Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:40:52

زەيتۇن ۋە سالات (ئارلاشما كۆكتات) ھەققىدە

كۈنىمىزدە يېمەك-ئىچمەك مولچىلىق بولسىمۇ ساغلاملىقىمىز ھەر قاچان خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋالدا يەۋاتقان ئوزقلۇقىمىز، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ھەققىدە كۆپرەك پاراڭ سىلىشىمىز نۇرمال ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىق، ئوزۇقلۇق ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچە تەرەپلىرى ھەققىدە ئىلگىرى 80خالتا بلوگىدا كۆپ توختالغان ئىدىم. بولۇپمۇ گۈلقەنت، ھەسەل، جىگدە، گۈلە-قاق يەپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر ھەققىدىكى بايانلار دېگەندەك. بۈگۈن بەزىلەرنىڭ زەيتۇن ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرگەچ بىردەم يەنە يەپ-ئىچىشنىڭ پارىڭىنى قىلساقمىكىن دەپ تېمىنى باشلىدىم. :P  تۈركيە كىنو فىلىملىرىنى كۆرۈپ يۈرۈپ ھازىر تۈرك چېيى ئىچىش بىرەر قۇر مودىغا ئايلىنىپ يەنە مودىدىن قالاي دەپ قالغىلىمۇ تۇردى،  ھازىرقى پاراڭ تۈركلەرنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق داستىخىنىدا داۋاملىق كۆرىدىغىنىمىز زەيتۇن، سالات دېگەندەكلەر كۆزىمىزگە كۆپرەك چىلىقىدۇ. زەيتۇن ھەققىدە پاراڭ بولسىلا كۈندە ئەتتىگەندە 7 تال زەيتۇن يەپ بەرسە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلەن بىرگە بەدەنگە زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدىغانلىقى  دېگەندەك مەزمۇنلار دېققىتىمىزنى تارتىدۇ. قايسى كۈنى بىر ماتېريالدا كۆرسەم 76 ياشلىق تۈرك بوۋاي تېنىنىڭ ساغلام بولىشى ھەققىدە مۇخبىرغا پاراڭ قىلىپ بىرىپ، كۈندە زەيتۇن مېۋىسى ، زەيتۇن مېيى، كۆكتات، بىلىق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن زەيتۇنغا بولغان قىزىقىشىم بىر ئاز كۈچەيگەن بولدى. كىيىن قۇرئاندا ئاللاھنىڭ زەيتۇن بىلەن قەسەم قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئايەت زەيتۇنغا بولغان قىزىقىشىمنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى. بازاردىن زەيتۇن سىتىۋالدىم، ئۆيگە ئەكىلىپ تازا مەززە قىلىپ يەي دەپ ئاغزىمغا سېلىشىمغا شۇنداق تۇزلۇق، تەمىنى بىلگىلى بولمايدىغان ...غەلىتە بىر تۇيغۇ. زادىلا ياقتۇرالمىدىم. شۇ تاشلىنىپ قالغانچە يىمىدىم. ما يېقىندا يەنە شۇ زەيتۇن ھەققىدە ماتېريال كۆرۈپ قىلىپ بۇ قىتىم باشقا ماركىدىكى قارا زەيتۇندىن سىتىۋىلىپ يەپ باقتىم، يامان ئەمەس تېتىدى، ھەر ھالدا ياقتۇرۇپ قالدىم بۇ قىتىم. ئۆيگە ئىلىپ كەلسەم خانىم سوغۇق سەي (سالات) تەييارلاپ قويۇپتىكەن، ئۈستىگە 7 تال قارا زەيتۇن سىلىپ باقسام تولىمۇ ياراشتى. تەمىمۇ ماس كەپتۇ. مايلىق، گۆشلۈك، خېمىرلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ سەل سېمىرىپ قالغىلى تۇرغاندىن بىرى كۈندە بىرەر ۋاق سالات يەيدىغان ئادەتنى چىقىرۋالغان ئىدىم. زەيتۇن بىلەن تېخىمۇ قاملاشقىلى تۇردى. لىكىن ئەتتىگەنلىك ناشتىدا گۈلقەنت، ھەسەلگىلا كۆنىۋالدى بىزنىڭ باللا. زەيتۇننى ئۆزۈملا يەيدىغان ئوخشايمەن. زەيتۇنغا بۇنداق ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ قىلىشىمدا  يەنە بىرسى، قۇرئان كەرىمدىكى تىن سۈرىسى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،(1)سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،(2)بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،(3)بىز ئىنساننى شەك-شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق.(4)ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق.(5)پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ.(6)(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟ .(7)ﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟(8)
ئاللاھ بۇ سۈرىدە ئىنسانلار ئىستىمال قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئەنجۈر ھەمدە زەيتۇن بىلەن قەسەم قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئارقىدىن ئىنساننى ئىنتايىن گۈزەل شەكىلدە ياراتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەك ئىنساننىڭ گۈزەل ، چىرايلىق بولىشىدا ئەنجۈر، زەيتۇننىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقى، گۈزەللىكى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ چۈشەندىم.

