tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 13:36:22

ئورخان پامۇك: جىمجىت ئۆي

ئىلاۋە: (ئورخان پامۇكقا تەقلىد)

خوتۇنۇم خوتۇنىڭنىڭ يېنىغا ياكى خوتۇنۇڭ خوتۇنۇمنىڭ يېنىغا چىقسىۇن، بالىلارمۇ چىقسۇن، يەرگە بىرنى تۈكۈردى، ئىشتىن چۈشۈپ بىنا ئىشىكىگە يېقىنلاۋاتقان خوشنىسىغا سالام قىلدى. مەنمۇ قاراپ قويدۇم. خوتۇنۇمغا تېلېفون قىلىدىغانلىقىمنى ئويلىدىم، تېلېفون ماركىلىرى ئېسىمگە كېلىۋالدى. ئالمىنىڭ سەمسۇڭنى ئەرز قىلغانلىقى، ستىيۋ جوبىسنىڭ ئاشقازان راكى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئويلىدىم. ئۆلۈپ كەتكەن نەۋرە ئاكامنىڭ جەسەت ئۆيىدىكى ئاخىرقى كۆرۈنۈشلىرى، نوغاي مەسچىتتە كۆرۈشۈپ قالغان تونۇش - بىلىشلەر ۋە سەككىز يىلنىڭ ئالدىدىكى ساما ئۇسسۇلى... بېشىم سەل قايغاندەك بولدۇم. مەن ئۆيگە بىر كىرىپ چىقاي. بولىدۇ، مەيداندا ساقلاي. ئازادە بىر مونتاژ ئۆيىدە سان - ساناقسىز كۇنۇپكىلار ۋە تەڭشەك تۇتقۇچلىرىنىڭ ئالدىدا ماشىنا ئادەمگە ئوخشىمايدىغان بىر بالا كۆرۈنۈشلەرنى ئالدى - كەينىگە سۈرۈۋاتاتتى. مەيدانغا چىقتىم.
ئايلىنىپ كېلەيلى. گەپ قىلمىدىم. گەپ قىلاتتى. قانداق باشلاشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئويلىمىساممۇ بولاتتى. ھېلىقى ئەزەربايجانلىقنىڭ خوتۇنى يەنە شۇ بوۋاق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مەن دەھشەتلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىشنى كەم دېگەندە بەش قېتىم ئويلىغان ھېلىقى مەھەللە خىزمەتچىسى ئۆتتى. ساغرىسىغا قاراپ قويدۇم. ئاداش، ماڭا قۇيرۇق چىقىپ قالدىمۇ نېمە دەپ گۇمانلىنىپ بىر مەزگىل ئارقىسىنى سىلاپ يۈرگەن ئاغىنەمنى ئويلاپ كۈلۈۋەتتىم. ئاخىرى تۈگەتتىم. بۈگۈن كۆچۈرۈۋال. جەمئىي 32 باب. يەنە ئىنتايىن جىق گەپلەر... بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىزدىنىش تورىغا تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ بەزىلىرىنى يازىدىغانلىقىمنى ئويلاشقا باشلىدىم::lol

ئاغىنەم (مۇشۇ مۇنبەردىكى ئايپالتا) يېقىندا تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ «جىمجىت ئۆي» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈردى. ئۇ بۇ تەرجىمىنى ساتماقچى. رومان نەشر قىلىپ پۇل تاپىدىغان نەشرىياتچى دوستلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەن بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ تۈنجى ئوقۇرمىنى سۈپىتىدە ئوقۇشقا باشلىدىم. مۇشۇ كۈنلەردە رومان ئوقۇپ ئولتۇرغان ئادەمنى نېمە دەيمىز؟ ياشاش پۇل تېپىش دېمەكتۇر، ياشاش ماسلىشىش دېمەكتۇر، ياشاش خۇشامەت قىلىش دېمەكتۇر، ياشاش باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش دېمەكتۇر، ياشاش باشقىلارنى كەمسىتىش دېمەكتۇر، ياشاش ئۆزەڭدىن باشقىلارنى قىيناش دېمەكتۇر، ياشاش ھەر نېمە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما رومان ئوقۇش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ھاياتىڭنىڭ بىر بۆلىكىنى بىر غەلىتە روماننى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمۇ؟

100 بەت ئوقۇدۇم، ئەھمىيىتى باركەن!
300 بەت ئوقۇدۇم، ئورخان پامۇك نوبېل مۇكاپاتىنى ھالال ئاپتۇ!
500 بەت ئوقۇدۇم، ئورخان پامۇك بىر ئۇلۇغ يازغۇچىكەن!

تۆۋەندە «جىمجىت ئۆي» دىن پارچىلار:

1. سېنىڭ بۇ ئۇيقۇڭ خىمىيەلىك بىر ھادىسە، فاتىمە، دەيتتى سالاھىددىن، باشقا بارلىق شەيئىلەرگە ئوخشاش، چۈشمۇ ماھىيىتىگە يەتكىلى بولىدىغان بىر نەرسىدۇر، بىر كۈنى خۇددى سۇنىڭ فورمۇلاسىنىڭ ھىدروگىن ئىككى ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىققانغا ئوخشاش، چۈشنىڭ فورمۇلاسىنىمۇ تېپىپ چىقىشىدۇ. لېكىن بىزنىڭ لەقۋالار ئەمەس، يەنە شۇ ياۋرۇپالىقلار تېپىپ چىقىدۇ ۋە ئۇ چاغدا ھېچكىممۇ ئۇيقۇم قانسۇن، دەپ بۇ كۈلكىلىك ئۇخلاش كېيىملىرىنى كېيىپ، كېرەكسىز كىرلىك ۋە سېنىڭ گۈللۈك ۋە كۈلكىلىك يوتقانلىرىڭنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بىكاردىن بىكار تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتۈپ ياتمايدۇ. ئۇ چاغدا كىچىك بىر شىشىدىن ھەر ئاخشىمى بىر ئىستاكان سۇغا ئۈچ تامچە تېمىتىپ ئىچىپ قويۇش، بىزنى خۇددى قاتتىق ئۇيقۇدىن يېڭىلا ئويغانغاندەك جانلىق ۋە روھلۇق قىلىۋېتىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ ئۇيقۇسىز ۋاقىتلاردا نېمە ئىشلارنى قىلىۋېتىدىغانلىقىمىزغا كاللاڭ يېتەرمۇ فاتىمە، ئويلاپ يېتەلەمسەن ئۇ ئۇيقۇسىز ۋاقىتلارنى؟

