mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 23:19:53

(كارىزى) «تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-9 23:22  

«تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى ماقال-تەمسىللەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرىغا نەزەر

ئادىل غاپپار كارىزى

(بۇ ماقالە 2004-يىلى يېزىپ تاماملىنىپ، 2005-يىلى قەشقەردە ئېچىلغان «مەھموت قەشقىرى تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغانىدى. يىغىندىن كېيىن، تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ-خىل ھەلەكچىلىكىدە بۇلۇپ كېتىپ، بۇ ماقالىنى ئىلمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يېقىندا ماتېرىياللارنى  ئاختۇرۇپ-رەتلەۋېتىپ قۇلۇمغا چىقىپ قالدى. شۇڭا، ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشىغا سۇندۇم.  پايدىلانغانلار ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە كېلىش مەنبەسى(ئىزدىنىش تورى)نى ئەسكەرتىشىنى ئۇنتىمىغاي!)

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ نەشىر قىلىش ھوقوقى مەزكور ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا تەۋە. ھەر قانداق شەخىسنىڭ ئاپتورنىڭ روخسىتىسىز بۇ ماقالىنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشى ئەقلى مۈلۈك ھوقوقى قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» 11-ئەسىردە (تەخمىنەن مىلادى 1076 – 1077 – يىللار ئارىلىقىدا) ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېىتىشىپ چىققان ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇت قەشقەرى تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان ئالەمشۇمۇل بۈيۈك ئەسەر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» تۈركىي تىلىنى ئوتتۇرا ئەسىردە ئىلىم – پەن تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئەرەب تىلى بىلەن ئىزاھلاش ئارقىلىق قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىي ھاياتىنى باي تىل ماتىرىياللىرى (تەخمىنەن 7500 سۆزلەم) ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىزاھلىق لوغەت. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا سۆزلەملەرنىڭ مەنىسىنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن تۈرلۈك تېمىدا 242 كۇپلىت ئەدەبىي پارچە، 200 دىن ئارتۇق ماقال – تەمسىل بېرىلگەن ۋە بۇ ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى كۆرسىتىلگەن. ھەم شۇ دەۋردىكى پەلسەپىۋى ۋە ئەخلاقىي كۆز قاراشلار يورۇتۇپ بېرىلگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسىللەردە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك مۇھىت توغرىسىكى قاراشلىرىمۇ ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن بۇلۇپ، بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ھىسابلىنىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا خاتىرىلەنگەن دىكى ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلارنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى، مەزمۇنى، فونكىسيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مۇئەييەن بىلىشكەئىگە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە بىر ەتەرپتىن ئىلىم ساھەسىدىكى «ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە مەدەنىيىتى» توغرىسىدىكى تەتقىقات بوشلۇقنى بىرقىسىم نەزىرىيىۋىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، نۆۋەتتە رايۇنىمىزدا مەۋجۇت بۇلوپ تۇرۇۋاتقان ئىكولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىپ، رايۇنىمىزنىڭ سىجىل تەرەققىيات(ئىلمىي تەرەقىيات)نى ساقلاشتا بەلگىلىك نەزىرىيىۋىي ئاساس بۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە.
