putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 16:55:13

مەڭگۈلۈك زانېتتى....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

   ئاخشام ئوينالغان ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانمىسىدا ئىتالىيە زەردارى ئىنتېر مىلان كوماندىسى لازىيو كوماندىسىنى 1:3نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىدۇ.بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئڭ قىززىق نۇقتىسى بولغان ئىنتېرنىڭ سادىق جەڭچىسى بولغان كاپىتان زانېتتى ئىدى.چۈنكى بۇ مۇسابىقە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى.

زانېتتى ئىنتېر مىلاندا توپتوغرا 19 يىل توپ تەپتى.ئۇ بۇ جەرياندا كوماندا بىلەن نۇرغۇن ئىسىق -سوغۇقنى باشتىن كەچۈردى ۋە نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپكە ئېرىشتى.ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ‹‹ياش ئادەمگە باقمايدۇ››دىگەن رىئاللىق بويىچە يېشىل چېملىقتىن چېكىندى.

‹‹Zanetti 4 ever(مەڭگۈلۈك زانېتتى)››-بۇ سۆز پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ زانېتتىغا بەرگەن باھاسى.

ئۇ ئىنتېرنىڭ قەھىرىمانى!ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز!ئۇ ھامان ئىنتېر بىلەن بىرگە......
مەيداندىكى بارلىق پۇتبول مەستانىلىرى زانىتتېغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەممىسى ئوخشاش 4-نومۇرلۇق زانېتتىنىڭ مايكىسىنى كىيگەن ئىدى.زانىتتى ئىنتىردا ‹‹4-نومۇر››رىۋايىتىنى ياراتتى!
   ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا بارلىق مەستانىلەرگە،سەبداشلىرىغا،كۇلۇبقا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە‹‹سىلەر مېنى سۆيگەندەك مەنمۇ سىلەرنى سۆيىمەن ››دەپلا ئۆزىنى تۇتالماي كۆز يېشى قىلدى.بارلىق مەستانىلەر كۆز يېشى قىلدى.....
    خەير ....ئامان بول ئىنتېر قەھىرىمانى!!!!
  
پۇتبولجان

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 21:17:36

يېشىل مەيداندا ئۇ توپ تەپسە بىز تېلېۋىزورنىڭ تېشىدا ۋاقىراپ ئۆتكەن ئىدۇق   ھەي ياشلىق   

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 22:01:59

تەقلىدىي پۇتبول2009دا بۇنىڭدىن توپ ئۆتكۈزمەك بەكلا تەس ئىدى.
مانچېستېردىكى گىگىس ۋە زانىتتىلار ھەقىقىي سادىق توپچىلار.{:112:}

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 00:22:19

يىشىنىڭ چوڭلىقىغا باقماي ئارقا مەيداندىن ئارلدى مەيدانغىچە 20ياشلىق توپچىلاردەك ھارماي يۈگىرەپ ئوينايتى. مەيدان سىرتىدىمۇ ئوشۇق ئىشى يوق، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان توپچى{:112:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 18:27:46

مالدىنى، پىئېرلو، توتتى، زانتتى ......ئىتالىيىدىن ساداقەتمەن پۇتبولچىلار چىقامدۇ نېمە؟
بەت: [1]
: مەڭگۈلۈك زانېتتى....