنگىلىسىلار جىرمان دەيدۇ ، ئەممانىمىستىلدا ھىچقايسىغائوخشمىاي تۇردۇ ، ئۇلار داۋىچ دەيدىكەن .... دىگەندەك دىگەندەك ...
ئۇنىڭدىن باشقا....
ئالىم ئەھەت، بىلوگىدا بۇنىڭغاقارتا خېلى چۈشنۈلۈك جاۋاپ بەرگەنغۇ دەيمەن . ... izchilar يوللىغان ۋاقتى2014-5-13 12:45 static/image/common/back.gif
uyghurدىگەن ئاتالغۇ مۇشۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىدىلا ئىشلىتەمد ...
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئىسمىمۇ uighursoft u ، i ئىككىلىسى سوزۇق تاۋۇش ، ئىككى سوزۇق ئارقىمۇئارقا كەلسە بولمايدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-13 15:18
ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-5-13 13:04 static/image/common/back.gif
uyghur دىگنى مەنچە بىزنىڭ uly دىلا شۇنداقمىكىن .
ئۇيغۇرئا ...
سىزكەلتۈرگەن گىرمانلارنىڭ مىسالى ئوخشىمايدۇ، ئۇلار قانداق ئاتىسا نامى ۋە ئىملاسى ئىنگىلىزتىلىدا بىرلىككە كەلگەن،بىز پەقەت ئۇيغۇر دىگەن گەپنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆلچەملىك ئىملاسىنى دەۋاتىمىز، باشقا تىلدىكىسىنى ئەمەس.ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى ئىملاسى تىخى بىر دۆلەتتە تۇرۇپ ئۈچ خىل بولاۋاتىدۇ. مەسىلەن :uyghur, uighur, uygur.
ilter يوللىغان ۋاقتى2014-5-13 15:04 static/image/common/back.gif
u ، i ئىككىلىسى سوزۇق تاۋۇش ، ئىككى سوزۇق ئارقىمۇئارقا ك ...
ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارقا-ئارقىدىن كەلسە بولاۋىرىدۇ. مەسىلەن:
beautiful - بۇ سۆزدە سوزۇق تاۋۇش ئارقا-ئارقىدىن ئەمەس ئارقا-ئارقا -ئارقىدىن كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا:
abbreviate
abortion
real
abound
genius
...
بۇنداق سۆزلەر ساماندەك. ساقلىۋالاي ئۇيغۇر دىگەن سۆز ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ، ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارقىمۇ ئارقا كەلمەيدۇ
يھەرپىنى y بىلەن ئىپادىلىسە مۇۋاپىق
خەلىقئارا تىرانكىسپىيەدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ي تاۋۇشىنى قايسى ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەيدۇ؟ سىز ilter نى ئىلتەر دەپئوقۇمسىز ياكى يىلتەر دەپمۇ ؟
سىزنىڭچە ئىلتەرنى ئىنگىلىسچە قايسى ھەرب بىلەن ئىپادىلەش كىرەك ilter يوللىغان ۋاقتى2014-5-13 16:47 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر دىگەن سۆز ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ، ئۇيغۇر تىلىدا ئىكك ...
ئۇيغۇرتىلىدا چەت تىلدىن قوبۇل قىلغان سۆزلەردە سوزۇق تاۋۇش ئارقىمۇ-ئارقىدىن كىلىدۇ.
رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ”س“ ياكى ”ش“ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىدىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە، قاتارلىشىپ كەلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا“ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ جاراڭسىز ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
پىتومائىن پىتومائىن
خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە قوشما يۈنمۇلار تەركىبىدىكى ئۆتكۈنچى سوزۇق تاۋۇشلار ئاساسىي سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
جۇڭخۇا جۇڭخۇا(جۇڭ_خۇ_ ا ئەمەس)
گۇاڭدۇڭ گۇاڭدۇڭ(گۇ_اڭ_دۇڭ ئەمەس)
بۇنداق سۆزلەر ئۇيغۇرتىلى لوغىتىدىن ئورۇن ئىلىپ بولدى، يەنى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق چەت تىلدىن قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ھەممە تىلدا بار.
بەت:
[1]
2