hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 12:40:08

يەسەۋىدىن بىر ھېكمەت

يەسەۋىدىن بىر ھېكمەت

ئايا دوستلار نادان بىلەن ئۇلپەت بولۇپ،
باغرىم كۆيۈپ جاندىن تويۇپ ئۆلدۈم مەنا،
توغرا ئەيتسام ئەگرى يولغا بويۇن تولغار،
قانلار غەم زەھرىگە تويدۇم مەنا.

نادان بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈڭ نارى سەقەر،
نادان بىلەن بارساڭ دەۋزەخ قىلغاي ھەزەر،
نادان بىلەن دەۋزەخ سىرى قىلماڭ سەپەر،
نادان ئىچرە غازاڭ رەڭلىك شۇلدۇم مەنا.

دۇئا قىلىڭ نادانلارنىڭ يۈزىن كۆرمەي،
ھەق تەئالا رەپىق بولسا بىر دەم تۇرماي،
بىمار بولسا نادانلارنىڭ ھالىن سورماي،
نادانلاردىن يۈزمىڭ جاپا كۆردۈ مەنا.

يەر ئاستىغا قېچىپ كىردىم نادانلاردىن،
ئىلكىم ئېچىپ دۇئا تىلەپ مەردانلاردىن،
غىرىب جانىم يۈز تەسەددۇق دانالاردىن،
دانا تاپماي يەر ئاستىغا كىردىم مەنا.

نادانلارنى مەندىن سورماي كۆكسۈم جەغە،
ھەقدىن قورقۇپ ماتەم قۇرسام كۈلەر قەھقەھ،
ئاغزى ئوچۇق نەفسى ئۇلۇغ مىسال لەقە،
نادانلاردىن قورقۇپ ساڭا كەلدىم مەنا.

تاما قىلما نادانلاردىن قەدرىڭ بىلمەس،
زۇلمەت ئىچرە يول ئاداشساڭ يولغا سالماس،
بوينۇڭ قىسىپ زارى قىلساڭ قولۇڭ ئالماس،
نادانلاردىن شەكۋە ئەيلەپ كەلدىم مەنا.

ئەۋۋەل ئاخىر خۇبلەر كەتتى قالدىم يالغۇز،
نادانلاردىن ئىشىتمىدىم بىر ياخشى سۆز،
دانا كەتتى نادان قالدى يىدىم ئەپسۇس،
يول تاپالماي ھەيران بولۇپ قالدىم مەنا.

داغى ھىجران ئەزدى باغرىم دەرمەندە،
نادان تۇپراق دانالارنىڭ كۆڭلى بىلەندە،
ئايەت ھەدىس بايان قىلسام قىلماس پىسەندە،
كۆكسۈم تىڭشاڭ دەردۇ غەمگە تويدۇم مەنا.

دەردى ھالەت تۇغيان قىلدى بارمۇ تەبىب،
ئەرزۇ ھالىم ساڭا ئەيتاي يالغۇز ھەبىب،
بارچە تالىب ئۈلۈش ئالدى مەن بى نەسىب،
ئۈلۈش ئىزدەپ ياشىم تۆكۈپ كەلدىم مەنا.

خانۇ مانىڭ تەركى ئەيلەپ ئۈلۈش ئالغىل،
ئى بىخەبەر دۇنيا ئىشىن ئارقىغا سالغىل،
ئاللاھ سۈنئى لۇتفىن كۆرۈپ ھەيران قالغىل،
كۆرەرمەن دەپ ئۇمىد بىلەن كەلدىم مەنا.

دېدار ئۈچۈن گەدا بولدۇم ئامىن دەڭلار،
ئى تالىبلار ھالىم كۆرۈپ غېمىم يەڭلار،
يولدا قالغان قۇلئەھمەدكە يول بېرىڭلار،
يولنى ئىزدەپ گەدا بولۇپ كەلدىم مەنا.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 12:54:49



مۇھەببەتسىز خالايىقتىن
مۇھەببەتسىز خالايىقتىن ھەركىم قاچسا،
ئارىفلارنىڭ سۆھبىتىدە جەۋلان قىلۇر.
ئۆرتەپ يېنىپ ئىشق يولىدا ياشىن ساچسا،
سۇبھان ئىگەم ئەرش ئۈستىدە مېھمان قىلۇر.

بەندەم دېگەي كۆيگەنلەرنى سۆيۈپ ئاللاھ،
ھەق كۆرسەتكەي دېدارىنى ۋاللاھ بىللاھ،
قايدا بارسا تەسبىھلەر ئاللاھ ئاللاھ،
ھەرنە تاپسا ھەق يولىدا ئېھسان قىلۇر.

