پۇلۇم بار بوغاندا ................
پۇلۇم بار بولغاندا تېلېفون نومۇرۇمنى 11111111111 قىلىپ ئۆزگەرتىمەن ، ئىسىڭدە تۇتالمىغىنىڭنى كۆرەي .
پۇلۇم بار بولغاندا موتودىن 500نى سېتىۋېلىپ يەنە 500 شوپۇر تەكلىپ قىلىپ ئارقامغا سېلىپ ھەيدىتىمەن ،بىردەم «ئاقسا» دېگەن خەت شەكلىدە ،بىردەم «نوچى بولساڭ تۇتە قېنى» دېگەن خەت شەكلىدە تىزىپ چوڭ يولدا ماڭغۇزىمەن .
پۇلۇم بار بولغاندا نەچچە يۈز ئادەم ياللايمەن ،زېركىپ قالغاندا ھەممىسىنى بانكىغا ئەكىرىپ يېرىمى بىر تەرەپتە پۇل قويىدۇ ،يېرىمى يەنە بىر تەرەپتە پۇل ئالىدۇ ،ئۈچرەتنى بۇزغۇنىڭنى بىر كۆرەي قېنى .
پۇلۇم بار بولغاندا ئەڭ ئېسىل باۋمادىن ئىككىنى ئالىمەن ،بىرى ئالدىمدا يول باشلايدۇ ،يەنە بىرى كەينىدىن قوغداپ ماڭىدۇ ،مەن ئۇتتۇردا ۋېلىسپىت مېنىمەن .
پۇلۇم بار بولغاندا ئۆيۈمگە چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىن ئىككىنى ياساتقۇزىمەن ،بىرىدە قول يۇيۇمەن ،يەنە بىرىدە پۇتۇمنى يۇيۇمەن .
پۇلۇم بار بولغاندا ھەربىر يول ئېغىزىدىكى قىزىل چىراغقا ماشىنىدىن ئۈچنى توختىتىپ قويىمەن ،ھەركۈنى كىچە كۈندۈز شۇ يەردە تۇرىدۇ ،جەرىمانىسىنى ئالدىن تۆلەيمەن ، ھىچكىمنى ئۆتكۈزمەيمەن.
پۇلۇم بار بولغاندا شىركەتتىن ئىككىنى ئاچىمەن ،بىرىگە ئۆزۈم خۇجايىن بۇلىمەن ،يەنە بىرىگە خىزمەتچى بۇلىمەن ،خالىسام خۇجايىننى ئىشتىن ھەيدەيمەن ،خالىسام خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن ھەيدەيمەن .
پۇلۇم بار بولغاندا ئالتۇن داستىن ئىككىنى سېتىۋالىمەن ،بىرىدە ئوڭ پۇتۇمنى ،بىرىدە سول پۇتۇمنى يۇيۇمەن .
پۇلۇم بار بولغاندا بىر ئېغىز ئۆيگە ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ئىككىنى ئورنىتىمەن ،ئىككىسىنى تەڭلا ئېچىپ قويۇپ بىرىدە سۇغۇق ھاۋا ،يەنە بىرىدە ئىسسىق ھاۋا پۈۋلىتىمەن .
پۇلۇم بار بولغاندا كۈندە ئىشقا كېچىكىپ بارىمەن ،بىر قېتىم كېچىكسەم 10كوي تۇتىدىكەنسەنغۇ شۇ ،ئاكاڭ قارغاي ساڭا 100 تۈمەن بېرىدۇ ،خالىغانچا تۇتۇپ ئوينا .
پۇلۇم بار بولغاندا تانكىدىن ئىككىنى سېتىۋالىمەن ،بىرىدە يەر تېرىمەن ،يەنە بىرىدە ئوۋ ئوۋلايمەن .
ئالىپ تورىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى پۇلۇم بار بولغاندا قۇربان ھىيىتتا ناغرا بىلەن سۇناي ئالىمەن، كۈندۈزى ناغرا ،كىچىسى سۇناي چىلىپ،شاۋقۇندىن ئۇخلىيالمىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن. izchilar يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 20:18 static/image/common/back.gif
پۇلۇم بار بولغاندا قۇربان ھىيىتتا ناغرا بىلەن سۇناي ئا ...