بۇ ماقالىدە، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن  ماقال-تەمسىللەردىكى ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرى، ئىكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىقى ۋە ئىكولوگىيە تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ماقال-تەمسىللەردىن «شۇ دەۋردىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوبىكتىپ شەيئىلەرگە قانداق كۆز قاراش ۋە مۇناسىۋەتلەردە بولغانلىقىنى، ئۆز بېشىدىن قانداق تارىخى جەريانلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ ماقالىلار ناھايىتىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ ماقال-تەمسىلللەر مەھمۇت قەشقەرى ياشىغان دەۋردىن بىرقانچە ئەسىر ئىلگىرىمۇ بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ماقالىلار، تارىختا جاھان مەدەنىيىتىگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كەلگەن ئارزۇ-ئارمىنى، تىلەك-خاھىشى، ئۆرپ-ئادىتى، ئومۇمىي قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن». «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا يەنە،  ھەرخىل ھايۋانلار، دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر، يەر (تاغلار)، شۇ (دېڭىز، دەريا، كۆل، ھاۋا (شامال)، تەبىئەت ھادىسىلىرى (تۆت پەسىل، قار، يامغۇر، چاقماق)، ئاسمان جىسىملىرى (قۇياش، ئاي) قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. ئىكولوگىيە تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ سۆزلەر ۋە مەزمۇنلارنىڭ ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەرگىزمۇ بىر تاسادىبىلىق ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئىكولوگىيىسىنى چۈشىنىش، ماسلىشىش ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن، ئىكىلوگىيىلىك مۇھىت تۇغرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي قاراشلارنىڭ مۇكەممەل ئىزناسى دەپ قاراش مۇمكىن. چۈنكى تىل تارىخىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر مىللەت تىلنىڭ ئەڭ دەسلەپتە شەكىللەنگەندە، شۇ مىللەت ياشاۋاتقان ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ خىل مۇھىتنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى بىر تىلنىڭ فۇنىتىكىسى، لىكسىلوگىيىسى، گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە دىئالىكتىكىسى قاتارلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئوخشاش بىر تۈركىي تىلنى، ئوخشاش بولمىغان قەبىلىلەر ئوخشاش بولمىغان تەلەپپۇزدا تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى، ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزنىڭ ئوخشاش بولمىغان قەبىلىلەردە ئوخشاش بولمىغان مەنالارنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. دېمەك،11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن ھەرقايسى رايۇنلار ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئىزنالار «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى لىكسىكا كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ بولغان ئىسىم، سۈپەت، پېئىل قاتارلىقلاردا، بۇلۇپمۇ ماقال-تەمسىللەردە بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ ھال بىزگە11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاڭ-ئىدۇلوگىيىسىدە، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت توغرىسىدا مۇكەممەل كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن ئىكولوگىيىلىك قاراشلار-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختا شەكىللەندۈرگەن ۋە بېيىتىپ مۇكەممەللەشكەن تەبىئەتنى چۈشۈنۈش، تەبىئەتكە ماسلىشىش ۋە تەبىئەتتىن پايدىلىنىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى بىلەن تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. تېخىمۇ كونكرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد قاراشلىرى ۋە ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ ئورگانىك بىرلەشمىسى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرى ئاساسلىقى تەبىئەتنى چۈشىنىش، تەبىئەتتىن پايدىلىنىش ۋە تەبىئەتنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. يەز-زېمىن، تۇپراق قارىشى
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن يەز-زېمىن، تۇپراق توغرىسىدىكى قاراشلار – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادى ۋە ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى بوستانلىق-تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن تېرىقچىلىق ئادەت قاراشلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان يەرنى ئولۇغلاش، يەرنى قەدىرلەش ۋە يەرنى ئاسراش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر مىللتىنىڭ يەر-تۇپراق توغرىسدىىكى چۈشەنچىلىرى ناھايىتى ئۇزاق ئىجتىمائىي تارىخى ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ئىنسان ۋە كائىناتنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادى، ئانىمىزم، ئەجداد