dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 09:23:59

تۈركىيە تەسىراتلىرىم

يېقىندىن بۇيان چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرمىزنىڭ يازمىلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق،»ۋاشىنگىتون خاتىرلىرى«،»خوشنىمىز قازاقىستان«قاتارلىق ئىسىل يازمىلار ھەممىمىزنى سۈيۈندۈردى،»تۈركىيە تەسىراتلىرىم«ناملىق بۇ يازمىمۇ بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يۇمۇرلۇق تىللار بىلەن بايان قىلغان يېقىشلىق كەچمىشكەن،شۇڭا باغداش مۇنبىردىن كۆچۈرۈپ ئەپكەلدىم.
ياقتۇرمىساڭلار ئۆچۈرۋەتسەم بۇلىدۇ جۇمۇ
تۈركىيە تەسىراتلىرىم (1)                                                                              
يا سۆي ،يا تاشلا!

        تۈركىيە بىر شۇئار دۆلىتى، بۇ، ئەمەلىي ئىشى  يوق دېگىنىم ئەمەس، تۈركلەرنىڭ شوئارنى قۇراشتۇرۇش ۋە توۋلاش ۋە قوللىنىشتىكى  ئۇستىلىقىنى دېمەكچىمەن. تۈركلەرنىڭ شوئارلىرىنى شەكىل ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن، خىتابەت شوئارلىرى، شېئىرىي شوئارلار دېگەندەك كۆپلىگەن تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن، ئەمما بۈگۈنكى تىمام بۇ ئەمەس؛ بۈگۈن يازماقچى بولغۇنۇم تۈركىيەدىكى ئاز كەم 4 يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا ماڭا تەسىر قىلغان شوئارلار.                                                                                                                                               

  " تۈركىيەم! تۈركىيەم!...."                                                                                                                                

        تۈركىيە  كوماندىلىرى بىرەر خەلقئارالىق مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان كۈنى كىشىلەر  كوچىلارغا تۆكۈلىدۇ،  ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىپ قوشۇن تارتىپ كوچىدىن -كوچىغا دوقمۇشتىن-دوقمۇشقا يۈرۈش قىلىدۇ؛ قولىدا تۈركىيە بايرىقى، ئېغىزىدا شوئار: " تۈركىيەم، تۈركىيەم، تۈركىيەم!!!" پۈتۈن تۈركىيە " تۈركىيەم" دېگەن بۇ شوئار بىلەن تەۋرەيدۇ، يېزا-قىشلاقلىرىدىكى دوقمۇشلاردىن، پايتەخت ئەنقەرەنىڭ قىزىلئاي ۋە جۇمھۇرىيەت مەيدانلىرىغىچە؛ ئىستانبۇلنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن ئونۋېرسىت باغچىلىرىغىچە. ئەجەپلىنەرلىكى، مۇنچە كەڭ-كۆلەملىك تەبرىك دولقۇنىنى  ھىچ بىر پارتىيە ياكى تەشكىلات تەشكىللىمەيدۇ؛ نەتىجە ئايدىڭلاشقان ھامان، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ياكى قەھۋەخانىلاردىن كوچىغا چاچراپ چىقىدۇ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىغا ئەگىشىدۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ تەن-تەنە ئۈچۈن ھاۋاغا ئېتىلغان ئوق ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلىنىدۇ. مەن بۇنداق چاغلاردا ياتىقىمنىڭ بالكونىغا چىقىپ  مەخسۇس ئولتۇرۇپ خۇددى كىنو كۆرىۋاتقاندەك پەيز  سۈرىمەن؛  ئىنسان ھەرقانچە كەڭ قورساق، ھەرقانچە ئالىيجاناپ بولسىمۇ نەق ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بەختتىن، نەق شۇ بەخت ئىگىسىگە ئوخشاش دەرىجىدە لەززەتلىنىشى مۇمكىنسىز ئىكەن؛ ئەگەر سەن بەخت ئىزدەپ يۈرگەن  بىرسى بولساڭ،  ئۇ بەخت ئىگىسى ئەڭ يېقىن دوستۇڭ، ھەتتا قېرىندىشىڭ بولغان تەقدىردىمۇ بىر يەرلىرىڭ تاتىلىنىدىكەن. شۇڭا بالكوندا ئولتۇرۇپ  سۈرىۋاتقان بۇ پەيزىم ، ئەمەلىيەتتە ھەۋەس، ھۆرمەت،  ھەسرەت، ھەسەت دېگەندەك ئونلارچە ياكى يۈزلەرچە گىدىرماچ تۇيغۇلارنىڭ جۇغلانمىسى. بەزى چاغلاردا:                                                                                                                                          
--- نېمانچە ئۇزۇن قارايسەن- ھوي! كەل بولدى. --- دەيدۇ ئەزەربەيجانلىق ساۋاقدىشىم. ئۇمۇ ' دىش تۈركلەر'دىن يەنى تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى تۈركلەردىن بولغاچقا بۇنداق پائالىيەتلەردە ئۆزىنى مەن بىلەن ئورتاق تۇيغۇدا دەپ ئويلايدۇ؛ كۆپ ئەھۋاللاردا شۇنداق، ئەمما " تۈركىيەم، تۈركىيەم!" دېيىلىۋاتقان بۇ سەھنىدە ئەمەس!                                                                                                

" ئەڭ بۈيۈك ئەسكەر بىزنىڭ ئەسكەر!"                                                                                                               
          ئارىلاپ-ئارىلاپ كوچىلاردا، قورولاردا، بەزىدە 5-10 ، بەزىدە 40-50، بەزىدە 100-200 كىشىنىڭ بىر كىشىنى دولىسىغا مىندۈرۈپ " ئەڭ بۈيۈك ئەسكەر، بىزنىڭ ئەسكەر" دەپ توۋلاۋاتقىنىنى كۆرىسىز. بۇ شۇ دولىغا مىندۈرۈلگەن كىشىنىڭ ھەربىيلىككە ئۇزۇتىلىۋاتقان مەھەللە مۇراىسىمى. بۇنىمۇ بىر قوراللىق قىسىم ياكى مەھەللە ئىتتىپاق كومىتېتى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان ئىش ئەمەس؛ ھەربىي نامزاتىنى دولىسىغا مىندۈرىۋالغانلار، شۇ ياشنىڭ دوستلىرى، قوشنىلىرى ياكى تۇغقانلىرى. ھەربىيلىككە ئۇزۇتۇشنىڭ بۇ دەرىجىدە داغا-دۇغۇلۇق بولۇشى، بولۇپمۇ مەھەللىۋى مۇراسىمغا ئايلىنىپ كېتىشى، دۇنيادا پەقەت تۈركلەرگىلا خاس ئادەتمىكىن دەيمەن. بۇ ئادەت بەلكىم، تۈركلەرنىڭ  3 قىتئەدە 500 ھۆكۈمرانلىق سۈرۈشتەك بىر سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ يالدامىسى بولسا كېرەك. ئەگەر  تۈرك ئەسكەرلىرىدە  چاناققەلئە ئۇرۇشىدىكىدەك بىر قەھرىمانلىق روھىي ھېلىمۇ بار دېيىلسە، بۇ جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرىنجىسى مۇكەممەل بىر ئىمان، ئىككىنجىسى ئوتتەك بىر ۋەتەنپەۋەرلىك بولسا، ئۈچىنچىسى، ئەنە شۇنداق دولىغا مىندۈرۈلۈپ ئۇزۇتۇلۇشتەك داغا-دۇغا ۋە تەن-تەنىگە يۈز كېلەلمەسلىكتەك نومۇس كۈچىمىكىن دەيمەن. دولىغا مىندۈرۈلۈپ ئۇزۇتۇلغان بىر ئەسكەر جەڭدىن چېكىنسە، جەڭدىن قاچسا، جەمئىيەتتە قانداق مۇئامىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش قېيىن ئەمەس؛ چۈنكى سىمۋوللار لۇغىتىدە دولىنىڭ زىت مەنىسى تاپان.                                                                                                                                       

