hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 10:59:57

دىۋانى خەستەدىن بىر ھېكمەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 11:05  

بىر ھېكمەت

ئى يارانلار كۆڭلۈم ئىچرە ھەجگە بارماق ئارۇزۇ،
چۆرگۈلۈپ بەيتۇل ھەرەمنى بۆسە قىلماق ئارۇزۇ.

گەر نېسىب قىلسا خۇدايىم خانىمانىمدىن كېچىپ،
تەرك ئېتىپ پەرزەنتى زەننى ھەرەمگە بارماق ئارۇزۇ.

ئايرىلىپ يارانلىرىمدىن يىغلىشىپ ھەم خۇشلىشىپ،
ھەم يالاڭ باشتاق بولۇپ كەئبىگە بارماق ئارۇزۇ.

بىر تۇلۇم بىرلەن ھاسانى قولغا ئالسام دوستلىرىم،
...............
كۆپ داۋانلاردىن ئېشىپ مەن ئاندا بارماق ئارۇزۇ.

قوشۇلۇپ دەريايى شوردىن ھاجىلەر بىلەن ئۆتۈپ،
ئاندا ئېھرامغا كىرىپ مەككىگە بارماق ئارۇزۇ.

تەلمۈرۈپ بوينۇم قىسىپ بابۇسسالام دەرۋازىدىن،
مەن تاۋاپ ئەيلەپ ھەرەم ئىچىگە كىرمەك ئارۇزۇ.

بۆسە ئەيلەپ مەن گۇناھكار ھەجرۇل ئەسۋەد تاشىنى،
بۇ قارا بولغان يۈزۈمنى بىر ئاقارتماق ئارۇزۇ.

ئەرپات تاغىغا چىقسام لاشەرىك لەببەيك ئوقۇپ،
ھەم ساپا مەرۋە ئاراسىن يۈگۈرمەكلىك ئارۇزۇ.

مۇزدەلىپدىن تاش ئېلىپ، شەيتانغا ئاتساممەن بۇدەم،
ئاندىن ئېھرامدىن چىقىپ زەبھى قىلماق ئارۇزۇ.

ھىجرەت قىلىپ ئاندىن كېيىن ئول مەدىنەمگە بېرىپ،
يامۇھەممەد مۇستەفا دەپ يىغلىماغلىق ئارۇزۇ.

كۆپ دۇرۇت سالىۋات ئوقۇپ رەۋزىسىگە مەن بېرىپ،
ئاسى ئۇممەت كەلدى دەپ ئەرزىمنى ئەيتماق ئارۇزۇ.

ھەم يەنە قۇددۇس شېرىپ سەنگى مۇئەللەق تاشىنى،
سەيرەتىپ ئول كەربەلا دەشتىنى كەزمەك ئارۇزۇ.

........................

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-13 22:13:26


دېۋان خەستە بىر ھېكمەت (2)

بۇ كۆڭۈلنىڭ يارىنى قويسام كۆتەرمەس بۇ زېمىن،
ئەيتا ئالمام زەررەئى باردۇر ئەدۇ ئەندەر كەمىن.

قەدرىدان يارى مۇناسىپ تاپمايىن ھالى خاراب،
بىلمىگەي نادان، كۆڭۈلنىڭ رەنجىشىن دەردى غېمىن.

رەڭگى رويىم سارغىيىپ ئاقتى كۆزۈمدىن ئەشكى دەم،
ئاھ ئۇرۇپ قىلسام پىغان تىترەر پەلەك ئەرشى بىرىن.

مەۋج ئۇرۇپ دەردۇ ئەلەم، ئاقسا كۆزۈمدىن قان سىرىشك،
ئىنسى جىن رەھىم ئەيلەبان ھالىمغا قىلغاي ئاپىرى.

كاپىرى تەرسا كۆرۈپ ھالىمنى كۆز ياشىن تۆكەر،
دەردسىز ناداننى كۆردۈم چىقمىدى كۆزنىڭ نىمىن.