ئېتىقادى ۋە تۇتىمىزم ئېتىقادىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئېتىقادى قاراشلاردا تۇپراق ئىنسان ۋە كائىناتنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالدى. يەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق چوقۇنۇش ئوبىيكتلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دۇنيا قاراش سېستىمىسىدا «ئىنسان تۇپراقتىن يارالغان» دىگەن قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا «قەدىمقى تۈركىي خەلقلەر ئەپسانىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ چوڭ تەڭرىنىڭ بىرى يەر تەڭرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى «ئىدۇق يەر-سۇب (مۇقەددەس يەر-سذ) دەپ ئاتالغان». ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇپراق ئېتىقادىنىڭ ئىزلىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، تاغقا چوقۇنۇش ئۇنىڭ مۇھىم بىر ۋارىيانتى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى يەر-بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى جەريانىدىمۇ، يەر ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسىي ۋە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار ئىدىيە تارىخىدا ئەزەلدىن بار بولغان يەرنى ئۇلۇغلاش قارىشى كېيىنكى دەۋىرلەرگىچە داۋاملىشىپ كېلىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى  ماقال-تەمسىللەر ئىچىدىنمۇ بەلگىلىك ئورۇن ئالغانىدى.مەسىلەن:
«تاغنى ئوقرۇق بىلەن ئەگكىلى بولماس، دېڭىزنى كېمە بىلەن بۆككىلى بولماس»(1-توم 136-بەت)
«ھىنگان ئىڭرىسا بوتا بوزلار»(1-توم 163-بەت)
«تاغ تاغقا قۇۋۇشماس، ئادەم ئادەمگە قۇۋۇشۇر» (2 -توم 139-بەت)
«كۆپ سۆزنى چۈشەنگىلى بولماس، تىك قىيانى يىقىتقىلى بولماس» (3-توم 24-بەت)
«يەر باستۇرغى تاغ، خەلق باستۇرغى بەگ» 1( -توم 609 –بەت)
بۇ دەل 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «تۇپراققا چوقۇنۇش» ئىدىيىۋى كۆز قارىشىنىڭ مەركەزلىك ئىنكاىسى بولۇپ، تاغلارنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق يەر-تۇپراققا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، يەر ئىلاھى سۈپەتلىك ئورنىنى تەدرىجىي بوشۇتۇپ، ئالاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان تەبىئەت جىسىملىرى كاتىگورىيىسىگە مەنسۈپ بولدى. ئەمما، يەر بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسىي ۋە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى بولغاچقا، ئۇيغۇرلار يەرنىڭ بۇ خىل مۇھىم رولىنى يەرنى ئۇلۇغلاش قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان «يەرنى قەدىرلەش» تەك ئۆزگىچە يەر قىممەت قاراش سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇخىل قاراشلار «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى  ماقال-تەمسىللەردىمۇ روشەن ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن: « ھىنگان ئىڭرىسا بوتا بوزلار »(1-توم 163-بەت)
«تەسكەيدە قار ئۆكسىمەس، قويدا ياغ ئۆسىمەس » (1- توم 426-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرنىڭ ھاياتلىق كاپالىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئاساسىدا، يەرنى ئۇلۇغلاش، يەرنى قەدىرلەش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەنلىكى كۆرىنىپ تۇرىدۇ.  
ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، يەر تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسىي ۋە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى قىممەت قاراش مايىللىقى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدىكى يەرگە توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يەرنى ئاسراش توغرىسىدىمۇ بىرقاتار كۆز قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ قاراشلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقرىىش ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇقەددەس ھەقىقەت سۈپىتىدە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى  ماقال-تەمسىللەردىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
«قۇشنىڭ ئەسكىسى سىغىزخان ، ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان،
يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان، خەلقنىڭ ئەسكىسى بارسغان » ( 1-توم 572-بەت )
«گۆرىستاندا ئۆي بولماس، توپىلاڭ يەردە ئوۋ بولماس» ( 1-توم 671-بەت )
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئۇزاق مەزگىللىك كۆزىتىش ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان، يەر بىلەن ھايۋانلار ۋە يەر بىلەن زىرائەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن يەرنى ئاسراش قارىشى ئىپادىلەنگەن. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىىق ھاسىل قىلغان، ئوخشاش بولمىغان يەرلەرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمۇ، بىر خىل ھەقىقەت سۈپىتىدە ناھايىتى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يەرنى ئاسراش خاھىشلىرىنى ئىپادىلىگەن.
