parwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 13:58:13

خوشنامنىڭ نەۋرىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-10 13:59  

                                           خوشنامنىڭ نەۋرىسى

                                                           (ھىكايە)
                 

قورۇيمىزدا ئەڭ كۆپ،ئەڭ چىرايلىق نەۋرىسى بارلار بولسا، قىرىسىدىن تارتىپ يىشىغىچە چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان (ۋاڭ) ئائىلىسى.
(ۋاڭ) ئائىلىسىنىڭ چوڭ ئوغلى بانكا باشلىقى، كىلىنى بولسا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە خىلى چوڭ ئەمەلدار، ئىككى قىزلىرى بىردىن چوڭ ئەمەلدارنىڭ پىشىغا ئىسىلىغلىق. ئۇلار شۇ شارائىتىدا ھىلىغۇ نەۋرىدىن 4نى بىقىۋاپتۇ،40نى بىقىۋالسىمۇ مويى تەۋرەپمۇ قالمايدۇ.
بىراق ئۇدۇل خوشنام نىمىسىگە نەۋرە بىقىۋالىدۇ دەيمەندە؟، ئۇنىڭ ئۈستگە بەكلا قىممەتكەن. ھازىر مەيلى پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن قىممەت باھالىق نەۋرە بىقىۋىلىش ئومۇمى يۈزلۈك مودىغا ئايلىنىپ كەتكەندە، بۇ خوشنامنىڭ بىقىۋالغىنىمۇ ئانچە ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن قارىسام.

ھازىر ئۇنىڭ كەيپى شۇنداق چاغ، كۈندە قىلىدىغان ئىشى نەۋرىسىنى كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ كوچا ئايلىنىش(ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ شۇنىڭدىن بۆلەك باشقا ئىشى يوق).
‏خوشنام ھازىر ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەتتىكى تونۇشلارغىمۇ بىقىۋالغان نەۋرىسىنى داڭلاپ ماختاپ ھالى قالمايدۇ.
- سىزگە دىسەم لاۋلىيۇ، مىنىڭ بۇ نەۋرىچىقىم شۇنداق ئەقىللىق چىقىپ قالدى قاراڭ، ھازىر مانا بىر ئىشارىتىم بىلەن ماڭا تىلىۋىزۇرنىڭ تىزگىنىكىنى ئەكەپ بىرىدۇ....
-نىمە دەيدىغانسىز شىياۋچىڭ، راسما؟ بۇندىن كىيىن نەۋرەمگە ھەرگىز ئۇ سۈت پاراشوگىنى ئىلىپ بەرمەيمەن، نەۋرەمنىڭ ئاخشام ئىچمەي تۇرۋالغىلى بىكار ئەمەسكەندە، يەنىلا مىنىڭ نەۋرەم ئەقىللىقكەن جۇمۇ....

بۈگۈن ئالدىراش خىزمەتكە كىتىپ بارسام ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرشۇپ قالدىم، قولىدا نەۋرىسىنى كۆتۈرۋاپتۇ، نەۋرىسىنىڭ ئۈستى بىشىغا شۇنداق قاملاشقان كىيىملەرنى كىيدۈرۋاپتۇ، ئىچىمدا كەم دىگەندە20مىنۇتنىڭ يوقلا بولدىغىنىنى ئويلۇدۇم(كاساپەتچىلىك دىگەن شۇ).

