amin01 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 13:07:48

غەلەت، نىمشېھىت (كۆچۈرۈلمە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amin01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-10 14:03  

             غەلەت


سەن خەلىقتىن زارلىنىپ قىلغان شىكاياتىڭ غەلەت،
ئەل بەختىنى قارا دەپ قىلغان خىيالاتىڭ غەلەت.
ئەلنى سەن قۇربان قىلىپ تاپقان ئىناۋاتىڭ غەلەت،
قوي تۇرۇپ سەن بۆردىن ئالغان ھىماياتىڭ غەلەت.

ئەر ئەمەستۇر ئول كىشى كۆكسىدە ۋىجدان بولمىسا،
تائىتى بولماس قوبۇل كۆڭلىدە ئىمان بولمىسا.
قىش ياز ئىشلەپ تۇرۇپ ئۆيدە بىر نان بولمىسا ،
ئول گادايدۇر كۆز بوياپ دېھقان دەپ ئېيقانىڭ غەلەت.

جانغا جان ھەمرا بولۇپ تەن ئىچرە بىر ۋىجدان كېرەك،
ئىلمى تەياربۇتقا ئالدانماس كىشى بولسا زېرەك.
جان بۆلەكنىڭ تەن بۆلەكنىڭ بۇندا ئىنسان نە كېرەك،
سەن جەھەننەمدە تۇرۇپ جەننەت ھېكاياتىڭ غەلەت.

شاھى ئادىل بولمىغاي قان يىغلىسا خەلقى داۋام،
زەر ئارام تاپمىسا ئالۋان سېلىقتىن خاسۇ ئام.
ئوق قىلىچ زورلۇق بىلەن خەلىقنى قىلسا ئۆزگە رام،
باش بېرىپ تاج كىيىپ شاھ دەپ ئاتالغانىڭ غەلەت.

شاھ بولۇر شۇندا كىشى خەلىق يىغلىسا تەڭ يىغلىغان،
تەڭ كۆرۈپ تەڭ كۈلۈشۈپ شۇندا مۇھەببەت باغلىغان.
خەلىقنىڭ بەختىنى ئۇ ئۆز بەختىدىن ئۈستۈن چاغلىغان،
بۇ سۈپەتلەر بولمىسا قىلغان باياناتىڭ غەلەت.

بوينى سىمدا باغلانغان قورچاققا سەن بولدۇڭ مىسال،
بولمىسا ئۆزدە جان مەقسەتكە ئول بولماس ۋىسال.
گەر ھەقىقەت بولمىسا ھەربىر سۆزى بولغان ئوسال،
مىللىتىڭدىن ۋاز كېچىپ مىللەتچى دەۋايىڭ غەلەت.

خەلىقنى ئالداش يولدا گەر قۇرسىمۇ تۈرلۈك پىلان،
تەخسىگە چوغنى ئېلىپ خەلىققە دېسە يەڭ بۇ چىلان.
بەربىر گىرىم بىلەن رەڭ ئەيلىگەن ئۈچ باش يىلان،
خەلىقنى ئوت ئىچرە تارتىپ كۆرگەن ھالاۋاتىڭ غەلەت.

مەقسىتىڭ ئەل ئىچگە پەيدا قىلىش بۆلگۈنچۈلۈك،
يېتمەن دەپ ئويلىما بۇ ئىشقا تا ئۆلگۈنچۈلۈك.
ئىتپاق خەلقىم ئاراچ يوق تامچە سۇ كىرگۈنچۈلۈك،
كېمىگە چاشقان سولاپ سەن تۆشۈك ئەتكەنىڭ غەلەت.

چۈشدە كۆرگەن ئەپەندى قولدا بولغان خوراز،
ئىككى تەڭگىگە ساتمىغان يەنە قوشقىن دېگەن بۇنۇڭغا ئاز.
سىلكىنىپ ئويغانسا يوق قولدا پۇل ياكى خوراز،
ساڭا بۇ تەمسىل دېسەم كۆزۈڭنى يۇمغانىڭ غەلەت.

زۇلمى بىرلەن قورقۇتۇپ خەلىق مېلىنى ئالسا بۇلاپ،
سالسا ھەر تۈرلۈك سېلىقنى ئۈستى -ئۈستىگە ئۈزمەي ئۇلاپ.
كىمكى سۆز ئاچسا شۈنگەن شۇنى تۇتۇپ قويسا سولاپ،
ئەل قېنى بىرلەن سۇغارغان باغۇ بوستانىڭ غەلەت .


ئۆزھۇجۇدىدىن ھەر كىشى قورچاقتىن ئەتسە ئىمتىياز،
كۆپچىلىككە خىزمىتىدىن بغىشلىسۇن قىش ھەمدە ياز.
قارغۇدىن قۇيماق تەمە قىلماقتىن ئەتكەي ئېھتىراز،
ئۆز ئېلىڭنى چەتكە تاشلاپ پاختا ئاتقانىڭ غەلەت.