  
2. سۇ توغرىسىدىكى قاراشلار
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن سۇ توغرىسىدىكى قاراشلار – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادى ۋە ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇنى ئاسراش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئەڭ ئىخچام ۋە ئوبرازلىق ئىنكاسى. سۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادىنىڭ مۇھىم  ئوبىكتىلىرىنىڭ بىرى. «سۇ تەڭرى» - قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋىي قارىشى بولغان تۆت تادۇ (تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت) قارىشىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس بولغان تۆت تەڭرى (يەر تەڭرى، سۇ تەڭرى، ھاۋا تەڭرى، ئوت تەڭرى) نىڭ بىرى. قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى داستانى «ئوغۇزنامە» دە، ئوغۇز خاقاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغۇلغا «دېڭىز» دەپ ئات قويغانلىقى سۆزلىنىدۇ. گەرچە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراش مايىللىقىدا مۇئەييەن ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدولوگىيە سېستىمىسىدا سۇ ئىلاھى سۈپەتلىك ئورنىنى بوشۇتۇپ، تەبىئەت جىسىملىرى كاتىگورىيىسىگە مەنسۈپ بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، «سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسە، شۇ ئادەمنىڭ گۇناھىي يۇيىلىدۇ ۋە بەختلىك بولىدۇ. سۇغا تۈكۈرسە يامان (گۇناھ) بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش، سۇغا بولغان ئېتىقاد ئادەتلىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان سۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:
« (تاغنى ئوقرۇق بىلەن ئەگكىلى بولماس)، دېڭىزنى كېمە بىلەن بۆككىلى بولماس» (1-توم 136-بەت)
«ئىغىلدا ئوغلاق تۇغۇلسا، ئېرىقتا ئوتى ئۈنەر» (1-توم 89-بەت)
«قاينام دەريا كىچىكسىز بولماس»  (1-توم 507-بەت )
«بالا سۇ تۆكەر، چوڭىنىڭ يانپىشى سۇنار»  (2-توم 25-بەت)
«ناننى سۇنىڭ ئايىقىغا تاشلا، بىشىدىن ئىزلە» (2-توم 154-بەت )
«مۇزدىن سۇ تامار» (3-توم169-بەت)
«يىپىنچىلىق ھۆل بولماس، ئېغىزدۇرۇقلۇق چايچىيالماس»  (3-توم 350 –بەت)
«بىر-بىرلەپ مىڭ بولار، تاما-تاما كۆل بولار»  (3-توم 492-بەت)
«سۇنى كۆرمىگۈچە ئۆتۈك سالما» (3-توم 580-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، «سۇ ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ» ، «سۇ ھامان پاك ۋە مۇقەددەس »، دەيدىغان ئېتىقاد ئادەتلىرىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىنكاسى. شۇنداقلا، سۇنى تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇشىنىڭ جان تومۇرى، مول-ھوسۇلنىڭ مەنبەسى، دەپ قارايدىغان سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇنى قەدىرلەش ، سۇنى ئاسراش قاراشلىرىنىڭ بىۋاستە ئىپادىلىنىشى.

3. ھاۋا توغرىسىدىكى قاراشلار
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن ھاۋا توغرىسىدىكى قاراشلار – ئۇيغۇر مىللتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ئاساسىدا راۋاجلانغان ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىك قاراشلىرىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان ھاۋانى ئۇلۇغلاش، ھاۋانى قەدىرلەش ۋە ھاۋانىڭ ساپلىقىنى قوغداش قاراشلىرىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار ئادەم بىلەن شەيئىلەر، ھاياتلىق بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىىسدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ھاۋانىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى رولى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا بىر قاتار بىلىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ئەمىلىيىتىگە تەدبىقلاپ ئىشلەتكەنىدى. ھاۋا توغرىسىدىكى بۇخىل قاراشلار «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى  ماقال-تەمسىللەردىمۇ  ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