2. بىر مەھكىمە خاتىرىسىنى ئوقۇۋېتىپ، بۇ خىل تۇيغۇنى بەلكىم ئوقۇغانلىرىمنى خاتىرىلەپ ماڭسام تاپالارمەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. سومكامدىن دەپتەر ئېلىپ يېزىشقا باشلىدىم. جالال ئىسىملىك بىرى، مەھمەتنىڭ ئۆزىنى تىللىغانلىقىنى داۋا قىلىپتۇ. «كالا كومشا قەلەندەر» دەپ تىللاپتۇدەك! قازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تىنىۋالغانمىش. جالالنىڭ « ھەئە، تىللىدى!» دېگەن ھەسەن ۋە قاسىم ئىسىملىك گۇۋاھچىلىرى بار. قازى مەھمەتنى قەسەم ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ. مەھمەت ئىچەلمەپتۇ. چېسلاسى ئۆچۈرىۋېتىلىپتۇ، يازماي قويدۇم. كېيىن ھەسەن ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئابدى ئىسىملىك بىرسىنى  ئۆزىگە ۋەسى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئوقۇپ يېزىۋالدىم. ئاندىن رۇس نەسلىدىن بولغان دىمىتىرى ئىسىملىك بىر قۇلنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى خاتىرىلىۋالدىم. ئىگىسى تۇزلالىق ۋەلى بەي ئىسىملىك بىرسى بولۇپ، دىمىتىرىنىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپتۇ. بىر سىيىرنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ھەپسىگە سولانغان يۈسۈپ ئىسىملىق بىر چوپاننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى ئوقۇدۇم. سىيىرنى يا ساتقىنىنى، يا ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكىنى تىلغا ئالماپتۇ. يوقىتىپ قويۇپتۇ. ئاخىرىدا قېرىندىشى رامىزان كېپىل بولۇپ ھەپسىدىن چىقىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر پەرماننى ئوقۇدۇم. نىمىشقىكىن بۇغداي قاچىلانغان بەزى كېمىلەرنىڭ گەبزە پورتلىرىدا، تۇزلا ياكى ئەسكىھىساردا توختىتىلماستىن ئۇدۇل ئىستانبۇلغا بېرىشىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنىدى. ئىبراھىم ئىسىملىك بىرى، « ئىستانبۇلغا بارمايدىغان بولسام، خوتۇنۇم ئۈچ تالاق بولۇپ كەتسۇن» دەپتۇدەك. ئىستانبۇلغا بارمىغانلىقى ئۈچۈن خوتۇنى فاتىمە ئۆزىنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئەمرىدە ئەمەسلىكىنى داۋا قىلغانمىش، ئىبراھىم بولسا، ئىستانبۇلغا بارمىغانلىقىنى، لېكىن بارىدىغانلىقىنى، ئۇ گەپنى ئاغىزىدىن چىقارغان بىلەن ئېنىق بىر سۈرۈك بەرمىگەنلىكىنى دەپ تۇرىۋالغانمىش.

3.   بىردەمدىن كېيىن دادامنىڭ ئۈنى ئۆچتى، نېمە قىلىۋاتقاندۇ، دەپ ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئېچىپ قاراپ باقتىم، يوق تۇراتتى: يېتىپتۇ. ئۇلار ئۆزى خورۇلداپ ئۇخلاپ، مېنىڭ دەرس ئۆگىنىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ماقۇل، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلومى بۇنچىلىك مۇھىم بولىدىغان بولسا، مەن ئۆگىنەي،  كېچىچە  ئۇخلىماي ئۆگىنەي، ئەتە ئەتىگەندە ئانام كۆرسە ئىچى ئاغرىغۇدەك بىر ئۆگىنىۋېتەي، قاراپ قېلىڭلار، لېكىن مەن بۇ ھاياتتا بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. خالىساڭلار سۆزلەپ بېرەي ئانا، كوممۇنىستلارنى، خىرىستىيانلارنى، زىيونىستلارنى بىلەمسىلەر، ئارىمىزغا سوقۇنىۋالغان ماسونلارنى بىلەمسىلەر، كارتېر ۋە پاپا، برېژنېۋ بىلەن نېمە توغرۇلۇق سۆھبەتلەشتى، بىلەمسىلەر؟ سۆزلەپ بەرسەم ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ... بولدىلا، ئىچىمنى پۇشۇرماي ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە باشلايچۇ.
يەنە بىردەم ھەپىلەشتىم، لېكىن پايدىسى بولمىدى. كېيىن يەنە بىر ئاز ئويلىنىۋېدىم ئەقلىمگە بۇ خىيال كەلدى: مۇشۇ log ۋە √(.&.)  ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلىشنىڭ نېمىگە پايدىسى تېگەر؟ ئالايلۇق، بىر كۈنى پۇللىرىمنىڭ سانىنى پەقەت لوگارىفما ۋە يىلتىز بەلگىلىرى ئارقىلىقلا ھېسابلاپ چىققىلى بولغۇدەك  بايغا ئايلىنارمەن، ياكى دۆلەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولارمەن: مەن ئۇ چاغدا  بۇ ھېساپلاشلارنى ماڭا قىلىپ بەرگۈدەك بىرەر كاتىپ ئىشلىتىشنى ئويلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە دۆتلىشىپ كېتەرمەنمۇ؟

4. كۈلىشىدۇ: قېرىلار ئەجەپ بولىدىكەن، كۈلىشىدۇ؛ موما قانداقراق تۇرىسىز، كۈلىشىدۇ؛ تېلېۋىزورنى بىلەمسىز، كۈلىشىدۇ؛ نېمىشقا پەسكە چۈشۈپ بىز بىلەن بىللە ئولتۇرمايسىز، كۈلىشىدۇ؛ كىيىم تىكىش ماشىنىڭىز ئەجەپ چىرايلىقكەن، كۈلىشىدۇ؛ پېدالىمۇ باركەن، تېخى، كۈلىشىدۇ؛ ياتقان چېغىڭىزدا ھاسىڭىزنى نېمىشقا كارىۋېتىڭىزغا ئېلىۋالىسىز، كۈلىشىدۇ؛ سىزنى ماشىنا بىلەن ئايلاندۇرايلىمۇ موما، كۈلىشىدۇ؛ يېپىنچىڭىزنىڭ رەشىلىيەسى ئەجەپ چىرايلىقكەن، كۈلىشىدۇ؛ سايلامدا نېمىشقا ئاۋاز بەرمىدىڭىز، كۈلىشىدۇ؛ نېمىشقا ھە دېسىلا ئىشكابىڭىزنى ئاختۇرىسىز، كۈلىشىدۇ؛ نېمىدەپ ماڭا قاراپ كۈلىۋېرىسىلەر، دېسەم، يەنە كۈلىشىدۇ، كۈلىشىدۇ ۋە نەدە كۈلدۇق موما دېيىشىپ يەنە كۈلىشىدۇ. بەلكىم دادىلىرى بىلەن بوۋىلىرى بىر ئۆمۈر يىغلىغانلىقى ئۈچۈن. ئىچىم سىقىلدى.