:lol ئەمسە ماۋۇ يازمىنىڭ ئاپتورى مەڭگۈ پۇل تاپالماي ئۆتسە بولغۇدەك ، ، ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sipartak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 21:01
پۇلۇم بار بولغاندا 100 قەۋەتلىك بىنادىن 10 مىڭ يۈرۈش سىلىپ،ئۆي ئالالمىغانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بىرىمەن.
شۇ چاغدا ئۆينىڭ باھاسى چۈشمىگەننى بىر كۆرەي.....
پۇلۇم بار بولغاندا 5 يۇلتۇزلۇق دوختۇرخانىدىن 1000 نى سالىمەن.پۈتۈنلەي ھەقسىز.دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق دوختۇرلىنى ئىشلىتىمەن.
شۇ چاغدا دوختۇرلىنىڭ چوڭ سۆزلىگىننى بىر كۆرەي...
پۇلۇم بار بولغاندا تەكلىماكاننىڭ قۇمىنى ‹‹باشقا يەرگە››يۆتكىۋىتىپ،ئورنىغا دىڭىز سالىمەن.(شۇنداق قىلسام توپا ياغماسمىكى دەيمىنا)
كورلا،ئاقسۇ،خوتەنگە بارسام پاراخوتتا بارىمەن.
ئىشقىلىپ بەك كۆپ پىلانلىرىم بار..... پۇلۇم بار بولغاندا ئىزدىنىشنى سېتىۋالىمەن.:lol
خالىسام ھەممىڭلارنى تۈرمىگە سولايمەن، خالىسام چىقىرىمەن.{:92:}
{:90:} پۇلۇم بار بولغاندا ھەممىنى خەلقىمگە بىرۋىتىمەن. پۇلۇم با بولغاندا ئۇستدىكى ئىنكاس يازغان ، ھەم توۋەندە ئىنكاس يازماقچى بولغانلارغا پۇل قەرز بېرىپ ئويلىغىننى قىلدۇرمەن :lol:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 21:32
MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 21:21 static/image/common/back.gif
پۇلۇم بار بولغاندا ئىزدىنىشنى سېتىۋالىمەن.
خالىسام ...
:lol
RE: پۇلۇم بار بوغاندا ................
palwan يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 21:27 static/image/common/back.gifپۇلۇم با بولغاندا ئۇستدىكى ئىنكاس يازغان ، ھەم توۋەند ...
ھازىر بارىنى بەرگەچ تۇرمامسىز ھا ھا ھا ، ، ،
پۇلۇم بار بولغاندا شۇنداق بىر باللىرىمغا مىراس قالدۇرمىساممۇ مەندىن بەك پۇللۇق ياكى بىلىملىك ياكى بەخىتلىك…بولايدىغان ئادىل رىقابەت سۇرىنى ھازىرلاپ بەرسەم، ئەۋلاتلىرىمىز تۇغۇلىشىدىنلا ئەركىن، بارەۋەر بولسا… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 22:20
پۇلۇم بولغاندا ئىزدىنىشنىڭ خېتىگە 10 قاپ كالتىسى ئەپ بېرىمەن. پۇلۇم بولغاندا يەر شارىنى سېتىۋالىمەن شۇ چاغدا مېىنى تەكشۈرگەنلەرنى كۈندە تەكشۈرۈپ ئوينايمەن. پۇلۇم بار بولغاندا ھەممىسىنى خەجلەيمەن. xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 22:45 static/image/common/back.gif
پۇلۇم بار بولغاندا ھەممىسىنى خەجلەيمەن.
ماڭا ئازىراق بېرىپ تۇراسىز ئاپئاق ھەدە؟:lol putboljan يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 22:53 static/image/common/back.gif
ماڭا ئازىراق بېرىپ تۇراسىز ئاپئاق ھەدە؟
بەمەيمەن، ئاران تاپقان پۇل ئۇ. يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋ ئەڭ ياخشىسى قاسساپ تىن باشقىڭلارنىڭ پۇلى بولمىسا بولغۇدەك :P
xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 22:59 static/image/common/back.gif
بەمەيمەن، ئاران تاپقان پۇل ئۇ.
يوقاپ كەتتڭىزيا ئايلا ...................
نەچچە ۋاخ بولدى بىرە تال تىمىىڭىزمۇ يوق ، يېزىپ قۇياپ يوللىغىلى پايلىمىغانلىرىدىن بولسا بىي يوللىسىىز قەھۋە ئىچكەچ ئولتىراپ كۈرەپ كەتسەك بۇلىىتتى ...................................