bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 08:56:14

NASA: مارسقا 2030-يىللىرى ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى


ناسا 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 7-ماي

ناسا 2014-يىلى 30-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان بىر يىغىندا ئۆزىنىڭ 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانى بىلەن بىر «ئۇچۇر خەرىتىسى» (infographic) نى دۇنياغا ئېلان قىلدى.  بۇ ئۇچۇر خەرىتىسى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە بېرىلدى.  ناسا نىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان يېڭى پىلانى تۆۋەندىكى قەدەم-باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1)خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇش.

(2) ئادەم ئولتۇرىدىغان «ئورىئون» (Orion) ناملىق بىر ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئۇنى ئالەم بوشلىقىغا چىقىرىدىغان راكېتادىن تەشكىل تاپقان بىر يېڭى تىپتىكى «ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش سىستېمىسى» (Space Launch System) نى ياساش.  

(3) 2020-يىللىرى ماشىنىدىن ياسالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىر ئاستېرويد (asteroid) ياكى كائىنات ئۇچار تېشىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇ تاشنى تۇتۇپ، ئۇنى ئاي شارىنىڭ ئوربىتىسىغا سۆرەپ ئەكىلىش، ئاندىن رەسمىي ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇ تاشنىڭ قېشىغا «ئورىئون» بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش.  شۇنداقلا ئۇ تاشنىڭ نۇسخىلىرىنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چۈشۈش.

(4) تەتقىقات ۋە تەييارلىقلار ئاساسىدا 2030-يىللىرى مارس ۋە ئۇنىڭ ھەمرايىغا ئادەم چىقىرىش.

ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ناسا ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق پۇلى 17.65 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.  ئامېرىكا 1969-يىلى ئايغا ئادەم چىقارغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 4 پىرسەنتىنى سەرپ قىلغانىدى.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

First, capture an asteroid: NASA's wild path to Mars revealed for 2030 landing

http://www.pocket-لىنت.كوم/news/128669-first-capture-an-asteroid-nasa-s-wild-path-to-mars-revealed-for-2030-landing

NASA’s human path to Mars

http://www.nasa.gov/content/nasas-human-path-to-mars/#.U2lmpvldU1I

رەسىم:
http://www.nasa.gov/content/nasas-human-path-to-mars/#.U2lmOvldU1I

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 09:22:34

رۇس بىلەن ھەمكارلىققا تاينىپ قىلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى تەتقىقاتلارنى قىلىۋېتىپتۇ، رۇسنىڭ ئامېرىكىدىن ئارتۇق يېرى ياكى موھتاج يېرى بامۇ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 09:49:45

مەلۇم بىر تۈرگە سىلىندىغان مەبلەغ كۆپ بولسا قىلالايدىغان ئىشىمۇ شۇنىڭغا ئوڭ تاناسىپ بۇلامدۇ قانداق ؟؟؟؟لىكىن مەبلەغ سالغۇچىمۇ شۇ ئىشنىڭ ئىستىقپالى بارمۇ يۇق شۇنى بىلىپ سالدىغان ئوخشايدۇ مەبلەغنى.بىر كۈنلەردە مارىستا ياكى ئايدا ساپ ئالتۇن كانىنى بايقا لسا  ناساغا مەبلەغ سالدىغانلار كۆپىيىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نوچى ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى ياساپ مارىس بىلەن يەر ئوتۇرسىدا تاكسىي ماشىنسىنى ھەيدەپ يۈرگەندەك ھەيدەپ يۈرسە ئالەم ئوچقۇرلىرىنى...

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 10:55:00

ئاي شارىغا بولغان تەتقىقاتنى بوشاشتۇرۇپ قويدۇڭلارمۇ  نېمە؟    ئايغا  مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇرچۇرلارنى يوللىماس بۇلۇپ قالدىلا.   
ئايدا ئىنسانلار قاچان كەنىت شەھەرلەرنى بەرپا قىلار؟

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:00:26

بىلىشىمچە تۇنجى قىتىم مارىسنى تەتقىق قىلغان دۆلەت سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقى ئىدى، 1954-يىلدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ھازىر بۇ ئىشقا كۆڭۇل بۆلىۋاتقانلار ئامىرىكا  ، ياپونىيە ، جۇڭگۇ ، ھىندىستان، يەنە بىر نەچچە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بار بولدى .لىكىن ناسانىڭ نەتىجىلىرى ئەڭ گەۋدىلىككەن.

ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە تەشەككۇر !

