asabi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 18:54:35

ياردەم قىلساڭلار

ئەسسىلامۇئەلەيكۇم دوسلار مەن تۈنۈگۈن قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ  چوڭ يارلىنىش يۈزبەرمەي بىر قولۇم بىلەن پۇتۇم دەز  كېتىـپ تاڭدۇرىۋالدىم يامان يېرى ئوڭ تەرەپ يۈزۈمنى دېرىزىنىڭ  ئەينەك پارچىسى تىلىۋېتىپ بىر سانتىدىن ئوشۇق ئۇزۇنلۇقتا يارا پەيدا بولدى  مۇشۇ يارىنى تارتۇق قالماي ساقايتىدىغان ئامال بارمىدۇ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ھەر ھالدا خېلى ياخشى بولساممۇ بۇ يارىدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم ياش تۇرۇپ يۈزۈمگە تارتۇق چۈپ قالارمۇ دەپ   ن ھازىر ئۆيدە يېتىپ تۇرۇپ بىر قولۇم بىلەن بۇ تېمىنى يازدىم ياخشى مەسلىھەتىڭلار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار ئاللا سىلەردىن رازى بولسۇن

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 20:20:07

خۇدا ساقلاپ چوڭ خەتەرگە يولۇقماپسىز. كۆپ شۈكىرى قىلىڭ.
يارا توغرۇلۇق تەپسىلى سۆزلىمەپسىز، تەپسىلى يېزىلمىسا ئۆزى بېرىپ كۆرمىگىچە دوختۇرلارمۇ بىر نەرسە دىيەلمەسلىكى مۇمكىن.
تارتۇق چوڭ بولۇپ قالمىسۇن ياكى تارتۇق قالمىسۇن دىسە ئادەتتە تىكىپ قويىدۇ يارىنى، يىپ سانى قانچە كۆپ بولسا تارتۇق شۇنچە كىچىك بولىدۇ ياكى بولمىسا تارتۇق چۈشمەيدۇ. مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن.
ئىزدىنىشنىڭ ئىبن سىنالىرى ھېلىغىچە تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشى مۇمكىن.
يارىڭىزنىڭ تىزرەك ساقىيىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

Mestane يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 20:53:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mestane تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-12 20:55  

ئىزدىنىشدە تېببى بىلىمى يۇقۇرى ئەزالار خېلى بار،كۆمەي قالدىمۇ ياكى توردا يوقمۇ ساقلاپ بېقىڭ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 22:27:19

كۈيۈككە ئىشلىتىدىغان بىر دۇرا بار ، ئىسمى مېي بو  ،  شۇ دۇرىنى ئامال بار يارا ئېغىزى قاتماستا  سۈرسىڭىز تارتۇ ق قالماي   تىز  ساقىيىدۇ .  ياكى مۇشۇنداق مەخسۇس تارتۇق تۈزەيدىغان يۇۋما تارتۇق تۈزەش مەركىزى (优玛除疤中心) دەيدىغان بىر ئۇرۇن بار ، بۇ ئۇرۇن ئاساسەن چوڭراق شەھەرنىڭ ھەممىسىدە بار ، شۇيەرگە بارسىڭىز دۇرا بىرىدۇ .

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 09:50:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-13 10:45  

1997-يىلى مەن شىغىللىق يولغا يىقىلىپ چۈشۈپ يۈزۈمنىڭ ئوڭ تەرىپى سۈرۈلۈپ ۋە يېرىلىپ ئېغىز زەخمىلەنگەن، مەن شۇ چاغدا دادامنىڭ گېپى بويىچە يۈزۈمگە ھېچقانداق دورا ھەتتا سۇمۇ تەگكۈزمەي ساق بىر ئايدىن كېيىن يۈزۈم بۇرۇنقىدەك ساقايغان!