ئەھلى دانا قەدرىنى دانا بىلۇر، نادان قاچان،
چۈنكى بىلمەس خىزىرنىڭ قەدرىنى ھەر دېۋە لەئىن.

ھەر كىشى ئۆز ھىممىتىچە يار ئىزلەر دەھرى ئارا،
زەرنى زەرگەر ئىختىيار ئەتكەي نىجاسەتنى چىبىن.

ئول جەھەننەم سۆھبىتى ناداندىن قىلمىش كۆپ ھەزەر،
ئى خۇدايا قىلمىغىل ھەركىمنى نادانغا قەرىن.

دانىش ئەھلى ساقلىغىل ئۆزنى بۇ نادان ئەھلىدىن،
چۈنكى ئالدىدا بارابەر تاش بىلەن دۇررى سەمىن.

ئۆلىمايۇ سالىھانى كۆرسە گەردەنكەش بولۇپ،
پىسق ئىلىن ئەيلەپ تەۋەززۇ كۆرسەتكۈسى يەرگە نىمىن.

ساقلىغىل خەستە تىلىڭنى مەجلىس ئىچرە زىنھار،
چۈنكى نادان سۆھبىتىدە بولمىدىڭ ھەرگىز ئەمىن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 07:46:38

كىلاسسىك شائىرىمىزنى تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 09:29:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 09:31  

خەستە ئابدۇللا ئاخۇنۇم
ھاجى نېئمەتۇللاھ ئۇبەيدۇللاھ «دىۋان خەستە» نىڭ ئاپتۇرى خەستە ئابدۇللا ئاخۇنۇم توغرىلىق مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:
         -  شائېر خەستە (ئابدۇللاخۇن شېرىپ ئاخۇن ئوغلى) 1854- يىلى يەكەندە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى شېرىپ ئاخۇنۇم يەكەندىكى رەستە مەدرىسىسدە مۇدەررىسلىك قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئوغلىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن ئوقۇتتى. شۇڭا ئابدۇللاخۇن ئون يەتتە ياشلارغا كىرگەندە دىن ۋە ئەدەبىيات بىلىملىرى بويىچە شۆھرەت قازىنىپ، خەلق ئىچىدە ئىززەت- ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
   شائىر ئون يەتتە ياشقا كىرگەندە، يەكەندىكى چوڭ تەسىرگە ئىگە بولغان موللانياز ناملىق ئىشاننىڭ تەكلىۋى بىلەن تېرەكباغ خانىقاسىنىڭ مەخسۇس مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئابدۇللاخۇن مەدرىسىدە 2-3 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن موللانىياز ئىشان ئۇنىڭ بىلىمى ۋە قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ چوڭ قىزى بېبى خېنىمنى بېرىپ، ئۆزىگە كۇيوغۇل قىلىۋالىدۇ. ئابدۇللاخۇن بېبى خېنىم بىلەن ئوتتۇز يىل ھايات كەچۈرۈپ بەش پەرزەنت كۆرىدۇ.  شائېر 1907- يىلى 53 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇ تېرەكباغ خانىقاسىنىڭ مەخسۇس مازارلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
شائىر ئابدۇللاخۇن توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەردە ئېيتىلىشىچە: ئۇ ئىلھامى تېز ۋە چوڭقۇر پىكىرلىك شائىر بولغان ئىكەن. ئۇ ئات ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ياكى ئۇيقۇدىن ئويغىنىپمۇ شېئىر يېزىۋېرىدىكەن. ئۇ تېرەكباغ خانىقاسىدا ھاپىزلىقمۇ قىلغان بولۇپ، كۆپىنچە ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئاھاڭغا سېلىپ، ئوقۇيدىكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى چۈشىنىشلىك، تىلى راۋان ۋە ئاممىباب. شائىر ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى خانىقادا ئۆتكەزگەن.   

مەنبەسى:
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى «بۇلاق»  ژورنىلى«دىۋان قارى دىن پارچىلار» ناملىق ماقالە.
بەت: [1]
: دىۋانى خەستەدىن بىر ھېكمەت