    " ئۆل دە، ئۆلەلىم!  قال دە، قالالم!"                                                                                                                  
       بۇ تۈرك ياشلىرىنىڭ ئۆز يولباشچىلىرىنى كۈتىۋېلىۋاتقاندا توۋلايدىغان شوئار؛ شۇئارنىڭ سۆزمۇ-سۆز تەرجىمىسى: " ئۆل دېگىن، ئۆلەيلى؛ ياشا دېگىن، ياشايلى" ؛ جانلىق تەرجىمىسى: " ئوتقا دە، ئوتقا كىرىمىز، سۇغا دە سۇغا كىرىمىز!" . مانا بۇ شوئارنى ئاڭلاپ تۇرۇپ سەھنىگە چىققان رەھبەرنىڭ نۇتقىدا جان ۋە ئاھاڭ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ مۇشۇ شوئارنىڭ كۈچ بېرىشى بىلەن  ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر ئەمەلدارنىڭ  خەلقىگە خىيانەت قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ مەنچە  مۇمكىن دېگەن تەقدىردىمۇ ،  يوق ھېسپتا. مانا مۇشۇنداق شوئارنىڭ ھىمايىسىدە پارلامېنتقا كىرەلىگەن بىر پارتىيە رەھبىرى، پارلامېنتتا ئۆزى تەۋە بولغان  ئاز سانلىق  گۇرۇھ ياكى مىللەتنى ھەقنى سۆزلىمەسلىكى مۇمكىنمۇ ؟! ئەگەر مۇمكىن دېيىلسە، شۇ مىللىتىنى ئۇنۇتقان ۋە ساتقان كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئولتۇرىۋاتقان ئورۇندۇق ۋە ھەيدەۋاتقان ماشنىسىدىن مەھرۇم. مىللىتىنى ئاتسىمۇ-ساتسىمۇ ئورنى تەۋرىمەيدىغان،  " دۇنيانىڭ ئەڭ بەختلىك ئاز سانلىق مىللىتى بىز" دەپ يالغان بايانات بەرسىمۇ يۈكسىلىۋېرىدىغان تەلەيلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبەرلىرى بۇ تۇپراقتا مەۋجۇت ئەمەس.
     " يا سەۋ، يا تەرك ئەت!"                                                                                                                             
      تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ شوئارى، مەن ئەڭ ياقتۇرغان، ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر شوئار؛ ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق: يا سۆي، يا تاشلا!  دېيىلمەكچى بولغىنى : كەمچىلىكسىز مىللەت بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ، ھەتتا باشقا مىللەتلەرمۇ سۆيىدۇ؛ بۇ مىللەتنىڭ كەمچىلىگىنى پەقەت مىللەتنىڭ مىللەتچىلىرىلا سۆيەلەيدۇ ياكى ئەپۇ قىلالايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ مانا مۇشۇنداق كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىللەتپەرۋەرلەرگە ئېھتىياجى بار.     بۇ شوئار، مىللەتپەرۋەرلىك تونىنى كىيىۋېلىپ ئەتىگەندىن -كەچكىچە مىللىتىدىن زارلىنىدىغان  يىغلاڭغۇلارغا، دۈشمىنىنىڭ يېغىرىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي  قۇسۇرنى مىللىتىدىن  ئىزدەيدىغان قاخشاڭغۇلارغا؛ ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى مىللىتىگە دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغان چىدىماسلارغا، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى  سۆكۈپ-سۆرەۋاتقاندا  قىلچە ئازابلىنىش تۇيغۇسى يوق، ئەكسىنچە مازاق قىلىپ  يايرايدىغان نائەھلىلەرگە " سەپتىن چېكىن"  باياناتى!
   بۇ شوئار يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق : سەن ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بىر دەرت-بىر ئەلەم  بولسا، دەرت تارتقان سېنىڭ خەلقىڭ، دەرت سالغۇچى باشقىلار بولسا، ئوتتۇرا مەيداندا تۇرما، ئوتتۇرا يولدا ماڭما؛ ئەسەبىي بولساڭ بول، ئەمما لىڭتاسما بولما دېگەندىن ئىبارەت ئەركەكلىك باياناتى.   
تۈركىيە تەسىراتلىرىم  (2)

ئىتائەتمۇ، خوشامەتمۇ؟

  يېڭى كەلگەن يىلىم، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى، شەھەرنىڭ بىر چېتىدە دالا سەيلىسى قىلىۋاتىمىز. سەيلىگە چىققان  يەنە بىر گۇرۇھ ياندىكى بىر چىملىقتا پۇتبول ئوينىماقتا. پۇتبولنى يىراقتىن كۆرۈۋاتىمەن، دىققىتىم توپتا ئەمەس، پات-پاتلا ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتقان بىر چاقىرىقتا:
--- باش كومىسارىم، باش كومىسارىم بۇياققا تېپىڭ!
--- باش كومىسارىم، باش كومىسارىم ماڭا بىر پاس!
--- باش كومىسارىم!.......................
      تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەنسەپ نامىدىن قارىغاندا سەيلىچىلەرنىڭ بىر ساقچى ئورگىنى ياكى  ھەربىي قىسىم خادىملىرى ئىكەنلىكى ئېنىق. توپ مەيداندىكى بۇ چاقىرىق مېنى ئەجەپلەندۈردى: پۇتبول مەيدانىدا مەنسىپىنى ئاتاشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بوپتۇ، كومىسارمۇ دېسۇن، شۇنچە جىددىي تېز ۋە جىددىي ھەرىكەتلەر ئارىسىدا باش كومىسارلىقنى ئەسكەرتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ تېخى باش كومىسارىم دېۋالغىنىچۇ؟ خېلى بىر بېلىنىڭ سۆڭىكى بار مىللەت دەپ يۈرسەم، خوشامەتچىنىڭ چوڭى مۇشۇ يەردىمۇ نېمە؟
      كېيىن-كېيىن، بۇنداق ئاتاشنىڭ بەكلا ئومۇمىي ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئەجەپلەنمەيدىغان بولدۇم. شۇ يىللاردا، بىزنىڭ ۋەتەندە، جۈملىدىن غۇلجا تەرەپلەردە ئىسمىغا مەنسپىنى قوشۇپ چاقىرىدىغان ئادەت بولمىغاچقا، بۇنداق چاقىرىغۇچىلار مازاققا قېلىپلا قالماي، چاقىرىلغۇچىنىڭمۇ نارارزىلىقىغا ئۇچرايدىغان بولغاچقا؛ ئۆزىمىزنى بۇ جەھەتتىن يۇرتىمىزدىكى بەزى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ " خېلى ئادىمىيلىكىمز بار جۇمۇ" دەپ پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم. ئىسمىغا مەنسىپىنى قوشۇپ چاقىرىشتا تۈركلەرنىڭ بەكلا ئاشۇرىۋېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا مەنسەپ نامىنىڭ ئاخىرىغا "ئىم"نى قوشۇۋېلىشىنى پەقەتلا ياقتۇرمۇدۇم.
       بىر كۈنى بىر تۈرك ساۋاقدىشىم بىلەن مانا مۇشۇ نۇقتىدا پىكىرلىشىپ ئولتۇرۇپ، چاقچاق ئارىلاش  دېدىم:
      -سىلەر باشلىققا تازىم قىلىشتا بېيجىڭلىقلاردىنمۇ ئاشۇرىۋېتىدىكەنسىلەر، بىز، بېيجىڭلىقلار  باشلىقنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىسىغا "بۆلۈم باشلىغى"، "شەھەر باشلىغى" دېگەندەك  مەنسەپ ناملىرىنى قېتىۋالىدۇ دەپ قاخشاپ يۈرەتتۇق، سىلەر " شەھەر باشلىقىم" ، " بۆلۈم باشلىقىم" دەپ چاقرىدىكەنسىلەر.
       - ئوتتۇرىدا بىر پەرق بار- دېدى ساۋاقدىشىم تەمكىن ئاۋازدا- بېيجىڭلىقلارنىڭ  قىلغىنى سۈنئىي، كۆزلەيدىغىنى مەنپەئەت؛ بىزدىكى ساپ، چىن يۈرەكتىن!
     بۇ جاۋاپ ماڭا خۇددى خوشامەتتىن ماختىنىۋاتقاندەكلا تۇيۇلدى،  شۇڭا بىراز تەككۈزۈپرەك دىيىشكە ئۆتتۈم:
      - بىز، بېيجىڭلىقلارنى " بىنانىڭ پەلەمپىيىدە بىر باشلىقنى ئۇچرىتىپ قالسا،  ئارقامنى قىلسام ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ دەپ ،  سالام قىلغان پېتى 5 ‏-قەۋەتكە كەينىچە مېڭىپ چىقىپ كېتىدۇ" دەپ مازاق قىلىمىز؛ سىلەر 10 ‏-قەۋەتكە چىقىپ كېتىدىكەنسىلەر.
ساۋاقدىشىم يەنە تەمكىنلىكىنى بۇزمىدى:
    - بۇنداق بولۇشى، بىزنىڭ باشلىقلىرىمىزنى بىر پارتىيە ياكى مەركىزى ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرمەيدۇ، ئۆزىمىز تاللاپ ئۆزىمىز سايلايمىز. شۇڭا ھەريەردە باشلىقلىرىمىزنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرىمىز، بېشىمىزدا كۆتۈرىلىۋاتقان كۆرۈنۈشتە ئۇ باشلىق بولغىنى بىلەن ماھىيەتتە بىز ئۆزىمىز، بىزنىڭ مىللىي ئىرادىمىز.
     بۇ گېپىنىڭ خېلى ئاساسى بار ئىدى، شۇنداقتىمۇ پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم: ئىسمىغا مەنسىپىنى قوشۇپ چاقىرىشنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقا چىقىپ كەتسە خوشامەتكە ياتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن ماختىنىپ قولۇمدىكى كىتاپتىن  بىر مىسال كۆرسەتتىم(سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 'ئۆمۈر داستانى' دېگەن كىتابىلىقى ئېسىمدە)
       -مانا، 1947 ‏-يىلى، ئۈرۈمچىدە 25 ‏-فىۋرال ۋەقەسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى گومىنداڭنىڭ ساختا نامايىشچىلىرىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالىدۇ، ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ مۇھاپىزەتچىلىرىگە بۇيرۇق بېرىدۇ: "كىمكى ئەخمەتجان ئاكامغا چېقىلىشقا ئۇرۇنسا دەرھال ئوق چىقىرىڭلار" (ئەينەن نەقىل ئەمەس، ئەس خاتىرىسى) . دېمەك ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى چوڭ ئەمەلدارى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدىمۇ بىرسى-بىرسىنىڭ نامىنى تىلغا ئالغاندا، ئۆرپ ئادىتىمىز بويىچە ئاكا دەپ ئاتىغان،مەنسىپىنى قاتمىغان.
      ساۋاقدىشىممۇ پىكرىدە چىڭ تۇردى:
  -  ئۇ ئىككى رەھبىرىڭلارنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا-خاتالىقى ئايرىم تىما. مەن بايىقى گېپىمگە كېلەي: ئەگەر بىزنىڭ باشلىقلىرىمىز بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرگىنىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمىسە،بېشىمىزدىن پىرقىرىتىپ يەرگىمۇ ئاتالايمىز، تاپىنىمىزنىڭ ئاستىغىمۇ ئالالايمىز؛ چۈنكى سايلام ساندۇقىمىزنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، مۇستەقىل سوتىمىز بېقىنىمىزدا.
    ساۋاقدىشىمنىڭ ئىنتوناتسىيە ۋە  قۇرغان جۈملىلىرىدىن، مەن كەيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان خوشامەتچى دېگەن چاپاندىن يىرگىنىۋاتقانلىقى ئايان ئىدى. شۇڭا بۇ مۇنازىرىنى ئۇزارتقىم كەلمىدى؛ چۈنكى بۇ تىمىنى ئوتتۇرىغا ئاچىقىشتىن مەقسىتىم، تۈركلەردىن قۇسۇر تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، پۇت ئېتىشىش ئۈچۈن ئەسلا ئەمەس؛ پەقەت بىلىش ۋە قىززىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن. شۇڭا دەرھاللا 'تەسلىم' بولدۇم:
       - چۈشەندىم ، دېمەك، كۆرگەنلىرىم خوشامەت ئەمەس، ئىتائەت!
چۈشەنگىنىمدىن مەمنۇن بولدى بولغاي، ئۇ تىمىنىڭ پەدىسىنى ئۆزگەرتتى:
    -بىزنىڭ باشلىققا ئىتائەت قىلىشىمىز قانچە توغرا بولسا، سىلەرنىڭ باشلىقتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرىشىڭلار شۇنچە ھەقلىق، ھەتتا ئۇلۇغلۇق.جوڭگۇمۇ دەۋاتمامدۇ، ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىكنى تۈگەتمىسەك، ئۆزىمىز تۈگىشىمىز دەپ.... سىلەر ئۇيغۇرلار تەشكىلاتچى بىر مىللەت، كىمنى باشقا ئېلىپ كۆتۈرۈپ كىمنى يەرگە ئېتىشتا مەيدانىڭلا كەڭرى بولمىسىمۇ ئېنىق، ئۆلچىمىڭلار يېزىقلىق بولمىسىمۇ كۆڭۈللەرگە ئايان. . سىلەرنىڭ ئايالللىرىڭلارنىڭ قاتار چېيىدىن، يىگىتلىرىڭلارنىڭ مەشرىپىگىچە، مېيىت ئۇزۇتۇشۇڭلاردىكى ئىنتىزام ۋە ئۆملۈكتىن، توي قىززىتىشىڭلاردىكى ھاياجان ۋە ئاكتىپچانلىققىچە ھەممە ئىجدىمائىي پائالىيىتىڭلاردا،بىر تەشكىلاتچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ،  بىر دولەتنى  ساپ ساغلام ئىدارا  قىلالايدىغان بىر نەسىلنىڭ ئىقتىدار ئالامەتلىرى بار ....
          ئاخىرقى گەپلىرى تەسەللىيمۇ، سەمىمىيمۇ بىلىپ كېتەلمىدىم، چۈنكى بۇ چاغدا  دىققىتىم باشقا بىر تىمىغا مەركەزلىشىپ بولغان ئىدى: دېمىسىمۇ تۈركلەردە مىڭ يىلدىن بۇيان، باشلىقتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىك،باشلىقتىن دىلى ئازار يىيىش، باشلىققا كۆڭلى ھۆ بولۇش مەسىلىسى بولغان ئەمەس؛ بولغان تەقدىردىمۇ، ئاساسى ياكى ئومۇمىي مەسىلە بولغان ئەمەس. شۇڭا سابىق باش مىنىستىر تانسۇ چىللەر خانىمنىڭ بىر سايلام نۇتقىدا " مېنىڭدەك ئىقتىدارلىق بىر رەھبەر، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىن مىڭ يىلدا بىر قېتىم چىقىدۇ." دىيەلىشىمۇ؛ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى شۈكرۈ تۇزمەننىڭ  مۇخبىر ئايشە ئارمانغا " مېنىڭ تومۇرۇمدا دۆلەت ئەربابلىقىنىڭ  قېنى بار، چۈنكى ئۈچ ئەۋلاد ئەجدادىم، ئوسمانلى دۆلىتىدە گېنېرال بولغان." دېيەلىشىمۇ،  يالغۇز ئۆزىگە ئىشىنىشتىن ئەمەس، بەلكى تۈركلەردىكى ئۆز رەھبەرلىرىگە ئىتائەت ئەنئەنىسىدىن بولسا كېرەك.
    تۈركىيە تەسىراتلىرىم  (3)

