turantikin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 10:58:00

پايچىكا ئويناشنىڭ ئىسلەمدىكى ھۆكۈمى

                                                         پاي چىكى ئويناشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمى
   پاي چىكى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئانچە غەيرىلىك ھېس قىلمايدىغان بولدى.گەرچە ئۆزىڭىز ئويناپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ ،ئەتىراپىڭىزدىكى تۇنۇش-بىلىشلىرىڭىز،خىزمەتداش ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكىلەر ئىچىدە ئۇنى ئويناپ باققانلار بۇلۇشى مۇمكىن.
  مەن تۇلۇقسىزدىن باشلاپ ئىقتىسادقا،تۇلۇق ئوتتۇرىدىن  باشلاپ پاي چىكى سودىسىغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم.ئالىي مەكتەپكە چىقىلىمۇ بىر نەچچە يىل بۇلۇپ قاپتۇ.بۇرۇن قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە مەن پاي چىكى بازىرىغا كىرىپ،ھەۋەسكار ۋە ئۆگەنگۈچى سۈپپىتىدە پاي چىكى ئوينىغىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قاپتۇ.مۇشۇ جەرياندا كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ پاي چىكىنى قىلچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى(ساۋاقداشلىرىم ۋە ئەتىراپىمدىكىلەر) ھېس قىلدىم.ئۇلار پايچىكىنى ھارام دەپ قارايدىكەن.ھەم ئۆزەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى دىننىي بىلىمىمنىڭ كەمچىل بۇلۇشى تۈپەيلى ئۆزەممۇ خۇدۈكسىرەپ قالغان ئىدىم.كىيىن بىر دوستۇمغا دىسەم،ئۇ ماڭا ياردەم قىلىپ سەئۇدى ئەرەببىستاندا ئوقۇۋاتقان ئاكىسىدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ.شۇنى تورداشلارغا سۇنۇشنى ئويلاپ قالدىم.ئارتۇقچە بىلىم ئېغىرلىق قىلماس دىگەن ئۈمىدتىمەن.
  (ئەسكەرتىش:دوستۇم مىنى دەپلا ئاكىسىدىن سورىغاچقا،ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپتۇ،شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.توغرا بولسا قۇبۇل قىلىپ،خاتا يەرلىرىنى تۈزىتىپ قويغايسىلەر.)

