arkyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 09:34:59

گۈزەل تەبىئەت!

گۈزەل تەبىئەت!

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

قوينۇڭدا رەڭدارلىق،قوينۇڭدا قىسمەت،
قىسمەت - كۆچۈرمە،كۆيۈم ۋە ھىممەت.
ھەربىر تىۋىشىڭدا سىرلار بېھىساپ،
تەرتىپلىك،سىممىترىك ـ گۈزەل تەبىئەت!

قەيەردىن باشلاندىڭ،قەيەردە توختاش؟
مەخلۇقات ھەيرەتتە،تۈگەلسىز بايقاش.
لۇكرىتسى سۆزلەيدۇ فارابىي مۇڭداش،
مۇزىكا-كۈي لىرىك گۈزەل تەبىئەت!

ئەبەدىي بولمايسەن خارلىغانغا خار،
نادانلىقىمىزدىن تاپساق ئىپتىخار.
جىمىكى ئۇلۇغلۇق خىسلەتلىرى بار،
تەپەككۇر ئەھلىگە كىملىك تەبىئەت!

تەسۋىرىڭ سىزىمى ۋۇجۇدقا سىزساق،
سەن تاق،سېنى كىم سىزغاندۇ قانداق!؟
گۇمانلار ئىزدىسۇن، بولمايدۇ ئاخماق،
پەرۋاسىز،بى سۈرۈك گۈزەل تەبىئەت!

ئەرزىمەس مەخلۇقمەن سەزسەم سىرىڭنى،
سەجدىدە بىرنۇرمەن بويلاپ قىرىڭنى.
تىڭشايمەن تۈنلۈكتىن  تىنىقلىرىڭنى،
رەھمىتى مەڭگۈلۈك گۈزەل تەبىئەت!

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 14:41:44

بەلەن يېزىپسىز {:112:}
بەت: [1]
: گۈزەل تەبىئەت!