hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 10:29:37

ئەسھابۇلكەھف ھەققىدە مۇخەممەس

پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن رايۇنى، بازار مەدرىس ئالدى مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ۋاڭلىق ئوردىسىدا مۇدەررىسلىك، تۇرپان رايۇنىنىڭ ئەلەملىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن ئالىم ۋە شائىر موللا ئەخمەت قۇسۇرى"رەۋزەتۇز زوھرا" ناملىق ئەسىرىدە ئەسھابۇلكەھف غارى توغرىلىق مۇنداق يازىدۇ:

ئەسھابۇلكەھف ھەققىدە مۇخەممەس
خۇدا ھەمدىنى دەرمەن مەخزەنى دۇررى گۆھەردۇر بۇ،
قىلۇردا خۇشناۋالىق تۇتىيى جانغا شېكەردۇر بۇ،
تۆكۈلگەن قۇدۇسى باغ شاخى سارىدىن سەھەردۇر بۇ،
ئەزەل ئىقلىمىدىن شان شاھان قىلغان سەپەردۇر بۇ،
ھەمە ئەشيادا جارى تا ئەبەد بەھرى دۇرەردۇر بۇ.

خۇدايىكىم تەئەققۇل مۇمتەنىئدۇر پاك زاتىدىن،
تەسەۋۋۇر نەقسى ھەيرەت ھەم كالاماتى سۇپاتىدىن،
نە مىسلى زېھنى يا خارىجدادۇر ئىلىمى ھاياتىدىن،
تېپىپدۇر ۋاجىبى ئاسارىنى ئۆز مۇمكىناتىدىن،
مۇسەررىپ زاھىرۇ باتىن مۇدەببىر بەھرى بەردۇر بۇ.


تەپەككۇر قىل نە ئىشلار ئول شەھى زۇل كىبرىيا قىلمىش،
زۇھۇرى رەھمىتى كۇففار ئىچىدىن ئەنبىيا قىلمىش،
يېشىل ئوتتىن قىزىل ئوت ياندۇرۇپ گۈل ئوت ئارا قىلمىش،
بېلىق سۇدا، سەمەندەر ئوتتا، قەقنۇس گۈلدە جا قىلمىش،
ۋۇجۇدىڭ تۆت زىددىن ھېكمىتى قىلغان بەشەردۇر بۇ.

كامالى قۇدرىتىنى كۆر، ئاڭا تۈز قىلى تەۋەككۇلنى،
پەلەك ئەيۋانىدا ئەنجۈمنى، يەر مەيدانىدا گۈلنى،
تەزەللۇل شاھلاردا، ھەم گادالاردا تەھەممۇلنى،
چۈمەندە كۈلدۈرۈپ لالە، نېچۈك يىغلاتتى بۇلبۇلنى،
ئېغىزدە پارەئى تىل ــ دەپتەرى ئېلىم ھۈنەردۇر بۇ.

زەمىنۇ ئاسىمان قۇدرىتىغا دائەنى خەردىل،
نىزامى كارىگاھى ۋەھدەتىغە شاھىدى ئادىل،
ئەمەسدۇر كۆرمەكىگە زەررىنى توققۇز پەلەك ھايىل،
ھەزارى، زەئىفى سەۋتىنى ئاڭلاردىن ئەمەس غاپىل،
تەئالاللاھۇ نە يەڭلىغ قۇدرىتى سەمئى بەسەردۇر بۇ.

جانابى ھەق تەنەززۇھ، ھەم تەئەززۇزدا ئىدى ئەئلا،
ۋەسىلە ئەنبىيانى قىلدى ئالەم ئەھلىگە ئەھۋا،
خۇسۇسەن ئول ھەبىبى ساھىبى قەۋسەينى ئەۋ ئەدنا،
ماقامى "لى مەئەللاھ" مەھرەمى ئەسرارى "ما ئەۋھا"،
رىسالەت خىلى سۇلتانى جاھانىغا زىبى پەردۇر بۇ.


