heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 15:01:16

پروگراممېرنىڭ يۇمۇرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، سىلەرگە بىر قانچە پارچە يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم، بۇ يۇمۇرلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئانچە مۇنچە پروگراممېرلىق ساۋادى بولۇش كېرەك ئەمىسە ھە، بولسىما كۈلىدىغان يېرىنى تاپالماي قالىسىلە. كەتتى ئەمىسە:

1-يۇمۇر:
تۈنگۈن كېچىدە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتسام، بىر ساقچى ئالدى تەرىپىمدىن كېلىۋېلىتىپ تۇيۇقسىزلا «توختا، جايىڭدا جىم تۇر….» دەپ توۋلاپ كەتتى.
ساقچى :  ئېيتە، int سانلىق مەلۇمەت تىپى قانچە بايت ئورۇن ئىگەللەيدۇ؟
مەن : 4 بايت……
ساقچى : ھە بولدى، يولۇڭغا مېڭىۋەرسەڭ بولىدۇ.
مەن قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە سورىدىم.
مەن: نىمىشقا بۇنداق سۇئال سورايسىز مەندىن ؟
ساقچى : بۇنداق ئوتتۇرا كېچىدە كوچىدا يول يۈرىدىغان، چىرايلىرىدىن سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇرىدىغانلار، يا ئوغرى يا پروگراممېر.

2-يۇمۇر:
ئا پروگراممېر: ئاداش، ئازراق پۇل بېرىپ تۇرە…
ب پروگراممېر: قانچە لازىم ؟
ئا پروگراممېر: 1000 يۈەن بولسا بولىدۇ.
ب پروگراممېر: ھەي بولدىلا 24 يۈەننى ئارتۇق بېرىپ تۇراي، شۇنداق بولغاندا پۈتۈن بولىدىكەن.
ئا پروگراممېر: ياخشى گەپ.

3-يۇمۇر:(بۇ تازا يۇمۇرغىمۇ ئوخشىمايدىكەن)
دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى ئەمەس، بەلكى سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغان bug كۆز ئالدىڭدا تۇرۇپمۇ ئۇنى ئىزدەپ تاپالمايسەن،
بىر پروگراممېرنى ئۆلتۈرىۋېتىش ئۈچۈن يا تاپانچا يا پىچاق كېرەك ئەمەس، پەقەت ئېھتىياجنى ئۈچلا قېتىم ئۆزگەرتىسىڭىز قاندالا قىلسا ئۆزىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىۋالىدۇ.

پروگراممېر بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟!

danko يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 15:42:43

ئىككىنچىسى ھەممىدىن قىزىقكەن:lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 15:47:43

پۇلنى پىروگىراممىردىن سورسا بولامدۇ نىمە{:92:}{:92:}{:92:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 15:51:08

ھاھاھاھاھا.....

كۈلدىغان يېرنى تاپقانتىم ....


ئەمما شۇ .... قىززىق ئەمەسكەن ، راس گەپ!!!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 16:14:43

ئەڭ قىززىقى ئۈچۈنچىسى( ئەمەلىيەتتە تۆتىنچىسى) ئىكەن.{:87:}

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 16:47:09

ماڭا 8-يۇمۇر بەكلام قىززىقارلىق تۇيۇلدى:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 16:54:52

ئايىغىنى مەن داۋاملاشتۇرۇپ بىرەي،
__________________________________
بىر پىروگىراممىرنىڭ ئاغىينىسى ئۇنىڭغا تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى
دوستى- ...يامغۇر يىغىپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن  ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە باردۇق، ھەممە يىرىمىز ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىيىملىرىنى سىلىشقا باشلىدى، ئەڭ ئاخىرقى كىيمىنى سىلىپ كومپىيۇتىرنى ئۈستىگە ئاتتى.
پىروگىراممىر- ۋاھ، قايسى خىلدىكى كومپىيوترىكەن؟!!
‹ماۋۇ سەل قىلىنمۇ قانداق{:87:}›