تۈركىيە ئوتتۇرا دېڭىز زەيتۇنلىرى ھەققىدە ساتقۇچى شىركەتلەرنىڭ تەشۋىقات ماتېرياللىرىدا شۇنداق بايانلار بار ئىكەن:
زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ساغلاملىق يېمەكلىكى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ھەر كۈنى ناشتىلىقىڭىزدا 7 تال زەيتۇن يېسىڭىز تېنىڭىز ساغلام، تېرىڭىز گۈزەل بولىدۇ.
يېشىل زەيتۇن: تەبئىتى مۆتىدىل، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ھەزىم سېستىمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ ئۆپكىنى ياشارتىش، مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەندىكى زەھەرلەرنى ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.
قارا زەيتۇن: تەمى چۈچۈمەل؛ تەبئىتى: مۆتىدىل. كالتىسىي، ۋېتامىن س دېگەندەك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى يۇقۇرى. تەركىبىدىكى ۋېتامىن س نىڭ مىقدارى ئالمىنىڭكىدىن 10 ھەسسە يۇقۇرى تۇرىدۇ. تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەنگە تېز سۈمۈرىلىدۇ. ياللۇق قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇردۇ. ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ ئارتۇقچە مايلارنى ، ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ. قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مېۋىسىنىڭ ئۆزىنى شۇ پېتى يېسىمۇ ، سالاتلارغا ئارىلاشتۇرۇپ يېسىمۇ ياكى قورۇما ، شورپىلارغا سىلىپ يېسىمۇ بولىدۇ. ئۆزىنى شۇ پېتى يېگەندە تەمى ئازىراق تۇزلۇق ۋە چۈچۈمەل.
مەن تېمىلارنى مۇشۇنداق پاراڭ سالغان شەكىلدە يازغانغا سەل ئامراق، بۇنداق بولغاندا پىكىرلىرىم بەك چېچىلىپ كەتمەي دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. ئاڭلىسام بلوگىمدا مۇشۇ شەكىلدە تېما يازغاچقا ئوقۇرمەنلىرىم زىرىكىپ قالمايدىكەن. :lol
قالدىسىغا تۈركيەلىك تورداشلار مۇشۇ زەيتۇن ھەمدە تۈركلەرنىڭ ناشتىلىق ئادەتلىرى ، بولسا تەييارلاش ئۇسۇلى ھەققىدە پاراڭلار بولسا قىلىشىپ بەرسەڭلار ، زاماننىڭ كەينىدە قالمىساق :shutup:

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:48:21

مەن ھازىرغىچە زەيتۇن،زەيتۇن يېغى دىگەنلەرنى يەپ يا ئىچىپ باقماپتىمەن
چىگىت يېغى دىگەننىغۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا توننىلاپ ئىستىمال قىپتىكەنمەن:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:50:32

زەھەرلەرگە كۆنۈپ كەتتى بولغاي بۇ بەدەنلىرىمىز
ئامال يوق، يا چىققلىلى بولمىسا يا مارستا ياشىغىلى بولمىسا

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 18:43:07

قىرىغاندا زەيتۇننى كۆپ يەپ گۇزەللەشمەكچىمۇ ؟:lol:lolجىگىدە چىچەكلىگەندە

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:03:46

تېخى بايىلا دوستلار چەمبىرىكىدە ئوقۇغانتىم بۇ بايانلارنىڭ پارچىسىنى...:lol:lol
بىرزاتكام ئېيتقاندەك قالغان تورداشلارنىڭ پارىڭىنى ساقلايمىز، بىزمۇ زاماننىڭ كەينىدە قالمايلى{:92:}{:92:}:lol

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 20:54:02

زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى شۇنداق ياقتۇرغانتىم قەھۋەخانىدا ئىشلىگەن چاغلاردا ... پىسا قاتلىمىسىغا توغراپ ئىشلىتەتتۇق.
زەيتۇن مېيىنى ساقلىغان قۇتىغا ئازراق قىزىل لازىنى سەپ قويۇپ خام سەي ياكى سالاتقا قۇيۇپ يېسە شۇنداق يېيىشلىك بولىدۇ... پولۇنىمۇ زەيتۇن مېيىدا ئەتسە بەك تاتلىق بولىدىكەن !
زەيتۇننىڭ خاسىيىتىنى بىلىپ قالغان ئادەم ئامراق بوپ قالىدىكەن ، قىممەت بولسىمۇ

