waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 13:09:38

بىز نىمىشقا چىمپىيون بولالمىدۇق؟

  مەملىكەتلىك cba مۇسابىقىسىنىڭ 2013- 2014- يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىىرلاشقىنىغا بىر ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت بولدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس كاماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە يەنە بىر قېتىم ئىككىنچىلىككە ئېرىشىتى. ئۇدا 4- قېتىم ئىككىنچى بولۇش نۇرغۇنلىغان زادىلا ئىككىنچى بولالمىغان كاماندىلار ئۈچۈن ياخشى نەتىجە ھېساپلانسىمۇ، ئەمما، بۇ نەتىجە كۆپلىگەن شىنجاڭلىق توپ مەستسنىلىرىنى داغدا قويدى.
قەلبى داغلانغان، ھاياجانلىق بۇ توپ مەستانىلىرى بۇ  بىر ئاينى ‹‹ئىككىنچى بولۇشنى شىنجاڭ كاماندىسى كۆتىرە ئالغانمۇ؟›› دىگەن سۇئالنىڭ قىينىقىدا ئۆتكۈزدى. بولۇپمۇ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدىن باشلاپ تېخىمۇ ئۇلغايغان كۈچلۈك ئەنسىرەك ۋە چىمپىيونلۇققا بولغان زىيادە ھېرىسمەنلىك بىز تاماشابىنلارنى بەكلا بىئارام قىلدى.  
    ئەمەلىيەتتە قىيينىلىشمۇ قەلبىگە ئازاپتىن ئىبارەت سۈيۈملۈك تۇيغۇ نىسىپ ئېتىلگەن كىشىلەرگىلا تەۋە بولالايدىغان كاتتا ئىنئام. ئازاپلىنىش بولمىغان كىشىدە ئويلۇنۇشمۇ، ئىنتىلىشمۇ بولمايدۇ. ئىنتىلىشى كەم بولغان قەۋىم ئۈچۈن نۇسرەت- نەتىجىمۇ، غەلىبە خۇشاللىقىمۇ نىسىپ بولمايدۇ.
    شۇڭا ئەمدى بىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى سەل- پەل بېسىۋېلىپ، ‹‹نىمىشقا چىمپىيون بولالمىغانلىقىمىز›› ھەققىدە ئەقىل نەزىرىمىز بىلەن ئويلۇنۇدىغان ۋاقىت كەلدى.
مەن بۇ يازمامدا مۇشۇ ھەقتىكى ئويلۇنۇشلىرىمنى ئۆز چۈشەنچەم بويىچە ئىزاھلاپ، مەستانىداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
      بىز بۇ مۇسابىقە پەسلىدە نىمىشقا چىمپىيون بولالمىدۇق؟
    1. شىنجاڭ كاماندىمىزنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئىدىيىۋى تەييارلىقى كەم بولدى.
    گەرچە بۇ پەسلىللىك مۇسابىقىدىن خېلى بۇرۇنلا گۇاڭخۇي كۇلۇبى ئامرىكىغا مەخسۇس خادىم ئېۋەتىپ، NBAنى كۈزەتكەن، شۇ جايدىن مۇۋاپىق باھا ۋە شۇ باھاغا لايىق چەتئەللىك ئەزا ئىزدەش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، دۆلەت ئىچى تەنھەركەتچىلەرنىمۇ زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىپ، قوشۇننى رەتكە سالغان بولسىمۇ، پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغان ۋاقىتتىكى باش تېرىنىر سۈي ۋەنجۈننىڭ بىر جۈملە سۆزى ھەممىمىزنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. شۇ ۋاقىتتا يولداش سۈي ۋەنجۈن ‹‹ بىزنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى نىشانىمىز 8 كۈچلۈك كاماندا قاتارىغا كىرىش›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
دىمەك، باش تېرىنىر بولغۇچى كىشىنىڭ مۇشۇ بىر جۈملىسىدىنلا بىز ئۇنىڭ ئاخىرقى غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ سۇسلىقىنى  ۋە باتۇر، مۇرات، شۈي گوچۇڭ، مېڭ دۇ...لاردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كاماندا ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، مۇسابىقىدىن ئاۋالقى ماسلىشىشنىڭ تازا ياخشى بولۇپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىگىنىدىن ئىبارەت رىئاللىقىنى ھېس قىلالايمىز. كېيىنكى ئەمەلىيەت باش تېرىنىرنىڭ بۇ ئەنسىرىكىنىڭ ئۇرۇنسىزلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ئىشەنچىسىنىڭ سۇسلىقىنىڭ توغرىلىقىنىمۇ ئىسپاتلىدى.