سۇئال: چىراغنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قانچە نەپەر پىروگىراممىر كىتىدۇ؟
جاۋاپ: بىرسىمۇ كەتمەيدۇ،  ئۇلار چىراغ بىلەن قىيىشمايدۇ، چۈنكى بۇ قاتتىق دىتال مەسىلىسى.
سۇئال:قۇشقاچ بىلەن پىروگىراممىرنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بار؟
جاۋاپ: ھەرئىككىسى خۇشال كۆرۈنگەندە ، بۈگۈن يەنە قۇرت‹bug› تاپالاپسەندە دەپ سورايمىز.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 17:27:10







izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 17:28:05

رەسىمگەن تۇتساڭلار چۈشەندۈرۈلىشى بار.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 17:32:51

يۇقارقى رەسىملەر پەچەتكەن راست.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 22:23:37


شىۋىسى ئىغىر پىروگىراممىرلار:lol













jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 23:40:22

:lol

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 05:12:14

ئۇيغۇر پروگراممىرلارنىڭمۇ ۋەھشىكەنغۇ :lol:lol:lol ئالەمەت كەپتۇ،كونۇپكىدىكى خەتلەرچۇ تېخى {:87:} يۇقرى دەرىجىلىق يۇمۇر{:112:}

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 06:23:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-10 06:29  