   "مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇق"


   
        تەتىلدە بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ لاتارىيەسى چىقىپ قېلىپ، سەپىرىم تېنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋ ( Palau) غا بولۇپ قالدى.مەنزىلىمگە بارغىچە 46 سائەت ئىچىدە 3 قېتىم ئايرىپلان ئالماشتۇردۇم؛شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىدىن كېلىپ كۆرگىنىم مەن  كۈتمىگەن بىر مەنزىرە.
        ئەگەر تاموژنا خادىملىرىنىڭ ئۈستىدىكى  فورما كىيىمى ۋە تامغا ئېسىقلىق پالاۋنىڭ  دۆلەت بايرىقى بولمىسا، كۆرگۈچىنىڭ بىز 30-40 كىشى تىزىلىپ ئۆچىرەت  تۇرىۋاتقان بۇ ئورۇننىڭ بىر دۆلەتنىڭ چىگرىسى-تاموژنىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى تەس: پاسپورت تەكشۈرۈۋاتقان ئىككى  خادىم، كۆزۈمگە  دەرۋازىۋەندەكلا كۆرۈنۈپ تۇرغان 5-6 چېگرا ساقچىسى ۋە مەن چۈشكەن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار بولۇپ جەمئى 40-50تىن ئارتۇق ئادام يوق، بۇ دۆلەت(!) نىڭ تاموژنىسىدا. پاسپورت توسىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن چوڭراق بىر زال، قاتارى بىر ماگىزىن دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرەرمەن دەپ ئويلىسام ئۇمۇ يوق؛ تىمتاسلا بىر ئارقا ھويلىغا چىقىپ قالدىم.
      گەرچە پالاۋنىڭ 20 مىڭ نوپۇسلۇق كىچىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تېخى 1994 ‏-يىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى بىلسەممۇ بىر دۆلەت دېگەن مەۋجۇداتنىڭ چېگرىسىنى بۇنچە ئاددى، بۇنچە جىمجىت دەپ تەخمىن قىلمىغان ئىدىم. مېھمانخانا ئالدىمغا ئەۋەتكەن  شوپۇرنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپ كاللامغا كەلگەن پىكىر شۇ:" ھەي خۇدايىمەي! زېمىن دېگەن بۇ نەرسىنى بەزىلەرگە بىر مېتىر ماتانىڭ ئورنىدا ئەرزان بېرىۋېتىپسەنۇ، بەزىلەرگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد جېنىنى بېرىۋاتسىمۇ ' ئالە ئەمدى، نۆۋەت سېنىڭ'  دېۋەتمەيۋاتىسەن! شىمالى ئىرېلاندىيە مىڭ يىلدىن بۇيان مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتمامدۇ؟ چېچەنلەر 200يۈز يىلدىن بۇيان قان تۆكۈۋاتمامدۇ؟ يەنە كىملەر پالتا-پىچاق بىلەن ئاپتوماتلىقلارنىڭ ئالدىغا، يەنە كىملەر تاش-كېسەك بىلەن تانكىنىڭ ئالدىغا  مانا مۇشۇ ئارزۇ، مانا مۇشۇ ئارمان بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتمامدۇ؟!"
       مېھمانخانىغا يېتىپ بارغىچە ئارىلىقتا يەنە شۇنىمۇ ئويلۇدۇم:"ئاللاھىم،  ھەر مەۋجۇداتىڭدا بىر ھېكمەت، ھەر ھادىساتىڭدا بىر سىگنال بار، بەلكىم  مۇستەقىللىق  دېگەن ئۇنداق ئەرزان نەرسە ئەمەس دەپ بەزىلەرنىڭ ئەسىرلىرچە بەدەل تۆلىشىنى قىسمەت قىلىۋاتىسەن؛ھەم يەنە مۇستەقىللىق ئېرىشكىنى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس دەپ ئۇنى 20 مىڭ نوپۇسلۇق بىر نامرات قەۋمنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بېرىۋاتىسەن."
      مېھمانخانىغا كەلگىنىمدە كېچە سائەت 3 بوپتۇ، تاڭ ئاتقاندا كۆزۈم يۇمۇلدى، 30 نەچچە سائەت ئۇچۇشنىڭمۇ ئەمگەك ئىكەنلىكىنى كۈن چىققاندا ياتقان پېتى كۈن پاتاردا ئويغانغانلىقىمدىن ھېس قىلدىم.
      تۈركىيىدە مەن بىلەن بىللە  لاتارىيىدە تەلەي سىنىغان ئاغىنەم  مىرشات ھەسەنگە يېرىم بېلەت چىققان، قالغان يېرىمىنى ئۆزى تۆلەش ئېغىر كېلىپ ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى؛ تەلىيىمگە بىر كۈن كېيىن ئارقامدىن ئۇمۇ يېتىپ كەلدى. ئىككىمىز بىر كۈندىلا پالاۋنى كېزىپ بولدۇق؛ ئەتىسى ساياھەت نۇقتىلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۈگەتتۇق. دۆلەت كىچىك بولغاچقا كىمنى، نەنى سورىساڭ ھەرقاندىقى دەپ بېرەلەيدىكەن ياكى يېتىلەپ ئاپىرىپ قويىدىكەن. 3 _كۈنىگە كەلگەندە تاكسىچىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى تونۇپ كەتتى، ماگىزىنچىلارمۇ ھەم؛ يولدا ماڭساق كىشىلەر بىلەن سالاملىشىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدۇق. 3 ‏-كۈنى كەچتە زېرىكىشكە باشلىدۇق. " بىكارلىق دەپ كېلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەسكەن جۇمۇ ساياھەت دېگەنگە" دەپ قاخشاپ چىقىۋاتاتتۇق بىر بېنگاللىقنىڭ ئاشخانىسىدىن، ياندىكى بىر خانىدىن ئۇيغۇرچە ئاۋاز چىقتى.
--- مىرشات، ئۇيغۇر!--- دېدىم ياندىكى خانىگە قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ. ئۇمۇ توختاپ ياندىكى ئۆينى تىڭشىدى، بىردىنلا، بايىقى ئاۋاز يوق.
--- ياقەي، ئۆزۈڭ ئۇيغۇر سېغىنىپ قاپسەن؛ بۇ يەرلەردە ئۇيغۇر نېمە ئىش قىلىدۇ؟!--- دېدى مىرشات؛ ماڭايلى دەپ تۇرىۋېدۇق، يەنە ئۇيغۇرچە ئاۋاز چىقتى، بۇ قېتىمقىسى تېخىمۇ ئېنىق:
--- بولىدۇ ئاداش، بولىدۇ كېلەر ھەپتە تېلېفون قىلاي، سەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ بولغۇچە مەنمۇ ئاۋىسترالىيىگە بېرىپ بولىمەن.--- دېمەك بىر ئۇيغۇرنىڭ تېلېفونداۋەتەندىكىلەر  بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنى ئېنىق. خانىنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازنى تىڭشاۋاتقىنىمىزنى كۆرگەن ئاشخانا خوجايىنى يېنىمىزدا پەيدا بولدى ۋە "مۇشۇنداقمۇ ئەدەپسىزلىك بولامدۇ" دېگەن ئەلپازدا قوپال قول ئىشارىتى بىلەن بىزنى جايىمىزدىن ئۇزاقلىشىشقا بۇيرۇدى؛ مەن خوجايىننى بېلىكىدىن تۇتۇپ يانغا ئىتتىرىۋېتىپلا خانىگە بېسىپ كىردىم: بىر ئۇيغۇر! ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇشىدىغان-بىلىشىدىغان!
"          ۋاي ئۇكام سەنمۇ؟"، " ۋاي ئاكا سەنمۇ؟" دىيىشىپ بىر-بىرىمىزنى باغرىمىزغا بېسىشتۇق. ئارىمىزدىكى بۇ ئوتتەك قىزغىن كەيپىياتنى كۆرگەن خوجايىننىڭ بايىقى ئاچچىقى سەل يانغاندەك، مېنىڭ بايىقى قوپاللىقىمنىمۇ ئەپۇ قىلغاندەك تۇراتتى، خاپىلىقىنىڭ چالىسى، يېڭىدىن بۇيرۇتقان تاماقلىرىمىز بىلەن يوقالغان بولدى. ئۇشتۇمتۇت تېپىۋالغان بۇ ئىنى ئاغىنىمىزنىڭ ئىسمى نەسىردىن ئەلا؛ ياۋروپادا ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان چېغىدا، ئىستانبۇلغا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن ۋە بىز شۇ يەردە تونۇشقان.ئۇ ياۋروپادىكى ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاۋىسترالىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئىشلەۋاتقان شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بىر ئايدىن بېرى پالاۋدا تۇرىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يېنىدىكى سۆھبەتدىشىنى تونۇشتۇردى. ما ئۇيغۇرنىڭ يامانلىقىنى قاراڭ، كەلگىنى ئىككى ئاي بولماپتۇ، بىر ئامېرىكىلىق دىپلومات بىلەن ئاغىنە بولىۋاپتۇ، ئىسمى Tim ئىكەن، تىم ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ پالاۋدىكى غەيرىي رەسمىي ئەلچىسى ئىكەن.4 چەتئەللىك كۈلكە چاقچاق بىلەن كېچىنى يېرىم قىلىۋېتىپتۇق.  رېستوراندىن چىقىشىمىزغا بىر قانچە مۇخبىرنىڭ ئارىسىدا قالدۇق، مەن دەسلەپ بەلكىم مۇخبىرلار يېنىمىزدىكى ئامېرىكىلىق دېپلوماتتىن گەپ سورىماقچى دەپ ئويلۇدۇم، بىرازدىن كېيىن بايقىدىمكى ئاپىراتنىڭ كۆزلىرى بىزدە؛ بىز قاياققا ماڭساق مۇخبىرلار شۇ ياققا ماڭىدۇ، ئاپىراتلار شۇ ياققا قايىدۇ؛ ھەيران بولۇپ سورىدۇق:  