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                            سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز. بىزنىڭ سورايدىغان سۇئالىمىز بولسا ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى بىرگەۋدىلىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان ھەرخىل كەسىپ ۋە سودا-سېتىق كەسىپلىرى، تور تېخنىكا كەسىپلىرى (مەسىلەن توردا ئېلان بېرىپ پۇل تېپىش، ئىنتېرنېتتا نەرسە كېرەك سېتىۋىلىش، شىركەت پايچېكى سېتىۋېلىش، خام نېفىت سېتىۋىلىش قاتارلىقلار) چىقىپ بىز مۇسۇلمانلارغا قايسىسىنى قىلىش، قايسىنى قىلماسلىق قايسىسى ھارام، قايسىسى ھالال بۇنى ئايرىش تەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بىز بىرقىسىم مەبلەغ سالغۇچى شىركەت بولۇپ، ھازىر بىز جۇڭگو ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سالايلى دەپ ئويلاشقان ئىدۇق، بازارغا كىرىپ پايچەك ئېلىپ-ساتساق بولامدۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىزگە قانداق شەرتلەر ۋە پەتىۋالار بار؟ ئېغىر كۆرمەي پەتىۋا بېرىشلىرىنى سورايمىز.جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.ئاللاھ تائالا ئايەتتە سودا-سېتىقنى، تىجارەتنى ھالال قىلىپ مۇنداق دېگەن: (ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى.)[ بەقەرە سۈرىسى 275-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ] (پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا، ئۇنى يازمىساڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ.)[ بەقەرە سۈرىسى 282-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ] (بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەت سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا.)[ نىسا سۈرىسى 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ]ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى ئەمەلىيەتتە بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەسسىدارلىقتىن كېلىپ چىققان ھەر بىر شەخسنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى پاي ئېلىم-سېتىم، مىراس، ھەدىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق مۇئامىلىلەردە قىممەتكە ئىگە مۈلۈك ھېسابلىنىپ، شەرئىي جەھەتتىن مال-مۈلۈككە دائىر ئەھكاملارغا بويسۇنىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغان پايچىكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، بەلكى ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ. پاي چېكى تىجارىتى مۇباھ تىجارەت. لېكىن ئالىملار بۇ خىل تىجارەتنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن شەرىئەتكە خىلاپ بارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. مەسىلەن: 1-پاي تەۋە بولغان شىركەت ئەمەلىيەتتە جىسمى بار مەۋجۇت شىركەت بولۇپ ھالال كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇشى، قۇرۇق قەغەز يۈزىدىلا قۇرۇلغان مەۋھۇم ياكى قۇرۇلىۋاتقان شىركەت بولماسلىقى كېرەك. 2-پاي چېكى ئېلىپ-سېتىلماقچى بولغان شىركەت جازانە- ئۆسۈم بىلەن ۋە ياكى ھاراق ئىشلەپ چىقىرىشتەك، قىماردەك ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان شىركەتلەر بولۇشى شەرت. ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ھارام ئىشلار ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ-سېتىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە چەكلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك پايلارنى ئېلىپ-ساتماسلىق تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن. 3-پايچېكى سودىسى قىلغاندا نەق ۋە نېسى بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىغا ئۇدۇل كەلگەندە نەقمۇنەق بولۇشى شەرت. 4-ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش مەقسىتى بولمىسىمۇ باشقىلارنى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە پاي سېتىۋالماسلىق ياكى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداق، مىش-مىش گەپلەرنى تارقاتماسلىق ياكى ساختا خېرىدار بولماسلىق. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەھرالىقنىڭ مېلىنى شەھەرلىك سېتىپ بەرمىسۇن. خېرىدارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ساختا خېرىدار بولماڭلار، كىشى قېرىندىشىنىڭ قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودىلاشمىسۇن. قېرىندىشى سۆز ئاچقان لايىقىغا سۆز ئاچمىسۇن. ئايال كىشى ئۆزى تېگىش ئۈچۈن ھەمشىرىسىنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئېرىدىن ئۇنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلمىسۇن» دەپ توسقان.[ سەھىھەين: بۇخارىي 2140-ھەدىس. مۇسلىم 1413-ھەدىس ] 5-بەزى شىركەتلەر زىيان تارتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆسۈملۈك بانكىلاردا قويۇپ ساقلاپ ئۆسۈم ئالىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈمنى تىجارىتىنىڭ پايدىسى بىلەن ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇنداق شىركەتلەرنىڭ پېيىنىڭ سودىسىنى قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆسۈم يېيىشتىن ئىبارەت. 1992-يىلى 5-ئايدا جىددە شەھرىدە ئېچىلغان ئىسلام فىقھى مەجمەسىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان: 1-مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر. 2-ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر. 3-ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر. يەنە 1995-يىلى رابىتىغا تەۋە ئىسلام فىقھى مەجمەسىنىڭ 14- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي جېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن: 1-مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس. 2-بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم. يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئىسلام چەكلىگەن ئىشلاردىن خالىي بولغان ئەھۋالدا پاي چېكى سودىسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. شۈبھە ئارىلاشقان ئەھۋالدا مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك: 1- پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى تىجارىتىلا بولماستىن باشقا نۇرغۇن مەۋھۇم تىجارەتلەرمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل تىجارەتكە قەدەم قويماقچى بولغانلار بۇ ھەقتە ئەتراپلىق دىنىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن تۇتۇش قىلمىسا ھارامغا ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ. 2-پاي چېكى تىجارىتى مەلۇم سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر قەدەر مۇرەككەپ تىجارەت بولغاچقا، بۇ ساھەدە ئەتراپلىق مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەر ئاسان زىيان تارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ تىجارەتنى بۇ ھەقتە يېتەرلىك بىلىمى بارلار قىلغىنى تۈزۈك. 3-پاي چېكى بازىرى ھەر مىنۇتتا نەچچە خىل ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىنساننى دەككە-دۈككىگە سېلىپ ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. چوڭ زىيان تارتىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرمۇ بار. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنى بۇنداق بازارلاردا كۆپ ئۇپراتماسلىقى، رىزىقنىڭ ئەزەلدىن پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ھالال، چىرايلىق، ساغلام يول بىلەن پايدا تېپىشنى كۆزلىشى لازىم. ۋەللاھۇ ئەئلەم.                                                                                                                                    

