nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 14:07:20

ئالما، ئۆرۈكلەردىكى قاپلىق قۇرۇتنى يوقتىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 14:12  

ئەلقىسسە، بىزنىڭ مېۋىلىك بېغىمىزدىكى ئالما، ئۆرۈك، ياۋا قارائۆرۈك..قاتارلىق دەرخلەردە بىر خىل قاپلىق قۇرۇت پەيدا بولۇپ قېلىپ، ئۇ يېنقىنقى 3يىلدىن بېرى ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدە دەرەخلەردە پەيدا بولۇپ، دېھقانلارغا بەك تولا زىيان سېلىۋىتىپ كەپتۇ.. كېيىن توردا ئۇ قۇرتنى تەسۋىرلەپ  ناگى، جىگى دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنىڭ (介壳虫) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدىم ۋە بەيدۇلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭ يوقتىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ، ئۇنى مەھەللىمىزدىن يوقاتقان بولدۇق.
رەسىمى : ئۆرۈكتىن تارتىلغان. ئالمىلاردىمۇ ئوخشاش.


ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن، مەندە لۇغەت بولمىغاچقا، خاتا تەرجىمە قىلىپ قويماي دەپ، خەنچە مەنبە بويىچە ئالدىم .ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە ئىسم قويۇلغان دېھقانچىلىق دورىلىرىمۇ بەك ئاز.
ئۇسۇل بىر :
3月上旬,喷洒一次3—5波美度的石硫合剂,5月下旬,卵开始大量孵化期,喷洒一次40%速扑杀1500倍液混用95%机油乳剂250倍液;即可控制介壳虫的发展和蔓延
يوقتىش ئۇسۇلى ئىككى :
每隔7—10天喷1次,连续2—3次。可用40%氧化乐果1000倍液,或50%马拉硫磷1500倍液,或255亚胺硫磷1000倍液,或50%敌敌畏1000倍液,或2.5%溴氰菊酯3000倍液,喷雾。保护和利用天敌:如捕食吹绵蚧的澳洲瓢虫、大红瓢虫、寄生盾蚧的金黄蚜小蜂、软蚧蚜小蜂、红点唇瓢虫等都是有效天敌,可以用来控制介壳虫的危害,应加以合理的保护和利用。
当介壳虫发生量大、为害严重时,药剂防治仍然是必要的手段。冬季可喷施1次10一巧倍的松脂合剂或40~50倍的机油乳剂消灭越冬代雌虫,或冬、春季发芽前,喷波美度3“一5o石硫合剂或3%一5%柴油乳剂消灭越冬代若虫;在若虫孵化盛期,用40%氧化乐果乳油、40%速扑杀乳油或40.7%乐斯本乳油与80%敌敌畏乳油按1:l比例混合成的杀虫剂1000-1500倍液,连续喷药3次,交替使用,均有良好效果

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:06:47

كورلىدا نەشپۈت دەرىخىگە ئەتىيازدا گۈڭگۈت قاينىتىپ چېچەك مىدراشتىن بۇرۇن چاچىدۇ، گۈڭگۈرۈت قايتىش مەھەللە كەنىتلەردە ئەتىيازدا كەسىپ بوپمۇ شەكىنلەندى، گۈڭگۈرت قاينىتىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئورمانچىلىق كەسپىدە ئۇقۇغانلار ئابدان بىلىدۇ.
قىش پەسلىدە قىرىپ ئېلىۋەتسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:33:04

سۇ كەڭرى بولغان بولسا  ھەپتىدە بىر قىتىم سۇ  چىچىپ تۇرغان بولسا، قۇرت-پورت بولمايىتتى.

tuyghu يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 18:05:54

بۇ  خىل  قۇرتنى  يوقىتىشتا  يەنىلا  ھەر  بىر  پەيدا  بولدىغان ، كوپىيدىغان  ۋاقتىدا  دورا  چېچىشتۇر .
كۆپىيىپ  قاپلىنىپ  بولغاندىن  كىيىن  دورا  چېچىش  ئۈنۈم  بەرمەيدۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 18:50:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 18:56  

