لاتا شېئىرى (61) قورقمىغىن
لاتا شېئىرى (61) قورقمىغىن . ئەسلى تېما http://bbs.izdinix.com/thread-58352-1-1.htmlبولسا ئەگەر خىزمىتىڭ ، پايلاقچىدىن قورقمىغىن ،
قوغدار سىنى پارتىيە ، يالاقچىدىن قورقمىغىن .
تاڭكا - تىكئۇچار ، بىرونىك ، قوغدار ئەسكەر قۇراللىق .
خاتىرجەم بول ئەبەدىي ، قاراقچىدىن قورقمىغىن .
ئاغرىمىسا قۇرسىقىڭ ، قورقماي تاۋۇز يەۋەرگىن ،
«ئۈچخىل ئۇنسۇر» بولمىساڭ ، سوراقچىدىن قورقمىغىن .
پارتىيەگە سادىق بول ، «تىرورچى»نى تۇتۇپ بەر ،
مەردانە بول ، قالپاقچى- توماقچىدىن قورقمىغىن .
بۆكنى دىسە باشنى ئال ، ئاكتىپ بولغىن خىزمەتتە ،
قۇدىرەتلىك قۇشۇن بار ، چۇماقچىدىن قورقمىغىن .
كىم گەپ سورسا دۇدۇقما ، قىزىل بولسۇن جاۋابىڭ ،
بولمىساڭلام سىياسى ، سوراقچىدىن قورقمىغىن . شېئىرلىرىڭىزنى سېغىنغان ئىدىم...رەھمەت ئەلا !! لاتا ئەپەندىم ماڭا بىر ئىش تېپىپ بەرمىسىڭىزلا بولاتتىغۇ ھە !~~~
ئاخىرى قايتىپ كەلدى ما لاتا ئاداش، قارشى ئالىمىز!
نۇرمال چىقىپتۇ! ئەكىرىپ 10 كۈن سۇلاپ ،سوراق قىلىپ قۇيۇپ بەرگەن كىشىنىڭ شېئىرىدەك چىقىپتۇ ما شېئىر. مەھەللىدە توك- سۇ توختىسا قاتتىق بىر تەكشۈرۈش بارمىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bigaan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-13 16:10
پاناھىدۇر يەك ئاللاھ ،ھەركىم شۇندىن قورقسۇن !
شېرىك قورقماق ئىنساندىن شېرىك بولۇشتىن قورقسۇن !
كۆرمەكتىمىز زامانە قاراقچى ئاشكارە بۇلاپ -تالاپ
بىلىپ بىلمەي كىشى شۇلار مىسالى بولۇشتىن قورقسۇن!
قورقسا قورقمىسا بەرىبىر قالپاق ھەر زامان تەييار
سەبىر بىرلە مۇسۇلمان ھەقتىن تېنىشتىن قورقسۇن !
توغرا دەيدۇ مەردانە ياشاش مۇسلىمغا لايىق
قورقما دىگەنلىك ئەمەس كى گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قورقسۇن !
كۈلگۈسى كىلەر قورقسا ئىنسان بىر توپ كۈچۈكتىن
قورققۇسى كەلسە تەۋبە بىرلە جەھەننەم ئوتىدىن قورقسۇن !
ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ئىنسانغا چۈشۈردى قۇرئان
شۇل كۈن ھىساب -كىتاب قىيامەت سورىقىدىن قورقسۇن !
-ابن تۇرغۇن يەك زىيائى (بىگان ) غالچا دەپمۇ ئىسىم قويامسىلە باللا. دەششەت يېزىپ سىلە لاتا بۇرادەر 0903Galaxy يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 13:03 static/image/common/back.gif
دەششەت يېزىپ سىلە لاتا بۇرادەر
شىپىڭ دۇخاۋا دېگىنە مۇندا:lol
بەت:
[1]