5. ئانام بىلەن دادامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم ۋە جەيلان ئۆزىنىڭ دۇنيانى كۆرگۈسى بارلىقىنى، ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇپ، مۇخبىر بولغۇسى بارلىقىنى سۆزلەپ بەردى ۋە سەن مېنىڭ بۇنداق تۇرغىنىمغا قارىما، دېدى، بىز داۋاملىق مۇشۇنداق كۆڭۈل ئېچىپ تۇرىمىز، ھېچ ئىش قىلمايمىز، لېكىن مۇنداق بولغۇم يوق، مەن ھېلىقى ئايالدەك بولسام دەيمەن، ئىسمى نېمىدى، ئىتالىيەلىك مۇخبىر ئايال، ھېلىقى داۋاملىق مەشھۇر كىشىلەرنى زىيارەت قىلىدىغان، كىسسىنگېر بىلەن، ئەنۋەر سادات بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداق مەنمۇ بىلىمەن، ئۇنداق بولۇش ئۈچۈن بەك بىلىملىك ۋە ساپالىق بولۇش كېرەكلىكىنى، سەن خېلى بىلىملىك مەتىن، لېكىن مەن ئەتىدىن كەچكىچە كىتاب ئوقۇيالمايمەن، ياشاش مېنىڭمۇ ھەققىم، قارا، بۇ يىل مەن قىينالمايلا سىنىپ كۆچەلىدىم، ئوينىغۇم بار، كىتاب دېگەننىمۇ يولىدا ئوقۇش كېرەكتە، بىزنىڭ مەكتەپتە ئاشۇنداق بىر بالا بولىدىغان، بەك كۆپ كىتاب ئوقۇيتتى، ئاخىرى ئېلىشىپ قالدى، ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئەكەتتى، سەن قانداق قارايسەن مەتىن، مەن ھېچقانداق قارىمايمەن، پەقەت سېنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىڭنى ئويلاۋاتىمەن ۋە سەن تېخىچە سۆزلەۋاتىسەن، داداڭ، مەكتىپىڭ، دوستلىرىڭ، كەلگۈسى پىلانلىرىڭ ھەققىدە ۋە تۈركىيە ۋە ياۋروپا توغرۇلۇق نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىڭ ھەققىدە ۋە سەن ھەقىقەتەن گۈزەلسەن، كوچا چىراقلىرىنىڭ غۇۋا نۇرلىرى يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىدىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ يۈزلىرىڭگە چۈشكەندە گۈزەلسەن، خىياللارغا پاتقان، ھاياتىڭ مۇرەككەپ مەسىلىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەندەك غەمكىن ھالدا تاماكا چەككەن چېغىڭدا گۈزەلسەن ۋە پىشانەڭگە چۈشۈپ قالغان سىكىلەكلىرىڭنى كەينىگە تاشلىغاندىمۇ گۈزەلسەن، ئاھ،خۇدا، ئۇ شۇنچىلىك گۈزەلكى، ئادەمنىڭ دەرھال ئۇنىڭدىن بىر بالىلىق بولغۇسى كېلىدۇ.

6. كارىۋاتنىڭ سوغۇق تۆمۈرىنى سىيلاپ-سىپاشتۇرۇپ تېپىشقا ئۇرىنىمەن، لېكىن سوغۇق تۆمۈر مېنى كۆتۈرۈپ سوغۇق بىر قىش كېچىسىگە تاشلاپ قويىدۇ: مەن نەدە؟ ئادەم بەزىدە مۇشۇنىمۇ بىلەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. يەتمىش يىل ئوخشاش بىر ئۆيدە ياشىغان ئادەم مۇشۇنىمۇ پەرق ئېتەلمىسە، شۇنداق، مەن يەنىلا ئويلاۋاتىمەن ۋە قارار چىقىرىۋاتىمەن، بىز تۈگەتتۇق دەپ ئويلايدىغان ھايات دېگەن نەرسە، غەلىتە ۋە چۈشىنىكسىز بىر نەرسە ئىكەن ۋە ھېچكىم ئۆز ھاياتىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيدىكەن. بەزىدە ساقلايسەن ۋە ئۇ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە، نېمە ئۈچۈنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىن، كېتىپ قالىدۇ، سەن ئۆز ھاياتىڭنىڭ ئىچىدە، نەدىن نەگە كېتىپ بارغانلىقىڭ ھەققىدە خىيال سۈرىسەن؛ خاتاسى، توغرىسى بولمىغان ۋە ھەتتا بىر نەتىجىسىمۇ بولمىغان، غەلىتە خىياللار دەپ تۇرغىنىڭدا، شۇنداق قارىساڭ، كەلدۇق فاتىمە، پەسكە چۈش! ئاۋۋال بۇ پۇتۇمنى، ئاندىن ئۇ پۇتۇمنى ئېلىپ، پەيتۇندىن چۈشىمەن. ئىككى قەدەم مېڭىپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ پەيتۇنغا قارايمەن. بىزنى ئىچىدە سىلكىپ، سىلكىپ كەزدۈرگەن نەرسە مۇشۇمىدى؟ مۇشۇ ئىكەن. ئاخىرىغا كەلگەندە دېمەك مەن ئاشۇنداق ئويلايمەن: مۇشۇ ئىكەن، مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىم، لېكىن يېڭىباشتىن باشلىغۇم بار. لېكىن رۇخسەت يوق! قېنى ئەمىسە، دېيىشىدۇ، ئەمدى بىز بۇ يەردە، يەنە بىر تەرەپتە، ئەمدى ئۇنىڭغا قايتا چىقالمايسەن، قايتىدىن باشلىيالمايسەن. ۋە ھارۋىكەش قامچىسىنى تاراسلىتىپ ئاتلىرى بىلەن ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقاندا،  ھارۋىنىڭ كەينىدىن قاراپ يىغلىغۇم كېلىدۇ.

7. يۇلتۇزلارغا باق، ئاۋۇ نۇرلۇق ۋە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ نېمە پايدىسى بار، بۇلارغا قاراپ شېئىر ئوقۇشىدۇ ۋە ئەجىبا نېمە ئۈچۈن ئوقۇشىدىغاندۇ، بىر نەرسە ھېس قىلارمىش، قاملاشمىغان، ئوي-پىكىرلىرى قالايمىقانلىشىدۇ، بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۇيغۇ دەپ تۇرىۋالىدۇ، ياق، مەن نېمىشقا شېئىر ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىمەن، پۈتۈن مەقسىدى قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ۋە پۇل تېپىش، شۇنداق، كالۋالار، ھەممە ئىشقا كاللىنى ئىشلىتىش كېرەك، ئامېرىكىغا بارغاندا مەن دەرھال، ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن، ئۆزى ئاددى، لېكىن بەك مۇھىم بىر فىزىكىلىق بايقاشنى روياپقا چىقىرىمەن ۋە دەرھال ئېنىشتىيىن تۇنجى بايقاشلىرىنى ئېلان قىلغان «ئاننالېن دېر فىزىك» ژورنىلىدا ئېلان قىلىمەن ۋە نۇرغۇن پۇل ۋە شان-شۆھرەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىزنىڭكىلەر مەندىن مەن بايقىغان ۋە قويۇپ بەرگەن راكىتانىڭ سىرلىرىنى ۋە فورمىلالىرىنى سوراپ، ئۆتۈنۈپ قالايلى، يۇرتداشلىرىڭغىمۇ بەر ۋە بىز گرېتسىيەلىكلەرنىڭ بېشىغا راكىتا يامغۇرى ياغدۇرايلى دەپ يالۋۇرۇشقا كېلىشىدۇ ۋە مەن ئۇ چاغدا بودرۇم①دىكى مىليادىر ئەرتەگۈننىڭ داچىسىدىنمۇ چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك داچامغا، ئەپسۇسلىنارلىقى ۋاقتىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن يىلدا پەقەت بىر ھەپتە تۇرۇش ئۈچۈنلا كېلىمەن ۋە ئۇ چاغدا فىكرەت بىلەن جەيلان، بەلكىم ئۇ چاغقىچە تويمۇ قىلىپ بولار، لېكىن نەدىن تاپتىڭ بۇ گەپلەرنى، ئارىسىدا ھېچبىر ئىش يوق، تۇيۇقسىز قورقتۇم، جەيلان، جەيلان نەدىسەن؟