  بۇنى قاسراقلىق قۇرت دەپ ئاتايمىز. ياڭاقتىن باشقا مېۋىلىك دەرەخلەردە ئاساسەن ئومۇمىيۈزلۈك كۆرۈلىدۇ. چىلان، ئۆرۈك، شاپتۇل، قارا ئۆرۈك قاتارلىق دەرەخلەردە تارقىلىشى تېز، زىيىنى ئېغىرراق بولىدۇ.
  ھاشارىتى ئەركەك چىشىسى ئايرىم بولۇپ، چىشىسى قاناتسىز، ئەركىگى قاناتلىق بولىدۇ. 3-ئاينىڭ باش-ئوتتۇرىلىرى يىتىلگەن ھاشارىتى چىقىپ چېتىشىپ دەرەخنىڭ يېڭى نوتىلىرىغا تۇخۇم سالىدۇ، 3-ئاي ئاخىرى 4-ئاي باشلىرىدا تۇخۇمدىن چىقىپ يۇمران نوتا ۋە بىخلارغا توپلىشىپ زىيان سېلىشنى باشلايدۇ. دەرەخ تېنىدىن ئوزۇقلۇق شوراپ ئوزۇقلانغاندىن كىيىن تېنىدىن يېپىشقاق بىرخىل ئاجراتما ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بۇ ئاجراتمىسى بىلەن تېنى ئورىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن سىرتىدا بىر قەۋەت قاپ شەكىللىنىپ، ھاشارەتنى سىرىتقى موھىت تەسىرى ۋە دورا زىيىنىدىن ساقلايدۇ. بۇ ھاشارەت بىرقانچە تۈرلۈك بولۇپ، بەزىلىرى يىلدا بىر ئەۋلات، بەزىلىرى يىلدا 2-3ئەۋلات كۆپىيىدۇ. بىر تەرەپتىن دەرەخ تېنىدىكى ئوزۇقلۇقنى شوراپ دەرەخنى ئاجىزلىتىپ، مېۋە ۋە يوپۇرماقلارغا يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئوزۇقلۇقلارنى تارتىۋىلىپ مېۋە مەھسۇلاتىنى ۋە مېۋە سۈپىتىنى تۆۋەنلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن يېپىشقاق ئاجراتمىسى ئارقىلىق نوتا يۈزىنى، دەرەخ تېنىنى قاپلاپ، دەرەخنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ئاجىزلاشتۇرىدۇ، مېۋە يۈزىگىمۇ چۈشۈپ، ئۈزۈم، ئۆرۈك، چىلان، قارا ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ مېۋە سۈپىتىنىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. دەرەخكە يېنىكرەك چۈشكەندە مېۋە مەھسۇلاتىنى تۆۋەنلىتىپ، نوتىلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئېغىر چۈشكەندە شاخلار قۇرۇپ، مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ھەتتا دەرەخ تۈپى بويىچە قۇرۇپ كېتىدۇ.
   بۇ ھاشارەتنىڭ كۆرۈلۈشى ياش كۆچەتلەردە يوق ياكى يېنىك، مېۋىلەش مەزگىلى ۋە قېرىش مەزگىلىدىكى دەرەخلەردە ئېغىر كۆرۈلىدۇ؛ شاخلىرى شالاڭ، كۈن نۇرى چۈشۈپ ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇنلىرىدا يېنىك، شاخلىرى قويۇق، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان ئورۇنلىرىدا ئېغىر بولىدۇ؛ پەرۋىشى كۈچلۈك، سۇغىرىلىشى ياخشى بولغان باغلاردا يېنىكرەك، پەرۋىشى ئاجىز، ياخشى سۇغىرىلمىغان باغلاردا ئېغىرراق بولىدۇ.
    يۇقارقى توردېشىمىز كۆرسەتكەن دورىلاردىن 石硫合剂دىگىنى ھاك-گۇڭگۇرت بېرىكمىسى، 机油乳剂
دىگىنى ئاپتول مېيى ئىرىتمىسى. قالغان氧化乐果、马拉硫磷、亚胺硫磷、敌敌畏、速扑杀دىگەن دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى چەكلەنگەن ياكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان دورىلار.
   ئادەتتە يۇقارقى ياشاش ئادىتى ۋە زىيان سېلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ باشقۇرۇشقا دىققەت قىلساقلا ھاشارەت زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. تورداشلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش ئۇسۇلىنى يازمىدىم. قېنى بۇ توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ كۆرەيلى!