«قارا بۇلۇتنى يەل  ئاچار، (ھۆكۈمەت ئىشىكنى پارا ئاچار) »(1-توم  459-بەت)
«تۈتۈشمىغىچە ئارا تۈزەلمەس، شامال چىقمىغۇچە ھاۋا ئېچىلماس» (2-توم 93-بەت)
«ئادەمگە مۇڭ تىگەر، تاغ سىڭىرىغا يەل تىگەر» ( 3-توم 491-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن، ھاۋانىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى رولى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا بىر قاتار بىلىشلىرىنىڭ  مەركەزلىك ئىنكاسى بۇلۇپ، ھاۋانى ئۇلۇغلاش قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

4. ھايۋانلار توغرىسىدىكى قاراشلار
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن ھايۋانلار توغرىسىدىكى–ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد (ئانىمىزم ۋە تۇتىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەملىيىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئىنكاسىدىن ئىبارەت. ھايۋانلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادى ۋە تۇتىمىزم ئېتىقادى قارشلىرىدا مۇھىم چوقۇنۇش ئوبىيىكتلىرى قىلىنغان. تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئېتىقادىدا قۇرت (بۆرە) بەخت تەڭرىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ھازىرمۇ بۆرە ئېتىقادىنىڭ قالدۇق تەسىرى ساقلانغان بولۇپ، «پېشكەللىكتىن ساقلايدۇ» دەپ، سەپەرگە چىققاندا بۆرىنىڭ ئوشۇقىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ، يەنە بەزىلەر بۆرىنىڭ ئوشۇقىنى تۇمار قىىپ ئېسىۋالىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىغا كەلگەندە، تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ھايۋانلار ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۆرە تۇتىم ئېتىقادىمۇ ئۆزگەرگەن. يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار تارىختا بۆرىدىن باشقا يەنە «ئات»، «لاچىن»، «كالا»، «شىر (ئارسىلان)»، «تۆگە (بۇغرا)» قاتارلىقلارغىمۇ چوقۇنغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ خىل قاراشلار «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى  ماقال-تەمسىللەردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
«قۇش قانىتى بىلەن، ئەر ئېتى بىلەن» (1-توم 48-بەت)
«ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يىمىرەلمەس» (1-توم 167-بەت )
«باتۇرلارنى خار قىلما، يۈگرۈڭ ئاتنى يېغىر قىلما» (1-توم187-بەت)
«چورۇق بولسا ئادەم ئۆلمەس، ئىچلىك بولسا ئات يېغىر بولماس» (1-توم 142-بەت)
«ئىت چىشلمەس، ئات تەپمەس دېمە» (1-توم240 –بەت)
«چېقىر كۆز ئىت ئاتقا باراۋەر كېلىپ چېقىر كۆز ئاتا ئېتىقىمۇ باراۋەر كەلمەس» (1-توم471-بەت)
«ئارسىلان ھۆكۈرسە، ئات ئايىقى كالىۋالىشىدۇ» (2-توم207-بەت)
«چىپار ئات يۈك كۆتىرەلمەس» (3-توم204 -بەت)
« ئەندىز بولسا ئات ئۆلمەس »  (1-توم 156-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتتىن ئىبارەت بۇ ھايۋاننى ئەتىۋارلايدىغان، ئاسرايدىغان خاھىشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا «ئات» قا چوقۇنغانلىقىدەك ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ كونكرت ۋە ئەينەن ئىنكاسىدۇر.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بىرقىسىم  ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئوۋچەلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرمۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:
« تۈلكە ئۆز ئىنىگە ھۆرىسە، قوتۇ بولۇر » (1-توم76-بەت)
« ئوۋچى قانچە يول بىلسە، ئېيىقمۇ شۇنچە يول بىلەر »
« ھىلە بىلەن ئارسىلان تۇتىلار، كۈچ بىلەن قارانچۇقمۇ تۇتۇلماس » (1-توم 111¬-بەت)
« غاز كەتسە، ئۆردەك كۆلىنى ئىگىلەر »  (1-توم 140-بەت)
« تاپقۇش ئىسقىرتسا، ئۆلۈم چىقار »  (1-توم 304-بەت)  
«بۈك باراقسان سۆگەتكە قوش قونار، چىرايلىق قىزغا سۆز كېلەر»  (1-توم 419-بەت)   
« بىلىقنىڭ ئۆزى سۇدا، كۆزى تاشقىرىدا »  (1-توم 491-بەت)
« قۇلان پادىسى يول باشلىغۇچىسىز قالماس » (1-توم 554-بەت)  
« غاز توپى باشلامچىسىز بولماس » (1-توم 634-بەت)
« تايغاننىڭ يۈگرىكىنى تۈلكە سۆيمەس » (2-توم 20-بەت)