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:39:35

bbs.izdinix.com/thread-51873-1-1.html
ئاستىروئىدنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئائىت خەۋەر.

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 12:25:29

ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ مۇپتىسىنىڭ مارسقا كۆچمەنبولۇش ئۈچۈن مەبلەغ سىلىشى ھارام دەپ پەتىۋا بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم . ...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 12:31:09

بىلىىمخۇمار ئاكا،  يەرشارىغا چۈشكەن مىتورىت تاشلىرىنىڭ قانداق پايدىلىنىش قىممىتى بار؟ سىزنىڭ ئىدارىمۇ مىتورىتلار يىغىپ تەتقىق قىلامدۇ؟ شۇنچە كۆپ مەبلەغ چىقىرىپ مارىسقا ياكى ئايغا چىققاندىن كۆرە مارىستىن ياكى ئايدىن شۇنداقلا باشقا پىلانىتلاردىن يەرشارىغا چۈشكەن مىتورىتنى تەتقىق قىلىش تىخىمۇ كۆپ پۇل تىجەمدۇ قانداق؟

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 13:56:56

RE: NASA: مارسقا 2030-يىللىرى ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 12:31 static/image/common/back.gif
بىلىىمخۇمار ئاكا،  يەرشارىغا چۈشكەن مىتورىت تاشلىرىنى ...

بىلىشمچە جاۋاپ بىرىپ باقاي،يەر شارىغا كەلگەن تاشلاردىن پايدىلنىپ شۇ تاش كەلگەن پىلانىتنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىنى، ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشقا بۇلۇدۇ، يەنە بىر قىسىم مېتروئىت تاشلار يەر شارىنىڭ گىئولوگىيەلەك يەر قاتلام تۈزلىشىنى ، جانلىقلارنىڭ كىڭ كۆلەمدە  يۇقۇلۇش تارخىنى يەنە يەر شارىنىڭ مۇز دەۋىر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. 65مىليۇن يىل بۇرۇن دىنوزاۋۇرنىڭ يۇقىلىشىنى ئالىملار مېكسىكا قولتۇقىغا چۈشكەن دىئامىتىرى 10kmئاشىدىغان مىتورىتقا باغلاپ چۈشەندۈردۇ،،،چۈنكى گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا  65مىليۇن يىل بۇرۇنقى cretaceous白垩纪يەر قاتلىمىنىڭ مېكسىكا تەۋەسىدە چوڭ بىر ئويمان ۋە ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۇششاق ئويمانلار بايقالغان، بۇ شۇ ۋاقىتتا دەرۋەقە بىر تاشنىڭ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردۇ،  شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىملا يەنە مۇشۇ يەر قاتلىمى بىلەن tertiary 第三纪يەر قاتلىمىنىڭ چېگرىسىدا يەر شارىدا مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغان iridium  Irئېلمىنيتىنىڭ مىقدارنىڭ نتۇيۇقسىز كۆپىييىپ يەنە ئازلىغانلىقىنى بايقىغان،  بۇمۇ يەنىلا شۇ مېتورىئىتنىڭ يەرشارىغا شۇ چاغدا سوقۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  ئەينى چاغدا يەشارىدا  قۇرۇقلۇقلا ئايرىلىپ بولغان بۇلۇپ ،بۇ تاش دەل مېكسىكا قولتۇقى دېڭىزغە چۈشكەن، غايەت زور ئىسسىقلىق چىقىپ سۇلار پارغا ئايلىنىپ ئاسماننى قېلىن بى قەۋەت سۇ ھورى ۋە باشقا ئۇششاق دانچىلار بىر نەچچە ئاي قاپلاپ ، جاھاننى قارەڭغۇلۇق قاپلىغان ، ئۈسۈملۈكلە ئۈسەلمەي، باشتا تۈۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار، ئاندىن يۇقرى دەرجىلىكلىرى ئوزۇقلىنالماسلىق سەۋەبىدىن نەسلى قۇرىغان ، پەقەت ئۆڭكۈر ۋە يەر ئاستىدا ياشايدىغانلىرى ھايات قالغان. جانلىقلارنىڭ يۇقىتىلىش كۆلىمى قانچە زور بولسا ، يۇقتۇلۇشنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز،داۋاملاشقان ۋاقىت شۇنچە قىسقا بولىدىكەن.
شۇنچىۋالا تەتقىق قىممىتى بولسىمۇ، يەنىلا ئەۋرىشكىنى شۇ پىلانېتنىڭ ئۆزىدىن ئالغانغا يەتمەيدۇ، يول ئۇزۇن ، يەرشارىغە يېقىن كەلگەندە تاشلانىڭ تەركىبىدە قىززىشتىن ئۆزگۈرۈش بۇلىشى تەبئىي. بىزگىمۇ پۇرسەت بولسا ئۆرۈك ئۈجمىنى شېخىدىن ئۈزۈپ يىگىمىز كەلگەنگە ئوخشاش بولىشى مۇمكىن.
يەر شارى توغۇرلۇق بىر نەرسە يازاي دىگەن، زادى ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 14:05:56