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 20:30:02

زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۇقۇتۇش پىرىنسىپى: ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، پەيدا بولغىنىنى ھەر تەرەپلىمە ئۇسۇل بويۇنچە ئالدىنى ئېلىپ يوقۇتۇش.
كۈز دە يەر ئاغدۇرۇپ قىشلاش ئورنىنى بۇزۇش، دەرەخ غولىغا گۇڭگۇرۇت سۈركەش، قىشلىق  ئوسا قىلىش، كېسەل ھاشارات بار دەرەخ غولىنى چاتاش، قۇۋزاقلىرىنى سويۇش، دەرەخ غولىغا سۇلتاۋ بەلۋاغ باغلاش........... قاتارلىقلار ئالدىنى ئېلىشقا تەۋە.
قاسراقلىق قۇرۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يۇقۇتۇشتا ئىچىگە سۈمۈرۈلۈپ ھاشارات يۇقۇتۇدىغان دىھقانچىلىق دورىللىرىنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. تىگىپ ئۆلتۈرۈدىغان ھاشارات دورىللىرى ئاھاسەن ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ.
ئوقۇغان كەسپىم ئۆسۈملۈك ئاسراش ئىدى، ئەپسۇس 20 يىلنىڭ ياقى باشقا خىزمەت قىلىۋاتىمەن.

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 22:08:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
   ھەشتەرخاننىڭ (بىيجىڭ دەرخىنىڭ ) چىرىش كىسىلىنى قانداق قىلغاندا داۋالىغىلى  بولىدۇ؟؟؟؟؟ئۈنۈملۈك چارىسى بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار؟؟؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 06:42:05

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 20:30 static/image/common/back.gif
زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۇقۇتۇش پىرىنسى ...

  ئۆسۈملۈك ئاسراش خىزمىتىنى ئىقتىساد باشقۇرۇش، كان بىخەتەرلىگى.... دىگەندەك كەسىپتە ئوقۇغانلار ئىشلەۋاتىدۇ. «كۆپ قىرلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈش»دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 06:43:03

sogukbulak يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 22:08 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
   ھەشتەرخاننىڭ (بىيجىڭ دەرخىنىڭ ) چ ...

رەسىمىنى يوللاپ بېقىڭ.

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 07:17:16

قاپلىق قۇرۇت ئادەتتە مال چارۋىلاردا بولىدىغان بىرخىل پارازىت قۇرۇت،ئاساسەن جىگەردە بولىدۇ،ئادەمگىمۇ يۇقىدۇ،ئۇنى 包虫دەيدۇ.يۇقىردىكىسىنى قاپلىق قۇرۇت دەپ تەرجىمە قىلسا خاتا مېنىڭچە

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 08:21:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 08:32  

قوغۇن يوپۇرمىقى قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟
مەن مۇشۇ باقمىچىلىق ، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا بەك قىزىقىمەن دىسە، ئەمما جاپاسىىنى كۆرگەندىن كېيىن قىزىقماسمەنمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 16:30:23

http://imgt3.bdstatic.com/it/u=1124968051,285204278&fm=21&gp=0.jpg

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 16:31:04

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 16:32:31

http://imgt2.bdstatic.com/it/u=1001092333,1826556463&fm=23&gp=0.jpg

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 16:33:16

خەنچە杨树腐烂病دەيدىكەن.....

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 17:40:38

adil621 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 07:17 static/image/common/back.gif
قاپلىق قۇرۇت ئادەتتە مال چارۋىلاردا بولىدىغان بىرخىل  ...

توغرا دەيسىز، مەنمۇ بىلمىگەندىن كېيىن قاپلىق قۇرت دەپ ئېلىپ تۇرغان ئېدىم.

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 17:44:41

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 18:50 static/image/common/back.gif
بۇنى قاسراقلىق قۇرت دەپ ئاتايمىز. ياڭاقتىن باشقا مېۋى ...

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىدىن ياخشىراقى بولسا قالدۇرۇپ قويمامسىز .
بەت: [1]
: ئالما، ئۆرۈكلەردىكى قاپلىق قۇرۇتنى يوقتىش