8.    ھەر قېتىمدا ئۆزى كەلدى: بىر يىلدىن كېيىن، قولىدا يەنە شۇ سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە، ھالقىنىڭ يەنە بىر پېيىنى ئالغىلى كەلگىنىدە يەھۇدىنىڭ بېشىدا ھېلىقى شىلەپە يەنە بار ئىدى. سەككىز ئايدىن كېيىن ئالماس كۆزلۈك بىلەيزۈكلىرىمنىڭ تۇنجىسىنى ئالغىلى كەلگەندە، مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭ بېشىدىكىدەك شىلەپە كېيىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئالماس كۆزلۈك بىلەيزۈكىمنىڭ ئىككىنچىسىنى ئالغىلى كەلگەندە بولسا چېسلا 1345-يىلى دەپ ئەمەس، 1926- يىلى دەپ يېزىلىدىغان بولغان ئىدى. باشقا بىلەيزۈكلىرىمنى ئالغىلى كەلگەندە قولىدا يەنە شۇ سومكا بارئىدى ۋە بۇ يەھۇدى ئىشلىرىدىن توختىماي قاخشايتتى، لېكىن گۈزەل خىزمەتچى خوتۇننى سورىماس بولۇپ  قالغانىدى. بۇ بەلكىم بۇنىڭياقى ئاياللارنىڭ خېتى ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن ئەمەس، سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن بېرىلىدىغان بولغاچقىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. شۇ قېتىمقى ۋە شۇندىن كېيىنكى نەچچە يىلدا ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ يېگەن تاماقلارنى سالاھىددىن ئۆزى ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى: مەن ھەر قېتىمدا قىلغىنىمغا ئوخشاش جايىمدىن مىدىرلىمىدىم، ھوجرامدا ئولتۇردۇم، بەلكى يەھۇدىغا ھەممە ئىشنى دەپ بەردىمىكىن دەيمەن. شۇنداق قىلىپ خىزمەتچى بىلەن ئۇنىڭ ھاراملىقلىرىدىن قۇتۇلدۇق ۋە دوغان بىرى پاپا، يەنە بىرى توكۇر ئۇ ھاراملىقلارنى يېزىدىن تېپىپ ئەكەلگەنگە قەدەر ئۆيدە يالغۇز قالدۇق. ئۇ ئەڭ ياخشى يىللار ئىدى. سالاھىددىن، يەھۇدى شۇ كېلىشىدە قالدۇرۇپ كەتكەن گېزىتنى ئاخشامغا يېقىن ئوقۇغانىدى: تۇرۇپلا گېزىتكە ھەممە ئىشلار، بارلىق جىنايەت ۋە گۇناھلار ۋە مەن بەرگەن جازالار يېزىلدىمىكىن دەپ قېلىپ، قورقۇنچ ئىچىدە قاراپ باققانىدىم: لېكىن گېزىتتە  باشلىرىغا خىرىستىيانلارنىڭ شىلەپىلىرىنى كېيىۋېلىشقان مۇسۇلمانلارنىڭ رەسىملىرىدىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى، يەھۇدى يەنە بىر قېتىم كەلگەندە ئەكەلگەن گېزىتتە باشلىرىغا خىرىستىيانلارنىڭ شىلەپىلىرىنى كېيىۋېلىشقان مۇسۇلمانلارنىڭ رەسىملىرىنىڭ ئاستىدا يەنە تېخى خىرىستىيانلارنىڭ يېزىقىمۇ بار ئىدى. بۇ، سالاھىددىن: ئېنسىكلوپېدىيەم بىر كۈندىلا ئوڭتەي-توڭتەي بولۇپ كەتتى، دېگەن ۋە يەھۇدىغا ئالماس ياقىلىقىمنى بەرگەن چاغ ئىدى.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:32:31

شىنجاڭ تىلىۋزىيە ئىستانسنىڭ ‹‹بىر كىتاپ بىر ئالەم ››پىرگىراممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان بولسا، بۇ كىتاپ تۇغرىسىدا بىر سوھبەت ئوتكۇزۇلگەن بولسا ،نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىتاپنى سىتىۋىلىپ ئوقۇيتتى .نەشىر قىلغان ۋە تەرجىمە قىلغان كىشىنىڭ ھاردۇقى چىقاتتى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:12:33

شۇنداق ئولتۇرۇپ قىلغان خىياللىرىنى بىر سۆزنىمۇ قالدۇرماي يىزىۋەرسە بىر رۇمان پۇتەمدۇ نىمە .........

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:23:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-8 15:25  

‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل › تەرجىمە قىلىندىمۇ؟ بەك ئېسىل رومانكەن.مەن بۇ روماننىڭ پارچىسىنى ئوقۇغان.

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 16:19:36

موشۇ ئورخاننىڭ يېڭى ھايات دىگەن كىتىپنى ئوقۇغان بىر ساۋقدېشىم سەل بىنۇرمال (ۋارقىرىپ جارقىرايدىغان)بوپ قالغانتى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 16:41:04

ماڭا شۇنداقراق بىر ئىلھام كېلىپ تۇراتتى، بىرنەچچە ئوبرازنى بىرىنچى شەخس تىلى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان...قانداق يازسام بولار مەزمۇننى قانداق باغلاشتۇرارمەن دەپ ئويلاپ يۈرگەن چېغىمدا ‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل›نى ئوقۇپ قالسام بولىدۇ ... پاھ ...مۇنداقمۇ ئۇستىلىق بىلەن يازغان بارمۇ؟ نوبىلنى بىكارغا ئالماپتۇ دەپ قالدىم دە،شۇنىڭ بىلەن باشتىكى خىيالىم توختىدى ..

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 17:13:10

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل بىلەن يېڭى ھايات ئىككىلىسنى يېرىمىغىچە ئوقۇپ توختاپ قالدىم،لېكىن نوبىل مۇكاپاتى ئالغاندا سۆزلىگەن سۆزىنى تولۇق ئوقۇدۇم،يەنىلا چۆچەك ياكى يولنىڭ بويىدىكى سىتولبىغا چاپلاپ قويغان ئىلانلارنى ئوقۇسام بەكرەك چۈشىنەلەيدىكەنمەن،بىر يەردىن چانمىسا بىر يەردىن چانىدۇ ياماق داجەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 17:45:41

سىز تەرجىمە قىلىۋاتقان ئادام سىمىتنىڭ كىتابى پۈتتىمۇ؟؟

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 19:29:37

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 17:13 static/image/common/back.gif
مېنىڭ ئىسمىم قىزىل بىلەن يېڭى ھايات ئىككىلىسنى يېرىمى ...

:lol:lol :lol
مۇنبەردىكى ئورخاننىڭ كىتابىنى ئوقۇيالمىغانلار ۋىليام فالكىنىرنىڭ «جان ھەلقۇمغا كەلگەندە» ناملىق رومانى بىلەن كىلائۇد سىموننىڭ« فىلاند تاشيولى»، ۋېلادىمىر نابوكوفنىڭ « ئەدا بىلەن ئادا»نى كۆرسە ئېغىر بولغاندا  ئۆزىنى بىنادىن ئېتىۋىلىشى يېنىك بولغاندا رومان ئوقۇشتىن مەڭگۈلۈك ھوزۇرلىنىشى مۇمكىن :lol :lol  مۇشۇ ئۈچ  روماننى زىرىكمەي چىداپ ئوقۇيالىغان ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا ۋە ئەدەبىياتچىلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. كۆڭۈل تۆرۈمدە ئەستايىدىل ئوقۇرمەن دەپ غايىۋانە ھۆرمەت قىلىمەن. يۇقارقى ئۈچ كىتابنىڭ ئالدىدا ئورخاننىڭ «يېڭى ھايات»ى ئىنتايىن ئوقۇشلۇق ئاممىباپ ئەسەر. يۇقارقى ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ باققانلار يوقما:D

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 09:56:26

tashadem يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 19:29 static/image/common/back.gif
مۇنبەردىكى ئورخاننىڭ كىتابىنى ئوقۇيالمىغانل ...