بىر كۈنى ۋىكىپېدىيە، گۇگول، ۋىندوۋز، ئاندرويد ...  قاتارلىق نەرسىلەر بىر-بىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆز-كۆز قىلىپ پو ئېتىشىپ قاپتۇ.
ۋىكىپېدىيە دەپتۇ: مەن ھەممىنى بىلىمەن!
گۇگول دەپتۇ: مەن ھەممىنى تاپالايمەن!
قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن Windows دەپتۇغۇ: مەن بولمىسام، ئىككىڭگە نېمە تۇرۇپتۇ!
ئالمىنىڭ بۇ چاغدا ئاچچىقى كەپتۇ: بايلارنىڭ ھەممىسىنى مېنى ئىشلىتىداۋا!
بۇ چاغدا ئىنتېرنېتنىڭ كەيپى ئۇچۇپتۇ: مەن بولمىسام ھەممىڭ يوق!!!
توك بۇ گەپنى ئاڭلاپ: يەنە قالايمىقان بىلجىرلاشساڭ، بىرلا ئۆچىمەن، ئاندىن ھەممىڭ!!!.... -- دەپتۇ.
-----------------
پىروگراممېر ئەر ئايال بار ئىكەندە،
قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئايالى ئېرىگە تېلېفون قىپتۇ:
-- دېرىزە توڭلاپ قالدى (Windows Frozen)
-- ئۇنداق بولسا، ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ، قايناق سۇ چېچىپ بېقىڭ.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئايالى يەنە تېلېفون قىلىپ دەپتۇ:
-- كومپيۇتېر ئەمدى تولۇق كاردىن چىقتى!
----------
ھېسامكامنىڭ WiFi سى ئۈزلۈپ كېتىپتىكەن، دېرىزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قوشنىسىغا ۋارقىراپتۇ:
--- تور پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلەشسەڭ بولمامدۇاۋا، چۇپەيلەر!!!
----
ھېسامكامنىڭ تورى ئۈزۈلۈپ كېتىپ، تېلېگراف شىركىتىگە تېلېفون قىپتۇ:
ھېسامكام: كومپيۇتېرىم تورغا ئۇلانمايۋاتىدۇ.
تېلېگراف: ئەپەندىم، قايسى كومپيۇتېر سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتىسىز.
ھېسامكام: ليەنشياڭ.
تېلېگراف: ياق ئەپەندىم، قاچىلىغان سىستېمىنى دەۋاتىمەن؟
ھېسامكام: QQ
تېلېگراف: ئۇنداق بولسا، ئەپەندىم، 我的电脑 مېنىڭ كومپيۇتېرىمنىڭ ئۈستىدە ئوڭ چېكىپ، «خاسلىق» دېگەن بېسىڭ.
ھېسامكام: گەپ ئۇقۇۋاتامسىز، مېنىڭ كومپيۇتېرىم تورغا ئۇلانمايۋاتىدۇ دەۋاتىمەن، سىزنىڭ ئەمەس!
-------------
بەك قېلىن گەپ قىلىدىغان بىر خوجايىن بار ئىكەن. بىر كۈنى كاتىپى ئۇنىڭغا يېڭى ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىسى قاچىلاپ بېرىپ، خوجايىندىن سوراپتۇ.
كاتىپ: ئەپەندىم، سىستېما قاچىلاندى، بىر مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈپ، سىستېما بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، مەخپىي نومۇر بەلگىلىشىڭىز كېرەك، مەخپىي نومۇرىغا نېمە دەپ كىرگۈزىمەن.
بۇ قېلىن خوجايىن، كاتىپىنىڭ قېلىن گەپكە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن:
ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئىسمىنى دەپ:... شۇنى كىرگۈزۈپ قويۇڭ، -- دەپتۇ.
كاتىپمۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، شۇ سۆزنى پارول قىلىپ كىرگۈزۈپ قويۇپتىكەن، كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىدا:
-- بەك قىسقا ئىكەن، باشقىنى كىرگۈزۈڭ، --- دەپ خەت چىقىپتۇ.
------------
ھېلىمىخان بىلەن رەھمەتلىك ھېسامكام توربېكەت قۇرايلى دەپ، ھېچ تۈزۈك تورنامى تاپالماپتۇ-دە، ئۇ سۆزنى كىرگۈزۈپ بېقىپتۇ، ئېلىنىپ بولغان دەپتۇ، بۇ سۆزنى كىرگۈزۈپ بېقىپتۇ، يەنە باشقىلار ئېلىپ بولغان دەپتۇ... ئىچى پۇشقا ھېسامكام ئاخىرى:
-- بۇ تورنامىمۇ قىز بالىغا ئوخشايدىغان نېمىكەن، مەن ياقتۇرغاننىڭ ھەممىنى باشقىلار ئېلىپ بوپتۇ، --- دەپتۇ. (توقۇلما)
------------
مىكروسوفت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئىنژېرنېرى قوبۇل قىلىمىز دەپ ئېلان چىقىرىپتۇ. شەرتى كاندىداتلار چوقۇم ئىلگىرى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدا ئەزا بولۇپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ باققان بولۇشى، ھەمكارلىق روھى يۇقىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن. بىر توپ كىشى بۇ خىزمەت ئۈچۈن يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان ئالغۇچى بىل گەيتىس چىقىپ، غەلىتە بىر سوئالنى سوراپتۇ:
--- ئەگەر سىلەر بىرەر جايغا بارماقچى بولۇپ، بىر ئايروپىلانغان چىقساڭلار، ئايروپىلاندىكى ئۇچقۇچى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ھەممسى سىلەر ئىلگىرى ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بولسا، ھەمدە ئايروپىلاننىڭ پۈتكۈل ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنى شۇ گۇرۇپپا كونتىرول قىلسا، قايسىڭلار ئايروپىلاندىن چۈشۈپ قالىسىلەر؟