---بىزنى سۈرەتكە ئېلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ بىلمەكچى بولغۇنۇڭلار نېمە؟--- سوئاللىرى ناھايىتى ئاددى:
--- سىلەر كىم؟ نەدىن كەلدىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن كەلدىڭلار؟--- بۇ سوئاللارغا، ئويۇن-چاقچاق شەكلىدە، ئەمما راست جاۋاپ بەردۇق. يەنە سورىدى:
--- بىز جوڭگۇلۇق دەيسىلەر، جوڭگۇلۇقلارغا ئوخشىمايدىكەنسىلەرغۇ؟
--- قانداق قىلىمىز؟ بىزنىڭ نېمە ئامالىمىز؟ سىلەرگە بۇرنىمىزنى مىجىپ بېرەيلىمۇ؟ قاپىقىمىزنى ئېزىپ كۆزىمىزنى ئىككى چەتكە چېكىپ بېرەيلىمۇ؟ نېمە كۈتىسىلەر بىزدىن؟
       شۇنداق قىلىپ مىللەت تەركىۋىمىز، دىنىمىز، مەدەنىيىتىمىز دېگەندەك بىرقانچە نۇقتىدىن سوئال سورىدى؛ دەپ بەردۇق، كېتىشتى. بىز ئويلاپتۇقكى، بۇ بىچارىلەر بىزنى بىرەر سائەت ساقلاپتۇ، بىزدىن يازغۇدەك ھېچ گەپ چىقمىدى؛ نەنىڭ؟ ئەتىسى قارىساق پالاۋ كۈندىلىك گېزىتىدە مىرشات ئىككىمىزنىڭ رەسىمى، خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى: " يەنە ئىككى ئۇيغۇر پالاۋدا" .   ئېغىزىمىزدىن نەقىل ئالغىنى ئىككى جۈملە،  قالغىنىنى گېزىت -ژورناللاردىن توپلاپ قىززىق بىر خەۋەر ئىشلەپتۇ، بىزمۇ قىزىقىپ ئوقۇدۇق.  نەسىردىن ئەلا ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا خەۋەر بولۇپ بولغان ئىكەن؛ شۇڭا مىرشات  ئىككىمىز  مەركەز بوپتۇق. مىرشات ئىككىمىز قولىمىزدىكى گېزىتكە قاراپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرساق، تىم ئەپەندى بىلەن نەسىردىن ئەلا يەنە بىر پارچە گېزىتنى كۆتۈرۈپ ياتىقىمىزغا كىرىپ كەلدى؛ بۇ گېزىتتىمۇ باش خەۋەر بىز بوپتۇق.  بۇ خەۋەردە مىرشاتنىڭ رېستوراندىن چىقىۋاتقان چاغدىكى   رەسىمى بېرىلىپتۇ،بۇ چاغدا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن مىرشاتنىڭ  كۆينىكىنىڭ ئۈست ئىككى تۈگمىسى ئوچۇق قالغان، مۇخبىر مەخسەتلىك ھالدا دەل شۇ كۆكس ۋە كۆكرەكتىكى قىللارنى رەسىمدە ئالاھىدە گەۋدەلەندۈرگەن. خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى تېخىمۇ قىززىق: " مەيدىسىنىڭ تۈكى بار جوڭگۇلۇق!"
       دېمەك، پالاۋلىقلار جوڭگۇلۇق دېسە خەنزۇلارنىلا بىلگەچكە، كاللىسىدىكى جوڭگۇلۇق دېگەن بۇ كىملىك رامكىسىغا  بىزنىڭ قويۇق قاش ۋە ئېگىز بۇرۇنلىرىمىز سىغمىغان،  كۆكرەكتىكى قىللار تېخىمۇ شۇنداق.....................
  "تۈركىيە تەسىراتلىرىم" نىڭ 4 ‏- ۋە 5 ‏-قىسىملىرىدا  گەپ،  يەنە شۇ ' مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇق' بولۇشتىن كېلىپ چىققان قىزىقچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىكلەر ئۈستىدە بولىدۇ.
"پالاۋلىقلارمۇ ئۇيغۇر ئىكەن"
  پالاۋ ساياھىتىمىزنىڭ 5 ‏-كۈنى، نەسىردىن ئەلاغا دېدۇق:
   - ئۇكا پالاۋنىڭ مەنزىرىسىگىمۇ قاندۇق، يىمەك-ئىچمەكلىرىنىمۇ تېتىدۇق، ئەمدى بىزنى پرېزدېنتىڭ بىلەن بىر كۆرۈشتۈرمەمسەن؟- بىز نەسىردىن ئەلانى ئىككى كۈندىن بېرى پالاۋلىق دەپ ئاتىۋالغان ئىدۇق.
     - بولىدۇ، چاتاق يوق- دېدى ئۇمۇ ۋە بىز بىلەن قەرت ئويناپ ئولتۇرغان TIM ئەپەندىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. تىم ئەپەندى، بىر تېلېفون سۆزلىشىشتىن كېيىن دېدى:
     - ئەمىسە پرېزىدېنت تورىبوڭ بىلەن  ئەتە چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولىمىز.
   ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن تۈركىيە ۋە ۋەتەن بىلەن قىلىشىدىغان تېلېفونلىرىمىزنى قىلىپ بولۇپ، مىرشات ئىككىمىزنىڭ بىر مەيدان چېنىققۇمىز كېلىپ قالدى. چۈنكى تۈركىيىدە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەھەردە يۈگىرىدىغان ئادىتىمىز، بىر ھەپتىدىن بېرى توختىغان ئىدى؛ بەش كۈندىن بۇيانقى يەپ  -ئىچىشلىرىمىزمۇ بەل ۋە كاچاتلىرىمىزدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى. دېڭىز ساھىلىدا يۈگرۈپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ئىككى كىشى ماشىنىسىنى توختىتىپ سورىدى:
     - ياردەم كېرەكمۇ؟ بىر يەرگە ئالدىراۋاتقاندەك قىلىسىلەر؟
           دېمىسىمۇ سىرتتا بىزدىن باشقا يۈگۈرۈپ چېنىقىۋاتقان ئادەم يوق، ياكى بۇلارنىڭ چېنىقىش سائەتلىرى مۇقىم ۋە بالدۇرمۇ ياكى چېنىقىش ئادىتى يوقمۇ بىلمىدۇق، ئەمما بۇلاردا كۆپرەك كۆزىمىزگە چېلىققان ئۇ پاكار-پاكار، يۇمىلاق-يۇمىلاق بەدەلەرنىڭ شەكىللىنىش سىرىدىن بىراز يىپ ئۇچىغا ئىگە بولغاندەك بولدۇق، دېمەك، ئىنسان ئۇدۇلىغا قاراپ يۈگرەپ تۇرمىسا بەدەن يانغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. مىرشات ئىككىمىز مۇشۇ مۇلاھىزىمىزنى قىلىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتساق نەسىردىندىن تېلېفون كەلدى:
- نەدە سىلەر؟
- دېڭىز بويىدا.
-نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر....
- چېنىقىۋاتىمىز.
-قانداق دېگەن گەپ بۇ؟ پرېزىدېنت تورىبوڭ سىلەرنى ساقلاۋاتىدۇ!
- نېمە دەيسەن-ھوي ئۇكا، راستمۇ-چاقچاقمۇ؟
- بۇ گەپنىڭمۇ چاقچىقى بولامدۇ؟! ئاخشام تىم ئەپەندى تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن كېيىن دېدىغۇ، كۆرۈشمىنى چۈشلۈك تاماقتا دەپ.--- بىز ئەسلىدە تىم ئەپەندىنىڭ ئاخشامقى بۇ گېپىنى چاقچاق  دەپ چۈشەنگەن ئىدۇق، چۈنكى بىر دۆلەت پرېزىدېنتى بىلەن كېچە سائەت 11 دە قەرت ئويناپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماپتۇق.
- ئەمىسە بىز 15 مىنۇتتا ياتاققا يېتىپ بارىمىز، 45 مىنۇتتا مېھمانخانىدىن چىقىشقا تەييار بولۇپ بولىمىز، پرېزدېنتقا ئۆزۈڭ باھانەدىن بىرنى توقۇپ توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇپ تۇر.
  مېھمانخانىغا كەلسەك، كۈتىۋېلىش زالىدا پرېزىدېنت بىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ، بېسىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمىدى، تەلەپ-تەپچىرىگەن قوللىرىمىز بىلەن پرېزىدېنت بىلەن كۆرۈشىۋېتىپ ياتقىمىزغا چىقىپ كەتتۇق. ياتىقىمىزدىن تەييار بولۇپ پەسكە چۈشكىنىمىزدە، ئاخشام دېيىشىلگەن ۋاقىتتىن نەق بىر سائەت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى؛ يەنە پرېزدېنتنىڭ كەيپىياتىدا خاپىلىق ئالامىتى يوق، بىراق، ئىنىمىز نەسىردىن ئەلانىڭ تەرى بىراز بۇزۇق؛ پرېزدېتنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ بېرىپ نەسىرىدىن ماڭا قورسىقىنى بوشاتتى:
    -كېچىككىنىڭلارنى ئاز دەپ مېنى يالغانچى قىلىپ قويدۇڭلار، مەن سىلەرنى بۈگۈن ئىككىسىدىن بىرىنىڭ  مىجەزى يوق بولۇپ قېلىپ دورىخانىغا دورىغا ئالغىنى كېتىپتۇ دېگەن ئىدىم، سىلەر چېنىقىپ كېلىۋاتىمىز دەپ مېنى ئوسال قىلدىڭلار، مەن تېخى سىلەرنى مېھمانخانىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن كىرمەي كەينى ئىشىكىدىن كىرىپ ئۇدۇللا ياتىقىغا چىقارمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.....
    پرېزىدېنت بىزنى دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر ھەشەمەتلىك رېستۇرانغا باشلىدى، ساھىپخانلىقىنى بىزگە تالىشىش پۇرسىتىمۇ بەرمەستىن ئۆز ئۈستىگە ئالدى. سورۇندا بىز ئۈچ ئۇيغۇر ۋە پرېزدېنتتىن باشقا ئامېرىكىلىق تىم ئەپەندى ۋە پرېزندېنتنىڭ شوپۇرىمۇ بار. داستىخاندا پرېزدېنتنىڭ ئەڭ ئاۋۋال دېگەن گېپى شۇ:
--- مەن رەسمىي سوھبەتلەردىن غەيرىي رەسمىي سۆھبەتلەرنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى  بەزى نازۇك ئىشلار، غەيرىي رەسمىي سۆھبەتلەردە ئاسانراق پۈتىدۇ- پرېزدېنت بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئالدى بىلەن قىلىشقان گېپىمىز ئۈستەل ئۈستىدە قالىدىغان گەپ، ئاخباراتقا كۆتۈرۈلۈلۈپ چىقمىسۇن، دېمەكچى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دوستانە ئولتۇرايلى، راھەت- ئازادە بولۇڭلار دېمەكچى. ئۇ بىر پرېزدېنت بولۇش سۈپتى بىلەن  بىزنىڭ ئۇچرىشىش تەلىۋىمىزنى مەلۇم بىر كوللىپتىپنىڭ دەرت ياكى مەنپەئەتى توغرۇلۇق دەپ ئويلىغان ئىدى، ئاخشام يېتىشنىڭ ئالدىدا  تىم ئەپەندىدىن تېلېفون كەلدى،  بوپتۇ، مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇقلارنى گېزىتتىنلا كۆرمەي ئۆزلىرىنى بىر كۆرۈپ باقاي دېدىم.
  چاقچاق ئارىلاش باشلانغان سۆھبىتىمىز بىرازدىن كېيىن ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە مىجەزلىرىمىزدىكى ئورتاقلىقلارغا يۆتكەلدى:
       مۇھەببەتنى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئوخشىمايدۇ، -دېدى تورىبوڭ- مەسىلەن ياۋروپالىقلار ئاپىسىغا  " مەن سېنى سۆيىمەن" " مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ؛ بىزدە ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى بالىنىڭ ئانىنى سۆيىشى تەبىئى، ئۇنى ئېغىزدا ئىپادىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،ئېغىزدا ئىپادىلىگەن چاغدا سۈنئىيلىك ھېس قىلىمىز، مۇھەببەت قىممىتىنى يوقتىدۇ، ئۇ ئارقىدىن پالاۋدا يىگىتلەرنىڭ قىزلارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش شەكلىنىڭمۇ ئوخشىمايدىغانلىقى، قىزلارنىڭ كىتابىي گەپ ۋە جىددىي تىمىلارغا قىززىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
       - بىزدىمۇ شۇنداقراق-دېدىممەن گەپ قىستۇرۇپ- ياسىن دەپ بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان، بىر كۈنى  يېڭى تېپىشقان مۇھەببىتى بىلەن باغچىدا ئۇچرىشىپتۇ، ئۇچرىشىشتا، ئۇ ئۆزىنىڭ راۋۇرۇس  مەلۇماتلىق بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىملىق ئىراق-ئىران ئۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە 2 سائەت توختۇلۇپتۇ؛ شۇ قېتىملىق سوھبەتتىن كېيىنلا ئۇ قىز ئۇنىڭ يېنىدايوق، ئەمما شۇ كۈندىن بۇيان ئۇنىڭغا قويۇلۇپ قالغان لەقەم ھازىرغىچە بار: ياسىن ئىراق.
       - مەن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا- دېدى تورىبوڭ  بىر كۈنى بىر ئايال  ساۋاقدىشىمنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم، نېمە بولدۇڭ دەپ سورىىسام، "بۈگۈن ئۈستەلدە خەت يوق" دەيدۇ، نېمە خەتكەن دېمەمسىلەر، بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ يولدىشى ھەركۈنى ئۇنىڭدىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئىشقا ماڭىدىكەن، ئۆيدىن چىقىدىغان چېغىدا " I Love you" ("مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن") دەپ خەت يېزىپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىكەن. ئەگەر مەن ئەتە ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىدىغان چېغىمدا ئۈستەلگە شۇنداق بىر خەت تاشلاپ قويۇپ باقاي؟ چوقۇم، ئايالىم كەچتە پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى بىر ئۆيگە يىغقاندىن باشقا يەنە بىر ئويگە پىسخولوگىيە دوختۇرىدىن بىرنى چاقىرىپ ئەكەپ قويۇپ بولغان بولىدۇ- ئۇنىڭ بۇ گېپىگە پاراقلاپ كۈلىۋاتقان مىرشات بىلەن نەسىردىنگە دېدىم:
-بالىلار، پالاۋلىقلارمۇ ئۇيغۇر ئىكەن؟!
    تورىبوڭ پالاۋلىقلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ بىراز تېز ئىكەنلىكىنى دېۋىدى، مىرشات مۇنداق دېدى:
      - پالاۋلىقلار ئۆزىنىڭ چاققانلىقىنى ئالدىنقى كۈنى ئىسپاتلاپ بولدى، ئەسلىدە پالاۋلىقلار ھەققىدە بىز بىر ساياھەت خاتىرىسى يازماقچى ئىدۇق، بىز خاتىرىمىزنى باشلىماي تۇرۇپ پالاۋلىقلار بىزنى يېزىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش بەتكە .
   ئۈچ سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى، سورىنىمىز داۋاملاشماقتا، ئارىلاپ شەخسىي پاراڭلارغىمۇ، پولارغىمۇ  ئورۇن بار. مىرشات تەرەپكە بوينۇمنى سوزۇپ پەس ئاۋازدا دېدىم:
   - قارا، بۈگۈن سەن سورۇندا پرېزدىنتنىڭمۇ يۇقۇرىسىدا ئولتۇردۇڭ، چىقىمىڭغا لايىق ئىش بولدى، ئەمدى زىيان ئېسىڭغا كېلىپ ئاغرىپ قالغۇدەك بولساڭ، مۇشۇنى ئويلىساڭ ساقىيىپ قالىسەن‏-ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ باشلىغى ئىدى، ئۇ تېزلا جاۋاپ بەردى:
      -بۇنىڭ تەسەسللىي بولىدىغان نەرى بار، بۇ بۈگۈن بۇ يەردە  پەقەت  20 مىڭ نوپۇسلۇق بىر خەلققە ۋەكىل بولۇپ ئولتۇرىۋاتىدۇ، مەن دېگەن 20 مىليونغا يېقىن نوپۇسلۇق  بىر خەلققە ۋەكىل بولۇپ ئولتۇرىۋاتسام.
  بىر ئارىلىقتا نەسىردىن ئەلانىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم:
      - ئۇكا، بۇ بىللە ئولتۇرىۋاتقىنىمىز، راست تورىبوڭمۇ، يالغان تورىبوڭمۇ؟ راست بولسا، بۇ راست پرېزدېنتمۇ يالغان پرېزدېنتمۇ؟ دىققەت قىلدىڭىزمۇ، يا قايتىشقا ئالدىرىمايدۇ، يا بىرسى ئىزدىمەيدۇ، مانا ئۈچ سائەتنىڭ ئىچىدە ئاران بىر قېتىم تېلفۇنى جرىڭلىدى، ئەگەر سىز بۈگۈن بىرەر ئۇيغۇر باشلىق بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالسىڭىز، بىر سائەتتە ئاز دېگەندە 10 قېتىم تېلېفونى جىرىڭشىيدۇ، بىر سائەتنىڭ يېرىمىدە سىز بىلەن سۆزلەشسە، يېرىمىدا سورۇننىڭ سىرتىدىكىلەرگە يوليورۇق ياكى مەلۇمات  بېرىدۇ." نەسىردىن چاقچاق ئارىلاش قىلغان  بۇ سۆزۈمگە جىددىي جاۋاپ بەردى:
     -بىر دۆلەت بىلەن بىر تەشكىلاتنىڭ پەرقى مۇشۇ نۇقتىدا. دۆلەت  ئاپىراتلىرىدا مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتى بار،  ھەركىم ئۆزىگە تېگىشلىكىنى قىلىدۇ؛ تەشكىلاتلاردا مۇنداق  ئاپىراتلار بولمىغاندىكىن نەچچە مىليون كىشىنىڭ دەردى ساناقلىق كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلۈنۈپ قالىدۇ،  ئۇلارنى ئالدىراش قىلىۋېتىدۇ.
      سورۇندىن كېيىن  خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشتۇق، تورىبوڭ بىز بىلەن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشكەندىن كېيىن، بىزنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن ئاپىراتىمىزنى قولىغا ئالدى ۋە يېرىم سائەتلەرگىچە ئاپىراتنى قولىدىن چۈشۈرمىدى؛  ئۇ رەسىمگە تارتقاندا  شۇنداق ئەستايىدىلكى  ھېلى زوڭزۇيۇپ ئولتۇرسا، ھېلى ياندىكى بىر رىشاتكىغا يۆلىنەتتى، ھېلى يېقىنلاپ كېلىپ تارتسا، ھېلىقى ئارقىسىغا يۈگرۈپ، يىراقتىن تارتاتتى؛ ئەگەر ئەتراپ بىر چىملىق بولۇپ قاغان بولسا، ئۇنىڭ بىزنى يېتىپ-يۇمىلاپ يۈرۈپ رەسىمگە تارتىشقىمۇ مەيلى بار ئىدى. رەسىمگە چۈشۈشتىن كېيىن بىز ياتىقىمىزغا قايتتۇق؛ تورىبوڭ رېستوراننىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان مۇخبىرلارغا تۇتۇلۇپ قالدى:
        تورىبوڭنىڭ كىچىك پېئىللىقىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم شۇ:
        بۇ دۆلەتنىڭ كىچىكلىكىدىنمۇ ھارۋاردتىكى تەلىم -تەربىيەدىنمۇ؟ بىلىشىمچە، ئازىراق پۇل تېپىپ يانچۇقى تومپايغاندا، كىچىككىنە مەنسەپكە ئېرىشىپ پۇتى سەلدىن يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، ئاز-تولا ئامىتى كېلىپ نام-ئاتىقى چىققاندا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ دولىسىغا دەسسەپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، باي ۋە قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن كۆپ كىچىك ۋە نامرات دۆلەتلەردە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تورىبوڭدىكى سەمىمىيلىك بەلكىم ھارۋاردتىكى تەلىم تەربىيەدىن بولسا كېرەك؛ يەنە بىر نۇقتا بار، ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەھسىل كۆرۈش باشقا، ئۇنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇش باشقا؛ بەلكىم ئۇ تەلىمنى كورگەنلا ئەمەس ھەم يۇقتۇرغانلار تائىپىسىدىن بولسا كېرەك.
.
       20 مىڭ نوپۇسلۇق بىر خەلقنىڭ بىر دۆلەت بولىۋالغانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرۈشنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك،پالاۋغا كەلگەندىن بۇيان دۆلەت دېگەن ئۇقۇم كاللامغا جىق كىرىۋالدى؛ كۆرگەن-ئاڭلىغان ھەر نەرسەم بۇ ئۇقۇمغا باغلىنىپ ئانالىز قىلىندى. مىرشات  ياتاقتا ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن بىر ئىشمۇ شۇنداق: ئۇ پالاۋ سەپىرىنىڭ گوللاندىيە-ياپونىيە بۆلىكىدە بىر خەنزۇ بىلەن ئايرۇپىلاندا يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئۇ چەتئەلدىكى ئۆكتىچى زاتلاردىن بىرسى ئىكەن، ئۇ ئايرىپلانغا چىققاندىن چۈشكىچە ج ك پ نى ئەيىبلەپ كەپتۇ. ئۇ سۆھبەت ئارىسىدا مىرشاتنىڭ ئاخىرقى بېكىتىنىڭ پالاۋ ئىكەنلىكىنى  ئاڭلاپ چۆچىگەن ھالدا ئاگاھلاندۇرۇپتۇ(مىرشات ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگۈدەك پۇرسەتمۇ بولمىغان ئىكەن):
--- ھەرگىز  بارمىغىن، يېقىندا ئۇ يەرگە 6  ئۇيغۇر تېرورچى قويۇۋېتىلدى، ئىككىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەردىن قېچىپ كېتىپ پالاۋلىقلاردىن ئىككىنى ئۆلتۈرۈپتۇ، ھازىر ساقچىلار ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرگۈدەك.
      بۇنىڭ بىر توقۇلما ئىكەنلىكى ئېنىق؛ خەنزۇ ئوكتىچى بۇنى مەيلى ئۆزى توقۇغان ياكى ئاڭلىغان بولسۇن، مۇشۇ گەپنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىنىڭ ئۆزى-  ئۇنىڭدىكى شۇ سابىق مەھبۇسلارغا قارىتا بىر نەپرەت، ھېچ بولمىدى دېگەندە بىر ياقتۇرماسلىقتىن بىشارەت. بۇ ئىشنىڭ دىققىتىمنى تارتقان تەرىپى- دۆلەت مەنپەئەتى دېگەن نەرسىنىڭ مىللەت ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرۈش كۈچى: يەنى دېموكراتىيە ھەسرىتىدە ياشاۋاتقان بىر خەنزۇ ئۆكتىچى ئۆزىنىڭ رەقىبى بولغان ج ك پ بىلەن دۆلەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ھېسسىيات جەھەتتىن قول تۇتۇشۇپ تۇرغىنى.
     پرېزىدېنت  تورىڭبوڭ  ھېلىقى كۈنكى ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئەتىسى بىزنى   "بۇ يەردە  مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇقلاردىن يەنە ئالتىسى بار" دەپ  بىر ئۆيگە باشلاپ ئاپاردى. دەپ بولغىچە كىملىكىنى بىلىپ بولدۇق، چۈنكى ئۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن ئىدى؛ كۆرۈشكىمىز  يوق ئىدى، ئەمما ئاقىتى-كۆكىتى دەپ ئولتۇرساق دۆلىتىمىزنىڭ يۈزى چۈشمىسۇن دەپ كىرىپ قويدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈندىن بېرى دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى  ھەققىدىمۇ خېلى پولارنى ئاتقان ئىدۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ سالام ۋە ئەھۋاللىشىشتىن ئىبارەت ئۆرپ-ئادەت دائىرىسىدىن ھالقىمىغان كۆرۈشۈش بولدى، ئىككى كۈن لەغمەنلەرنى تەڭ تارتىشىپ يەپ، سۈيقاشلارنى تەڭ ئۈزۈشۈپ ئىچىشكەندىن كېيىن خوشلاشتۇق. ئەسلىدە مەيلى سەلبىي، مەيلى ئىجابىي بولسۇن، ھەر بىرسىنىڭ ھاياتى بىر رومانغا ماتېرىيال؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىر پۇتى پارتىلاشتا زەخمىلىنىپ تىزىدىن كېسىۋېتىلگەن ئەخمەتنىڭ شۇ بىر كەچمىشىنىمۇ سورىمىدۇق؛ چۈنكى بىز ئوقۇغۇچى، ئۇلار سابىق مەھبۇس؛ بىز جوڭگۇلۇق، ئۇلار جوڭگۇ دۈشمەنلىرى. ئەمما شۇ قىسقىغىنە پۇرسەتتە ئۇلار ھەققىدە خاتىرەمدە قالغان ئىزلار شۇ:: ئارىلىرىدا بىر باشلىق يوق، ئەمما كۈچلۈك بىر ئىنتىزام بار؛ ھەرقانداق بىر پرىنسىپال سوئالغا جاۋاپ ياكى ئىشقا قارار بەرگەندە چوقۇم بىر ئۆزارا باش قوشۇش بار؛ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىنىڭ گېپىنى رەت قىلىش قەتئىيلا يوق، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش ياكى گەپتە بولسۇن. ياشتا 30دىن ئاشقان 6 يات ئەركىشىنىڭ بىر ئۆيدە بىر ئائىلە  ئەزالىرىدەك ئۆم ئۆتەلىشى ھەم پىسخىك ھەم ئەخلاق جەھەتتىن ساپا تەلەپ قىلىدۇ. بەلكىم بۇ نۇقتىدا ئۇلاردىكى  كۈچلۈك بىر ئېتىقادتىن باشقا، تاغدا باشتىن كەچۈرگەن ئەسكىرىي تەلىم تەربىيەنىڭمۇ رولى بولسا كېرەك. دېمەك دۆلەت دۈشمەنلىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ!
