OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 10:19:51

ئاققاش:دانالار سۆزىدىن

دانالار سۆزىدىن
ئانتونى.مېللىر[ھىندىستان]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
پاراسەت ۋە ھەرىكەت
بىر كۈنى سوقرات شاگىرتلىرىدىن سوراپتۇ:پاراسەت بىلەن ھەرىكەتنىڭ قايسىسى مۇھىم؟
شاگىرتلار بەس-بەستە جاۋاپ بېرىپتۇ:ئەلۋەتتە ھەرىكەت موھىم،ھەرىكەت تە ئاشكارا بولمىغانپاراسەتنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار؟
ــ توغرا ئەمەس،پاراسەت مۇھىم،پاراسەتنى ئاساس قىلماي ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ دەپتۇ سوقرات.
ئۆزگەرگەنتاللاش
بىر شاگىرىت ھە دېسە باشقىلاردىن ئاغرىنىدىكەن.بىر كۈنى سوقرات ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:سەن خاتىرىجەملىككە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن،ئۇنداقتا باشقىلارنى ئەمەس ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتكىن .مەسىلەن، بۇ خۇددى پۇتۇمنى ئاسرايمەن دېسەڭ،پۇتۇڭغا ساپما ئاياغ كەيگەنگە ئوخشايدۇ ،بۇنى قىلماق دۇنياغا پاياندازسېلىشتىن كۆپ ئاسان.
مەنبە:«ياشلار سالونى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق سانى

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 17:18:01

پاراسەت بولۇپ ھەركەت بولمىسا پاراسەتنىڭ نىمە كېرىگى ؟ پاراسەت بولمىسىمۇ ھەركەت قىلىپ بېقىش كېرەكتە ؟
بەت: [1]
: ئاققاش:دانالار سۆزىدىن