-جاڭ دوختۇر، ياخشىمۇسىز؟،،،،
-ياخشىمۇ سىز فىڭ ئۇستام، سەھەردىلا چىنىقىشقا چىقىپسىز، نەۋرىچاق خىلىلا چوڭ بوپ قاپتىغۇ،،،(ھەي، مۇشۇ ئىغىزىمنىزە، نىمە قىلاتتىم ئۇنىڭ نەۋرىسىنى سوراپ).
- ھوي شۇنداقمۇ، يەنىلا دوختۇر دىگەن باشقىچە بولىدىغان گەپكەن، نەۋرەمنىڭ تىز چوڭ بولىۋاتقىنىنى بىرىنجى بوپ سىز بايقىۋالدىڭىز، قاراڭ بۇ كىيىمىنىمۇ تىخى ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس بۇيرۇتۇپ تىككۈزگەن ئىدىم، مانا قاراڭ بۇ ھەپتىدىلا كىچىك كەلگىلى تۇرۇپتۇ...
- شۇنداقمۇ....
-ھە دەيمە،،،سىزگە دىسەم  جاڭ دوختۇر، نەۋرەمنىڭ ۋاڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىقىۋالغان نەۋرىسىدىن كۆپ ياخشى....
- شۇنداقمۇ، قارىماققىمۇ،،،
-ئەلۋەتتە،، مانا ھازىر مەندىن بىر قەدەم نىرى كەتمەيدۇ، چاقىرساملا يىنىمغا ئۈنىدۇ، باشقىلارنڭكىدەك (ئۇ شۇنداق دىگەچ ئۇدۇلدىكى ۋاڭ ئائىلىسىنى ئىما قىلدى)ۋارقىراپ كاركىرتىۋەتمەيدۇ. (فىڭ ئۇستامنىڭ ھەرسۆزىدە نەۋرىسىنى سىلاشتۇرۇپ گەپ قىلشلىرىدىن، يىنىشلاپ سۆيۈپ كىتىشلىرىدىن ئۇلارغا شۇنداق مەستلىگىم كەلدى).
-……
-…………
- فىڭ ئۇستام مەن خىزمەتكە ماڭدىم ئەمسە،،،
- بولىدۇ جاڭ دوختۇر ، ئەمسە كەچقۇرۇن يەڭگىڭىز ئۆز قولى بىلەن تۈگۈر ئەتمەكچى كىرسىڭىز ئازراقدىن ئىچىشكەچ، ماجاڭ ئوينايلى،،،
- ماقۇل ئەمسە، شۇنداق بولسۇن...(بۇ <ماقۇل>دىگىنىم ئەسلىدە خوش دىگىنىم ئىدى، بىراق،،،).


...................

-قەنى جاڭ پىراففىسور (چالا كەيپلەكتە يالغاندىن بولسىمۇ پىراففىسور ئۇنىىۋانىنى ئاڭلاش نىمە دىگەن ھوزۇر ھە،،،)
-قەنى نەۋرىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن،،،
-……
‏-........
فىڭ ئۇستامنىڭ ئايالى شىماللىق بولۇپ تۈگۈرگە ئۇستا ئىكەن. يەپ-ئىچىپ، قالايمىقان تاغدىن-باغىدىن پاراڭلىشىپ ۋاقىتمۇ خىلى بىريەرگە بىرىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۋەتكەن (ماۋتەي)بىشىمغىلا چىقتى، قارىسام فىڭ ئۇستاممۇ تۈگۈرنى چايناپ نەۋرىسىگە يىدۈرۋىتىپتۇ. ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە چىقىپلا ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم.


ئاجايىپلا بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە فىڭ ئۇستام بىلەن نەۋرىسىنى كۆرۈپتىمەن، ئۇلار شۇنداق خۇشال خۇرام ئويناۋاتقىدەكمىش، تۇيۇقسىز نەۋرىسى فىڭ ئۇستامغا خوش دەپلا ئايغا ئۇچۇپ چىقىپ كىتىپ بارغانمىش، فىڭ ئۇستام بولسا مىچىلداپ يىغلىغاچ نەۋرىسىگە قاراپ، -<<مەن سىنى ھەر يىلى تاڭزۇڭزا چاغىنىدا ئەسلەپ تۇرىمەن،،،>> دەۋاتقۇدەكمىش.

تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلۇپ كەتتى. <گوم،،گوم،،گوم،،گوم،،گوم،،>....
-جاڭ دوختۇر،، ئىشكنى ئىچىڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي، جاڭ دوختۇر،،،،
ئىشكنىڭ بەك قاتتىق ئۇرۇلىشىدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىمدە، دەرھال بىرىپ ئىشكنى ئاچتىم.
‏فىڭ  ئۇستام قولىدا نەۋرىسىنى كۆتۈرگەن ھالەتتە ئۇچىسىدا تۈزۈكرەك كىيىممۇ يوق ھالەتتە قار-يامغۇر يىغلاپ تۇراتتى.
-دوختۇر سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، نەۋرەمنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولسىڭىز، ئۆتۈنۈپ قالاي، سىزگە باش ئۇراي، جاڭ دوختۇر،،،
-زادى نىمە ئىش بولدى فىڭ ئۇستام؟،ئىنىقراق دەڭ...(شۇنداق دىگەچ فىڭ ئۇستامنىڭ نەۋرىسىنى ئاۋايلاپ قولۇمغا ئالدىم).
-بايا سىز چىقىپ كەتكەندە بىر ئوبدانلا ئىدى، بىردەمدىن كىيىن قۇسۇپ ياندۇرۇپلا كەتتى، ئەگەر نەۋرمگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەن تۈگىشەپ كىتىمەن جاڭ دوختۇر، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،،،

