arkyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 18:06:32

ئۈستۈمدە ئاي،ئېرىقتا سۇ...

ئۈستۈمدە ئاي،ئېرىقتا سۇ...
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

گۈل پۇرايدىغان يوللار قەدەملەر كەينىدە قالدى،
تېپىپ بىرسايە  دىل ئېيتىپ مۇڭداشماق ئەجەپ مۈشكۈل.
تام ئۇيۇققا ئېلىپ قويدۇم چاي سۇنغان پىيالەمنى،
ئاپتاپ كەڭ،ئېتىز كەڭرى چوڭ بول خەمەكلىرىم چوڭ بول!

تېخى ئاخشاملا خوشلاشقان ئۇخلىماي يەنە كەپتۇ،
دىلبەر كۆزىنى نەم كۆردۈم چۆرگەلمەس پەلەكمۇ بۇ؟!
ئېغىر تىنىپ تۇرۇپ قالدىم مېنى باغرى تاش دەپتۇ،
ھايات ـ چۈش،ھايات ـ ئويۇن، ئۈستۈمدە ئاي،ئېرىقتا سۇ...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 21:11:56

ئۇزۇن بوپتىكەن شىئىر-غەزەل ئوقۇپ باقمىغىلى، قارىسام ئىككى كۇبلىتلا ئىكەن، چىداپ بىر ئوقۇپ باقاي دەپ بولغۇچە تۈگەپ كەتتىيا، تېتىملىق يېزىلىپتىكەن، ئون كۇبلىت بولاپ كەتكەن بولسىچۇ؟!!!!{:87:}

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 15:11:34

ئېرىقتا سۇ :lol
بەت: [1]
: ئۈستۈمدە ئاي،ئېرىقتا سۇ...