« كىچىكلەر چوڭلارغا تەڭ تۇرالماس، قۇرغۇي شۇڭقارغا قارشى چىقالماس »(2-توم 126 -بەت)
« ھەرىنىڭ چىشىغا تەگسە چاقىدۇ » (2-توم482-بەت)
« ساچراتقۇدىن بىر قېتىم قورققان قۇش قىرىق يىلغىچە ئاچا ياغاچ ئۈستىگە قونماس » (2-توم 485-بەت)   
« يىلان يار پوزدىن قاچىدۇ. ئۇ نەگە بارسۇن، يەنە يارپۇزغا دۇچ كېلىدۇ » (3-توم 52-بەت)
« كىشى سۆزلىشىپ، ھايۋان ھىدلىشىپ »  (3-توم 142-بەت)
« توغرا كەتكەن كىيىكنىڭ كۆزىدىن باشقا يارىسى يوق » (3-توم 207-بەت)
« قوش توزاققا يەم ئۈچۈن ئىلىنەر » (3-توم 409-بەت)
« يالغۇز غازنىڭ ئاۋازى چىقماس » (3-توم 524-بەت)
« بۆرە قوشنىسنى يېمەس »  (3-توم 304-بەت)
« قۇش بالىسى يىرگىچىنلىك، ئىت بالىسى يېقىملىق »  (3-توم 319-بەت)
« ئارسىلان قېرىسا، چاشقاننىڭ ئۇۋىسىنى پايلايدۇ » (3-توم 359-بەت)
بۇماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇشى جەريانىدا، ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش ئارقىلىق،  دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بىر قىسىم ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئومۇمىي يەكۈنلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھايۋانلارغا بولغان كۈچلۈك ھۆرمەتلەش ۋە ئاسراش ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بىرقىسىم  ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى ھايۋانلار بىلەن ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەردىن يەكۈنلىگەن ئادەت خاراكتېرلىك قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:
« ئېغىلدا ئوغلاق تۇغۇلسا، ئېرىقتا ئوتى ئۈنەر »  (1-توم 89-بەت)
« ئۆيدىكى موزاي ئۆكۈز بولماس » (1-توم 582-بەت)
« تۆگە چوڭ بولسىمۇ مايىقى چوڭ بولماس »  (3-توم 230-بەت)
« ئۇي بولىدىغان كالا موزاي چىقىدىلا بەلگىلىك » (1-توم 684-بەت)  
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ۋە ئادەتلىرى ناھايىتى كونكرت شەرھىلەنگەن بولۇپ، مال-چارۋىلارنى قەدىرلەش ۋە ئاسراش قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بىرقىسىم  ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىق تېرىم مەدەنىيەت قەدەم قويغاندىن كېيىنكى، ئىقتسادىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ھايۋانلار توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . مەسىلەن:
«ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يىمىرەلمەس» (1-توم 167-بەت )
« تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان ھاۋانىڭ گۈلدۈرلىشىدىن قورقماس »  (3-توم 385-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدىكى،  ھايۋانلار بىلەن ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى بىېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەردىكى ھايۋانلارنىڭ رولى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسدىكى چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ھايۋانلارنى قەدىرلەش ۋە ئاسراش قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .

5. باغ-ئورمان، ئۆسۈملۈك قارىشى
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن باغ-ئورمان، ئۆسۈملۈك قارىشى–ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى  ئىپتىدائىي  ئېتىقاد (ئانىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن دەل -دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىىلق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئىنكاسىدىن ئىبارەت. دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي تەبئەت ئېتىقادىنىڭ مۇھىم بىر ئوبىيكىتلىرىنىڭ بىرى. دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنۇش ئېتىقادى ئىپتىدائىي دەۋرىدىكى تەبىئەتتىن يىغىپ توپلاش پائالىيىتى ۋە ياشاش، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرخىل ئىپتىدائىي دىننى ئېتىقاد پائالىيىتىدۇ. بۇ خىل ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادىنىڭ قالدۇق تەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى  ماقال-تەمسىللەردىمۇ ساقلىنىپ قالغانىدى.