(كەسپىم بۇ بولمىسىمۇ كۆرۈپ باقتىم، قارىماققا بايا يىگۈزگەن تۈگۈر كىچىك ئۈچەينى تىشىۋەتكەندەك تۇراتتى).
-فىڭ ئۇستام، دەرھال مەخسۇس دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى،،،،
بۇ گىپىم ئاغزىمدىن تولۇق چىقىپ بولماي تۇرۇپلا فىڭ ئۇستام ئالتە پەشتاقنى بىر تاقلاپ كۆزۈمدىن غايىپ بولدى، كارىدوردىن ئۇنىڭ پەلەمپەيدىن تاراقلاپ چۈشىۋاتقان ئاۋازى ئەكىس سادا بىرىپ قالدى.

فىڭ ئۇستامنىڭ نەۋرىسىنىڭ كىچىك ئۈچىيى يىرىلىپ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كەچقۇرۇن ئىشدىن يىنىپ كىلىپ بىلدىم.
بىچارە بوۋايغا تازىمۇ بىر ئۇۋال بولدىدە، ئىسىت نەچچە ئون مىڭ يۈئەن پۇل،ئالتە ئايلىق پەرۋىش، ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ تىكتۈرۈلگەن كىيىملەر.

ۋوي،، كەچۈرۈڭلار،،، ئىسىم قۇرۇسۇن، ئىسىم قۇرسۇن،، خوشنامنىڭ بىشىغا كەلگەن مۇسىبەت  بىلەن بولۇپ كىتىپ سىلەرگە ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپلا كىتىپتىمەن.
بىزنىڭ ھازىر (نەۋرە)دەپ ئاتايدىغىنىمىز ئۆزى كىچىك، شۇنداق ئوماق، مۈشۈكلەر بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىغان ئتنىڭ كۈچۈكى.

‏                                                                                             
                                                                               پەرۋەر
‏                                                                          
                                                            2014-يىلى10-ئۈمىد قايتا تەھرىرلەندى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 15:27:10

قاراڭ بۇ ھىكاينى سىز يازدىڭىزمۇ تاكى تەرجىمە قىلدىڭزمۇ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 15:57:36

ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ مۇشۇنداق نەرسىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يۈرگىننى...

parwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 18:24:09

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 15:27 static/image/common/back.gif
قاراڭ بۇ ھىكاينى سىز يازدىڭىزمۇ تاكى تەرجىمە قىلدىڭزم ...

ئۆزۈمنىڭ ئەسىرى، تەرجىمە ئەسەر بولسا چوقۇم ئەسكەرتىمەن.

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 18:31:45

ئۆزىڭىزنىڭ ئەسىرى؟ئەمەت مەمەت سەمەت دەيدىغان ئىسىم قويماي، لاۋلىيۇ، ۋاڭ  دېگەندەك ئىسىم قويسا ئەجەپ تۇردىكىنا...

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:20:53

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 18:31 static/image/common/back.gif
ئۆزىڭىزنىڭ ئەسىرى؟ئەمەت مەمەت سەمەت دەيدىغان ئىسىم قو ...

بەلكىم خوشنىسى شۇلاردىن بولسا كېرەك.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:39:12

تىما ئىگىسىنىڭ ئىسمى جارۇللا ئوخشايدۇ................{:92:}

kukhelal2 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:53:20

لاۋجاڭ ھىكايىڭىز پەيزە چىقىپتۇ...

Bowaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 23:16:04

بۇياق خەنسوپەرۋەركەندە

428 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 00:04:37

ۋاڭ ، جاڭ دەپ ئىپادىلىشى توغىرىكەنغۇ . بىزنىڭ ئەمەت ، سەمەتلەر ئىتلىرىنى يالاپ ، سۆيۈپ يۈرمەس

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 00:17:36

سەل كونىرسىڭىز ئاھ پاھ دەپ ماختىغىلى تۇرىدۇ.چاتىقىڭىز بولماي يېزىۋېرىڭ...ھەممە مۇنبەردە بار ئەمەسمۇ بۇنداق ئىللەتلەر..كېيىنچە ئەگىتىپ تۇرۇپ تىللاپ يازسىڭىزمۇ ئۆزىنى تىللىغىنىڭىزنى بىلمەي سىزنى ماختاپ ھېكايە توپلىمى چىقارسىڭىز بولمامدۇ دېگىلى تۇرىدۇ....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 10:00:52

مەن ياقتۇردۇم بۇ ھېكايىنى :lol
بەزى ئەركەك يازغۇچىلار ئايال بىرىنجى شەخىس رولىدا ھېكايە يازىدىغان، ئاياللار ئەرلەرنىڭ رولىدا يازىدىغان ئىشلارمۇ بارغۇ...

karol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 10:50:56

شۇنداق ياخشى ئەسەرنى ئۇقۇپ چۈشىنەلمىسە ئەگىپ ئۈتۈپ كەتسىلا بولمىدىمۇ ،مەجبۇرەن ئىنكاس يېزىپ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ دىلىنى رەنجىتكىچە .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 16:32:39

内容ئەمەت سەمەتتە بۇ خۇي بارمۇ دىمەي جۆيلۈپ باقىدىغانلار باركىنا ……

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 21:48:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atarut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-11 21:50  

تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيىسى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن كىنولارنىڭ سىنارىيىسىنى خەنزۇ يولداشلار يازغان.   ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا بۇنداق كىشىلەر بولغان ئىكەن يىزىلسا ھىچنىمە بولمايدۇ.  

تىخى باياتىن ئاڭلىغان بىر يۇمۇر؛
بىر ئايال (ئا  ئايال دەيلى)  يۆگەكتىكى قىزىنى كۆتۈرۈپ يولدا كىتىۋاتسا،  ئىلگىرىكى بىرساۋاقدىشى (ب ئايال) قۇچىقىدا بىنر كۈچۈكنى كۆتۈرگىنىچە ئۇدۇل كەپقاپتۇ، سالاملاشقاندىن كىيىن ب ئايال سوراپتۇ :
-ئاداش، بالاڭلار نەچچە ئايلىق بولدى؟
-بەش ئايلىق بولدى؟
ب ئايال قۇچىقىدىكى كۈچۈكنى ئەركىلىتىپ دەپتۇ:  قارا ئومىقىم، سىڭلىڭ سەندىن 3ئايلىق كىچىككەن.
ئا ئايالنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەپتۇ.
ب ئايال يەنە دەپتۇ: تاتلىقىم، ئۇكاش ئوماقمىكەن؟
ئا ئايال تاقەت قىلالماي دەپتۇ؛ ئاداش ئومىقىڭلىنى ئۆزەڭلا تۇغالىدىڭلىمۇ ياكى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغدۇڭلىمۇ؟

tarimrose يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 10:47:01

yarzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 00:17 static/image/common/back.gif
سەل كونىرسىڭىز ئاھ پاھ دەپ ماختىغىلى تۇرىدۇ.چاتىقىڭىز  ...

;P توغرا دەيسىز

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 14:58:54

مېنىڭ قارشىمچە بولغاندا   بىزدە تېخى ئىتنى نەۋرە قىلىپ بېقىۋالىدىغانلار يوق، شۇڭا بىزنىڭ رېئاللىقىمىزغا ماس كەلمەيدۇ،
   لېكى يولداشلادا بولسا ئاللىقاچان ئۇمۇملىشىپ كەتتى،  بۇ  ئەسەر دەل  مۇشۇ يولداشلاردىكى ئەجداد بىلەن ئەۋلات ئوتىرىسىدىكى ياتلىشىش، تۇرمۇش رىتىمى ۋە بۇ خەختىكى پۇلپەزلىك ، ھۇقۇقۋازلىقتىن كېلىپ چقققان مېھىرمۇھەببەت نامراتلىقىنى ، ۋە روھىي غېرىپلىقنى خېلى ئوبدان ئېچىپ بەرگەن، شۇڭا  بۇ ئەسەرنىڭ يەنىلا قىممىتى يۇقۇرى دەپ قارايمەن، تېما ئېگىسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن
بەت: [1]
: خوشنامنىڭ نەۋرىسى