ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 02:57:13

ئەھمەد يەسەۋى كىم؟

                                                                                          ئەھمەد يەسەۋى كىم؟


خوجا ئەھمەد يەسەۋى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ئەسىرلەرچە تەسەررۇپى داۋام قىلغان ۋە «پىرى تۈركىستان»، «ھەزرىتى تۈركىستان» ناملىرى بىلەن ئاتالغان بۈيۈك بىر تۈرك مۇتەسەۋۋۇپى، ۋە بىر كامىل مۇرشىدتۇر. سۇفى بىر شائىر ۋە تەرىقەت ساھىبى بىر مۇرشىد بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان يەسەۋىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىرىنى ئورناتقان ھەمدە ھازىر پۈتۈن دۇنيادا كەڭ دائىرىدە تارقالغان نەقىشبەندىيە تەرىقىتى بىلەن، كۇبرەۋىييە، چىشتىييە قاتارلىق رايون خاراكتىرلىك تەرىقەتلەرگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

ئەھمەد يەسەۋىگە ئاتالغان مەنقىبەلەردە قەيت قىلىنغان كارامەتلىرى كاشىغەردىن بالقانغىچە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەندۇر. ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردە ياشىغان تۈرك قەۋملىرى ئارىسىدا شۆھرىتى ئەھمەد يەسەۋنىڭكىدەك كەڭ تارالغان باشقا ھېچبىر ئەۋلىيا يوق. پۈتۈن تۈرك جۇغراپىيەسىدە، تارىختا ئەسىرلەر مابەينىدە «ھەزرىتى پىرى تۈركىستان» ۋە «ھەزرىتى سۇلتان»غا ئوخشاش چوڭ كۆرىلىدىغان ئۇنۋانلار بىلەن تونولىشىمۇ بۇ شۆھرەتنىڭ دەلىلىدۇر. قازاقىستاننىڭ تارىخى ئىسمى يەسى بولغان، ئەمما سوۋىت دەۋرىدە تۈركىستان ئىسمى بېرىلگەن شەھرىدىكى مەقبەرىسى، ھازىرمۇ پۈتكۈل تۈركىستاننىڭ مەنىۋى مەركىزى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتىدۇر.

ئەھمەد يەسەۋى غەربىي تۈركىستاندا، ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ جەنۇبىدىكى چىمكەنت شەھرىگە يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان سايرام دېگەن يەردە تۇغۇلغان. ئەھمەد يەسەۋىنىڭ شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «دىۋانى ھىكمەت»تىكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ھىكمەتتە تۇغۇلغان يېرى ۋە يۇرتى تۈركىستان ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. سايرام بازىرى ئەھمەد يەسەۋىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا كەلگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە مەشھۇر تۈرك داستانىنىڭ قەھرىمانى ئوغۇز خاننىڭ ئىدارە مەركىزى دېيىلىۋاتقان يەسى(= تۈركىستان) شەھرىگە 157 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر بازار.

ئەھمەد يەسەۋىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، ئەمما ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان «فەقىرنامە» ئىسىملىك رىسالىدە قەيت قىلىنغان، <73يىل ياشىغان ۋە 1166-يىل ۋاپات بولغان> شەكلىدىكى مەلۇماتلار نەزەرگە ئېلىنسا، 1093-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. يۇسۇف ھەمەدانىيغا باغلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى بولغانلىقى شەكلىدىكى تارىخى ماتېرىياللارمۇ نەزەرگە ئېلىنسا، مىلادى 11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۇغۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان بۇ تارىخنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.

ئەھمەد يەسەۋىنىڭ دادىسى سايرامدا ياشىغان، مەشھۇر بىر ئالىم بولغان شەيخ ئىبراھىم، ئانىسى ئائىشە (قارا ساچ) ئانا. مەنبەلەردە ئىبراھىم شەيخنىڭ ھەزرىتى ئەلى(ك.ۋ)نىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇھەممەد ھەنەفىنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئانىسى ۋە دادىسىغا ئائىت مەقبەرىلەرنىڭ ھەر ئىككىسى سايرامدا. ئەمما بىر-بىرىدىن ئۇزاق يەردە بولۇپ، بۇ مەقبەرىلەرنى ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ياساتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
مەنبە :http://www.shewqiy.com/seyyah/?p=22

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 08:39:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-8 08:41

قاراخانلار دەۋرىدىكى 4 چوڭ ئالىمنىڭ بىرى .
بۇ كىشىنى قازاقالار بەكئۇلۇقلايدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم

alepteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 11:08:01

مەيلى قايسى تۈرۇك مىلىتىدىن بولسۇن ئىشنىقىلىپ بىزنىڭ پەخىرىمىز بىزنىڭ ئالىمىز بۇنىسى ئىنىق
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغايبۇيەردە ئۇيغۇر تۈرۇكلىرمۇدۇ ياكى قازاق تۈركلىرمىدۇ تالاشقىدەك
ئىش يوق بۇنداغ تالاشقانلىق بىرتال ئالمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىر تۈپ ئالما دەرخىنى كۆرسىتىپ مۇنۇ ئالما
مۇنۇ ئالما دەرخىنىڭ قايسى شىخىدا بولغاندۇ دىگەن بىلەن ئوخشاشلا گەپ بارلىق تۈرۇك مىللەتلىرى
بىر قىرىنداش ئوتتۇرسىدىكى پەرىق بولسا شىۋە پەرقى خۇدى قەشقەرلىك خوتەنلىك دىگەندەكلا خالاس

faruk01 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 11:53:39

بۇ ئادەمنىڭ ئەسەرلىرى بەك ئىسىل مەن چوڭ بىلىمەنبۇ ئەدەمنى

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:04:37

ھۆرمەتجان فىكرەتنىڭ تەتقىقاتلىرىگە كۆرە بۇ زاتنىڭ ھازىرقى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدۇ!

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:04:33

مەشھۇر ئالىم ، ئوردىناريۈس پىرفېسور ، دوكتۇر مەھمەت فۇئاد كۆپرۈلۈ ( 1890 - 1966 ) ، ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ چىمكەت ئەتىراپىدا ئەمەس ، بەلكى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 176 كىلومىتىر شەرقى شىمالىدىكى سايرامدا تۇغۇلغانلىغىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ...

مەزمون بەك جىقكەن ، تورداشلارنىڭ ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق تەرجىمىسىدىكى مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان « دىۋانى ھىكمەت » نىڭ مۇقەددىمىسىنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:07:38

alepteken يوللىغان ۋاقتى2014-5-8 11:08 static/image/common/back.gif
مەيلى قايسى تۈرۇك مىلىتىدىن بولسۇن ئىشنىقىلىپ بىزنىڭ...

ئەھمەت يەسسەۋىينى« قازاقلار تالاشت » دىمەپتۇ قېرىندىشىم .

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 22:45:40

alepteken يوللىغان ۋاقتى2014-5-8 11:08 static/image/common/back.gif
مەيلى قايسى تۈرۇك مىلىتىدىن بولسۇن ئىشنىقىلىپ بىزنىڭ...

بالىلارچە ئىنكاس بوپتۇ.
بەت: [1]
: ئەھمەد يەسەۋى كىم؟