     قايتىدىغان كۈنى مىرشات ۋە نەسىردىن ئۈچىمىز پالاۋلىقلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمىزنى بايان قىلىشتۇق؛ ئورتاق تەسىراتلىرىمىز: كىشىلەرنىڭ نامراتراق بولسىمۇ غەمسىزلىكى؛ دۆلىتىدە ئاساسى قۇرۇلۇش بەك تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ، جەمىيىتىنىڭ تېنچلىقى؛ ھەممىدىن مۇھىمى، بىز بىلەن ئىتتىپاقلىشىسەن دەپ بوينىدىن سۆرەۋاتقان؛ بىز بىلەن بىللە ياشايسەن دەپ بېشىغا قورال تەڭلەپ تۇرغان بىر كۈچ بولمىغاچقا كېلەچىكىدىن ئۈمىدۋارلىقى. بىر كۈنى بۇ تۇپراقلاردىن قوشنىلىرى بولغان فىلىپپىنلىقلار دادىسىنىڭ بىر مالىقىيى  ياكى سىنگاپورلۇقلار ئانىسىنىڭ بىر خېيىنى تېپىۋېلىپ " پالاۋ ئەلمىساقتىن تارتىپ بىزنىڭ بىر پارچىمىز" دەپ بېسىۋالمىسا بولاتتىغۇ دەپ ئەندىشىمۇ قىلىپ قالدۇق. شۇڭا پالاۋدىن ئايرىلىدىغان چاغدا،  بىزگە ئاچقان قۇچاقلىرىنىڭ ھۆرمىتى  ئۈچۈن " ئەي يېرى كىچىك ، باغرى كەڭ پالاۋ، ئامانلىقىڭغا كۆز تەگمىگەي!" دەپ  ئىچىمىزدە دۇئا قىلدۇق.
     قايتىش سەپىرىمىزنىڭ ئىككىنچى بېكىتى نيۇيورك ، ئايرۇدۇرۇمدا ئايرىپلان ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تاموژنىدىن ئۆتىۋاتساق، مىرشاتنى ساقچىلار توختىتىپ، ئايرىم بىر تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى، مەن ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مىرشات ئېلىپ مېڭىلغان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ساقچىلار مېنى دەرھال ئارقامغا قايتىشىمغا بۇيرۇدى، توختاپ تۇرۇۋېدىم " سەن يولۇڭغا ماڭ، سەن يولۇڭغا ماڭ!"  دەپ ۋارقىرىدى. ئادەتتە  ئامېرىكا ساقچىلىرىنى بەك جىددىي بىر ئەھۋال بولمىسا، ئالدىراپ قوپاللىق قىلمايدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن. شۇڭا ئويلۇدۇم، بەلكىم، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەردىن بىرەرسىگە ئوخشىتىپ قالغاندۇ؟ بەلكىم پالاۋغا باردى  دېگەننى ئاڭلاپ بەزى ئەنسىزرەك تەرەپلەر گۇمانلارغا ئاساسەن توساقلارنى قۇرىۋەتكەندۇ؟ ئەمما نېمە بولسا بولسۇن، دوستىمىزنىڭ خېمىتۇرىچى ماڭا ئايان، پۇچىقى پىشمايدىغانلارغا قارشى  قەلەم ۋە ئېغىزىدىن باشقا قورالى يوق .  شۇڭا  خاتا ئۇچۇر بىلەن توسۇلۇپ قالسىمۇ تەكشۈرۈلۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.  
     شۇنداق قىلىپ مەن ئۇچۇپ كەتتىم،مىرشات نيۇيوركتا قالدى. ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن ، يەنە بىر نۆۋەت ئايرىپلان بىلەن كېلىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە،  ئاتاتۇرك ئايرىدۇرۇمىدا مىرشاتنى ساقلىدىم. ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئامېرىكىغا قورسىقىم كۆپمەي تۇرالمىدى:  جەڭ مەيدانىدا ئۆزىگە قارشى سەپتىن ئەسىر ئالغان كىشىلەرنى " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، ئەركىنلىك جەڭچىسى" دەپ  ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغان ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىۋىنى رەت قىلىپ، تاغاردا بىر پۇل خەجلەپ ئۇ دۆلەت ، بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرگەن بۇ جاھانگىر، ئەمدى قولىدا بىر تال بەكىمۇ بولمىغان مىرشاتنى قاراىلاپ سولاپ قويىدىغان ئىشنى قىلماس ھە؟ مۇشۇ قورساق كۆپۈكى بىلەن يەنە دۆلەت دېگەن نەرسىنىڭ تەبىئىتى ھەققىدە ئوي-خىياللارغا غەرق بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەگە كېلىپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىش داۋامىدا دۆلەت دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە كاللامدا ئوخشىمىغان تەسىرلەر شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. بەزىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن قاخشاشلىرى، مەسىلەن، دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەخپىيەتلىكى دېگەندەك شۇئارلارنىڭ دەستىدە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن يولۇققان ئاۋارىچىلىقلىرىنى ئويلىسام، دۆلەت دېگەن بۇ نەرسە كۆز ئالدىمدا بىر ھازازۇل - بىشەم خوتۇننىڭ ئۆزى؛ بەزىلەرنىڭ ماختاشلىرى يەنى  دۆلىتى بولغىنى ئۈچۈنلا ھەممە ئىشىنىڭ ئوڭ، ھەممە ئىشىنىڭ گۈل بولغىنىنى ئويلىسام، دۆلەت دېگەن مەۋجۇدات ئاللاھدىن كېيىن قالسىلا، ئىنسانغا كۈچ ۋە مەدەت بېرەلەيدىغان بىر تاغ ۋە بىر باغ؛ يەنە بەزىلەرنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ئائىلە-بالاۋاقالىرىنىڭمۇ ئىنتىقام ئوبيېكتى بولۇپ قالغىنىنى  ئويلىسام،  دۆلەت دېگەن بۇ مەخلۇق  نامەرتلىكنىڭ، رەزىللىكنىڭ، ئۆكتەملىكنىڭ پىرى. بۇ كۆڭۈلسىز خىياللىرىم، مىرشاتنىڭ سىماسىنى يىراقتىن كۆرۈش بىلەن تارقالدى. ئۇ ئىككى سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن  قويۇپ بېرىلىپ باشقا ئايرىپلان بىلەن يولغا سېلىنغان. تاموژنىدىكى سوراق مۇنداق داۋام قىلغان.
- سەن جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ قايسى دۆلىتىدىن؟
- مەن ئاسىيادىن، دۆلىتىم جوڭگۇ.
- گەپلىرىڭ خاتىرىلىنىۋاتىدۇ، كېيىن پۇشمان قىلىپ قالىسەن، راست گېپىڭنى دە!
-دۆلەت ۋە ۋەتەن دېگەننىڭ يالغىنى بولمايدۇ دەپ بىلىمەن مەن.
- گەپدانلىق قىلما، ئوتتۇرا شەرقنىڭ قايسى دۆلىتىدىن؟
  - ھاياتىمدا ئوتتۇرا شەرققە دەسسەپ باقمىدىم.
- ئاخىرقى پۇرسەت، راست گېپىڭنى دە، پاكىستاندىنمۇ ھىندىستاندىنمۇ؟
    ساقچىلار مىرشاتنى يۇقىرىقى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاتقان كى، جوڭگۇلۇققا ئوخشاتمىغان. مىرشات سومكىسىدىكى مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇق دېگەن ماقالىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يەنە قەيەرلەر بىلەندۇر تېلېفوندا ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، پاسپورتىنى قولىغا قايتۇرۇپ بەرگەچ مۇنداق دېگەن:
    - كەچۈرۈڭ ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، مەن 15  يىل تاموژنىدا ئىشلەپ سىزدەك جوڭگۇلۇقنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. بېلىتىڭىزنى تۆلەپ بېرىمىز.
دېمەك، مىرشات چېگرادىن ساختا پاسپورت بىلەن كىرىش گۇمانى بىلەن توسۇۋېلىنغان، بۇ گۇمان يالغۇز  ئۇنىڭ چىراي شەكلىدىكى جوڭگۇلۇقلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىككە  تايانغانمۇ ياكى بىر يوللانغان ئەنسىز ئۇچۇردىن تۇغۇلغانمۇ بۇ بىزگە تا ھازىرغىچە سىر. ئەمما شۇ كۈنى ئاتاتۈرك ئايرىدۇرىمىدا ئىككىمىزنى مېيىقىمىزدا كۆلدۈرگىنى، ئامېرىكىلىق تاموژنا خادىمىنىڭ مىرشاتنىڭ ئەزەلدىنلا جوڭگۇلۇق ۋە جوڭگۇ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت  قوغۇشۇندەك پاكىتنى ئاخىرقى ھېسابتا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغىنى.

