parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 14:19:25

جۇڭگۇدىكى يەتتە ھەربىي رايۇننىڭ رەت تەرتىپى (كۈچۈرۈلمە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-12 14:21  

جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى يەتتە چوڭ ھەربىي رايونى تۆۋەندىكىچە: بېيجىڭ ھەربىي رايونى، شېنياڭ ھەربىي رايونى، جىنەن ھەربىي رايونى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى، لەنجۇ ھەربىي رايونى ۋە چېڭدۇ ھەربىي رايونى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ھەربىي رايونىدىن باشقا ھەربىي رايونلارنىڭ ئېنىق ۋەزىپىسى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئوبېيكتى بار.
1 . بېيجىڭ ھەربىي رايونى بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى پايتەخت بېيجىڭنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن. يەتتە چوڭ ھەربىي رايون ئىچىدە بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئەسكىرى ئەڭ كۆپ، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى ئىكەن. ئاۋانگارت قىسملاردىن جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 38-قىسىمى بىلەن پاراشۇتچى 15-قىسىمى بۇ ھەربىي رايون تەركىبىدە ئىكەن.

2 . شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش دائىرىسى لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىرى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. ئەسكىرىي كۈچى ئاساسلىقى چاڭچۈن، جىنجۇ ۋە لياۋياڭ قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

3 . لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش دائىرىسى گەنسۇ، چىڭخەي، سەنشى ئۆلكىلىرى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى لەنجۇ شەھىرىدە.

4 . نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش دائىرىسى ئەنخۇي، جياڭسۇ، جياڭشى، فۇجيەن ئۆلكىلىرى ۋە شاڭخەي شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى نەنجىڭ شەھىرىدە.

5 . چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش رايونى سىچۈەن، يۈننەن، گۈيجۇ ئۆلكىلىرى، چۇڭچېڭ شەھىرى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى چېڭدۇ شەھىرىدە.

6 . گۇاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش رايونى خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن ئۆلكىلىرى ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى گۇاڭجۇ شەھىرىدە.
7 . جىنەن ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش رايونى شەندۇڭ، خېنەن ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى جىنەن شەھىرىدە.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

تور مەنبەسى : نۇرخەۋەرلەر تورى

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 17:50:47

kukhelal2 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 18:54:04

موڭغۇل ئاپتۇنومىيىسىنى بىيجىڭ ھەربىي رايونى (قوغدايدۇ) دەپسىز،خەرىتىدە لەنجۇ ھەربىي رايونىغا قارايدىكەنغۇ:o

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 22:27:34

لەنجۇ ھەربىي رايۇنى ھەجەپ كوپ يەرنى باشقۇردىكىنا ، ئەينى زامانلاردىمۇ گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ موھىم ھەربى بازىلىردىن بىرىكەنتۇق بۇ لەنجۇ .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 08:54:40

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 17:50 static/image/common/back.gif


بۇ خەرىتە  توغرا ئەمەسكەن :
توغرىسى ماۋۇغۇ دەيمەن :

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 09:24:57

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 08:54 static/image/common/back.gif
بۇ خەرىتە  توغرا ئەمەسكەن :
توغرىسى ماۋۇغۇ دەيمەن :

بۇ خەرىتە توغرىكەن:D

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 09:51:18

{:112:}{:112:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 21:22:52

ھەربىي مەخپىيەتلىكنى تورغا چىقارماڭلار باللار
بەت: [1]
: جۇڭگۇدىكى يەتتە ھەربىي رايۇننىڭ رەت تەرتىپى (كۈچۈرۈلمە)