تۈپەيلىدىن ياراتتى جۈملە مەۋجۇداتىنى مەئبۇد،
زەمىنۇ ئاسىمان، خەلقىدىن ئول مۇھەممەد ئىدى مەقسۇد،
مۇھىببىغا بېھىشتۇ، مۇنكىرغا دەۋزەخ ئەيلىدى مەۋجۇد،
شاپائەتتىن ئىككى ئالەم ئەھلى تاپتىلەر بەھبۇد،
سىپاتى زاتى مىرئاتى زەھى ئالى نەزەردۇر بۇ.

ۋىسالى تالىبى سۇبھان شېبىستانى بولۇپ مېئراج،
بۇراقى نەئلىنى سەييارىلەر باشىغە قىلدى تاج،
يولىدا ھاجىبى پەيگى مالائىك ئېردىلەر ئەفۋاج،
گۇرۇھى ئەنبىيا ھەم بىر قىيا باقماقغا ئىدى مۇھتاج،
زىيائى گۈلشەنى ئەپلاكى ھەم شەمسۇ قەمەردۇر بۇ.

مەشامى ئەھلى دىل سەندىن مۇئەتتەر ياراسۇلەللاھ،
زىلالى ئابى گىل سەندىن مۇنەۋۋەر ياراسۇلەللاھ،
كالامى خەلقى نەئتىڭدىن مۇقەسسەر ياراسۇلەللاھ،
تامامى تىل دۇرۇرىڭدىن مۇتەھھەر ياراسۇلاللاھ،
ھۇمامى ئەرش، ئىمامى پەرشىغە زىكرى سەھەردۇر بۇ.

خۇدايا بىنەھايەت رەھمىتى تەسلىمى بىغايەت،
ھەبىبىڭ روھى پاكى جىسمى ئەزاسىغە قىل ۋەسلەت،
ھەم ئالى ساھابىكىم جان نىسار ئەتتى قىلىپ ھىجرەت،
خۇدايى خانىمان ئەيلەپ ئۇلاركىم قىلدىلەر نۇسرەت،
سىيادەت مەشئىلىدۇر ئول نۇجۇمى راھىبەردۇر بۇ.


خۇسۇسەن يار ئەۋۋەلكىم رەپىقى غار ھەم سىددىق،
زىيادە ئېردى بۇ مەجمۇئى ئۇممەتدىن ئاڭا تەسدىق،
ئىككىنچى نايىبى پارۇق ئەئزەم ئېردى بىتەھقىق
يورۇتتى دەھرىنى شەرئى ئادالەتتە قىلىپ تەدقىق،
خەلىفە تاجىۋەردۇر ۋە شەھىنشاھى دادىگەردۇر بۇ.

ئۈچۈنچى جا نەشىنى مەنبەئى ھىلمۇ ھەيا ئېھسان،
ئىسمى ئوسمانى زىننۇرەيندۇر ھەم جامىئىل قۇرئان،
يانا قائىم ماقامى مۇرتېزا ئېردى شەھى مەردان،
مەدىنە ئىلمى بابى رازدانى مۇسھەفى ئىفان،
ساخاۋەت مەئدەنىدۇر ئۇ، غەزاتتا شىر نەردۇر بۇ.

دېيىلدى چۈن سىپاتى كىردىكارى نەئتى ھەم ئەلقاب،
قىلاي تەۋپىقى بىرلە نەزمى مەدھى ھەزرىتى ئەسھاب،
جەھان ئارايىشدۇر ھەم زامان ئاسايىشى ئەفتاب،
رىيازى جانىدىل ئابىھاياتى پەيزىدىن سىيراب،
خەۋاسى ئەتقىيا ۋە ئەۋلىياغە تاجى سەردۇر بۇ.

