Elkun يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 18:46:06

ئەلكۈن: دوستۇم


دوستۇم

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(مۇسەددەس)

بار مېنىڭ قېرىنداش، جان-جىگەر دوستۇم،
بار مېنىڭ قەدىناس-سىناشقان دوستۇم.
بىلەتتىم غەمگۇزار، بىر سىېنى دوستۇم،
ۋاپاسى دوستۇغا كۆپ، ئاق كۆڭۈل دوستۇم،
توزۇتتۇڭ خار قىلىپ، دوستلۇقنى دوستۇم.
يىغلاتتىڭ نادامەتتە دوستۇڭنى دوستۇم!

دوستلاشقان بېرىشىپ قەسەملەرنى بىز،
دوستلاشقان سىردىشىپ قەلبلەرنى بىز.
يەڭ تۇرۇپ ھەم چۈشكەن رەقىبلەرگە بىز،
تەڭ كۆرگەن جاپا ھەم ھالاۋەتنى بىز.
كۆزلىدىڭ پايدىنى ئۆزۈڭگە دوستۇم،
يانمىدىڭ سېتىشتىن، دوستۇڭنى دوستۇم.

كىيگەندە ئەمەل تاجى، دوستلىرىم كوپ،
بولغاندا پۇل ۋە مېلىم، دوستلىرىم كوپ.
كەلسە ئامەت ئولىشىدۇ، دوستلىرىم كوپ،
سىڭىپ قالغان بۇ ئىللەتكە دوستلىرىم كوپ.
داغ قىلدى يۈرەكنى، ئەلىمىڭىز دوستۇم،
بەس ئەمدى بولماي دوست، سىز بىلەن دوستۇم.

چۈشكەندە ئەمەلدىن، بولۇپ مەن گاداي،
تۈگىگەندە پۇل-مېلىم، بولۇپ مالاي.
كەتتىڭىز دوستۇم قېچىپ، ماڭا يولىماي،
دەرد تولدى يۈرەككە، پۇشمىنىم تالاي.
چۈشەندىم يامان كۈندە، سىزنى دوستۇم،
قېلىڭ كېتىپ بۈگۈنمۇ، تونۇماي دوستۇم.

بەك ئۇستا ئادەملەر نەيرەڭگە يامان،
گەپ تاپار ئارقاڭدىن، غەيۋەتكە يامان.
ئالدىڭدا ماختايدۇ، ھىجىيىشى ھامان،
تۇيدۇرماي پۇتلايدۇ، سېنى ھەر زامان.
بىئەپلىك، نادۇرۇس، دوستۇمدا دوستۇم،
كېلەركەن بالاسى يېنىڭدىن دوستۇم!

زامانداش ياشايمىز ھاياتتا بىرگە،
سۇ ئىچەر كۆڭۈللەر قېنىشىپ ئۆزگە.
مىللەتداش بىز تۇرساق، نە نىزا بىزگە،
تاشلايلى ئىللەتنى تەكلىپىم سىزگە.
باشلايلى ھاياتنى قايتىدىن دوستۇم،
ياشايلى ئوم-ئىناق، يېڭىچە دوستۇم.

مەن رازى ئۆتۈشكە گادايلىقىمدا،
ياشايمەن ئەقىدەم-ۋاپالىقىمدا.
ياشىمايمەن ھەرگىز ساتقىنلىقىمدا،
بولاي مەن چىن ئىنسان ۋىجدانلىقىمدا.
بار مېنىڭ ئۆزگە يار، ئوز يولۇم دوستۇم،
يىغلاتما بولدى بەس، دوستۇڭنى دوستۇم!

1999- يىلى، ئاقسۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 17:42:44

15 يىل بۇرۇنقى ئىلھام ئىكەندە، ياشلىقنىڭ خاتىرىسى بەكمۇ قىممەتلىك..
بەت: [1]
: ئەلكۈن: دوستۇم