muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 19:18:52

قاغا توغۇرلۇق پاراڭ سالمامسىلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-8 19:20  


قاغا توغۇرلۇق پاراڭ سالمامسىلەر
جەنۇبى شىنجاڭدا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان قۇش تۇرىنىڭ بىرى،قاغىغا بولغان دەسلەپكى تونۇشۇم، «قىسسەسۇل ئەنبىيادىن» كەلگەن  ،ئادەم ئۆلتۇرۇشنى ئىنسانلارنىڭ قاغىدىن ئۇگەنگەنلگى بايان قىلىنغان،ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىدىكى «ئۇر توقماق » دىگەن چۆچەكتە بىر قىرى قاغا تەسۋىرلەنگەن، ئاشۇ ۋاقىتلاردا  مەن قاغىنى 1000 يىل ياشايدۇ دەپ ئويلىۋاپتىكەنمەن .ئۇيغۇر خەلىق  ماقال تەمسىللەردىمۇ «قاغا بىلەن يۇرسەك يىيشىڭ پوق »، «قاغا قاق ئىتەر ،ئۆز كوڭلىنى خوش ئىتەر » «قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق »  قاتارلىق تەمسىللەرنى تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز .قاغا جىگدىسى دەپ دەرەخگىمۇ نامى قويۇلغان . قارغىلىق دەپ يەر جاي نامىغىمۇ ئىسمى قويۇلغان .
پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى جەھەتتە ھەممە قۇشلار قىشتا قايتىپ كەتسە قاغا قىشتا ئورنىغا يىنىپ كىلىدىكەن .
قاغا ئائىلىسىدە يىگىرمىدىن ئارتۇق تۇر بولۇپ ،رەڭگى قارا ئۇزۇن قۇيرقلۇق قۇش . قاغىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ سايرىشىغا ئاساسەن قويۇلغان . ئاساسەن شىمالى ئامىركا ۋە ياۋرۇ ئاسىيا قۇرۇقلىغىدا ياشايدۇ . ئاشلىق ، مىۋە، قۇرۇت- قوڭغۇز، تاپ، قۇشلارنىڭ تۇخۇمى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ .دىخانلار زىرائەتلەرگە زىيان سالىدۇ دەپ قاغىلارنى ئېتىزدىن ھەيدەيدۇ،ئەمما ئۇلار ئېتىزدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ ، نەچچە يۇزلىگەن قاغىلار توپلىشۇپ بىرگە ياشايدۇ، ئەمما توپلۇشۇپ بىر يەرگە ئۇۋا سالمايدۇ . قاغا  دۇنيادا ئەقىللق قۇش سانىلىدىغان بولۇپ، ئىنسانلار قاغىنىڭ قۇرال ئىشلىتەلەيدىغانلىغىنى بايقىغان، ئۇ قۇرال ئىشلىتىپلا قالماستىن ئۆزىگە لازىم بولغان قۇرالنىمۇ ياسىيالايدىكەن. ئامىرىكىدا بىر دىھقان ئۆيىدە باققان  قاغا ئىنسانلاردەك تاۋۇش چىقىرىشنى ئۇگەنگەن  .
بەزى بىر بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا قاغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە تارقالغان ئىكەن . قاغىلار ئادەتتە چىشىسى ئۇچ ياشتا ئەركىكى بەش ياشتا كۆپۇيۇش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ . قاغىلار نۇرمال يىگىرمە يىل ئومۇر كۆرىدۇ، ئۇزۇنراق ياشىسا ئوتتۇز يىلغا بارىدۇ، ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ئەڭ ئۇزۇن ئومۇر كۆرگەن قاغا 59 يىل ياشىغان .