بۇ چاغدا زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، مەن چۈشۈپ قالىمەن، مەن چۈشۈپ قالىمەن، دېيىشىپتۇ. «نېمىشقا» دەپ سورالغان سوئالغا، بىرسى ئايروپىلان پارتلاپ كېتىشى مۇمكىن دېسە، يەنە بىرى ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرايدۇ،... دەپ ھەرخىل جاۋابلارنى بېرىپتۇ. ئەمما ئارىدىكى بىرى قولمۇ كۆتۈرمەي، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرۇپتۇ.
بىل گەيتىس سوراپتۇ: سىز نېمىشقا ئايروپىلاندىن چۈشۈپ قالماي، خاتىرجەم ئولتۇرالايسىز.
ھېلىقى كىشى دەپتۇ: قورقۇش ھاجەتسىز، ھېچقانداق خەتەر چىقمايدۇ.
بىل گەيتىس: سىز شۇنداق ئىشىنىمەسىز؟ نېمىشقا؟
ھېلىقى كىشى: ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ ئايروپىلان ھەرگىز ئۇچمايدۇ.
-----------------
يېڭىدىن لايىھلەنگەن كىچىك تىپلىق ئۆي كومپيۇتېرى ئالغان بىر خېرىدار ليەنشىياڭ شىركىتىگە تېلېفون قىپتۇ:
خېرىدار: -- كومپيۇتېرىڭلارنى ئىشلىتەلمىدىم، مال قايتۇرىمەن.
لىيەنشياڭنىڭ مۇلازىمەتچىسى: -- ئەپەندىم، سىز نېمىشقا ئىشلىتەلمىدىڭىز، كومپيۇتېردا نېمە ئىشلارنى قىلىسىز.
خېرىدار: مەن كومپيۇتېردا رەسىم بىر تەرەپ قىلىمەن، ماقالە يازىمەن ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلار.
مۇلازىمەتچى: نېمىشقا ئىشلىتەلمىدىڭىز، قانداق چاتاق چىقتى؟
خېرىدار: بۇ كومپيۇتېردا بىرلا USB ئېغىزى بار ئىكەن. مائۇسنى ئىشلەتمەكچى بولسام، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاجرىتىۋېتىمەن، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسام، مائۇسنى ئاجرىتىۋېتىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىنى چاتىمەن. ئىككىسىنى تەڭ چېتىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، بۇ كومپيۇتېر بەك ئاۋارىچىلىقكەن. مال قايتۇرىمەن.
لىيەنشىياڭنىڭ مۇلازىمەتچىسى دەپتۇ: ئەپەندىم، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنە 5 تال USB ئېغىزى بار، سىز مائۇسنى شۇنىڭغا چاتسىڭىز بولىدىغۇ!؟
خېرىدار: نېمە؟ توختاپ تۇرۇڭ، قاراپ باقاي.... ھە... بارىكەن، ۋوي قولايلىقكەنغۇ، رەھمەت ھە،... نېمىدىگەن ياخشى!
مۇلازىمەتچى: ئەپەندىم، سىز بۇ بۇ كومپيۇتېرنى كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن مائۇسنى بىر USB ئېغىزىغا ئالماشتۇرۇپ تىقىپ ئىشلىتىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟
خېرىدار: ئىككى ئايدىن ئاشتى.
-----
(بۇ راست بولغان ۋەقەمىش)
سوۋېت بىلەن ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىدا قاتتىق بەسلەشكىلى تۇرۇپتۇ. ناسا ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم چىقىرىپتۇ، ئەمما چىققان خادىملار دوكلات يازماقچى بولغاندا، بىللە ئېلىپ چىققان قەلەم بىلەن خەت يازالماپتۇ. چۈنكى ئالەم بوشلۇقىدا ئادەتتىكى قەلەم بىلەن خەت يازغىلى بولمايدىكەن. بۇ ئەھۋال بايقالغاندىن كېيىن ناسا 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا خەت يازغىلى بولىدىغان قەلەمنى كەشىپ قىپتۇ.
بۇ ئەھۋالنى ئوخشاشلا رۇسلارمۇ بايقاپتۇ، ۋە سىياھ قەلەمنىڭ ئورنىغا بىر رۇبلىيغا 5 تال بېرىدىغان ئادەتتىكى قېرىنداشنى ئېلىپ چىقىپتىكەن، خەت يازغىلى بوپتۇ.
----------------
Microsoft نىڭ بىر دىرېكتورى تەنھەرىكەتكە قىزىقىدىكەن، ئۇ بىر كۈنى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپتۇ. 50 مېتىر يىراقلىقتا قويۇلغا، 10 قارىغا ئېتىش تاختىسىغا ئارقا-ئارقىدىن ئوق ئېتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن، رېپېر تاختىلارنى تەكشۈرۈپ بولۇپ ۋارقىراپتۇ:
رېپىر: لاياقەتسىز بولدىڭىز، بىرسىمۇ تەگمەپتۇ.
ئاتقۇچى: قايتا تەكشۈرۈپ بېقىڭە، قانداقسىگە تەگمەيدۇ.
رېپىر قايتا تەكشۈرۈپ، يەنىلا ئوخشاش جاۋابنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن Microsoft نىڭ خىزمەتچىسى تاپانچىنىڭ ئېغىزنى باش بارمىقىغا توغرىلاپ ئېتىپتىكەن، بارمىقى چوررتىدە ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. ئۇ جان ئاچچىقىدا رېپىرغا ۋارقىراپتۇ:
-- مەن تەرەپتە نورمالكەن، مەسىلە چوقۇم سىز تەرەپتە!

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 08:39:40

ئەتىگەندە بىر كۈلىۋالدىم:P

function يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 11:33:05

ئەڭ ئايىغىدىكى نېم دېگەن ئېچىنىشلىق يۇمۇر دەيمەن:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 14:45:45

يۇمشاق دېتال ئىنژىنىرى قوبۇل قىلىدىغىنىمۇ خېلى قىزىقكەن، كۈلۈمسىرىدىم:)
بەت: [1]
: پروگراممېرنىڭ يۇمۇرى