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 15:41:50

‏ئۇنداقتا پاي چېكى ئويناش ئەسلىدە مۇباھ (رۇخسەت قىلىنغان )ئىش ئىكەن ،لىكىن بىز پېيىنى سېتىۋالغان شىركەت جەزمەن ھالال تىجارەت قلىشى، جازانە-ئۈسۈم قىلماسلىقى، شىركەت باشقىلارغا سودىدا سەمىمىي ، ئادىل بولۇشى كېرەك ئىكەن، كۆپىنچە بىز پاي چېكىنى سېتىۋالغان شىركەتلەرنىڭ بۇنداق ئىنچىكە تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش بىر ئاز ئاۋارچىلىق ھەم بەزىسىنى تەكشۈرەي دىسەكمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى شىركەت ئەھۋالىغا ئىشەنچىمىز ئاجىز بولسا ھەم ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاشساق پاي چېكىنى ئويناشقا قىزىقىپ كەتمىسەكمۇ بولغىدەك.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 15:58:34

بۇ پەتىۋا دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىكەن..ئاللاھ ئۇستازدىن رازى بولسۇن

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 17:58:10

ھاياتنى قەدىرلەپ جۇڭگۇ پاي بازىرىدىن يىراق تۇرايلى!

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 20:15:46

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 15:41 static/image/common/back.gif
‏ئۇنداقتا پاي چېكى ئويناش ئەسلىدە مۇباھ (رۇخسەت قىلىنغ ...

   بۇنداق بىر تەرەپلىمە كۆز-قاراشتا بولسىڭىز بولمايدۇ.پاي چىكى ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ بەلگىسى سۈپپىتىدە مەيدانغا كەلگىلى نەچچە يۈز يىل بولغان بولسىمۇ،لىكىن دىيارىمىزغا كەلگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاي چىكىغا مەبلەغ سالدىغان ئەمدىلەتىن كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ،ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇر كارخانلىرى پىيىنى بازارغا سالالمىدى.بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز پاي چىكىنى بىلمەيدۇ ھەم چۈشەنمەيدۇ(مەزكۇر تېمىمۇ شۇنداقلارغا قارىتا يېزىلغان).
  ئەمەلىيەتتە،پاي چىكى ۋە پاي بازىرى ئۇنچىلىك سىرلىق ۋە خەتەرلىك بازار ئەمەس.كارخانىلارغا نىسبەتەن،پېيىنى بازارغا سېلىش كۆپ مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.شەخىسكە نىسبەتەن،پاي چىكىغا مەبلەغ سېلىش بولسا پۇلنى بانكىغا قۇيۇپ،تەييار مەبلەغنى ئىسراپ قىلغاندىن پاي چىكى سېتىۋالسا قولىدىكى چەكلىك مەبلەغدىن چەكسىز پايدىلىنىپ،تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باي-باياشات ئۆتكۈزەلەيدۇ.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 20:28:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-12 20:35  

turantikin يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 20:15 static/image/common/back.gif
بۇنداق بىر تەرەپلىمە كۆز-قاراشتا بولسىڭىز بولمايدۇ. ...

‏پاي چېكىنىڭ ھازىرقى زامان ئىقتىسادىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىسادى ئامىل ئىكەنلىكىنى ، پاي ئارقىلىق شىركەت ۋە شەخىسنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىپ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمەن، مىنىڭ ئوقۇغان كەسپىممۇ شۇنىڭغا يېقىنرەك كەسىپ.
‏لىكىن سىزنىڭ تىمىڭىزدىكى مەزمۇنلارغا قارىسام بىز پاي چېكى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولغان شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشۈنىشىمىز كېرەك ئىكەن، چوقۇم ھالال تىجارەت قىلىشى، جازانە قىلماسلىقى، سودىدا ئادىل،سەمىمىي بولۇشى كېرەك ئىكەن، .
‏ھازىر پېيىنى بازارغا سالغان ئۇيغۇر كارخانلىرىمىز يوق دىيەرلىك، ئەگەر بولسىدى كۆپ ئارىسالدى بولمىساقمۇ بولاتتى، چۈنكى مىللىي كارخانلىرىمىز ئاساسەن ئۇ شەرتلەرگە چۈشىدۇ. ئەمما باشقا شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى ماڭا نىسپەتەن تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش ئانچە مۇمكىن بولمايدۇ، بەلكىم نۇرغۇن دوسلىرىمىز ئىنىقلاپ ئەھۋالىنى بىلەلىشى مۇمكىن ، ئەگەر ئەھۋالىنى بىلىپ شەرتلەرگە چۈشسە سېتىۋالسا شىركەت ھەم ئۆزىگە ئىقتىسادى قىممەت يارىتالايدۇ، ھەم جەمىيەت تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق، مەن مۇشۇلارنى دىمەكچى.

mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 20:40:31

تېخىمۇ كۆپ پاي چېكى بىلىملىرىنى بىلەي دىسىڭىز،ئۇندىداردا aksiyabizنى ئىزدەپ تېپىپ قېتىۋېلىڭ،ياكى ئاكسيە توپىغا قېتىلىڭ

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 22:06:18

مەنمۇ پاي چىكىنى 2010-يىلدىن باشلاپ ئوينىغىلى باشلىغان ، كىيىن بۇنىڭدىن كوپ پايدا تاپالماي ، پىرۋۇت ، ئالتۇن سودىسىغا كىرۋالدىم ، مۇشۇ پىرۋۇت ، ئالتۇن سودىسىغىمۇ بىرەر روشەن پەتىۋا تاپساق بولاتتى ، شۇندىلا كوڭلىمىز شۇبھىدىن خالى بولاتتى ، بولسا مۇشۇ توغۇرلۇقمۇ ئىزدىنىپ باقسىڭىز .

Tewpik يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 22:12:57

مەنبەنى ئەسكەرتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

saray يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 07:26:02

مۇشۇ بانادا مەنمۇ سورىۋالاي،ئادەتتە  پوچتا ماركىسىنىڭ باھاسى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىزچىل ئۆسىدۇ،ھەرگىز چۈشمەيدۇ،ئادەتتە بىرتال پوچتا ماركىسىنى نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئەسلى باھاسىدىن
نەچچە ئون  مىڭ ھەسسە يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدۇ،بۇنداق يۇقىرى باھادا سېتىلغان ماركىلارنىڭ پەقەتلا ساقلاش قىممىتى بار،ئىشلىتىش قىممىتى يوق.بىلمەكچى بولغىنىم ئىسلامدا پوچتا ماركىسىغا ئوخشاش كونا رەسىم ۋە كونا ئاسارى ئەتىقە دېگەندەك نەرسىلەرنى توپلاپ باھا ئۆسكەندىن كېيىن سېتىشقا قانداق ھۆكۈم بېرىدۇ؟بىلىدىغانلار مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتكەن ھالدا جاۋاپ بېرىپ باقساڭلار.

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 09:55:25

Tewpik يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 22:12 static/image/common/back.gif
مەنبەنى ئەسكەرتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

   خاپا بولماي تېمىنىڭ باش قىسمىنى يەنە بىر ئوقۇپ باققان بولسىڭىز.مۇشۇ سۇئالنىڭ سورىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باش قىسمىغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەنمەن.چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ باقسىڭىزمۇ مەنبەسىنى بىلەلەيسىز.بىر قېرىندىشىمىزنىڭ دىيىشىچە،بۇ ئۇستاز ئابدۇلئەزىزنىڭ پەتىۋاسىكەن.

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 09:55:42

جوڭگۇ پاي بازىرى بىلەن چەتنىڭ پاي بازرى قەتئى ئوخشىمايدۇ،
چەتنىڭىكىدە شىركەكە بىۋاستە دىگۇدەك مەبلەغ سالسىز قىقىسى تىجارەت قىلغان بولىسىز ،
جوڭگۇنىڭىكىدە قۇرۇق قەغەز ئىلكىتىرۇنلۇق ئويۇن ئوينايسىز ،

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 09:57:42

3-پايچېكى سودىسى قىلغاندا نەق ۋە نېسى بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىغا ئۇدۇل كەلگەندە نەقمۇنەق بولۇشى شەرت.

mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 15:47:57

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر پايچىلار چ چ  توپىغا قېتىلىپ بىرلىكتە ئىزدىنەيلى :توپ نۇمېرى: 45576475
بەت: [1]
: پايچىكا ئويناشنىڭ ئىسلەمدىكى ھۆكۈمى