Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 19:57:49

تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى


ئەسكەرتىش : بۇ سۈرەتلەر زامان ۋە ماكان تەرتىپى بويىچە ۋە ياكى جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپە ۋە كۆرسەتكەن تەسىرى بويىچە تىزىلمىدى. بۇ جەھەتتە خاتا قاراش بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پەخىرىمىز!

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 21:19:35

ئىزدىنىشتا دىۋان تالاشسا بولار ھە.
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،ياخشى توپلام بوپتۇ!

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 21:43:21

ئۇلۇغلىرىمىزنى قانداق تىزسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئەمما تەۋەلىكىنى توغرىلاپ يوللاڭ، بۇرادەر!

جالالىدىن رۇمىي، ئۆمەر ھەييام، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى قاتارلىقلار پارس، شۈكۈر يالقىن ئۆزبەك.

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 21:43:48

ئۇلۇغلىرىمىزنى قانداق تىزسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئەمما تەۋەلىكىنى توغرىلاپ يوللاڭ، بۇرادەر!

جالالىدىن رۇمىي، ئۆمەر ھەييام، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى قاتارلىقلار پارس، شۈكۈر يالقىن ئۆزبەك.

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 23:02:19

ئوغۇزخاننى نىمداق ۋىجىك سىزىپ قويغاندۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 23:09:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-7 23:10

تۈركىيەدە ياشىغان داڭلىق ئۇيغۇر سوپى جالالىددىن رۇمىي ئانا تەرەپتىن ئۇيغۇر ياغلاقار جەمەتىدىن بولغان خارەزىم شاھ جەمەتىگە تەۋە ، ئاتا تەرەپتىن ئەبۇ بەكرى سىددىق رازىيە ئاللاھۇ ئەنھۇ غا تۇتىشىدۇ

بۇ @durakئەپەندىنىڭ مەلۈم يازمىدىكى ئىنكاسى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 23:15:48

ئىبىنسىنا تاجىك
بەزى مەشھۇرلار چۈشۈپ قاپتۇ ، ئەھمەت يۈكنەكى ،مۇسابايۇف ، غوجا نىياز......

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 23:27:42

ئۆمەر ھەيياممۇ ئۇيغۇرمۇ ؟

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 00:10:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-8 00:19

خەقنىڭكىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالمايلى،
ئۆزىمىزنىڭكىنى خەققە بەرمەيلى...
ئانا تەرەپتىن ئۇيغۇرغا تەۋە بولسا، ئۇيغۇر بولامدۇ؟
شۈكۈر يالقۇن،
ئەھمەد يەسەۋى،
فارابى
ئىبىن سىنا
جالالىدىن رۇمى
ئۆمەر ھەييام..
...................... قاتارلىق شەخسلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تىزىپ قويۇشتا تەپسىلىي چۈشەنچىلەر بولسا... دەپ باقسىڭىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 02:47:13

فارابى قارلۇق ، ئەھمەد يەسسەۋىمۇ ئوتتىرا ئاسىيادىكى تۈرك قەبىلىلىرىدىن ، تۇركىلەر بولسا ئۇيغۇر سانىساق بولىۋىرىدۇ ، ئىرانى مىللەتلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قويمايلى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 03:07:15

ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﺎﺭﻳﯜﺱ ﭘﯩﺮﺍﭘﯩﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻣﻪﮪﻤﻪﺕ ﻓﯘﺋﺎﺩ ﻛﯚﭘﺮﯛﻟﯜ(1890 - 1966 ) ،ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻴﻨﯩﯔ ﭼﯩﻤﻜﻪﻧﯩﺖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 176 ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻠﻪﯨﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﯗ . ﻛﯚﭘﺮﯛﻟﯜ‹‹ﺟﻪﯞﺍﮪﯩﺮﯗﻝ ﺋﻪﺑﺮﺍﺭ ﻣﯩﻦ ﺋﻪﻣﯟﺍﺟﯩﻞ ﺑﯩﮭﺎﺭ ›› ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﺪﻩ ﺩﯨﮕﺪﻩﻛﻼ ،ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻴﻨﯩﯔ ﻳﻪﺳﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻴﻪ ﺋﻪﻧﺌﯩﻨﺴﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻲ ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻴﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﻪﺗﻼﺭﻧﻰ ، ﯞﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯚﭘﺮﯛﻟﯜ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗ .
ﻛﯚﭘﺮﯛﻟﯜ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯖﻤﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﺪﯗ : ‹‹ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻠﻼ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺲ ﺋﯜﭺ ﺋﯘﺭﯗﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﺗﺘﻰ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺷﺎﮪﻠﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﮪ ﺋﯘﺭﻗﻰ ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﯞﻩ ﻣﯩﺮﺯﯨﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﯘﺭﻗﻰ ﮪﻪﺯﯨﺮﺗﻰ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯘﺭﻗﻰ . ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯘﺭﻗﻰ ﺳﻪﻳﻴﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻜﯩﻜﻰ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰ . ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﮪﻪﻧﻪﻓﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ (ﻣﻮﻟﻼﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ‹‹ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ ››. ﻗﺎﺯﺍﻥ 1905 -ﻳﯩﻠﻰ 286 ﺑﻪﺕ ) ﻛﯚﭘﺮﯛﻟﯜ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﻧﯩﻤﯘ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﯗ .
.....ئەجداد تارىخ تورىدىكى بايانلار