نىمشېھىت رازى ئەمەس ئىملاچى ئىستىلاسىغا،
سالمىغاي ھەرگىز قۇلاق ئۇسۇلچىنىڭ ئېغۋاسىغا.
باشلىدىم قارشى كۈرەش شەيتان لەئىن ۋەسۋاسىغا،
بۇ كۆرەشكە قارشى قويغان ئەمرۇ پەرمانىڭ غەلەت.


نىمشېھىتنڭ 1947.يىلى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ قورچاق رەئىسىگە ئاتاپ يازغان بېغىشلىمسى،

نىمشېھت ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى،

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 15:34:18

نىمشېھىت   بۇ ئىسىم بەك ھەيۋەت ئاڭلىنىدۇ ماڭا:lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 17:12:54

بىرىنجى كوپلىتى بەك يارىدى

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 18:33:04

ىمشېھىتنڭ 1947.يىلى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ قورچاق رەئىسىگە ئاتاپ يازغان بېغىشلىمسى،
كىمنى كۆرسىتىدۇ قېرىنداشلار ؟

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 19:44:45

باي ناھيەسى نىم شېھىت ئارمىيە داموللام ، موللا مۇسا سايرامى ،  سابىت داموللام ....... دىگەندەك نۇرغۇن ئېسىل كىشىلەر چىققان ماكانكەن  ،  دەۋرىمىزدىمۇ ت . مۇزاتتەك ، بوزقىردەك نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ماكاننىڭ پەخرى .

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 10:24:23

uyghurjan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 19:44 static/image/common/back.gif
باي ناھيەسى نىم شېھىت ئارمىيە داموللام ، موللا مۇسا سا ...

سابىت داموللام ئاتۇشلۇقتۇ ؟؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 20:19:19

Sahibkiran يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 18:33 static/image/common/back.gif
ىمشېھىتنڭ 1947.يىلى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ قورچاق رەئىسىگە  ...

1947-يىلى مەسئۇت سەبرى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغان (1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ تۇنجى قېتىم رەئىسلىك ئەمىلىنىڭ ئۇيغۇرغا تېگىشى). بىراق مەسئۇت سەبرىنىڭ رەئىس بولۇشىدا گومىنداڭ غەربىي-شىمال مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىدىيەسى بولۇپ، «ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى» دىن مەسلىھەت ئالماي ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن «ئۇچ ۋىلايەت» تەرەپ قاتتىق غەزەپلىنىپ (ھەقىقىي غەزەپلەنگەنلەر ئەسلى ئۈچ ۋىلايەتنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى، گومىنداڭ بىزدىن سورىماي شىنجاڭغا ئەمەلدار تەيىنلىگۈدەك بولدىمۇ دېگەن ئويدا) «پانتۈركىست مەسئۇت» نىڭ رەئىس بولۇشىغا قارشى نۇرغۇنلىغان نامايىشلارنى تەشكىللەپ خەلقنىڭ پەقەتلا رازى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىگەن، «ئۈچ ۋىلايەت» ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىققان......... مەسئۇت سەبرى بىر يىلدىن ئارتۇقراق رەئىس بولۇپ 1949-ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
نىمشېھىت شۇ مەزگىلدە غۇلجىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز غەزىپىنى ئىپادىلەپ ئۆلكە رەئىسىگە قارىتىپ بۇ شېئىرنى يازغان.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 21:51:21

1947-يىلىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىشمۇ تەستىقلىمايدىغان مەزمۇنغا تەۋەمىتى.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 23:27:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurjan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-12 23:29  

Sahibkiran يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 10:24 static/image/common/back.gif
سابىت داموللام ئاتۇشلۇقتۇ ؟؟

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قېشىدا دەرىس ئالغان 4 سابىت بولۇپ ، باي ساۋۇت ، ئازاق ساۋۇت ، قىزىلبويا ساۋۇت ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدىم . يۇقۇردا پەقىر تىلغا ئالغىنى باي ساۋۇت ، بۇ كىشىنىمۇ سابىت داموللام دەيدىكەن .
سىز دېگەن سابىت داموللام ، ئازاق ساۋۇت .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 23:35:13

Sahibkiran يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 10:24 static/image/common/back.gif
سابىت داموللام ئاتۇشلۇقتۇ ؟؟

مۇشۇ ماتىريالنى تېپىپ بىر يوللاپ قوياي ۋاقىت چىققاندا . تېما يوللاي دەيمەن لېكىن ئادەم نەچچە سائەت ئەجىر قىلىپ يازسا تەستىغلىمىسا ئەجرى بىكار كىتىپ قالىدىكەن .

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 13:56:15

uyghurjan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 23:27 static/image/common/back.gif
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قېشىدا دەرىس ئالغان 4 سابىت ب ...

ھە مۇنداقكەندە ،بولسا شۇ كىشىلەرنىڭ تارىخىنىمۇ بىلۋاساق
بەت: [1]
: غەلەت، نىمشېھىت (كۆچۈرۈلمە)