  ئەمەلىيەتتە قۇبۇل قىلىنغان يېڭى ئەزالارنىڭ ماسلىشىشى باش تېرىنىرنىڭ ئويلۇغىنىدىن، ئەنسىرىگىنىدىن خېلىلا ياخشى بولدى. بولۇپمۇ تەيۋەنلىك ئەزا ياڭ جىڭمىڭ بىلەن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ‹‹1- ئاۋغۇست›› كاماندىسىدا توپ ئوينىغان، بىز لىياۋنىڭدىن قۇبۇل قىلغان لىيۇ شۇنەن... قاتارلىق يېڭىدىن سەپلەنگەن ئەزالار ھەممىمىزنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. باش تېرىنىرنىڭمۇ ئىشەنچىسى بارا- بارا ئۇلغايدى. ئەمما، ‹‹ئىشتانغا چىققىنى كۆڭۈلگە ئايدىڭ›› دىگەندەك، كاماندا تېرىنىرىنىڭ باشتىكى ئۈمۈتسىز پوزۇتسىيەسى ۋە ئىشەنچىنىڭ سۇس بولۇشى نەزىرىمىزدىكى بۇ قەھرىمان كاماندىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىنى تارتقۇزۇپ قۇيۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە سەلبى رول ئوينىمىدى، دىيەلمەيمىز.
   مەن بۇ نوقتىدا ھەرگىزمۇ مۇسابىقىدىن ئاۋال ئەھلى جاھانغا ‹‹ بىز بۇ يىل چوقۇم چىمپىيون بولىمىزەي››، ‹‹رەقىپلىرىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىزەي›› دەپ مۇغەمبەرلىك قىلساق بولاتتى، دىمەكچى ئەمەس. بەلكى، ئۆزىمىزنى بەك ئۈمۈتسىز كۆرسىتىپ، رەقىبلىرىمىزگە ئۈمۈت بېغىشلاپ، ئۇلارنى روھى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىپ قۇيۇش مەلۇم جەھەتتىن پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دىمەكچىمەن. چۈنكى، ھەرقانداق بىر تەنھەركەت تۈرىنىڭ غەلىبىسى ئەڭ ئاۋال روھى ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. روھ ئۈستۈن، ئىشەنچ مۇستەھكەم بولسا نەتىجە بوسۇغۇسىغا ئاسانلا پۇت قۇيالايمىز.
   كاماندىنىڭ پەسللىك مۇسابىقىدىن ئاۋالقى ئىدىيىۋى تەييارلىقىنىڭ پۇختا بولماسلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئىككى نەپەر چەتئەللىك ئەزانىڭ بەكمۇ كېچىكىپ مۇقۇمدالغانلىقىدا كۆرۈلدى. قايسى كاماندىغا بارسا شۇ كاماندىنى ‹‹ئىككىنچى››لىككە ئېرىشتۈرەلەيدىغان شېڭگىردۇن ئۇزاققىچە ‹‹تەپمە ھالال›› قىلىنىپ،  بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرى ئاخرلاشقاندا ئاندىن رەسمىي بېكىتىلدى. نۇمۇر ئالغۇچى ئەزا خۇدېسۇنمۇ رەسمىي مۇسابىقە باشلىنىدىغان كۈنى ئاندىن ئامرېكىدىن ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى. گەرچە شېڭگىىردۇننىڭ ئىپادىسى ئاۋالقى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان، خۇدېسۇن ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە تالانتىنى يىتەرلىك جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ ئىككى چەتئەللىك ماھىرنىڭ كوماندىمىزدىكى دۆلىتىمىز ئىچكى ئەزالىرى بىلەنكى  مۇسابىقىدىن ئاۋالقى ماسلىشىشى كەم بولدى. ئۆز- ئارا ماسلىشىشىقىمۇ يىتەرلىك ۋاقىت نىسىپ بولمىدى. خۇدېسۇن ھەتتا مۇسابىقە باشلانغان تۇنجى كۈنى ئۆز كاماندىداشلىرىنى پەقەت كىيىم رەڭگىدىنلا پەرقلەندۈرەلىشى مۈمكىن ئىدىكى، ئىسمى بىلەن مەيداندىكى ئورنىنى تازا بىلمەسلىگى مۈمكىن ئىدى.  
   2. غەلىبىگە بولغان زىيادە قىزغىنلىق كاماندىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلدى.