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 19:45:46

قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىگە قارشى اللەقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «اﷲ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «اﷲ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ» (27) ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن قورقىمەن (28) مەن ھەقىقەتەن سەن بىلەن بولغان گۇناھنى (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك گۇناھىڭنى) ۋە سېنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر» (29) ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى (30) اﷲ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى (31)
مائىدە سۈرىسى

قۇرئان كەرىمدە قاغا مۇشۇ بىرلا يەردە ئۇچىرايدىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 19:53:58

قاغا ھەپتىدە  بىر ياشقا كىرسە كېرەك:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 19:55:55

بىزنىڭ مەھەللىنىڭ تۇۋىنىدىكى مەھەللىنى قاغا مەھەللىسى دەيدۇ {:101:}

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 20:14:15

بۇرۇن مۇشۇ ئاسماندىن قاغا قاقىلداپ ئۆتۈپ كەتسە قورقۇپ كىتەتتۇق نىمە شۇملۇق باردۇ دەپ.
كۆپىنچە دۆلەتلەردە قاغا شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ بىلدىكەن. ئاۋازىنىڭ ئۆزىلا سەت

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 20:35:27

قاغىلىق دىگەن يەرنامى قاغا بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، قارغالىق ، يەنى قارغا ئىتىشنى مەشىق قىلدىغان ، ياكى ئوۋ ئوۋلايدىغان يەر دىگەن مەنىدە

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 07:21:09

يەنە ، قاغىنىڭ بۇرنى بەك سەزگۇر يىراقتىكى چىرگەن ، سېسىغان گۆشنى بۇراپ بىلەلەيدۇ دەۋاتقان ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 08:00:54

ئەمەل نەيرىڭىدە قاغا خەت توشۇيدۇ، قاغىنى ئادەملە ئاشۇنداق كەپتەرنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكەن تارىخ بامىدۇ؟

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 08:06:57

قاغىغا مۇناسىۋەتلىك ماقال-تەمسىللەر بولىدىغان:
1. قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق.
2. قاغا قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ.
3. ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسا بىر كۈن ئالارسەن.
... دېگەندەك.
كۇچارنىڭ ئالاقاغا (ئالاقاغۇ) دەپ بىر يېزىسىمۇ بار راست.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 08:33:00

ئالا قاغا،
ئۈيەڭ نەدە؟
نىمە يەيسەن؟
سېسىغ ئالما.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 08:43:18

قاغا ھەقىقەتەن ئەقىللىق ھايۋانكەن.
بۇرۇن “ئادەم ۋە تەبىئەت” پىروگىرامىسىدا قاغىنىڭ ياڭاقنى قىزىل چىراقتا تاشيولغا قۇيۇپ قويسا ماشىنلار مىجىپ بەرسە يەنە بىر قېتىم قىزىل چىراق يېنىپ ماشىنلار توختىغاندا ياڭاق مېغىزىنى تىرىپ يەۋالىدىغانلىغىنى كۆرگەن.
ئەمدى ما خوتەندە قاغىلار ياڭقلارنى ئىگىز يەردىن تۈمۈر يول كۆتەكلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ پوستىدىن ئايرىپ، قۇرۇتۇپ، چېقىپ دىگەندەك بىر ئاماللار بىلەن يەيدىكەن. خوتەنلىك يول ئاسراش ئىشچىلىرى كۈزىچە يولدىن ياڭاق تىرىپ يەيمىز دەپ گەپ قىلىپ بەرگەن ئىدى.
قارىغاندا ياڭاق قاغىنىڭ ئوخشايدۇ، يەۋىرىپ ئەقىللىق بوپكەتىمۇ يە؟

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 09:06:33

قاغا ھەقىقەتەن ئەقىللىق ھايۋانكەن.
بۇرۇن “ئادەم ۋە تەبىئەت” پىروگىرامىسىدا قاغىنىڭ ياڭاقنى قىزىل چىراقتا تاشيولغا قۇيۇپ قويسا ماشىنلار مىجىپ بەرسە يەنە بىر قېتىم قىزىل چىراق يېنىپ ماشىنلار توختىغاندا ياڭاق مېغىزىنى تىرىپ يەۋالىدىغانلىغىنى كۆرگەن.
ئەمدى ما خوتەندە قاغىلار ياڭقلارنى ئىگىز يەردىن تۈمۈر يول كۆتەكلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ پوستىدىن ئايرىپ، قۇرۇتۇپ، چېقىپ دىگەندەك بىر ئاماللار بىلەن يەيدىكەن. خوتەنلىك يول ئاسراش ئىشچىلىرى كۈزىچە يولدىن ياڭاق تىرىپ يەيمىز دەپ گەپ قىلىپ بەرگەن ئىدى.
قارىغاندا ياڭاق قاغىنىڭ ئوخشايدۇ، يەۋىرىپ ئەقىللىق بوپكەتىمۇ يە؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 09:36:45