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 21:00:22

بۇنداق ناشتىلىق قىلسىمۇ بولغۇدەك جۇما. دىققەت قىلىپ تۇرمىسا ئادەم پىۋا قورساق :lol  بولۇپ قىلىپ ئىش خوشياقماس بوپ قالىدىكەن. ھەراسىت بىر زات ئەپەندىم دىگەن قارا زەيتۇننى بازارلاردىن خىلى ئاسان تاپقىلى بولامدىغاندۇ؟
قارىغاندا ئىمپورت مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان دۇكانلارغا بىرىپ باقسام بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 21:32:09

زەيتۇننى ھازىر تاللا بازارلىرىدا تاپقىلى بولىدۇ ، كونسىرۋا قۇتىسىدەك قۇتىغا قاچىلاغلىق سۇ بىلەن .. بىۋاستە يېسىڭىزمۇ بولىدۇ

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 21:57:58

ئاۋۇ سالات ھەجەپ كۆركەم تارتىلىپتۇ رەسىمگە.
{:112:}

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 07:39:35

چىگىت يېغى ھەققىدە بىر توختۇلۇپ باققان بولساڭلار ، ھازىر ئۇيغۇرۇمدىكى غۇربەتچىلىك نۇرغۇنلىغان ئائىلىكلەرنىڭ ئادەتتىكى سۇ ياغ ئىستىمالىدا مۇشۇ چىگىت يېغىنى تاللايدىغان ھالەتكە كىرگۈزۈپتۇ،چۈنكى بۇ ياغ باشقا ياغلارغا قارغاندا ئەرزان ئىكەن. ئەڭ يامان ئىش شۇكى ،كىۋەز دېگەن بۇ ناكەس پۇتۇنلەي خېمىيىلىك دورا بىلەن ئوخشايدىكەن. شۇڭا كىۋەز تېرىلىپ تاكى ھۆسۇلى تۈگىگىچە خىلمۇ-خىل خېمىيىلىك دورىلار  بېرىلىدىكەن ياكى ئۈستىگە پۈركىلدىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ چىگىت دېنى   ماھىيەتتە ئاشۇ خىمىيىلىك دورىلارنىڭ دۇگلىنىش جايى بولىدۇ ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن چىقىرىلغان ياغنىڭ قانداق بولشىنى پەرەز قىلالايمىز-ئەلۋەتتە. چوڭ دوختۇرخانىلارغا بارساق ، بىزخەقتىن دوختۇرخانىدا ياتقانلارنىڭ نىسىبىتى ئالاھىدە يوقىرى بولىشىمۇ بىزنى ئويلاندۇرىشى كېرەك.

GULUM1027 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 08:08:23

سالات،سوغاق سەيلەرگە زەيتۇن مېيى قوشقاندا خام پېتى قوشسىمۇ بۇلامدۇ ياكى ماينى قىزىتىپ  ئىشلىتەمدۇق؟ بۇرۇنلاردا ئاپام بىر قۇتا زەيتۇن مېيى ئەكىلىپ قۇيۇپتىكەن،بۇنچە كۆپ ئىشلىتىش ئورنى بارلىقنى بىلمەي چېچىمنى مايلاپ،يۈزۈمگە سۈرتۈپ تۈگىتىپتىكەنمەن، ئەمدى بولسىمۇ  ئىشلىتىلىش ئورنىنى بىلىۋالايلى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 13:49:16

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 07:39 static/image/common/back.gif
چىگىت يېغى ھەققىدە بىر توختۇلۇپ باققان بولساڭلار ، ھاز ...

شۇ، ئەسلىدە چىگىت مېيى ئۇنچە ناچار نەرسە ئەمەس. تېبابەتتە چىگىت مېغىزى ۋە مېيىنىڭ رولى: ئوزۇق بولۇش، سىلىقلاش، سەمىرتىش، يۆتەل توختىتىش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار. لىكىن يۇقۇردا دېگەندەك كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن خىمىيەلىك دورىلار چىگىت مېغىزنىڭ ئەسلىدىكى تەبئىتىنى بۇزغاچقا ھازىر كېۋەز ھەسىلى، چىگىت مېيى سۈپەت جەھەتتىن ناچار يىمەكلىك دەپ قارىلىدىغان بولدى.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 14:55:41

GULUM1027 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 14:08 static/image/common/back.gif
سالات،سوغاق سەيلەرگە زەيتۇن مېيى قوشقاندا خام پېتى قو ...

سالاتقا زەيتۇن مېيى قوشقاندا خام پېتى ئىشلىتىسىز، قىزىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:07:03

ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرگەن ئائىلىلەردە «باشقا مايلارنى ساغلام ئەمەس» دەپ، زەيتۇن مېيىدا تاماق ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم. «زەيتۇن مېيى بولۇپمۇ 特级初榨 دېيىلگىنىنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىغىچە قىزىتقاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىلىدۇ، ئىس چىققۇچە- يەنى 200 گرادۇسقىچە قىزىتقاندا بولسا خىمىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تويۇنمىغان ماي قاتارلىق بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق ھەتتا زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ (ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ماينى ئۇنچە قىزىتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)» دەپ بىلەتتىم، ھازىرمۇ بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن  تورلاردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ باقتىم، دەرۋەقە شۇنداقكەن.
ئۇيغۇرلار قورۇما قورۇساق، پولو قاتارلىق تاماقلارنى ئەتسەك ئاش تەملىك بولىدۇ دەپ ماينى بەك چۈچۈتىۋىتىمىز، قىممەت باھالىق زەيتۇن مېيىنى بۇنداق ئىسراپ قىلىش مەنچە بىھۇدە ئىش. ساغلاملىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا زەيتۇن مېيىنى خام ھالدا تېمىتىپ ئىستېمال قىلىش، قىزىتىش زۆرۈرىيىتى بولسا ئىنتايىن سۇس تېمپراتۇرىدا قىزىتىش كېرەك.   

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:28:56

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 15:07 static/image/common/back.gif
ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرگەن ئائىلىلەردە «باشقا مايلا ...

ماۋۇ بىلىپ قويىدىغان گەپ ئىكەن. ئۇنداقتا زەيتۇن مېيىنى سالاتقا سىلىپ يېسە ئوبدان بولغۇدەك دە ئەمىسە. پولۇنى زاراڭزا، زېغىر يېغىدا يەپ تۇرساق بولغۇدەك تولا مودا قوغلاشماي:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:29:59

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 14:55 static/image/common/back.gif
سالاتقا زەيتۇن مېيى قوشقاندا خام پېتى ئىشلىتىسىز، قى ...

دىيارىمىز بازىرىدىكى تۈركيە زەيتۇن مايلىرىنىڭ سۈپىتى قانداقراق سىزچە؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:50:22

ياغنى بەك چۈچۈتىۋەتمەسلىك توغرىسىدا ئايالىمغا نەسىھەت قىلىۋاتقىلى 15 يىل بولدى ، ئىنشا ئاللاھ يەنە قىلىمەن ، لېكىن بىر كىشىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتمەك نىمە  دىگەن تەس ئىش  ھە ...

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:56:25

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 21:29 static/image/common/back.gif
دىيارىمىز بازىرىدىكى تۈركيە زەيتۇن مايلىرىنىڭ سۈپىت ...

تۈرك ماللىرى ھەققىدىكى چۈشەنچەم دېگەندەك يېتەرلىك ئەمەس، ئەمما بىلىدىغىنىم- تۈركىيەدىن زەيتۇن چىقىدۇ، يەنى زەيتۇن مېيى يەرلىك مال. ئىشەنچىلىك ماركىدىكى زەيتۇن مېيى بولسا مەنچە چوقۇم ياخشى.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 16:01:29

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 21:50 static/image/common/back.gif
ياغنى بەك چۈچۈتىۋەتمەسلىك توغرىسىدا ئايالىمغا نەسىھە ...

شۇنداق، ئادەتنى، كۆنگەن ئوي- پىكىر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، مەنمۇ بەك قىزدۇرىۋەتمەي تاماق ئېتىش تەرەپدارى، بولۇپمۇ جوڭگۇ پەدىسىدىكى قورۇما قورۇشقا ھازىرقى تېگى تۇتماس قازانلار چىدىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىس چىققۇچە ساقلىمايلا قورىۋېرىدىغان بولدۇم، تاماق مەنچە ئوخشاش پىشىدىكەن.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 16:09:35

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 07:39 static/image/common/back.gif
چىگىت يېغى ھەققىدە بىر توختۇلۇپ باققان بولساڭلار ، ھاز ...

توغرا ئېيتىسىز ، كېۋەز تېرىشنىڭ ئالدىدى دورا دىگەننى بولۇشىغا چاچىدۇ دەپ ئاڭلىغان!
بەت: [1] 2
: زەيتۇن ۋە سالات (ئارلاشما كۆكتات) ھەققىدە