      ھەممىمىزگە ئايانكى، بۇ يىل قىشتا  ھەممىمىز چىمپىيون بولمىساق زادى بولمايدىغاندەك، بۇ پەسىلدىن كېيىن cba مۇسابىقىسى قەتئى ئۆتكۈزۈلمەيدىغاندەك بىر خىل يۇقۇرى بېسىملىق ھالەتكە كىرىپ قالدۇق. بۇ يەردىكى بېسىم باش تېرىنىردىمۇ، كاماندا ئەزالىرىدىمۇ، رەھبەرلەردىمۇ، توپ مەستانىلىرىدىمۇ كۆرۈلدى. باشتا ئىشەنچىسى سۇس بولغان سۈي تېرىنىر ئاخىرىغا كەلگەندە (ئېنىقى، لىياۋنىڭ ۋە دوڭگۇەن كاماندىلىرىنى ئۇتۇپ، كاماندىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن) ئاندىن ئۆز كاماندىسىنى باشقىدىن تونۇپ، يېڭىياچە روھلۇنۇپ كەتتى.  تاماشابىلارمۇ بىراقلا ھاياجانلىنىپ، ئۆز ھاياجىنىنى كاماندىدىكى ئەزالارغا خىلمۇ- خىل شەكىلدە ئىزھارلاپ، ئۇلارنىڭ يىتەرلىك بېسىمىنى يەنىمۇ ھەسسىلەپ قويدى. بۇلار ئاز كەلگەندەك، ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىش ھارپىسىدا ئاتايەن كاماندا ئەزالىرىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن ‹‹چۇقۇم چىمپىيون بولۇش كېرەك›› دىگەن ئۈمۈدىنى ئىپادىلىدى. گەرچە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ خىل يوقلاشنى ‹‹كۆڭۈل بۆلگەنلىك››، ‹‹مەدەت بەرگەنلىك›› دەپ سۈپەتلىگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ‹‹ جان ھەلقۇمغا كەلگەندە ياسىن ئوقۇش››نىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەنھەركەتنى چۈشۈنىدىغان ھەرقانداق بەندە ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
   رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىيازمۇ ئەلۋەتتە تولىمۇ سۈپەتلىك بىر رەھبەر. تاماشابىلار ۋە  توپ مەستانىلىرىنىڭ ھاياجىنىمۇ، قوللىشىمۇ، قىقاس- سۈرەنلىرىنىمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم. لېكىن، ھەممە ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى، ئۆز قەرەلى بولىدۇ. ئوۋ نىشانىنى چەنلەپ، ئېنىق قارىغا ئېلىپ، تەپكىنى باساي دەپ تۇرغان ئاخىرقى نەپەستىكى ئوۋچىنىڭ مۈرىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ ‹‹ سەن چۇقۇم ياخشى ئات!›› ، ‹‹ھەممىمىزنىڭ ئۈمۈدى، ھەممىزنىڭ دىققەت نەزىرى سەندە!›› دىيىلگىنىدە ئاقىۋەت نىمە بولىدۇ؟ دىققەت چېچىلىدۇ! جىددىلىشىش كۆرۈلىدۇ! ئوق نىشاندىن قېيىپ كېتىشىمۇ مۈمكىن!
    بۇ يىلقى ھال دەل شۇنداق بولدى. ھەممىمىز گۇاڭخۇيدىكى شىرئەلىجان باشچىلىقىدىكى ئوۋچىلارغا شۇ يوسۇندا ‹‹ مەدەت›› بەردۇق، ئۈمۈت يۈكلىدۇق. ئاخىرىدا جىددىلىك كۆرۈلدى.  توپچىلىرىمىز جىددەلشكەنسېرى مەيداندىكى ئىپادىسى قالايمىقانلاشتى. قول بېغىشى قىسقىراپ، تىز- يوتىلىرى ئىگىلدى. ئاتقان توپلىرى قېيىپ كەتتى- ئەسلى ئىزىدىن ماڭماي قالدى!
شۇڭا، بۇ يىلقى مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق ساۋىقىنى يەكۈنلىگىنىمىزدە يېڭىلىپ قېلىشنىڭ ھەسسىدارلىقى يالغۇز ‹‹گۇاڭخۇي كاماندىسى ئەزالىرى››لا  بولماسلىقى مۈمكىن. ئۇلارغا جىددىلىك يۈكلىگەن ھەممىمىز بۇ مەسئۇلىيەتتىكى تىگىشلىك ‹‹تۆھپىمىز››نى ئىزدىشىمىز كېرەك.
   3. ئوتۇرا ھۇجۇمدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىز  بىزنى يەنە بىر قېتىم چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدىن مەھرۇم قويدى.
    كۆپ يىللار مابەينىدىكى گۇاڭخۇي كاماندىسى ۋە شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن ئالغاندا باتۇرنى يادرو قىلغان گار تۈۋىدىكى ئوتتۇرا مەيدان ئەڭ مۇستەھكەم بىر قورغان ھېساپلىناتتى.  يىللاردىن بۇيان بۇ ھەقتە ھېچبىر غودۇڭشۇشنىڭ بولماسلىقى ئوتۇرا مەيدانكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىدىن ئەمەس، بەلكى،  بۇ قورغاننىڭ ھەقىقەتەن مۇستەھكەملىكىدىن ئىدى. بۇ يىل دەل مۇشۇ قورغان مۇھىم تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ قالدى. گەرچە بۇ قورغاننى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، دىيەلمىسەكمۇ شىنجاڭ كاماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىسىنىڭ كوزىر بىر دەۋرى ئاخىرلاشتى، دىيەلەيمىز.