زاكىر بولۇپ زىكرىن ئەيتسا كەلگەي نىدا ،
شەيتان لەئىن يەتمىش پەرسەڭ بولغا جۇدا،
دەردى بولسا ھەق دەردىگە بەرگەي داۋا،
ئانداق قۇلنى ئۆزى ئىزلەپ جانان قىلۇر.

تۈن سەھەلەر ھەق ئويغاتىپ قان يىغلاتار،
بىدار قىلىپ ئۆز ئىشقىغە بەل باغلاتار،
داۋاسى دەردنى بېرىپ زار ئېڭراتار،
مۇندا يىغلاپ ئاندا بارسا سۇلتان قىلۇر.

ھەقغە ئاشىق بولغان قۇللار دائىم بىدار،
رىزۋان ئەمەس مەقسۇدلەرى ئېرۇر دېدار،
ئەھلى ئايال خانۇماندىن بولۇر بىزار،
ئىسمائىلدەك ئەزىز جانىن قۇربان قىلۇر.

دېۋانەلىك چۆللىرىدە ھەقنى تاپقان،
شەمشەر ھەقنى قولغا ئېلىپ نەفسن چاپقان،
قايدا بارسا كۆزنى يۇمۇپ سىرنى تاپقان،
ئانداغ سىرنى تاپقان كىشى مەردان بولۇر.

شەيخ مەن دېيۇ باش كۆتەرىپ ھەقغە رەقىپ،
مەنلىك قىلىپ سۇبھانىغا بولماس ھەبىب،
بىدار بولۇپ دەردسىزلارغا بولغاي تەبىب،
بۇ دۇنيانى مۇئمىنلارغا زىندان قىلۇر.

ئەي مۇئمىنلار تائەت قىلىپ تايانماڭلار،
ئامانەتدۇر ئەزىز جانغا ئىشەنماڭلار،
ھارام ھەرىس يىغمىش مالغا ئىشەنماڭلار،
ماللارىڭنى قۇرەيش ئاتلىغ يىلان قىلۇر.

بۇ دۇنياغا بىنا قويغان قارۇن قېنى،
دەئۋا قىلغان فىرئەۋن بىلەن ھامان قېنى،
ۋامۇق ئۇزرا فەرھاد شىرىن مەجنۇن قېنى،
قەھرە ئەيلەسە بىر لەھزىدە يەكسان قىلۇر.

ھېچ بىلدىڭمۇ ئادەم ئۆلمەي قالغانىنى،
بۇ دۇنيانىڭ ۋاپاسىنى بىلگەنىنى،
دۇنيا تىلەپ بۇيى خۇدا ئالغانىنى،
ئاللاھ دېسەڭ كۆز ياشىڭنى باران قىلۇر.

ئىشق دەردىغە داۋا سورغان ھازىر تەلبە،
زاھىردە يوق باتىن ئىچرە قىلۇر جىلۋە،
مەغزى سەرىڭ باغرىڭ ئىچرە قىلۇر غەلۋە،
ئىشق دەردىغە داۋا قىلسا رەھمان قىلۇر.

كىمنى كۆرسەڭ بۇ يوللەردە يالغان ئاشىق،
زاھىر سوپى باتىن ئىچرە ئەرمەس سادىق،
ئېنىڭ ئۈچۈن مەشۇقىغا بولماس لايىق،
ئول ئاشىقنى خالايىققا سۇلتان قىلۇر.

تەن سۆزلىمەس جان سۆزلىمەس ئىمان سۆزلەر،
جاندىن كەچكەن چىن ئاشىقلار ھەقنى كۆزلەر،
ئارىفلارغا خىزمەت قىلىپ يولىن تۈزلەر،
ئول ئاشىقنى خالايىققا سۇلتان قىلۇر.

ئاشىق بولساڭ كېچە كۈندۈز ئىشق ئىستەگىل،
تائەت قىلغىل كېچە قوپۇپ ھېچ ياتماغىل،
ئاقىل بولساڭ نادانلارغا سىر ئەيتماغىل،
چىن دەرۋىشلەر تائەتلارىن پىنھان قىلۇر.

ۋاي ئۇشۇنداغ دەرۋىشلاردىن پاناھ بەرگىل،
ئول نادانغا ئۇلپەت قىلماي جانىم ئالغىل،
ئايا مەھبۇب يولدا قالدىم يولغا سالغىل،
تەۋبەلىقنىڭ خواجەم جايىن بوستان قىلۇر.

ئاشىق بولساڭ ئىشق يولىدا فەنا بولغىل،
دېدار ئىزلەپ ھەسرەتىدە ئادا بولغىل،
مەرھەم بولۇپ چىن دەردلىككە داۋا بولغىل،
خەلقى خۇشنى جان ئالۇردا ئاسان قىلۇر،

ئاشىقلەرى ھەقغە باقىپ نەئرە تارتار،
مۇھەببەتنىڭ دەرياسىغا چۈمۈپ پاتار،
گەۋھەر ئالىپ مەشۇقىغا زارىن ئەيتار،
قەترە ياشى يەرگە تامسا ئىمان قىلۇر.

ئاشىقلارغە بەردى ئىشقىن كۆيدۈرغالى،
زۇلەيخادەك قەددىن دۇتاھ قىلدۇرغالى،
رىيازەتتە رەڭگى رۇيىن سۇندۇرغالى،
چىن ئاشىقنىڭ رەڭگى رۇيىن سامان قىلۇر،

ئاشىقلارى ھەق قەھرىدىن قورقۇپ تىترار،
يەر ۋە كۆكتە مالائىكلەر يىغلاپ تۇرار،
گاھى قىزىل گاھى سېرىق بولۇپ يۈرەر،
(گەۋھەر ئېلىپ مەشۇقىغە زارىن ئەيتار)،
نالە قىلىپ يەر ۋە كۆكنى لەرزان قىلۇر.

ئاشىقلارنى خاس مەشۇقى سەھەر ئىزلەر،
(ئاشىقلارنىڭ خاس مەشۇقى سەھەر خىزلار)،
نىدا قىلغاي يا ئەھەد دەپ باتىن كۆزلەر،
(نىدا قىلغاي يا ئەبەدى دەپ باتىن كۆزلەر)،
ئىشق شىددەتى تۇغيان قىلسا دەردى زورلار،
قايدا سەن دەپ يۈرەك باغرىن بەريان قىلۇر.

قايدا سەن دەپ، قايدا سەن دەپ ئاشىق ئەيتار،
ئاشىقلاردا نە ھەد بولغاي مەشۇق ئەيتار،
(ئاشىقلاردا ئەديەھ بولغاي مەشۇق ئەيتار)،
ئاغزى ئەيتماس تىلى ئەيتماس دىلى ئەيتار،
ئۈچيۈز ئاتمىش تومۇرلىرى لەرزان قىلۇر.

ئاشىقلارنىڭ قىيامەت كۈن ھالىن سورغاي،
چىن ئاشىقنىڭ كۆكسىن يېرىپ داغىن كۆرگەي،
پاك ئاغزىدىن كۆفۈكى ئاقىپ تۈكۈرۈپ يۈرگەي،
كىمگە بەرسە پاك ئىشقىنى ھەيران قىلۇر.

ئاشىقلارنىڭ تەلەپلىرى جامى شاراب،
مەشۇقىغە يەتمەك ئۈچۈن باغرى كاباب،
روھلارىنىڭ غىزاسىدۇر چەڭ ۋە رەباب،
ئاھى چىقسا يەتتە ئىقلىم ۋەيران قىلۇر.

قۇدرەت بىرلە ھەرنە قىلسا ئەرىكلىك ئۆزى،
قۇدرەتىدىن مەئلۇم تۇرۇر قىش ۋە يازى،
ئەي نائىنساف ئاللاھ بىلەن قىلما بازى،
قەھھار ئىگەم جانلىقلارنى بېھجان قىلۇر.

يىغلىماقنى ھەر ئادەمگە بەرگەن قانى (قانىئ)،
يىغلىماغلىق ئاسان ئەمەس باغىر قانى،
كۆز ياشىڭنى رىيا قىلما ھەقنى قانى،
ھەق تەئالا سۆيگەنلەرنى گىريان قىلۇر.

قۇلخواجە ئەھمەد بەندە مەندەپ ئۇرمىغىل لاپ،
رىيا بىرلە قىلغان تائەت بارچە كەززاب،
شەرىئەتتە تەرىقەتتە كارىڭ خىلاپ،
ئاخىرەتتە كەززابلارنى ئۇريان قىلۇر.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 15:22:20

تەن سۆزلىمەس جان سۆزلىمەس ئىمان سۆزلەر،
جاندىن كەچكەن چىن ئاشىقلار ھەقنى كۆزلەر،
ئارىفلارغا خىزمەت قىلىپ يولىن تۈزلەر،
ئول ئاشىقنى خالايىققا سۇلتان قىلۇر.
  ……
  ماۋۇ يىرى بەك پەيزىكەن

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 10:51:10




بەت: [1]
: يەسەۋىدىن بىر ھېكمەت