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 09:54:21

شۇئارلىرىدىن تەسىرلەندىم !
2-سىنى ئوقۇۋاتىمەن

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 11:03:57

داۋامى بارمىكەن يا.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 11:56:06

مەزمۇنى خىلى ياخشىدەك قىلىدۇ جۇمۇ

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 12:06:01

مەن تىخى بۇ ئۇمرۇمدە ناھىنىڭ ھاكىمىنىمۇ كۇرۇپ  باكمىدىم ، سىلەر باشقا بىر دۇلەتنىڭ ئەلباشى بىلەن  بىر  سۇرۇندا  دەڭ

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 16:23:18

‹‹يا سەۋ، يا تەرك ئەت!››
----------------------
بۇ ساياھەت خاتىرسىمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ ! داۋامىنى ساقلايمىز.....

zeper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 16:33:59

ئىسىل ،داۋامى قاچان چىقا .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 17:02:13

مانىڭغىمۇ ئەن سىلىپ قوياي

Mestane يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 17:49:28

ياخشى يېزىلغان خاتىرە!{:112:}،داۋامىغا تەشنامەن.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 20:34:44

ئاخىرى تۈگىمەس خاتىرىدىن يەنە بىرسى چىقىپتۇدە ............كۈنلەر مۇشۇ تىمىنى مارىلاش بىلەنلا ئۈتۈپ كىتىدىغان بولدى ئىسىت{:92:}

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 23:15:02

ئېسىل چىقىپتۇ ما خاتىرە...

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 23:28:18

ئاخىرىنى يوللاڭلا، چىك …ئاي

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 00:15:11

ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار ئەمدى{:87:}{:87:}{:87:}

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 23:33:46

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ئاچچىق يۇمۇرلارغا تويۇنۇپ. داۋامىنى ساقلايمىز :)

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 00:12:40

oghuzkb يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 23:33 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ئاچچىق يۇمۇرلارغا تويۇنۇپ. داۋام ...

ئوغۇزكا يامان يوقاپ كەتتىڭىز جۇمۇ، ھېچ بولمىغاندا بىر ئىككى تېما قەرز بولۇپ كەتتىڭىز مۇنبەرگە. مۇنازىرىلەرگە ئانچە مۇنچە قاتنىشىپ تۇرارسىز. ئىلمىي پاراڭلار كۆپىيىپ قالدى مۇنبەردە.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 01:22:55

مەندىن قېچىۋاتامدىكى بۇ ئاغىنەم:lol

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 07:09:16

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 01:22 static/image/common/back.gif
مەندىن قېچىۋاتامدىكى بۇ ئاغىنەم

بويتاقلىقىڭلارنى يۇقامدىكىن دەپما :lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:05:06

  " يا سەۋ، يا تەرك ئەت!"                                                                                                                             
      تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ شوئارى، مەن ئەڭ ياقتۇرغان، ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر شوئار؛ ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق: يا سۆي، يا تاشلا!  دېيىلمەكچى بولغىنى : كەمچىلىكسىز مىللەت بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ، ھەتتا باشقا مىللەتلەرمۇ سۆيىدۇ؛ بۇ مىللەتنىڭ كەمچىلىگىنى پەقەت مىللەتنىڭ مىللەتچىلىرىلا سۆيەلەيدۇ ياكى ئەپۇ قىلالايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ مانا مۇشۇنداق كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىللەتپەرۋەرلەرگە ئېھتىياجى بار.     بۇ شوئار، مىللەتپەرۋەرلىك تونىنى كىيىۋېلىپ ئەتىگەندىن -كەچكىچە مىللىتىدىن زارلىنىدىغان  يىغلاڭغۇلارغا، دۈشمىنىنىڭ يېغىرىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي  قۇسۇرنى مىللىتىدىن  ئىزدەيدىغان قاخشاڭغۇلارغا؛ ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى مىللىتىگە دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغان چىدىماسلارغا، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى  سۆكۈپ-سۆرەۋاتقاندا  قىلچە ئازابلىنىش تۇيغۇسى يوق، ئەكسىنچە مازاق قىلىپ  يايرايدىغان نائەھلىلەرگە " سەپتىن چېكىن"  باياناتى!
_______________
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ مەن ئىككى قۇتۇبتىكى  ئىككى كىشىنى ئېسىمگە ئالدىم....

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:14:07

ماۋۇ تېمىنى دەپ چۈشلۈك تاماقنى كەچكە ئامانەت قويدۇمدە ...;P ، قەستەن ئاستا قايتىلاپ ئوقۇۋاتىمەن . چۈشەندىڭلار ھە قاچان :D   باشتا دەۋالاي ، ئاخىرى  ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئىش بولسا  ئەرزىم بار .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 00:05:17

ما خاتىرىنىڭ ئاخىرى قاچان چىقار ئەمدى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بەت: [1] 2
: تۈركىيە تەسىراتلىرىم