   بۇنىڭغا كۆپ دەلىل كەتمەيدۇ: باتۇر مەيدانغا چۈشكەن ھەرقانداق بىر كونتىرول مۇسابىقىدە چۇقۇم قارشى تەرەپنىڭ چەتئەللىك بىر ئەزاسى ئۇنى تورايتتى. نەتىجىدە شىنجاڭ كاماندىسى كۈرۈنمەس ھالدىكى بىر چەتئەللىك ئەزا ئارتۇقتەك ھالدا توپ ئوينايتتى. بۇ يىل ئۇ ھال ئۇنچە رۇشەن كۆرۈلمىدى.  قارىغاندا باتۇرنىڭ ئورنىنى ھەقىقى ئالالىغۇدەك ئوتۇرا مەيدان قورغىنى بىزگە پات نىسىپ بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. گەرچە، بۇ يىل 2.17مىتىرلىق ياش توپچى جۇۋچى مەيدانغا چىقىدىغان بولسىمۇ.
   4. مۇداپىئەدىكى ئەنئەنىۋى ئاجىزلىقىمىز بۇ يىلمۇ ‹‹كارامىتىنى كۆرسەتتى››.
    شىنجاڭ كاماندىسى ئۈچۈن ئالغاندا ھۇجۇم  رېتىمىنىڭ بىرقەدەر تىز، مۇداپىەنىڭ ئاجىز بولۇشى جاڭ شىڭچۈەن دەۋرىدىلا يىتىلگەن ئەسكى خۇي ئىدى.  (ھەم بۇمۇ باتۇرنىڭ كاماندىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى، ئۇ مۇداپىئەگە تىز قايتىپ بولالمايدۇ، دەپ قارىلاتتى) قارشى تەرەپتىكى ئەزانى ئاساس قىلغان، تاق كىشىلىك، يەككە توراشنى ئاساسى مۇداپىئە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەمدى كارغا كەلمەس بولۇپ قالغىنىنى ھەممىمىز كۆرۈپ يەتتۇق.  بولۇپمۇ بۇ يىل بۇ خىل ئۇسۇلدىكى مۇداپىئە ئۇسۇلى بىزگە شىرئەلىجاننىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇپ قېلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن مەيداندىن چىقىپ كېتىشكە سەۋەپ بولۇشتەك ئاچچىق ساۋاق بىلەنمۇ تەمىنلىدى.
  قېرىنداش كاماندىلارنىڭ مۇداپىئەسىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار مۇتلەق كۆپ ھاللاردا قوش كىشىلىك، ھەتتا كوللىكتىپ مۇداپىئەنى ئاساس قىلىدى. ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ سىزىقىنىڭ ئىچىدىلا بىر نەچچە قۇر مۇداپىئە چەمبىرىكى ھاسىل قىلىدى. ھۇجۇمچىلىرىمىز بۇ بىر نەچچە چەمبىرەكلىك مۇداپىئە سېپىنىڭ بىرىدىن ئۆتسە يەنە بىرىگە دۇچ كەلدى. ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتكىنىدە ئاخىرقى دۇقالدا ھۇجۇمى يەنىلا نەتىجىسىز بولدى. بىزدە ھۇجۇمچى ئەزانى قوغداپ، ئۇنىڭغا بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىدىغان نەمۇمە ئۇسۇل تولىمۇ كەمچىل بولدى. يۈچاڭدۇڭ، سۇ ۋېيلار ئانچە - مۇنچە  ھەركەت قىلىپ، ھۇجۇمچى ئەزالىرىمىزنى قوغدىغاندىن ئۆزگە باشقا ئەزالىرىمىز بۇنىڭغا كۆڭۈلشىمىدى. بۇمۇ بەلكىم سۈي ۋەنجۈن تېرىنىرنىڭ بۇ يىللىق مەشقتە چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەيدىغان بىر مۇداپىئە ئۇگەتمىسى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.
   5. كاماندا ئەزالىرىمىزنىڭ روھى كەيپىياتى تۇراقلىق بولمىدى.
بولۇپمۇ دائىملىق مۇسابىقە بىلەن پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقكىدە ياڭ جىڭمىڭ، شىرئەلىجانلارنىڭ ئىپادىسى بەكلا ئۆزگۈرۈشچان بولدى. بولۇپمۇ ياڭ جىڭمىڭنىڭ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى پەسىل ئاخىرى  ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرى ئەپسۇن ئوقۇۋەتكەندەكلا تۈەنلەپ كەتتى. تاڭ جىڭدۇڭمۇ بىر كۈنى 27 نۇمۇر، 15 گاردىن قايتقان نومۇر ئېلىپ ھەممىمىزنى خۇشال قىلسا، ئەتىسى بىراقلا بوشاپ قالدى.
بەلكىم، بۇ قارشى تەرەپنىڭ شۇ ئەزالىرىمىزغا بولغان توراش، كونتىرول قىلىشنىڭ كۈچەيگەنلىكى، ئەزالارغا ھاردۇق يەتكەنلىگى، روھى بېسىمنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىگى... قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەپلەرگە باغلىق بولۇشى مۈمكىن. مەيلى نىمىلا دىمەيلى، ئۇلارنىڭ دائىملىق مۇسابىقە بىلەن پەسىل ئاخىرىدىكى ئىپادىسىنىڭ بىر خىل بولالمىغانلىقى رۇشەن پاكىت.