سىز دىگەن ئۇ كىتاپلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوق ھەقاچان؟:(

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 09:57:21

سىز دىگەن بۇ كىتاپنى قاچان ئوقۇشقا نىسىپ بولار؟

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 10:32:18

راست راست،  سىز تەرجىمە قىلغان ‹دۆلەتلەرنىڭ بايلىقى› ناملىق كىتاب قانداق بولدى؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 10:36:56

بۇ بىر ئېلان، تەرجىمە قىلىنغان بىر روماننى سېتىش ئېلانى. ئېلاننى يېزىپ، يوللاپ بەرگەن ئاغىنەم تۇماققا رەھمەت! ئەمدى بۇ ئېلاننى زېرىكىشلىك قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئازراق بىر نەرسە قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى. ئەسلىدە بۇ ئېلان تېمىسىنى ئورخان پامۇك ، ئەدەبىيات، تەرجىمەچىلىك ھەققىدىكى سۆھبەتكە ئايلاندۇرۇشمۇ مۇمكىن. تۆۋەندىكى تەرجىمىنى ئوقۇغاچ پاراڭلىشايلى بولمىسا.


2008 فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق

   بۇ مېنىڭ فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىگە تۆتىنچى قېتىم كېلىشىم. ئالدىنقى قېتىم 2005 –يىلى، گېرمانىيە كىتابچىلىق ئۇيۇشمىسىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا، ماڭا ئۇ كاتتا شەرەپنى بەرگەن دوستلارنى، پائۇلسكىرچېدىكى مۇراسىمدا ئۇچراشقان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەشىرىياتچى ۋە مۇھەرىرلەرنىڭ بەزىلىرىنى ۋە شۇ چاغدىكى مۇخبىر دوستلارنى يەنە بىر قېتىم ئۇچرىتىش مېنى سۆيۈندۈردى.
   فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن چېغىمدا، بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان  ۋە  قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ كېتىۋاتقان بۇ سورۇندىكى تۇنجى قەدەملىرىم بۈگۈنكىدەك ئەركىن بولمىغانىدى. 1990- يىلى نويابىردا، نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى كىتابىم " ئاق قەلئە" نەشىردىن چىقتى. كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە بىر مۇكاپات بېرىلگەن ئىدى، مەن ۋە تەرجىمانىممۇ فرانكفۇرتقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدۇق. شۇ چاغدىكى نەشىرىيات سودىگىرىم دوكتور ئۇنسېلد ماڭا قاراپ كۈلۈمسېرەيتتى، ئوبزورچىلار ياخشى گەپلەرنى قىلىشىۋاتاتتى، ھەممە كىشى ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. مەمنۇن بولۇشىم ۋە ئازادە ھېس قىلىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن جىددىيلەشكەنىدىم، ئۈمىتسىزلىك بېسىۋېلىپ باراتتى. ئىچىمىزگە چۇڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن بارلىق ئۈمىتسىزلىكلەرگە ئوخشاش، ئۇ چاغدا بېشىمدىن كەچۈرۈپ تۇرۇپمۇ بىر ئىسىم قويالمىغان ئۇ نەرسىنى، ھازىر، ئون سەككىز يىلدىن كېيىن ئوچۇق دەپ بېرەلەيمەن.
   دۇنيا كىتاب ۋە نەشىرىياتچىلىق سانائىتىنىڭ مەن ئىستانبۇلدا خىيال قىلغىنىمدىن تېخىمۇ چوڭ ۋە مەزمۇنغا باي ئىكەنلىكىنى فرانكفۇرتتا كۆرۈشنىڭ ئۈمىتسىزلىكى ۋە بىئارامچىلىقى ئىدى بۇ. بىر كىتابسۆيەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، مەزمۇنىنىڭ مول ۋە بايلىقى مېنى سۆيۈندۈرىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ چوڭلۇق ۋە موللۇق بىلەن بىرلىكتە، ياش بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئالەمدىكى يېرىمنىڭ نە قەدەر كىچىك ۋە ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنىمۇ ئەقلىمنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئازاپ ئىچىدە تونۇپ يېتىۋاتاتتىم. كۆزلىرىم سالون-سالون، قەۋەت-قەۋەت، بىنا-بىنا يەرمەنكىنىڭ باي ۋە موللىقىدىن، دۇنيا نەشىرىياتچىلىقىنىڭ رەڭگارەڭلىكىدىن ۋە كىتابلارنىڭ خىلمۇ-خىللىقىدىن زوق ئېلىۋاتقاندا، بۇ ئالەمدە ئاۋازىمنى ئاڭلىتىشىمنىڭ، بىر ئىز قالدۇرۇشىمنىڭ، ئۆزۈمنىڭ باشقىلاردىن بولغان پەرقلىرىمنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇشىمنىڭ نە قەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتمەكتە ئىدىم. ياش بولسۇن، ياشانغان بولسۇن، بۇ يەرمەنكىگە كېلىپ بۇ تۇيغۇغا، بۇ خىل گاڭگىراشقا ۋە بوشلۇق تۇيغۇسىغا پېتىپ قالمىغان يازغۇچى بولمىسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. پەقەت كىتابلارنىڭ ئەبەدىيلىك، بىزنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇرغىنى ئۈچۈن ئەمەس، پۈتۈن كىتابلارنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئەس _خاتىرىلىرىنىڭ، سادالىرىنىڭ يېنىدا بىزنىڭ يېرىمىزنىڭ نە قەدەر كىچىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ، فرانكفۇرتقا كېلىشنىڭ خۇددى بىر مەسچىتكە، چېركاۋغا، بۇتخانىغا كىرگەنگە ئوخشاش، ئىنسانلارنى كەمتەرلىككە دەۋەت قىلىدىغان بىر تەرىپىمۇ بار. كىتابلارنىڭ كۆپلىكى، خۇددى ئالەمدىكى پۈتۈن كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەپسانىۋى كىتاب ئىشكاپلىرىغا ئوخشاش، زامان ۋە ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى ئەسلىتىدىغان چەكسىز كۇتۇبخانا خىياللىرىغا ئوخشاش، بىزنى ھەم كەمتەرلىككە دەۋەت قىلىشى ھەم مىللى دۆلەتلەرنىڭ، تارىخلارنىڭ، تىللارنىڭ نېرىسىدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى، مەقسەت ۋە تۇيغۇلىرىمىزنىڭ يېقىنلىقىنى بىزگە ئەسلىتىشى كېرەكتۇر.
   لېكىن بىز يازغۇچىلار كىتابلىرىمىزنى باشقا مىليونلىغان كىتابلارنى ئويلاپ تۇرۇپ، كەمتەرلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئىچىمىزدىكى غەلىتە ئاۋازنى تېپىپ چىقىپ، ئاۋۋال ئۆزىمىزگە، ئاندىن باشقىلارغا، ئوقۇرمەنلەرگە، بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن يازىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن روھىمىزنىڭ چۇڭقۇرلۇقلىرىغا، پەرقلىق بولغان يەرگە نەزەر سېلىشنى بىلىمىز. پەرقلىق بولغان يەردە روھىمىز، گەۋدىمىز، ئۆيىمىز، ئائىلىمىز، كوچىمىز، شەھىرىمىز، تىلىمىز، تارىخىمىز باردۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى، بىزنى يېزىش ئۈچۈن ئۈستەلگە ئولتۇرغۇزغان بارلىق نەرسە، بىزگە كىملىكىمىزنىڭ باشقىلار "مىللى كىملىك" دەپ ئاتىغان نەرسىدىن بەك يىراق بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىدۇ.