« ئىگىر بولسا،ئەر ئۆلمەس » (1-توم 75-بەت)
« قوناق بېشىنىڭ سىيرەك بولغىنى ياخشى »  (1-توم 499-بەت)   
« تاتنىڭ كۆزىگە ئۇر، تىكەننىڭ تۈۋىگە » (2-توم 409-بەت)
« بۇغداينىڭ بانىسىدا قارمۇق سۇ ئېچىپتۇ » (3-توم330-بەت)
« چوغچا تاشتا ئوت بولماس، تارپاقتا ئۇيات بولماس » (3-توم 613-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن. ئورمان بىلەن تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك مۇناسىۋەتلەر ئەڭ ئىخچام شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى دەرەخ تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، نوقۇل ھالدا تېرىقچىلىق بىلەنلا شۇغۇللانماستىن، بەلكى ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتتىن يىغپ-توپلاش تۇرمۇش ئادىتىنى تېرىقچىلىق ئىقتىسادىغا ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ئىقتىسادىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە، مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ باغ قىلىش ۋە ھەرخىل باراڭلارنى ياساشتەك يېشىللىقنى سۈيىدىغان قىممەت قاراشلىرى بارلىققا كەلگەنىدى. بۇ خىل قاراشلار «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى  ماقال-تەمسىللەردىمۇ ناھاايىتى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:
«تىكىگۈچە ئۈنمەس، تىلمىگۈچە تېپىلماس »  (2-توم 27-بەت)
«سۆگەتكە سوللۇك، قىيىنغا قاتتىقلىق يارىشار»  (3-توم 184-بەت)
«سۆگەتكە ئەۋرىشىملىك ،قىيىنغا قاتتىقلىق يارىشار » (1-توم 462-بەت)
«قىيىن قاتتىقلىقى بىلەن » (3-توم206-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باغۋەنچىلىك ئىقتىساددىنمۇ تەڭ راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقرىش ئادەت-قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باغ ياساشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، باغلارنى ئاسراپ، قوغدايدىغان خاھىشلىرى ئىپادىلەنگەن.  

6. تۆت پەسىل (ئاسترونومىيە) قارىشى
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن تۆت پەسىل (ئاسترونومىيە) قارىشى – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقاد قاراشلىرى، ساددا ماتېرىيالىستىك پەلسەپىۋىي قاراشلىرى ئاساسىدا راۋاجلانغان ئاسترونومىيىلىك قاراشلار بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ھاۋارايىنىڭ مۇناسىۋىت توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان ئىلمىي يەكۈندۇر. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن، ھاۋارايى (مىتورولوگىيە)دىكى خىلمۇخىل مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتىپ، بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى  ماقال-تەمسىللەردىمۇ ئەنە شۇ ھاۋارايىنى كۈزىتىشتىن چىقىرىلغان يەكۈنلەر خېلى كۆپ سالماقتنى ئىگەللەيدۇ. مەسىلەن:
« ساپان ۋاقتىدا تالاش-تارتىش بولسا، خامان ۋاقتىدا جاڭجال بولماس » ( 2-توم 307-بەت)
« يازدا قاتتىق ئىشللىسە، قىشتا سۈيۈنەر » (3-توم 218-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى، تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن تۆت پەسىل بىلەن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بىلىشلىرى ۋە ئادەت قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دېمەك، ئۇيغۇرلار تۆت پەسىل توغرىسىدا ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، مول ئىلمىي يەكۈنگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا تۆت پەسىلنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدىمۇ بىر قاتار قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. تۆت پەسىل توغرىسىدىكى بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇرلار ئىجتىماىي تۇرمۇش پائالىيەتللىرىگىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىمۇ تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلاردا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
« قىشنىڭ زىياپىتى ئوت » (1-توم 433-بەت)
« بىر قاغا بىلەن قىش كەلمەس » ( 2-توم 43-بەت)
« كۈزنىڭ قانداق كېلىشى يازدىن مەلۇم بولىدۇ »  
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئۇزاق مەزگىللىك تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، پەسىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن، ھەرقايسى پەسىللەرگە خاس بولغان تۇرمۇش ئادەت-قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

7. تەبىئەت ھادىسىلىرى قارىشى
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسللەردە ئىپادىلەنگەن تەبىئەت ھادىسىلىرى قارىشى – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد (ئانىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەرياندىكى، تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئادەم  ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاراشلىرىدىن ئىبارەت.