   6.  زاپاس ئەزالاردا يىتەرلىك ‹‹قان يوق›› بولۇپ قالدى.
   مۇسابىقىدە يارىلىنىش ، جازالىنىش، ئىپادىسى تۇراقلىق بولماسلىق، قارشى تەرەپ ئەزاسىغا قاراپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش... قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن ئەزا ئالماشتۇرۇش ئەقەللى بىر ساۋات. ئالماشتۇرۇلىدىغان ئەزالارنىڭمۇ نىسبى مۇقىم ئورنى ۋە پەيتى بولىدۇ. باش تېرىنىر مەيدان ۋە قارشى تەرەپ ئەزالىرىدىكى ئۆزگۈرۈشكە ھەرۋاقىت سەگەكلىك بىلەن دىققەت قىلىپ، ئەڭ مۇھىم پەيتلەردە كەسكىنلىك بىلەن ئەزا ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم بىر شەرت ئالماشتۇرۇلغان زاپاس ئەزا چۇقۇم ئەسلى ئەزانىڭ ئورنىنى تولۇقلىيالىشى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
   ئەپسۇس، بۇ يىل شىنجاڭ كاماندىسى ئۈچۈن ئۇنداق بولماي قالدى. ئاساسلىق ئەزالار بىلەن زاپاس ئەزالارنىڭ پەرقى بەك رۇشەن بولۇپ قالدى. گەرچە تاڭ جىڭدۇڭنىڭ ئورنىغا سۇۋېي، شىرئەلىجاننىڭ ئورنىغا جاڭ چىڭپىڭ، يۈ چاڭدۇڭنىڭ ئورنىغا لىيۇ شۇنەن، ياڭ جىڭمىڭنىڭ ئورنىغا قىرانبەگ ۋە يەنە باشقا بىرنەچچە تەنھەركەتچى ئورۇنباسار بولۇپ ئالمىشىۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، زاپاس ئەزالار ئورنىدا ئولتۇرغان يەنە بىر تۈركۈم ئەزالار زادىلا مەيدانغا چىقمىدى. ئالمىشىپ چىققان ئەزالارنىڭمۇ رولى ئاۋالقى ئەزالارنىڭكىدەك كۈچلۈك بولمىدى-دە، ئانچە ئوينىمايلا يەنە چۈشۈپ كەتتى. بۇ ھال ئاساسلىق ئەزالىرىمىزنىڭ بەدەن قۇۋىتىنى بەكلا خورىتىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپ كاماندا تىرىنىرى بىلەن ئەزالىرى بىزنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىمىزنىڭ ھەر بىر خۇي- پەيلىنى تولىمۇ ئېنىق بىلىپ كەتتى. بۇ خىل بىلىش ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسىدىكى يۇچۇقنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
   بېيجىڭ كاماندىسىغا قارايدىغان بولساق، كىمنىڭ ئاساسلىق ئەزا، كىمنىڭ زاپاس ئەزا ئىكەنلىگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە  رولىنى تەكشى جارى قىلدۇردى. ھۇجۇمدىمۇ، مۇداپىئەدىمۇ بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاپلا تۇردى. بىز ئۈچۈن دەل مۇشۇ خىل تولۇقلاشنىڭ يىتەرلىك بولمىغىنى چىمپىيون بولالماسلىقىمىزدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەپ بولۇپ قالدى. شۇڭا ئەمدىكى ساۋاقلىرىمىزنى يەكۈنلەش قاتارىدا سۇن ۋېيبۇ...  قاتارلىق كىيىم ساقلاشتىن باشقا زادىلا  رولى يوق بىر تۈركۈم ‹‹گۈلتەشتەكلىرى››نى قىسقارتىپ، ئورنىغا ھەقىقى كۈچ بېرەلەيدىغان، زاپاس قان تولۇقلىيالايدىغان، مۇنەۋەر، ياش تەنھەركەتچىلەرنى تولۇقلاش زۈرۈر بولۇپ قالدى.
   يۇقارقىلار مېنىڭ يۈزەكى قاراشلىرىم. بۇ قاراشلىرىمدا بەلكىم، كۆپ خاتا ۋە كەمتۈك تەرەپلەر باردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەرداشلىرىمغا ئۆزرەم بار.
  بۇلاردىن باشقا يەنە چەتئەللىك ئەزا قۇبۇل قىلىشتا پۇل- مائاشنىلا ئەمەس،  بەلكى، كوماندىنىڭ چىمپىيونلۇقىنىمۇ كۆزلەيدىغان، ئىچكى ئېنىرتسىيەسى كۈۋەجەپ تۇرىدىغان تەنھەركەتچىنى قۇبۇل قىلىش كېرەك. بىزدىكى خۇدېسۇن بىلەن بېيجىڭ كاماندىسىدىكى مابولى دەل شۇنداق ئۆز كاماندىسى ۋە چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئىچ- ئىچىدىن كۈيىدىغان مۇنەۋەر چەتئەللىك ئەزالاردۇر.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php


yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:26:20

ئەتراپلىق تەھىلىل بوپتۇ

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:23:22

ۋاسكىتبولدىمۇ نۇرغۇن بىلىملەر باركەنا .

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 16:30:51

تولۇق ئوقۇۋەتتىميا ما تېمىنى.

Mestane يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 17:48:40

مەن ئادەتتە شىنجاڭ كوماندىسىدىن باشقا كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرمەيمەن،ۋاسكىتبولنىمۇ ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن.قارىسام تېما ئىگىسى ۋاسكىتبول بىلىمىڭىز خىلى يۇقۇرى ئىكەن،شۇنى سوراپ باقسام ،شېرئەلى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان راستىنلا يارلاندىمۇ ياكى «يارلاندى»مۇ؟ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 05:37:30

سىياسىي مۇددىئا يوق دىيەلەمسىز؟  ئاخىرقى مەيداندىكى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ.  ئالدىن ئورۇنلاشتۇرلمىغانمۇ؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 13:11:34

تەھلىلنى ياخشى قىلىپسىز،،،سىز شىرئېلىجان بولامسىز؟

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 15:45:18

ۋاسكېتبولنى ياپۇنىيىنىڭ ھېلىقى كارتون فىلىمىنى كۈرۈپ بىلگەنتىم . ھېچقاچان تەنتەربىيەگە ئائىت يازمىنى بۇنداق تەپسىلىي ، بۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ ئوقۇپ باقمىغانتىم {:112:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 16:03:05

ئىككىنىچى بۇلۇپ كىلۋاتقىلى خىلى يىللار  بوپتۇ ، ئەمما  بۇ يىل داغدۇغا  قەتتى ئوخشمايدىيا  ...
ياكى يىللاردىن بۇيانمۇ مۇشۇنداق داغدۇغا  بولغان بولسا  مەن   بىلمەي قالدۇقمۇ يا  ؟
بەت: [1]
: بىز نىمىشقا چىمپىيون بولالمىدۇق؟