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 13:56 static/image/common/back.gif
بىلىشمچە جاۋاپ بىرىپ باقاي،يەر شارىغا كەلگەن تاشلارد ...

ئىنشائاللاھ،2030-يىللىرى كىلىپ قالسا ۋە ناسا ئادەملىك ئالەم كىمىسى قويۇپ بىرەلىسە ۋە قايتۇرۇپ كىلەلىسە ئاندىن سىز دىگەندەك ئۈژۈمنى ئۈژۈم دەرخىدىن ئۈزۈپ يىگەن ياخشى بولىدۇ،ئەمما ئۇنداق قىلىپ بولغىچە ئاشۇ مىتورىتلارنى تەكشۈرۈپ تۇرسا مەنچە يەنىلا ئۈنۈمنى ۋە تەننەرىخنى تىجىيەلەيدۇ دەپ قارايمەن. ئۈژۈممۈ يىلدا بىر قىتىملا پىشىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئۈژۈم پىشقىچە ئۈژۈم قىقى يەپ تۇرغان ياخشى.:lol
ئۇنداق سۇئال سورىشىمدا ئۆتكەندە رابېرت خەگ ‹Robert Haag› دەپ بىرىنىڭ تەرجىمالىنى ئوقۇۋىتىپ مۇشۇ مىتورىتلارغا قىزىقىپ قالدىم. باھاسىمۇ بەك قىممەتمىش. بىلىمخۇمار ئاكىمىز ناسادا ئىشلىگەچكە مىتورىتقا ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى بىلىشى ھەتتا قول سىلىپ ئىشلەپ باققان بولىشى مۇمكىن.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 14:26:15

RE: NASA: مارسقا 2030-يىللىرى ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 14:05 static/image/common/back.gif
ئىنشائاللاھ،2030-يىللىرى كىلىپ قالسا ۋە ناسا ئادەملىك  ...

   گىپىڭىز ئەلۋەتتە توغرا،  لىكىن ناسالىقلانىڭ ئاخىرقى نىشانىىغا يىتىشى ئۈچۈن  تاشقى پىلانىتلارغا  چىقماي بولمايدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن ھەر قېتىملىق چىقىشى ،ئادەم چىقماي ماشىنا چىقسىمۇ، ناسالىقلار ئۈچۈن نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار بىلەن  تەمىن ئىتىشى مۇمكىن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 14:38:34

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 14:26 static/image/common/back.gif
گىپىڭىز ئەلۋەتتە توغرا،  لىكىن ناسالىقلانىڭ ئاخىرق ...

بۇ يەردە يالغۇز ناسانىلا كۆزدە تۇتساق بولمايدۇ، ئامېرىكىدىن باشقا يەنە ئۈچ دۆلەتنىڭ مارىس پىلانى بار. ئالدىنقى قېتىم ھىندىستان 60مىلىيون فونىستىرلىڭ‹تەخمىنەن 75مىلىيون دوللار›  مەبلەغ سالغان مارىس تۈرى نۇرغۇن تالاش-تارتىش قوزغىدى. شۇنچىۋىلا پۇلنى مارىس تۈرىگە مەبلەغ سىلىشقا قارىغاندا مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىھتىياجلىق مەسىلىلەرگە ئىشلىتىلىشى كىرەك دىگەندەك...
https://www.indiacurrents.com/articles/2013/12/18/should-india-be-spending-money-mission-mars
مۇشۇنداق ھىندىستان تىپىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش مىتورىتلار بولىشى مۇمكىن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 16:44:15

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 12:41 static/image/common/back.gif
、ئۇلار بىر توپ قولىدىن ئىش كەممەيدىغان ساراڭلا،پەتۋا ...