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 10:38:11

مەنمۇبىرقىتىم مۇتسىكىلىتتىن يىقىلىپ يۇزۇمنىڭ بىرتەرىپى سۇرۇلۇپ كەتكەن،مىي بو  نى ئىشلەتكەندىن كىيىن تىزھەم تارتۇق سىز ساقايغان.(ئۇزەم قاقىشىنى كوچىلاپ ئۈچەشكەن پىشانەمدىكى بىريەردىن باشقىسى لىكىن ھازىر پىشانەمدىكىنىمۇ زەن ساپ قارىمقسا بىلىنمەيدۇ.)

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 11:15:29

مېنىڭ مەسلا بولۇپ قالسا يۈز-كۆزلىرىنى يارا قىلىۋالىدىغان بىر ئاغىنەم بولىدىغان،شۇنىڭ يۈزىدە لېكىن تاتۇق دېگەن
نەرسە يوق،كېيىن سورىساق ھەر قېتىم يىقىلىپ ئاشۇنداق يارا بولۇپ قالسا ئايالى كېسەكنىڭ قىرىپ توپىسىغا سۈتنى ئارلاشتۇرۇپ شۇ يارا يەرگە سۈركەيدىكەنتۇق...

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 15:10:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-13 15:12  

پىششىق قىشنى ئۇندەك ئۇۋاپ سۈكەپ بەرسە تارتۇق بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان ، لېكىن سىزنىڭ يارىڭىز  ئېغىرمۇ يەڭگىلمۇ ، يىنىكمۇ بىلمىدىم ....
لېكىن تۇز سۈركەپ قالماڭ -ھە ، ئەكىس تەسىرى بەك خەتەرلىك :lol

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 16:08:06

ماۋۇ پىششىق قىش، ساپال دېگەنلەرنى تېرە سۈرۈلگەن يەرگە سۈركەيدۇ. چوڭقۇرراق زەخمە بولسا باشقىچە ئامال كېتەمىكى.

asabi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 19:42:29

رەھمەت سىلەرگە مېيبو دىگەن دورىنى ئەكىلىپ سۈردۈم
يەنە بىر تونۇشۇمىز چەتنىڭ دورىسى دەپ شۇ مېيبوغا ئوخشاش سىقىدىغان بىر دورا ئەكەپتىكەن قايسىسىنى ئىشلىتىشنى بىلەمەي سەل ئىككىلىنىپ قالدىم

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 21:18:26

ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 08:34:10

:(:(

putaki يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 14:43:22

مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا موتوسكىلىتتىن يىقىلىپ يۈزۈمنىڭ داچەنچىلىك ئورنىنىڭ تىرىسى سۈرلۈپ كەتكەن.شۇ ۋاقىتتا تارتۇق ساقىيىپ قالامدىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن(توي قىلمىغان يىگىت ۋاقىتلاردە).ئانام رەھمەتلىك ھەر كۈنى ئەتتىگەن نامازغا تۇرغاندا تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن تۈكرۈگىنى يۈزۈمنىڭ يارلانغان يېرىگە سۈركەپ قۇياتتى.ھېچقانداق دۇرا ئىشلەتمەي يۈزۈم پاكىزە ساقىيىپ كەتكەن.سىزمۇ بولسا دۇرا ئىشلەتمەي سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ،دىققەت قىلىشىڭىز كىرەككى تۈكرۈك چۇقۇم ئەتتىگەن ئويغىنىپ بىر نەرسە يىمىگەن ۋە ئىچمىگەن  ۋاقىتتىكى تۈكرۈك بۇلىشى، جاراھەتنىڭ قاقىچىنى ئاجرىتىۋەتمەسلىگىڭىز كىرەك.

قالغىنىغا اللا شىپالىق بەرگەي!

asabi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 00:15:55

بەك چارچاپ كەتتىم  
چارچىغاندىلا بىر ھەقىقەت چۆگىلەپ نېرى كېتەلمەيدۇ
بەلكىم مېنىڭ تۈگىشىپ كېتىشىمنى خالىمىسا كېرەك
بەت: [1]
: ياردەم قىلساڭلار