   دۇنيادىكى كىتابلىرى ئانچە تونۇلمىغان تىللاردىن غەرب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان يازغۇچىلارنىڭ بېشىدىن مۇنداق بىر ئىش ئۆتكەندۇ: رومانچى ئۆز ھاياتىنىڭ گۈزەل ياكى زۇلمەتلىك تەرەپلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ؛ ئوبزورچىلار ياكى ئوقۇرمەنلەر بولسا، يازغۇچىنىڭ دۆلىتىدىكى گۈزەل ۋە زۇلمەتلىك ئىشلار تىلغا ئېلىنغان دەپ ئويلاپ تۇرۇپ ئوقۇشىدۇ. رومانچىنىڭ ئەڭ مەخپىي خىياللىرى ۋە شەخسى ئىجاتكارلىقى، دۆلىتىنىڭ بىر تەسۋىرى، ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلغان بىر نەرسە سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ. دەسلەپكى كىتابلىرىم نېمىسچىغىلا ئەمەس، باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغاندا، بۇ كىتابلارغا ئوقۇرمەن تېپىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن نەشىرىياتچىلار، دوستلار، ماڭا گېرمانىيەدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە شۇ گەپنى دېيىشكە باشلىدى:
   "خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ئورخان ئەپەندى، كىتابىڭىز بەك گۈزەل، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دۆلىتىمىزدە تۈرك ئەدەبىياتى ۋە كۈلتۈرىگە قىزىقىش يوق."
   پەقەت يۇرتى سەۋەبىدىنلا زىھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلمىغان بىر تىرىشچان ياشقا ئوخشاش كۆڭلۈم يېرىم بولدى، لېكىن ئۇلاردىنمۇ رەنجىشكە ھەققىم يوق ئىدى. ھېچكىمنىڭ كارى يوق بىر تېما ئۈستىدە يىللاپ جاھىللىق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارغان كاللىسىنىڭ دەردى بار ئالىمدەك ھېس قىلاتتىم ئۆزۈمنى؛ ئۇلاردا نېمە گۇناھ، بۇ ئۆزۈم تاللىغان ئىش تۇرسا. رومانلىرىمنىڭ ئەسلى چىقىش نۇقتىسىنىڭ، ماڭا كۆرە ئاۋۋال تۈركىيە ئەمەس، ئۆز  دەرتلىرىم، قىزىقىشلىرىم ۋە دۇنيادا كۆرگەن ئاجايىپ-غارايىپلىقلار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىمدا مىڭ قېتىملاپ ئاڭلىغان بۇ نەقىلگە، بەزىلەرنىڭ تەلەيسىز ئىكەنلىكىلىرىنى قۇبۇل قىلغىنىغا ئوخشاش ئىشىنەتتىم: بىر تۈرك يازغۇچىغا كىممۇ دېققەت قىلسۇن!
   يىگىرمە نەچچە ياشلىرىمدا تۇنجى كىتابىمنى پۈتتۈرۈپ نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن چېپىپ يۈرگىنىمدە، مەندىن بىر دەۋر چوڭ كېلىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر يازغۇچى مەندىن چاقچاققا يۆلەپ تۇرۇپ رەسىم سىزىشنى نېمىشقا تاشلىۋەتكىنىمنى سورىغان ئىدى. رەسىمنىڭ تەرجىمىگە ئىھتىياجى يوقتى. تۈركچە بىر روماننى ھېچكىممۇ باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلمايتتى، تەرجىمە قىلغان تەقدىردىمۇ يات بىر دۆلەتتە ھېچكىم قىزىقىپ ئوقۇمايتتى. 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكىدا ئۇچراتقان يۇقىرى مەلۇماتلىق تۈركلەرنىڭ ھەممىسى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۈرك ئەدەبىياتى ۋە كۈلتۈرىنى دېمەي تۇرايلى، تۈركىيەنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىدىن قاخشىشاتتى. ئەگەر بىزنى ئازراق تونۇيدىغان بولسا، يا خاتا تونۇغان بولىدۇ ياكى بولمىسا پەقەتلا چۈشەنمىگەن بولۇپ چىقىدۇ. يېقىنقى ئون يىلدا دۇنيانى كۆپ ئايلاندىم، جىق دۆلەتلەرگە باردىم ۋە بىر قانچە غەرب دۆلىتىدىن باشقا، دۇنيانىڭ باشقا بارلىق دۆلەتلىرىدە ئوخشاش شىكايەتلەرنى، باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەر تەرىپىدىن يا پەقەتلا بىلىنمىگەنلىك، تونۇلمىغانلىق ياكى خاتا ۋە سەلبىي تونۇلۇپ قالغانلىق شىكايەتلىرىنى ئاڭلىدىم. مىللەتلەرنىڭ كىملىك ۋە خاراكتېرلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر، بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ، بىر دۆلەت بىلەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشىنىلىپ قالغانلىقى ۋە  سەلبىي تونۇلۇپ كەتكەنلىكى جەھەتتە ھەمپىكىردۇر.
   شۇڭلاشقا بۇ تېمىدا ئۆزۈم توغرۇلۇق قىلغان گەپ -سۆزلىرىمنى،  مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇسىنىمۇ ئىپادىلەپ بەردى،دەپ قارايمەن. بىز تۈركلەر، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر ئەسىردە دۇنيا تەرىپىدىن سەلبىي چۈشىنىلىپ قالغانلىقىمىزدىن شۇ قەدەر قاقشاپتۇقكى، بۇ خىل چۈشەنچىلەرنى ھەتتا مىللى كىملىكىمىزنىڭ بىر پارچىسى قىلىۋاپتۇق. باشقىلارغا تونۇلماي قېلىشى، كۆپچىلىكىمىز ئۈچۈن كۈلتۈرىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھال-ئەھۋالىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. خۇددى بەزى ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش تەسرەك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنمىگەنلىكى بىلەن ماختانغىنىدەك، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلماسلىقىنى ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ۋە ئۆزگىچە روھىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلارمۇ بار. بەلكىم شۇنداقتۇر! لېكىن يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇلماسلىق ۋە ئوقۇلماسلىقنى كۈلتۈرنىڭ چۈشىنىلمەسلىكى ۋە سىرلىقلىقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە قارىۋېلىش، ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان يەنە بىر خەتەرلىك كۆز-قاراشنى كۈچلەندۈرمەكتە: غەرب روياپقا چىقارغان باراۋەرلىك، ئاياللار ھوقۇقى، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق قىممەتلەرنى "يات" كۆرۈش، بۇلارنىڭ مىللى كىملىككە ماس كەلمەيدىغانلىقىغا، ھەتتا ئۇنى بۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىش... بۇنى پەقەت تۈركىيەنىلا كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتقىنىم يوق.