قانداق ئادەمنىڭ پەتىۋاچى بولالايدىغىنىغا قاراپ بېقىپ سۆزلەيلى،ھىچقانداق ئاساسسىزلا پەتىۋا چىقمايدۇ. ھەم بۇ سىز بىلىدىغان دائىرىدىكى ئىش ئەمەس،شۇڭا بىرتەرەپلىمە ھالدا قاراقۇياق ئۇلارنى ساراڭ دېمىگىلۇق،بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام ئۆلىمالىرى بولۇشى مومكىن ياكى دىن ئالىملىرى بولۇشى مومكىن، توغرىسىنى بىلگۈچى اللە دۇر.ئىسلام ئۆلىمالىرىنى قالايماقان ھاقارەتلىسەك ئېغىر گۇناھ بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئىشلاردا سۈكۈتتە تۇرساق ياخشى.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 18:43:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilig2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 20:35  

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 16:44 static/image/common/back.gif
قانداق ئادەمنىڭ پەتىۋاچى بولالايدىغىنىغا قاراپ بېقى ...

قۇرئانى كەرىم روھى ئۇنىڭدا دىيىلگەن ئايەت ۋە سۈرىلەر بولسا، بۇدۇنيا ۋە چەكسىز ئالەم قۇرئانى كەرىمنىڭ جىسمى ،ئۇلارنىڭ  بۇ دۇنيانىڭ بىلىملىرىدىن خەۋەسىز بەرگەن پەتۋالىرىنى مەن ئىتىراپ قىممايمەن،ئۇلارنى ھەقىقى پەتۋا پىچىشقا سالاھىيتى توشىدىغان ئىسلام ئالىمى دىگىلى بوممايدۇ.
ئىسلام ئالىملىرى دىگەن بولمىدى دىگەندىمۇ ،ئاستۇرنۇمىيە ،تىبابەت ،پەلسەپە ، ماتىماتكا دىگەندەك بىلىملەردىن راۋرۇس خەۋىرى بوسا بولىدۇ .بوسا خىمىيە بىئۇلوگىيە ،فىزىكا ،غەرىپ ياراتقان پەن تىخىنكا نەتىجىللىرىنى بىلسە تىخى ياخشى.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 07:35:05

ئىسلامدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش گۇنايى كەبىر ھىسابلىنىدۇ، مارىستا ھاياتلىق يوق،شۇڭا مارىسقا چىقىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش بىلەن باراۋەر . خەلقارادا بىر تەشكىلات قۇرۇلۇپ ، مارىسقا چىقىشنى خالايدىغان پىدايىلارنى تىزىملاشنى باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى ئېنىقكى ئېغىر تەۋەكۈلچىلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم ئىسلام پەتىۋاچىلىرى مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت سەۋەبى بىلەن شۇنداق پەتىۋا چىقارغان بولۇشى مومكىن.
باشتىكى ئىنكاسىمدىمۇ دېدىم ، بۇنداق ئىشلاردا بىزنىڭ گەپ قىستۇرۇش سالاھىيىتىمىز يوق. شۇڭا سۈكۈتتە تۇرغىنىمىز ياخشى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 07:51:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-8 07:53  

خاتا چۈشەنچىنى تارقاتماڭ، پىكىر قىلىڭ.

"مارىستا ھاياتلىق يوق،شۇڭا مارىسقا چىقىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش بىلەن باراۋەر" دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى زەئىپ سۆز، تولۇق ئاساس قىلىپ ئىشلىتىشكە توشمايدۇ، ھەجەپ ئايدا ھاياتلىق يوق، ئارمسچوڭ چىقىپ كەلدى، ئۇنىڭ چىققىنىنى ھارام دەپ ئېلان قىلماپتىغۇ ئا كومىتىت.
مارسقا چىققان ئادەملەر قۇرۇق ئىككى قولى بىلەن چىقمايدۇ، بۇنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم نۇرغۇن.
مارسمۇ ئاللا ياراتقان ئاسماننىڭ ئاستىدا، خەق قۇياشقا چىقىمىز دىمىدى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا.
مۇشۇ تېمىدا مۇنازىرە قىلىشىپ بولغانتۇق، مارس ئىشىدا كەسىپ ئەھلىدىن ئۆلمالار يوق دەپ.""