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 08:33:08

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-5-7 23:15 static/image/common/back.gif
ئىبىنسىنا تاجىك
بەزى مەشھۇرلار چۈشۈپ قاپتۇ ، ئەھمەت ي ...

ئىبىنسىنانى تاجىك دىسەك بولماس!؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 09:18:22

تىزىپلاقويغانتېمىكەن بۇ، مەنچە بۇنداق تېمىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.
بۇلارغا ياخشىلاپ باھا بېرىش كەم قالغانىرىنى تولۇقلاش ، قوشۇلۇۋلغانلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.

alepteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 11:29:25

ئەڭ باشتىكى ئەخمەتچان قاسىمى يولباشچىمىزنىڭ كۇلۇپ تۇرغان كۆكسىگە شۇنچە گۇزەل مىدال تاقاپ چۇشكەن
رەسمىگە قارسام يەنە قارغىم كىلدۇ دىسە

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:14:36

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-5-8 03:07 static/image/common/back.gif
ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﺎﺭﻳﯜﺱ ﭘﯩﺮﺍﭘﯩﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻣﻪﮪﻤﻪﺕ ﻓ ...

ئەخمەت يەسەۋىنى ئاقسۇ بايدىكى سايرامدا تۇغۇلغان دەپ يەكۈن چىقىرىپ، ئۇنى موللا مۇسا سايرامىنىڭ كىتابىدىن مەلۇمات ئېلىپ دەلىللىگىنى قىزىقتە. قىزىق ئادەمكەن بۇ تۈركىيەلىك تارىخچى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:16:48

matimatika يوللىغان ۋاقتى2014-5-8 08:33 static/image/common/back.gif
ئىبىنسىنانى تاجىك دىسەك بولماس!؟

تىبابىتىمىزدە ئۇيغۇر دەپ ئۇگەنگەندەك قىلغان.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:09:31

غوجىنىياز ھاجى يوققۇ؟؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 16:56:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-8 17:50

خەنزۇچە ماتىرياللاردا ئىبىن سىنانى تاجىك مىللىتىدىن دەپ تونۇشتۇرىدىكەن. 10 ياشقا كىرگىچە قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان، ماتىماتىكا، ئاستىرنومىيە، فىزىكا، پەلسەپە،لوگىكا،مۇزىكا، ۋە تىببىي ساھەدە بىلىملىك ئالىم دەپتۇ. ئۇ ناھايىتى ئۇستا دۇختۇر بولۇپ، ئۇنىڭ 20 ياش ۋاقتىدا يازغان تىببىي كىتابى ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەردە 16-ئەسىرلەردىمۇ مۇھىم دەرسلىك قىلىنغان ئىكەن. http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201405/07/195025bwt6qzt2yoguta6z.jpg.thumb.jpg

http://baike.baidu.com/album/359001/359001?fr=lemma

gullinix يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 19:15:27

فارابىينىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە قارىتا گۇمانمۇ بار ئىكەندە. بايا كىتابخانىدا ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر ئەسىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ‹شەرقنىڭ ئارستوتىلى› بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
‹...ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەتقىق قىلىنغان مەسلىلەر ئۇ شۇ ئەسەرنى يازغان 10 - ئەسىردە ئەمەس بەلكى مىڭ يىلدىن كىيىنكى 20 - ئەسىردە تەتقىق قىلىنغان ...› دىگەن گەپلەر ئادەمنى تولىمۇ ھاياجانغا، پەخىرلىك ۋە قايىللىق تۇيغۇسىغا سالىدىكەن.
ئۇ كىتاپتا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى كىسىپ ئېيتىلىپتۇ.   

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 20:43:26

ئوبۇلقاسىم فىردەۋىس بىلەن ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۇيغۇر ئىكىنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن... تېخى ئۇلارنى فارىسمىكىن دەپتىكەنمەن .... :lol:lol:lol
بەت: [1] 2 3
: تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى