Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 01:53:19

يارىمغا ... (بىگان )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bigaan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 02:02  

يارىمغا ...
يارىم دىسەم تەئەججۈپ بولما سەنكى مەردانىم ،
چۈنكى بولغاچ دوستۇم مېنىڭ ئاڭا مىسلى ھاياتىم ،
كۆز تەگمىسۇن بىزگە دۇئا بىرلە ئاللاھقا بايانىم ،
بەزى سەن يارامغا شىپا بولدۇڭ بەزى روھى تايانىم .

بەرسەم كۆڭۈل بىراۋلار قىلمەدى قەدرىم  ۋە ۋاپا ،
پەرۋاسىزكى ئۇ كۆڭۈلگە بولماي داۋا قىلدى جاپا ،
كۆپ قىيناپ خەير ئىيتسام يەنە دىلىمگە سالدى خاپا ،
شۈكرى  كى سەن بولدۇڭ قەلبىمدە ئۆچمەس قاياشىم .

ئىيتسام يەنە بىلۇرسەن خۇلقۇمدۇر ئىگىز -پەس ،
بەلكىم بىلىپ بىلمەي بىراۋغا ياقمىقىم ئۇندا تەس ،
ئىنسانغۇ مەنمۇ خاتالىقتىن بىمۇستەسنا بولدى بەس ،
ۋە لىكىن سەبىرىڭ گۈزەل بولغاچ سەن مېنىڭ جانانىم.  

ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ تۇنجى يامغۇر پەسلى ئۇچراشقان ،
چىن مېھرىڭ بىرلە ئىللىق نۇر كەبى جىلۋە چاچقان ،
مەۋھۇم دۇنيادىن ئايرىلىپ بىز ئۆز ئارا قۇچاق ئاچقان ،
جاھاندا سەندەك دوستتىن تىپىلماس پەقەت سەن بىرلايىم .

راست ئۆتتى يىللار قوغلىشىپ بىر -بىرىدىن تېز ،
ئەسلىسەك قورۇقلار چۈشۈپ كۆز يانىغا قالدۇرۇپ ئىز ،
ھەپتە -كۈن ئايرىلماس ئىدۇق ئەمدى ئايلاپ ئەسرار بىز ،
شۇنداقتىمۇ تاشلاپ قويمىدىڭ سەن مېنىڭ ۋاپادارىم.

مەن بۈگۈن بولدۇم تەخەللۇسۇم راستى شۇل بىگان ،
يات يۇرتىدا ئايرىلىپ قېرىنداشتىن دوستتىن يىگان ،
بىراۋلار قەلبىم چۈشەنمەسلەر ئۆرتەپ يۈرەكنى پىغان ،
ھەتتا ئاددىي سالامىڭ بىرلە بولۇر سەنكى دەردۇ داۋايىم.

ھەمدۇ سانا خاستۇر ئەۋۋەل ئاللاھقا  بەردى سەن دوستنى،
ھەم تەشەككۈر ساڭا قوبۇل ئەت ئول نەزم قەسەميادنى ،
نىسىپ قىلغاي قول تۇتۇشۇپ شۇل كۈن كۈتسەك قىيامەتنى ،
«ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن » سۆيگەچ سەندۇرسەن مېنىڭ يارىم.

مەزكۇر شىئىر قىيامەتلىك دوستۇمغا ھەدىيە سۈپىتىدە  يېزىلدى ...ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن !ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن !بۇ ئارقىلىق دوستلىقىمىزنى كۈچەيتىپ بەرسۇن !ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرگەن ۋە كۆرۈلگەن قېرىنداشلىرىمدىن ھەم رازى بولسۇن !ھەممىمىزنى دېنىمىزدا مۇستەھكەم ،ئەھدىمىزدە راستچىل قىلسۇن !
سىزنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن  سۆيىمەن ئې قېرىندىشىم !
—ابن تۇرغۇن  يەك زىيائى  (بىگان)
م 2014.4.10

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 05:53:46

ئاللاھ سىلەرنى قىيامەتتە ئەرشىنىڭ سىايىسىدا سايىداتسۇن قېرىندىشىم. قەلبىڭلارنى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك پىكرى بىرلىك ھاسىل بۇلدىغان قەلىپلەردىن قىلۋەتسۇن... ھەۋەس قىلۋاتىمەن بۇ قېرىنداشلىقىڭلارغا

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 09:00:54

يارشىپ قالدىڭلىما ئاداش :shutup:

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:04:42

sad~da يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 09:00 static/image/common/back.gif
يارشىپ قالدىڭلىما ئاداش

ئۇ باشقا بۇ باشقا ...
بەت: [1]
: يارىمغا ... (بىگان )