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 08:28:19

"مارىستا ھاياتلىق يوق،شۇڭا مارىسقا چىقىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش بىلەن باراۋەر"  دەپ قاراش دەل ئاشۇ ئۆلىمالارنىڭ پىكرى ، مېنىڭ پىكرىم ئەمەس ، ئۇلار شۇنداق دەپ قارىغاچقا ئاشۇنداق پەتىۋا چىقارغان دېدىم.بۇ مېنىڭ قارىشىم ئەمەس. :funk:

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 08:35:53


ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئىسلامىي ئىشلار ۋە ئىئانە كومىتىتى (GAIAE) فەتىۋا چىقىرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ  گوللاندىيە ئالەم ئىشلىرى شىركىتىنىڭ  2023-يىللىرى باشلىنىدىغان ‹مارىس بىر› پىلانىدىكى مارىسقا بىرىپ قايىتمايدىغان مارىس پىلانىغا قاتنىشىشنى چەكلىدى.
بىر مارىس پىلانى بويىچە تۇنجى ئۇچۇش قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن مارىستا ئىنسان ئولتۇراق رايۇنى قۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى يىلدىن بىر قېتىم داۋاملىق ئۇچۇش قويۇپ بىرىلىدىكەن. بۇ ئىلتىماسقا تىزىملاتقۇچىلار 18ياشتىن 40ياشقىچە بولىشى، تىنى ساغلام، بىجىرىم بولىشى كىرەك ئىكەن، ئىلتىماس قىلىش ھەققى 38 دوللار. ئىلتىماس قىلىش باشلانغاندا، 500نەپەر ئەرەب بۇ پىلانغا تىزىملاتقان ۋە باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارمۇ تىزىملىتىشقا باشلىغان.
بۇئىشتىن  فەتىۋا كومىتىتى ئەنسرەشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بىر مارىس پىلانىدىكى، مارىسقا بىرىپ قايىتمايدىغان سەپەرنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئىلىپ كىلىدىغان تەھدىدىتى يۇقىرىكەن، ئىسلامدا بۇنداق بىرىپ قايىتمايدىغان سەپەر توغرىسىدا ئىنىق چۈشەنچە يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇندا سەپەر بىلەن مارىسقا بارغان شەخسنىڭ ئۇيەردە داۋاملىق تىرىك ياشاش ئىھتىماللىقى تۆۋەن ، ئۆلۈپ كىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغاچقا بۇ فەتىۋانى چىقارغان.

مەنبە: http://www.techtimes.com/articles/3654/20140221/if-youre-a-muslim-and-planning-to-migrate-to-mars-dont-theres-a-fatwa-on-it.htm

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 08:41:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-8 08:43  

ئالىم-ئۆلىمالارنى ھاقارەت قىلماڭلار، بۇنىڭ ئىغىر گۇناھ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنىق ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار. ئىشنىڭ تەكتىنى بىلمەي شەخسىي ھىسىياتىڭلار بويىچە پىكىر قىلماڭلار.
مارىستا ھاياتلىق يوق بولغاچقا مارىسقا چىقىشنى چەكلىگەن گەپ يوق، ئاۋۇ گولاندىيە شىركىتىدەك بارسا كەلمەس سەپەرنى چەكلەپتۇ.
بۇ تېمىدىكى خەۋەرنى ئوقۇپ بىقىڭلار، ئالەم تىخنىكىسى ئەڭ ئىلغار ناسا 2030-يىللىرى مارىسقا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. گولاندىيدىكى شىركىتىبۇ سەپەر پىلانىنى 2023-يىللىرى باشلايدىكەن. ئۇنداق تۇرسا قانداقمۇ مۇشۇ يىقىن زاماندا مارىستا ئىنسانىي ئولتۇراق رايۇنى قۇرۇپ ئىنساننى ئۆلمەي ياشىشىغا كاپالەت قىلغىلى بولسۇن؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 08:49:17

قاسساپچىلىق فەتىۋا بىرىش ئۈچۈن قاسساپ بولۇش، ئوغرىلىققا فەتىۋا بىرىش ئۈچۈن ئوغرىلىق كەسپىدىن خەۋەردار بولۇش كىرەك ئەمەس. بۇ گولاندىيە شىركىتىنىڭ پىلانغا بىر قارىسىلا ئىنسان ھاياتىغا زەھمەت يەتكۈزىدىغان پىلانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر ئىنشائاللاھ بىر كۈنلەردە پەن-تىخنىكا تەرەققىي قىلىپ مارىستا ئىنساننىڭ ياشىشىغا ماس كىلىدىغان ئولتۇراق رايۇنلار ياسالسا ئەلۋەتتە بۇ فەتىۋانى بىكار قىلىدۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: NASA: مارسقا 2030-يىللىرى ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى