تاشپولات: ئانا بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 13:16ھەممىڭلارنىڭ ئانا بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! ئانا-ئالەم، ئانا-بىلىم ۋە مېھرى مۇھەببەت تۇپرىقىدۇر. ئانىنى چەكسىز ھۆرمەتلەيدىغان مىللەت دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك مىللەتتۇر! ئانىنى يەكلەيدىغان، ئايال-قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان مىللەت، دۇنيادا مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدىغان نىجىس مىللەتتۇر!
تۆۋەندىكى ھويلامدا تارتىلغان رەسىملەرنى بارلىق ئانىلارغا سوغا قىلىمەن. ھەممە ئانىلارغا سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك بولسۇن!
شاپتۇل
ئانار
ئەنجۈر
توغاچ شاپتۇل
ئۈزۈم
ئالگرات
ئۆرۈك
بۇ قاتار تۇرغىنى بۇ يىل ۋەتەندىن ئۇرۇقىنى ئەكېلىپ تېرىغان مانتا كاۋىسى. ھويلىڭىز بىر-ئىككى مو كىلەمدۇ نېمە؟!!! قارىسا ئەتراپى تاشلىق، تاققا يېقىن يەردەك تۇردۇ. لىكىن ھويلا-ئاراملارغا ئوبدانلا ئىشلەپسىز. :) كاۋا ... ھېي ھېي بىزنىڭ ئاقسۇنىڭمۇ يە دەپ تۇرۋاسام ھې ھې ھې ....
ئانامغا ۋاكالەتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن .
ئۈزىڭىزنى ئاسراڭ ، ئەجىر مىھنىتىڭىزنىڭ نىھمىتىنى كۆپلەپ كۆرگىلى نىسىپ قىلسۇن .
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201405/11/1303467xisitqq5eapia83.jpg.thumb.jpg
بۇ گۈلنى كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن، يۇرتىمىزدا ئۆستۈرۈۈشكە ماس كېلەرمۇ؟
رەھمەت. ئۇيغۇر ھويلىسى نەگىلا بارسا يەنىلا ئۆزگىچىدە.:)
ئالگىرانىڭ ئۇرۇقىنى توققۇزتارادىن ئەكەلمىگەنسىز ئاكا؟{:92:}
تۇپراق ئانچە ياخشى ئەمەسمۇ نىمە، ئەمما مىۋىلەر ياخشى ئۆسۈپتۇ.
ئەمما ھويلا بەك كەڭكەن جۇمۇ.
گۈللىرىڭىز ئاينىغاي!
ئامېرىكىنىڭ فانتازىيىلىك فىلىملىرىنى تولا كۆرۈۋېتىپ،بۇ ھويلىنى پەقەت ئامېرىكىدىدەك ھېس قىلالمايمىنا؟ بۇنداق ھويلا خۇددى مۇنۇ سەھرالىرىمىزدىلا بولىدىغاندەك بىلىنىپ.:lol مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئامرىكىدا سىزدەك قورو جايى بولسا ھە ........ مېنىڭمۇ كەلگۇسىدە چۇقۇم تاشپولاتكامنىڭكىدەك ھويلام بولىدۇ .....
ھەۋەس قىپ قالدىم ھويلىڭىزغا ..... «توغاچ شاپتۇل» نى بىلەلمىدىم، بىز توغاچ بىلەن شاپتۇلنى ئىككى خىل مېۋە دەپ بىلەتتۇق. ئىشتىن سىرت باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانمايۋاتقانسىز؟:lol:lol ئانامغا ۋاكالىتەن سىزگە كۆپ رەخمەت.
بىردەم خىيال ئىچىدە بولۇپ قالدىم، ئاخىرى شۇنداق بىر ئوي كاللامدىن كەچتى، ئاندىن ئۆزەمگە پىچىرلىدىم: ئەگەر بىل كايتىس بىزنىڭ يۇرۇتتا مەن بىلەن قوشنا ئولتۇرغان، يەنە كىلىپ بىللە چوڭ بولغان بولساق ئۇ مەھەللىمىزدىكى نۇرگۇل مېكياننىڭ قاۋاقخانىسىدىكى دۇتتار چالىدىغان يەرلىك دۇتتارچىلارنىڭ ئالدى بولۇپ قالىتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-14 09:21
ئۆينى تاغنىڭ باغرىدا دېسەكمۇ بولىدۇ. ئاۋۇ بىزنىڭ ۋەتەندە يوق گۈل ئۆينىڭ ئالدىغا تىكىلگەن ئىكەن ئۆي ياسىغانلار ئۇنۇڭ ئېتىراپىغا قىزىل كىچىك تاشلار قويۇپ ياساپتۇ بەلكىم چىرايلىق بولسۇن دەپ. مەن تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ توپىسى مۇنبەت شۇڭ ئازراق ماڭساقلا دىخانچىلىك مەيدانىغا بارغىلى بولىدۇ.
بۇ ئۆينى 2010-ئالغان ئىدىم. شۇ چاغدا دادام بىلەن ئاپام ئامېرىكاغا كەلگەن ئىدى. دادام ھويلىنى غۇلجانىڭ باغلىرىدەك قىلسا ياخشى دەپ تەلىم بېرىپ باغنىڭ پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزى قىلىپ باغدىكى مېۋىلەرنى تىكىپ بەرگەن ئىدى. چوڭلارنىڭ قولىدىن بۇ باغ چىققاچقا مېۋىلىرىمۇ ئاجايىپ كۆپ بولىدۇ.
بىزنىڭ توققۇزتارادا چوڭ ئالمىلىق بېغىمىز بولىدىغان مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاشۇ باغنى كۆپ قارايدىغان. دادام دائىم بىزگە بېغى بارنىڭ تېغى بار دەپ قوياتتى. دېگەندەك ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا باغۋەن دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىش سوئالى چىققان ئىدى. ئۇ ماقالەمدە دادامنى يېزىپ 80 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان ئىدىم.
ھازىر بۇ ھويلا مۇشۇ ئەتراپتا مودا بولۇپ قالدى. بۇ يەرگە تىكىلگەن ئالگرات قاتارلىق بارلىق مېۋىلەر كالىفورنىيەدە چىقىدۇ. ئامېرىكادا چىقىدىغان مېۋىلەرنىڭ 70% كالىفورنىيەدە چىقىدۇ.
ھويلىدىكى شاپتۇل ئىككى خىل بولۇپ بىرى دۈگىلەك يەنى بىرى توغاچقا ئوخشايدۇ. توغاچقا ئوخشايدىغىننى توغاچ شاپتۇل دەپ قويدۇمغۇ.
بەت:
[1]