   دۇنيا كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ئاستا-ئاستا كۆچىۋاتقانلىقىنى، بۇرۇنقى مەركەزلەرنىڭ جەلپكارلىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. ھىندىستان ۋە جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىشى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ غەيرى غەرب ئەللىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى بايلار ۋە يېڭى سەرخىللارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. يالغۇز رومان سەنئىتى ۋە بىر مىللى ئەدەبىياتنىڭ يۈكسىلىشىلا ئەمەس، پۈتۈن بىر كىتابچىلىق سانائىتىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ، بۇ يېڭى بۇرژۇئا سىنىپلىرىنىڭ ئۆز كىملىكلىرىگە قانداق ئېنىقلىما بېرىشىلىرىگە باغلىق. ئۆز كۈلتۈر ۋە كىملىكىمىزنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىغا، باشقا ھېچكىمنىڭ بىزنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ بىكىنىۋالامدۇق ياكى ئۆتمۈشتىكى كۈلتۈرىمىزنىڭ بايلىقى ، ئۆزىمىزگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىمىز بىلەن پىكىر ئەركىنلىكىنى بىر يەرگە كەلتۈرۈشكە تېرىشامدۇق؟
   يېقىنقى يىگىرمە يىلدا دۇنيادا يۈز بەرگەن سىياسىي ۋە كۈلتۈرىي تەرەققىياتلار، تۈركىيەنىڭ ئۆز ئىچىدە ئىككى يۈز يىلدىن بېرى باشتىن كەچۈرىۋاتقان زامانىۋىلىك بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھېكايىسىنى پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلغۇدەك ھالغا كەلتۈردى. مەن ئەمدى تۈركىيەنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى ھەققىدە قاقشاۋاتقان كىشىلەرنى ئانچە كۆپ ئۇچراتماس بولۇپ قالدىم. تۈركىيەدىن يۈزلەپ يازغۇچى، نەشىرىياتچىنىڭ بۇ يەرگە، فرانكفۇرتقا، پۈتۈن دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن كەلگىنىگە كۆرە، بىزنى ھېچكىمنىڭ چۈشەنمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۈمىتسىزلىكىمىزدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇپتۇق دېمەك. شۇنداق بولغانىكەن، يېقىنقى بىر ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىمىز ھەققىدە دادىللىق بىلەن گەپ قىلالايمىز.
يېقىنقى بىر ئەسىردە كىتابلارنى چەكلەش، كۆيدۈرۈش، يازغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش، تۈرمىگە سولاش، ئۇلارنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئېلان قىلىپ، سۈرگۈن قىلىش، مەتبۇئاتلاردا ھەمىشە يازغۇچىلارنى ھاقارەت قىلىش تۈرك كۈلتۈرىنى باي قىلالمىدى، پۈتۈنلەي ئەكسىچە نامراتلاشتۇردى. دۆلەتنىڭ كىتاب ۋە يازغۇچىلارنى جازالاش ئادىتى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا: ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈرۈش ۋە بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈرك جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 301- ماددىسى تۈپەيلى، يۈزلىگەن يازغۇچى ۋە مۇخبىر شۇ تاپتا سوت مەھكىمىلىرىدە ئەيىپلەنمەكتە، جىنايەتچى بولۇپ قېلىۋاتماقتا. بۇ يىل نەشىردىن چىققان بىر رومانىم ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، كونا تۈرك فىلىملىرىنى كۆرۈشكە، ناخشىلارنى ئاڭلاشقا توغرا كەلدى. بۇ ئىشنى You Tube  تا ئاسانلا قىلغانىدىم، لېكىن ئوخشاش شۇ ئىشنى ئەمدى قىلالمايمەن، You Tube بىلەن بىرلىكتە يۈزلىگەن يەرلىك ۋە خەلقئارالىق تور بەتلىرىگە كېرىش، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيەدە ياشىغانلارغا چەكلەندى. سىياسىي ھوقۇق ئىگىلىرى بۇ بېسىملاردىن مەمنۇن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز يازغۇچىلار، نەشىرىياتچىلار، سەنئەتكارلار، تۈركىيەنىڭ سەنئىتىنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقان ھەر بىر كىشى، كۈلتۈرىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىز دۇنياغا تونۇلغان  چاغلاردىكى بۇ بېسىملارنى چۈشىنەلمەي قېلىۋاتىمىز.
   لېكىن يازغۇچىلارنىڭ، نەشىرىياتچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىلدى دەپ قېلىنمىسۇن. يېقىنقى ئون بەش يىلدا تۈرك نەشىرىياتچىلىقى ھەيران قالغۇدەك سۈرئەتتە راۋاج تاپتى، كېڭەيدى؛ پۈتۈن تۈركىيەدە ھەرقانداق بىر چاغدىكىدىن تېخىمۇ كۆپ كىتاب نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ؛ ئىستانبۇل كىتابخانىلىرىدىكى مولچىلىقمۇ بۇ شەھەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ كۈلتۈرلۈك تارىخىغا مېنىڭچە ئەمدى ۋەكىللىك قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئاجايىپ، باي، پەۋقۇلئاددە تارىخنىڭ ۋە كۈلتۈرنىڭ يازغۇچىلىرى، نەشىرىياتچىلىرى بۇ يىل فرانكفۇرتقا كېلىشتى. تۈركىيەدىن فرانكفۇرتقا تۇنجى قېتىم كەلگەن ياش يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا نەشىرىياتچىلىقىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى كۆرۈپ، خۇددى مەن ئون سەككىز يىل بۇرۇن ھېس قىلغاندەك قۇپقۇرۇقلۇق، بېھۇدىلىك تۇيغۇلىرىغا ئەسىر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن. لېكىن تۈركىيەنىڭ ياش يازغۇچىلىرى ، ئۆزىگە چۆكۈپ، ئۆزىنى قالتىس بىر يازغۇچى قىلىپ چىقىدىغان ئىچكى ئاۋازلىرىغا قۇلاق سالالىغان ۋاقىتتا:" بىر تۈرك يازغۇچىغا ھېچكىم دېققەت قىلماس!" دەيدىغان ئۈمىتسىزلىككە ئەمدى پېتىپ قالمايدۇ. 2008 فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسى ھەممەيلەنگە ئۈمىد ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەي!

