لىفەن ماشنا ھەيدەپ باققانلار بارمۇ؟
ئەسسالام ئەلەيكۇم بۇرادەرلەرئايالىمغا ماشنىدىن بىرنى ئېلىپ بېرەي دەپ ئىزلىسەم ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشنىنىڭ ئەرزانراقى يوقكەن، شۇنىڭ بىلەن لىفەن 320 نىڭ ئاپتوماتىك خوتلىقىدىن بىرنى كۆرگەن ئىدۇق، بۇ ماشنا قانداقراق چىقار ؟ يېڭىسىنىڭ باھاسى 48500 ئىكەن .
يەنە بىرى بۇ ماشنىنىڭ 2013-1- ئاينىڭكىدىن بىرنى كۆردۈم نىمكەشىدىن بىرنى كۆردۈم، گېزى باركەن، 28000 دەپ تۇرىدۇ. ئاقسۇ ماشنا بازىرىدا
سىلەرچە بۇ ماشنىنىڭ يېڭىسى مۇۋاپىقمۇ ياكى ئاۋۇ نىمكەش مۇۋاپىقمۇ؟ تاماقنىڭ ئەسكىسى مىفەن
ماشىنىنىڭ ئەسكىسى لىفەن بىيادى
يولدا قويار پىيادى ۋىئوسنىڭ ئاپتوماتىك خوتلۇقىنى ئېلىپ بېرىڭ، قىممەت ئەمەس،ماي ئاز كېتىدۇ،ماركىسىمۇ بار قۇيرۇقسىز جۇڭخۇامۇ بولۇپ قالار لىفەن بۇرۇن ئۈچ چاقلىق موتو ياسايتى،
نېسسان قارمىقىدىكى 启辰نى ئويلىشىپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ماشىنا دېگەنگە گازنى ئۆزىمىز قويۇپ ھەيدەيمىز، گاز قويۇپ ھەيدىگەن ماشىنىنى قويغان ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن كەتكىنى ياخشى. شۇڭا يېڭىسىنى ئېلىڭ :lol بىرەتال نېسسان دىن ئېلىپ بەرمەمسىز مەھبۇسنى ئازاد قىلىڭلار بۇ تېمىدىن نىسسان ماشنا خوتۇندىن قىممەتتۇ،
نېمە قىلارمەن خوتۇنغا ئۈزىدىن قىممەت ماشنا ئېلىپ بېرىپ مىنىڭ دېگىنىم ، سىز دېگەن ماشىنا مېنىڭ نەزىرىمدە تازا ياخشى ئەمەس ، شۇڭا ياخشىراقنى ئېلىپ بېرىڭ دېمەكچە :lol تاماقنىڭ ناچىرى مېفەن، ماشىنىنىڭ ناچىرى لىفەن دەپتىكەن.{:87:} ھاياتىڭىزنى ۋە پۇلىڭىزنى قەدىرلەپ لىفەندىن يىراق تۇرۇڭ. بىخەرلىك دەرىجىسى بەك تۆۋەن ئۇ ماشىنىنىڭ{:90:} تاماقنىڭ ئەسكىسى مىفەن ،ماشىنىنىڭ ئەسكىسى لىفەن . بىيادى ،يولدا قۇيار پىيادى (پىيادە). ھەرگىز يېقىن كەلمەڭ ، بۇلۇپمۇ نىمكەشكە . فورتنىڭ (嘉年华) سىمۇ بۇلىدۇ.2010لارنىڭ پاكىزە تۇرغانلىرىنى 50-60مىڭلارغا ئالالايسىز . چۇقۇم ئاپتۇماتىك خوتلۇق ماشىنا ئېلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ مىنىڭچە بۇ ماشىنا بولمايدۇ، ناۋادا يېڭى تۇرۇپلا دەت پەتلىرى چىقىپ قالسا ئۇنى ئوڭىشىتىش جەرياندا بەك ھەشەم تارتىپ كېتىسىز.
ساتقۇچى تەرەپ رىمونىت، ئاسىراش جەھەتلەردە ئۇزۇنراق ھەم ئىشەنچلىك كاپالەت بىرەلىسە ئۇ مەيلى، جۇڭگۇنىڭ ماشىنلىرىنى ئالسىڭىز يېڭىنى ئېلىڭ، نىمكەش ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز ياپۇننىڭ ياكى كۇرىيەنىڭكىنى ئويلاشسىڭىز بولامىكى دەيمەن.
ئەمدى پۇل سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا، بىز شۇنچلىك بىر نەرسە دىيەلەيمىز. لىفەن دىگەنگە يېقىن كىلىدىغان ماشىنا ئەمەس ۋوي ............ھەرگىز ئاماڭ جۇما ئۇنى Huqush يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 09:11 static/image/common/back.gif
نىسسان ماشنا خوتۇندىن قىممەتتۇ،
نېمە قىلارمەن خوتۇنغ ...
ما گەپكە ئەگەشتىم:lol :lol :lol :lol :lol لىكىن ما ھازىر ئەر ئايال باراۋەرلىكى سۆزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە،ماندا گەپ قىلمىغان ياخشىتتى. تونۇش دۇشمەندىن بىرەسى ما گىپىڭىزنى ئىقىتماي تىمىتماي خوتنىڭىزنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇپ قويسا ئىشىڭىز چاتاق، ئۆزىڭىزنى ئاياللا بىرلەشمىسىدە كۆمەڭ يانا :lol :lol :lol :lol ئايالىڭىزغا ماشىنا رىمۇنتچىلىقىنىمۇ قوشۇپ ئۈگەتمەكچى بولسىڭىز، ياكى ئايالىڭىزىنىڭ ھاياتقا تەۋەككۇل قىلىش روھى كۈچلۈك بولسا لىفەن مەشىنا ئېلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
نىسسان ماشىنا قىممەتتەك قىلغان بىلەن سىزگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ. يەنە كىلىپ سېتىشقا توغرا كەلسە قىينالماي قولدۇن چىقىرىۋىتەلەيسىز. ئەمما لىفەن ماشىنىنى ساتماقچى بولسىڭىز ئالىدىغان خېرىدار چىقامدۇ يوق ئۇ بىر گەپ. مۇسۇلمانچە ماشىنلارنى ئالمامسىز دەيمە، تىدا ، لىۋىنا،
تۆۋەنرەك بولغاندا لىڭياڭ:lol
بەت:
[1]
2