قاغا يەنە تۇخۇمنىمۇ ئوغرىلايدۇ.
بىر نەرسىنى ئاڭقىرالمىسا قاغىنىڭ تۇخۇمىنى يەپ سالغانمۇ دەيدىغان گەپ بار.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 09:39:35

كىچىك  ۋاختىمدا  نۇرغۇن  قاغىلارنى ئىتىۋىتىپتىكەنمەن...ھەي..ئېست...

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 10:09:10

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 08:00 static/image/common/back.gif
ئەمەل نەيرىڭىدە قاغا خەت توشۇيدۇ، قاغىنى ئادەملە ئاشۇ ...

بىرقاغا ماڭا شۇنداق دىدى ، بىر قاغىدىن ئاڭلىشىمچە ...دىگەندەك گەپ يەتكۈزگۈچىنى قاغىغا ئوخشىتىدىغان ئىشلار بار راس .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 10:27:25

زادى مۇشۇ قاغىنى توي كۈنىدىن نۇرۇن چىلىسا ياكى قازان بېشىنى ئايلىنىپ كىتالمىسە يا يامغۇر يا بۇران چىقىدۇ
دەيدىكىن زادى بىرەر ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟يەنە مۇشۇنداق شۇملۇقتىن دېرەك بېرىدىغان قانداق قۇشلار بار؟

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 10:58:03

-- دۇم، دۇم، دۇم!
-- لەۋەي، لەۋەي
-- ئاناڭ نەدە؟
-- سامانلىقتا؟
-- نىمىش قىلىدۇ؟
-- ئاش ئىتىدۇ.
-- قىنى ماڭا ئاش؟
-- تەكچىدە قويغان، قاغا ئېلىپ قېچىتۇ.
-- ماڭ قاغىنى تۇتۇپ كەل!
.........................
ما بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان موكۇ-موكۈلەڭ ئويۇنىدىكى قاغا.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 11:31:23

مەن قاغا بېقىپ باققان،ئۇچالمايتى بۇ بايقۇش،ئۆيدىن يۈگرەپ چىقسام پۇتلىشىپ كېتەتتىم.ئۆيگە يامان ئەمەس ئۆگەنگەنتى.كىين رەھمەتلىك بوپ كەتتى..

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 11:53:19

قاغا  تۇمشۇق شور تۇمشۇق دەپمۇ قۇيىدۇ  ياشانغانلا....     قارىسا قاغىنىڭ تۇمشۇقى شور ئۆرلەپ تۇرغان بولىدىكەن... يەنە ئۆلۇپ قالغان قاغىنىڭ گۆشىنى لالما ئىتمۇ ئالدىراپ يىمەيدىكەن، بەك زەھەرلىك دەيدىكەن گۆشىنى،   ئىچكىردىن چىققان بىر قىرىندىشىمىزنىڭ  ئۆلۇپ قالغان قاغىنى ھەپتە تۇز سۇيىگە چىلاپ قويۇپ يېگىننى ئىسىمدە

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 11:59:36

سىغىزخان دەيدىغان بىر قۇش بار   بىزنىڭ ماۋۇ تەرەپلەدە ،  خوتەن قاغىلىق يەكەن تەرەپلەدە كۆمىدىم،پوسكامدىن ئاكامنىڭ باللىرى كەلسە بەك ھەيران قالىدىغان، تۇتۇپ ئەكىتىمىز دەپ تۇرىۋالىدىغان، ۋاي سىلەنىڭ يۇرىتتا يوقمۇ دىسەم يوق دەيتى،  بىلمىدىم سىلەنىڭ يۇرىتلادا بارمۇ يوقمۇ
بەت: [1] 2
: قاغا توغۇرلۇق پاراڭ سالمامسىلەر