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 11:03:31

ۋىليام فالكىنىرنىڭ «جان ھەلقۇمغا كەلگەندە» ناملىق رومانى بىلەن كىلائۇد سىموننىڭ« فىلاند تاشيولى»، ۋېلادىمىر نابوكوفنىڭ « ئەدا بىلەن ئادا»
تاشئادەم ئەپەندى بولسا نىمەم مەزمۇنلار سۆلىنىدىكەن،ئوقۇپ باقسىڭىز سىزگە تىل ئىشلىتىش،بايان ...جەھەتتە قانداق
يېڭىلىق تۇيۇلدى؟
سىز ئادەتتە چەتئەل ياكى خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ كىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيسىز؟ئەسەر تەۋسىيە قىلسىڭىز؟
مۇشۇ تاشئادەم،دېڭىز دېگەن تور ناملىرىڭىزنىڭ مەنىلىرىنى دەپ بەرسڭىز؟دېمەكچى ئويۇمچە سىز بىر ئەسەرنى
ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ ئاندىن نام قىلىپ قوللانغان دەپ ئويلىدىم.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 11:17:35

مۇشۇ كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى دىگەن گەپلەرنى ئۇچراتساملا خىيالىمغا «مەمەت ئاۋاق» كېلىدۇ. مەمەت ئاۋاقنى داشودە ئوقۇۋاتقاندا بىر ساۋاقدىشىم قاتتىق تەۋسىيە قىلغان ئىدى. مەنغۇ ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتاپلارنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىلا ئوقۇپ بولغانمەن دەپ پو ئاتىدىغانلاردىن ئىدىم. داشو گە كەلگەندە بولسا چاسا خەتلىك توم توم كىتاپلاردىن نېرى بولالمايدىغان ۋاقىتلاردا ئۇ ساۋاقدىشىمنىڭ 3پادىشالىق، سۇ بويىدا، قىزىل راۋاقتىكى چۇش قاتارلىق مەن بۇرۇنلا شاما قىلىۋەتكەن كىتاپلارنى  ئوقۇيمەن كوتۇرۇپ يۇرگەنلىكىنى كورسەم خىيالىمدا كۈلەتتىم. ئارىدىن نۇرغۇن يىل ئوتەپ كەتتى، تور ئۇزۇلۇپ قالغان چاغلاردا ئاشۇ مەمەت ئاۋاقنى بىر ئوقۇي دەپ دەپ قاتتىق ئىرادە باغلىغان. لېكىن بىرنى تاپسام بىر يوق، توت كىتابىنى تەل قىلىپ باشلايمەن دىگەن كۈنلەردە قايتا نەشىرى ئۇچراپ قالدى. چىشىمنى چىشلەپ توتىلىسىنى ئالدىم. ئوزەمنى تەڭشەپ ئەمدى باشلاي دەپ يۇرگەندە ئابلەتخان دولەت نىڭ «مەمەت ئاۋاق» ھەققىدە يازغان تەسىرات ئۇچراپ قېلىپ شۇنى ئوقۇپ سالدىممۇ بولدى، زەھەردەك خۇمار قىلدى، ئىزدەپ سوراپ 3 قسىمىنى تېپىپ ئوقۇدۇم، ئۇقۇۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلدىم، تارام- تارام يىغلىدىم. سۈكۈتكىمۇ ھەم چومدۇم، بولدى «مەمە ئاۋاق» بولا، مۇش ئابلەتخاننىڭ  مەمتىكىدەك بولا دەپ ئىمپورت قىلغان «مەمەت ئاۋاق» تەكچىدىن چۇشۇرمەي ساقلاۋاتىمەن.
دىمەكچىمەنكى ئابلەتخان دولەتنىڭ مەمەت ئاۋىقى نىڭ 4 - قىسمى كىمدە بار؟

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 11:48:30

مەن بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ تۈنجى ئوقۇرمىنى سۈپىتىدە ئوقۇشقا باشلىدىم. مۇشۇ كۈنلەردە رومان ئوقۇپ ئولتۇرغان ئادەمنى نېمە دەيمىز؟ ياشاش پۇل تېپىش دېمەكتۇر، ياشاش ماسلىشىش دېمەكتۇر، ياشاش خۇشامەت قىلىش دېمەكتۇر، ياشاش باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش دېمەكتۇر، ياشاش باشقىلارنى كەمسىتىش دېمەكتۇر، ياشاش ئۆزەڭدىن باشقىلارنى قىيناش دېمەكتۇر، ياشاش ھەر نېمە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما رومان ئوقۇش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ھاياتىڭنىڭ بىر بۆلىكىنى بىر غەلىتە روماننى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمۇ؟
-----------------------------------------------------------------------------
ماۋۇ سۆزلەر قالتىس چىقىپتۇ.

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 13:05:23

tashadem يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 19:29 static/image/common/back.gif
مۇنبەردىكى ئورخاننىڭ كىتابىنى ئوقۇيالمىغانل ...

ھېلىمۇ شۇنداق غەلىتە كىتابلارنى ئوقىۋىرىپ بىنورمال جۈملىلەر ئارىسىدا ساراڭ بوپ قالمىغانلىقىڭىز ۋە شۇ چۈشىنىكسىز جۈملىلەر ئارىسىدا ھايات چىقالىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ ئېھتىراملار بولسۇن!:D

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 13:23:02

«‏جىمجىت ئۆي» «مېنىڭ ئاتىم قىزىل»دىن ياخشى چىققاندەك تۇرىدۇ. نەشردىن چىقسا چوقۇم سېتىۋالىمەن. «مېنىڭ ئاتىم قىزىل»نى ئوقىغاندا ئۆزگىرىشچان بايان لىنىيەلىرى ئالدىدا ئالىچەكمەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتورنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتىگە دىققىتىم مەركەزلىشىپ قېلىپ، نۇربەگنىڭ گۇڭگا شېئىرلىرىنى ئوقىغاندەك بىر قۇر ئوقۇپ چىققان بولغان ئىدىم. لېكىن سېرىق تەسۋىرلىرى كۈلدۈرىۋەتكەن ئىدى...

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 19:04:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-9 19:06  

«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ياخشى سېتىلغانمىدۇ؟ ئاراڭلاردا ئالايىتەن كىتابخانىغا بېرىپ مۇشۇ روماننى سېتىۋالغانلار بارمۇ؟ رومان سېتىپ پۇل تاپقانلار، خوتۇن ئالغانلار بارمۇ؟:)

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 19:18:10

مەن يېڭى ھاياتنى بەك تەستە بىر ئوقۇپ نەچچ تاشلاپ قويۇپ 60 بەت ئوقۇپ ئاخىرى چىدىماي بولدى قىلغان، تولىمۇ چۈشىنىكسىز، قاملاشمىغان بىر كىتابتەك ھېس قىلىمەن ھازىرغىچە.
مېنىڭ ئىسمىم قىزىلنىمۇ بىر ئوقۇپ ، ھازىر مەن قارا دەۋاتىتى، ئەمدى مەن جەسەت دەيدىغۇ، زادى كىم كىم بوپ كەتتى دەپ چۈشەنمەي ئالدى كەينىمگە تولا يېنىپ ئوقۇپ بولالماي ساق بىر يىل تاشلاپ قويدۇم.
كېيىنچە ئوقىغىدەك كىتابىم قالمىغاندا قايتا قولۇمغا ئالدى، ۋە تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ھەقىقەتەن قول قويغانىدىم، مەن سەن ئۇ دەپلا تەسۋىرلىمەستىن، ھەممە شەخسنىڭ بايانىنى شۇ شەخسنىڭ ئۆز تىلىدا بېرىش مەن ئۇچراتقان تۇنجى يېڭىچە ئۇسۇل...
بولۇپمۇ مەن ئىت، مەن قازى دېگەن بۆلەكلىرىدىكى پەلسەپىۋى بايانلار كىشىنى تەپەككۇرغا ئۈندەيدىكەن.
ئوقۇغانسرى قىزىقىپ، زادى قاتىل كىم دەپ ئادەم كىرىشىپلا قالىدىكەن.
ماۋۇ تور بەتتە ئورخان پامۇكنىڭ كىتابلىرى باركەن،  جۈملىدىن جىمجىت ئۆينىڭمۇ تۈركچىسى باركەن.ھەم تۈركچە سۈزۈك فىلىملەر كۆپ، كۆرۈپ باققايسىلەر.
http://tizyol.net/?p=3961
كىتاب تەرجىمىسىنى سېتىۋىتىش سېتىۋىلىش دېگەن ئۇقۇمنى تازا چۈشىنەلمىدىم، سېتىۋالغۇچى ئۆزىنىڭ نامىدا ئىلان قىلدۇرۋالامدۇ؟:funk:
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئورخان پامۇك: جىمجىت ئۆي