ئۇلۇسغە كەئبە يەڭلىغ قىبلەئى ھاجاتى بۇ دەرگاھ،
شۇھۇد ئىچرە نىچۈككىم تۇر تاغىدا كەلىمۇللاھ
تەنى پانىدا، روھى باقى ئەرمىش بارچىدىن ئاگاھ،
نەكىم مەقسۇدىدۇر ھاسىل بولۇر مۇھتاجىغا دىلخاھ،
تۈشۈپ خىزمەت ئۈچۈن دائىم مەلائىكغە مەقەردۇر بۇ.
كېلىپ شەئىدە "زىدناھۇم ھۇدەن" ئاياتى قۇرئانى ،
يېتىپ غەمكىنۇ ئاجىزلەرغە دائىم لۇتفى ئېھسانى،
ئىنايەت بەسكى قىلمىش ئەلگە بۇ ئىلتاف رەببانى،
مۇبارەك ئىسمى دەرلەر ۋىلايەت ئەھلى سۇلتانى،
پەناھى خاسۇ ئامۇ پادىشاھى خۇشكى تەردۇر بۇ.

ئەلەستۇ بەزمىدە ئەقدا پەرھى نۇش ئەيلىگەن ئۇششاق،
نىيازى مەسكەنەت غارغە يۈز قويمىش ئىدى مۇشتاق،
ۋەلى جامى مۇھەببەت مەستلىكىدىن قوپمىدى ئويغاق،
ۋىسال ئۇيقۇسىدە ئۇششاقغە تۇپراق ئېرۇر ئۇچماق،
نە ئۇيقۇ تەنغە روھى قۇدس شېكەرىدىن ئەسەردۇر بۇ.

كالامى ھەقدە مىن ئاياتى "فەزكۇرۇنى" ئىزافەتدۇر،
بۇ تەخسىس ئەيلىگەندىن زاتى پاكىغە ئىشارەتدۇر،
نىشانۇ بى نىشانىنى مۇندىن ئىستەرگە دەلالەتدۇر،
قىلۇرغا مەدھىنى ھەم مەندەك ئەسفەلغە خىجالەتدۇر،
نەدىنكىم ۋەسفىدە ئايات بەس بەس ئەئلا خەبەردۇر بۇ.

كەراماتى غىرىب ئىشكىدە زاھىر بەلكى ئەئجازى،
مەتابىئ "كەلبۇھۇم باستۇن زىرائەيھى" بولدى ھەم ئازى،
كەرەمدىن ھەقتەئالانىڭ كەمەندى ئىشقى ئەندازى،
تەنى خاكىنى قىلدى روھى مەھۋەش ھۆسنى پەردازى،
ئېتى قىتمىر، ئىشى نادىر ئەجايىب نامىۋەردۇر بۇ.

بىرەۋكىم باتىنىدۇر ماھى ئىرفان نۇرىدىن تابان،
بەسىرەت ئەھلى زاھىر زۇلمىدىن بولماس ئاڭا نۇقسان،
جەمالى جان پەزاسىنى مەگەر ئەيلەرمىش پىنھان،
كەمالى ھۆسنى روھىنى نە بىلگەي مەن كەبى نادان،
بەلەند ئۇچماقغە ھەر بىر مويى گۇيا بالۇ پەردۇر بۇ.

يەپىبدۇر ئاسمانىن بىر مۇزەييەن گۈمبەزى خۇزرا،
مۇنەققەش سەقپى فۇسھەت نۇزھەتىدۇر مەسجىدى ئەقسا،
ھەمە ئەتراپى تاكۇ، ئابى پاكۇ ساب دىل ئارا،
لەزىز ئەسمارى بىرلە باغراغى جەننەتۇل مەئۋا،
زىيارەت ئەھلىغە لۇتفىدىن ئولغان ما ھەزەردۇر بۇ.

جەنابىڭدىن ئۇمىدى رەھمىتى كۆپ ۋاجىداتى ھەق،
ئىنابەت ياقىسىنى چاك قىلغان ئاشىقانى ھەق،
بۇدۇر ئەھمەد قۇسۇرى ھاجىتى ئى ئارىفانى ھەق،
كۆتۈرسەن رىشتىئى ئىمدادى بىرلە دوستانى ھەق،
يېقىلغان بىر سەگى كۆرگىن گۈرۈسىنە دەربەدەردۇر بۇ.



بەت: [1]
: ئەسھابۇلكەھف ھەققىدە مۇخەممەس