تەبىئەت دىننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئوبىكتىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ تەبىئەت دۇنياسدىكى شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنى «ئىلاھلاشتۇرۇپ» تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇلارنى ئېتقاد ئوبىيكتى قىلغانىدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ماقال-تەمسىللەردىمۇ تەبىئەت ھادىسىلىرىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە سىموۋول قىلىدىغان مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
« تولۇنئاي قول بىلەن كۆرسىتىلمەس » (1-توم 112-بەت)
« ئاي تولۇن بولسا ئەلكىن ئىمىلمەس »  (1-توم 112-بەت)
« كۈنگە باقسسا كۆز قامىشار »  (1-توم 442-بەت)
« ئات قاشقىسى ئاي بولماس » (1-توم 660-بەت)
« كۆككە تۈكۈرسە يۈزگە چۈشەر » (2-توم 107-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي، قۇياشقا چوقۇنغانلىقىدەك قەدىمكى ئېتىقاد شەكلىنىڭ قالدۇق تەسىرى ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ، ئاي ۋە قۇياشنى ئىلاھ سۈپەتتە ئۇلۇغلايدىغان خاھىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يازما مەنبەلەردە ئاي، قۇياش، يامغۇر، بۇلۇت، شامال تەبىئەت ھادىسسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، تەڭرى ئىلاھىيلىق سۈپەتتىن قىپ قالغانىدى. قىممەت قاراش مايىللىقىدىكى بۇخىل ئۆزگىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تېرىقچىلىق ئىقتىساددىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى  ماقال-تەمسىللەردە بۇخىل قىممەت قاراشلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:
« يىقىلسىمۇ ياغ ياخشى، كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى » (3-توم 591-بەت)
« چاقماق چىقىلسا ئوت تۇتىشار، سۆز ئاڭلىتىلسا مەقسەت بىلىنۇر » (2-توم 31-بەت)  
بۇ ماقال تەمسىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاۋارايىغا مۇناسىۋەتلىك تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىلاھىي سۈپەتتە كۆرمەستىن، بەلكى تەبىئەت ھادىسىلىرى دەپ قاراپ، تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە بۇ خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىىتىنى چۈشىنىش ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىدىيىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يەنە بىر قىسىم ماقال-تەمسىللەردە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرى مۇناسىۋەتلەر شەرھىلەنگەن. مەسىلەن:
« كىچىلەپ يۈرسسە كۈندۈزى سۈيۈنەر، كىچىك ئۆيلەنسە ياشانغاندا سۈيۈنەر » (3-توم 118-بەت)
« تۈندە بۇلۇت ئۆرتەنسە، خوتۇن ئوغۇل تۇغقاندەك بولار،
تاڭدا بۇلۇت ئۆرتەنسە، ئۆيگە يىغا كىرگەندەك بولار » (1-توم 333-بەت)
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئادەم بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ ئومۇمىي خۇلاسىسى بولۇپ، بۇ خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەت ۋە رولىنى تولۇق تۇنۇپ، ئۇلارنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىپ، پايدىلىق تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خاھىشى ئىپادىلەنگەن.
دېمەك، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ماقال-تەمسىللەردە 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزى ياشىغان ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتىنى چۈشىنىش، ئۇنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىش توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قاراشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھاتلار :
  ئىبراھىم مۇتىئى ماقاللىلار توپلىمى، خالىدە ئىبراھىم. مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990 - يىل ، 126-، 127-بەت
  «تۈركىي تىللار تەتقىقاتى»،  مىللەتلەر نەشرىياتى، 2- قىسىم، 1983- يىل، 270- بەت.
  ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان» ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، 1998 – يىل


بەت: [1]
: (كارىزى) «تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار