matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 11:48:46

ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تورچىلىقىدىكى سەردار- باھادىرلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matros5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-6 11:50

ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تورچىلىقىدىكى سەردار- باھادىرلار

سىز بىرتوربەتچى، تورخۇمار، ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى كىشىلەرنى بىلىشىڭىز ، بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.ۋاقىت ۋە سەۋىيەنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەبىدىن ئىسمى ۋە قىسقىچە ئىزاھاتنىلا قالدۇردۇم، خاتا كەتكەن، كەم قالغان جايلار بولسا ئىنكاس ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەردار قىلىڭ، تۈزتىپ قويىمىز.

( تىزىشتا ئالاھىدە تەرتىپ قىلىنمىدى، توپلىغان ماتىرىيالغا ئاساسەن تىزىلدى)
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز
دىلشات ھېزىۋۇللا
ئالىم ئەھەد
غالىپجان شەمشى:ئىلىكتۇرت تور بېتىنىڭ تۈزگۈچىسى.
مايور ( پروگراممىر)
كورللىق ئالىم ئەخمەت - بىلىگيار خۇشقەلەم يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەپ تارقاتقۇچى.
پەخرىدىن ، نەجمىدىن قارلۇق ئاكا ئۇكىلار
ئويغان-ئويغان كىرگۈزگۈچىسى ( ھەقسىز دىتال)
يۇلغۇن- يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ، يۇلغۇن ئىملا تەكشۈرۈش بېتى، يەنە تور لۇغىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
غەيرەت توختى كەنجى ( كەنجى كوررېكتور‹ئۇيغۇر ئېدىت › نى ئىشلىگۈچى، Ubuntu نى ئۇيغۇرچىلاش يولىدا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۈچ چىقارغۇچى، تەشكىللىگۈچى)
ساھران ( bitcomen , 灵格斯词霸-Lingoes, Picasa , emule ، Google Firefox ، Google Chrome ، openOffice قاتارلىق دىتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان شۇنداقلا Ubuntu نى ئۇيغۇرچىلاش يولىدا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۈچ چىقارغۇچى)
نۇرقۇت ( نۇرقۇت تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،
تۇرسۇنجان سۇلتان ئالپ- ئۇيغۇرخەت نۇسخىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ياساش يولىدا خالىس كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
rock- خەتلىك فىلىم تېخنىكىسىنى بىزگە ئومۇملاشتۇرغۇچى.
خىيال كىرگۈزگۈچىسىنى ياسىغۇچى: قەشقەر مارالبىشىدىن ئابدۇغىنى مۇھەممەد
ئابدۇللا ئىرپان- ئىرپان لۇغىتى ۋە باشقا مەھسۇلات.
ئۇستاز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى- ئوبراز نامىدا
باخشى ۋە بىلگە تورىنى قۇرغۇچى- بىلگە تۇرغۇن.
بىلىك، بىلىگئەر- بىلىك تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى
مۇھەممەد ئىمىن ئەليارلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك
كۆككەپتەر- تور تېخنىكىسىدىكى سەردار
تەدبىركار- تورتۇرا ( بلوگ) چىلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى.
قۇتبىلىك- قوزغىلىشچان نۇر دىسكا ياساش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرغان.
يۈكسەل- يۈكسەل تورتۇرادى ( بلوگ) نىڭ قۇرغۇچىسى.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشقان ۋە قوشۇۋاتقانيەنە نۇرغۇن باھادىر- سەركەردىلەرچۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن. كەم قالغان جايلارنى تورداشلار تولۇقلاپ قويغاي.

مەنبە: ئىنتىل بىز تورى

تۆۋەندىكىسىيۇقارقىلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى شەخسىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى:

ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە «كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى»نى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن، پروگرامما لايىھىلەشتە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1993-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا كىرگەن ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا، UDOS ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، كۆپ تىللىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە تونۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يىتىلدۈرۈپ، يۇمشاق دېتال ئېچىشتا مول تەجرىبە ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى پۇختا يىتىلدۈرگەن. 1995-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى 9-فاكولتېتى)غا كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1998-يىلى 6-ئايدا، ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدا، شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يۇمشاق دېتال شىركىتى-ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرغان.

ئەمەتجان رۇسۇل

ئەمەتجان رۇسۇل، ئەر، ئۇيغۇر. 1978-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. تور قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرى.
ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىش باشلاپ، 1999-يىلى 5-ئايدىن 2007-يىلىغا قەدەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە «مىسران كومپيۇتېر، تىل تەربىيەلەش مەكتىپى»، «مىسران لايىھەلەش يۇرتى»، «مىسران كىتابخانىسى» قاتارلىق ئورۇنلارنى ئاچقان.
2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەكلىپلىك كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن.
2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە «گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى»دا ئالتە ئاي بىلىم ئاشۇرغان ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئالتە ئاي پىراكتىكا قىلغان. بۇ جەرياندا «خەلقئارالىق ئىقتىسادنى كۆزىتىش ۋە پەرەز قىلىش سىستېمىسى» قاتارلىق خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك بىر نەچچە تۈرگە قاتناشقان.
2008-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭغا قايتىپ، 2009-يىلى 11-ئايغا قەدەر «شىنجاڭ تەۋپىق مائارىپ تەربىيەلەش مەكتىپى» ۋە «ئۈرۈمچى ئورخۇن كومپيۇتېر مەكتىپى»دە كومپيۇتېر ئوقۇتۇش بۆلۈمى مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن.
2010-يىلى 2-ئايدا «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى»نى قۇرغان.
2011-يىلى 3-ئايدا ئۇ باشقۇرۇۋاتقان «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى» دۆلەت ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر ژۇرنىلى - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى 5-ئايدا ئۇ باشقۇرۇۋاتقان «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى» ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىرغا قەدەر بىردىنبىر بولغان قوش تىللىق تور مۇلازىمەت سۇپىسى uydata.com نى ئېلان قىلغان.
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»نى قۇرغان.
2012-يىلى 4-ئايدا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىدا رەسىملىك تونۇشتۇرۇلغان.
2013-يىلى 8-ئايدا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋە مەسئۇل كوررېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئەمەتجان رۇسۇل ھازىر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش پىروگراممېرى، باش دىرېكتورى ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، مەسئۇل كوررېكتورى ۋەزىپىسىدە.
ئەمەتجان رۇسۇل ۋەكىللىكىدىكى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كەسىپ يۆنىلىشىنى نۇقتىلىق ھالدا تور بېكەت قۇرۇلۇشى، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇش، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ئەپ ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە IDC تور مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا قارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى؛ بىر نەچچە نوپۇزلۇق تور بېكەت، يۇمشاق دېتال ۋە ئەپلەرنى لايىھەلەپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال، تور قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلىرىدا ئۆز ئورنىنى تىكلىدى.
بۇ شىركەت نۆۋەتتە كوزىر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يۇمشاق دېتال، تور قۇرۇلۇشى بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.
باشقۇرىۋاتقان تور بېكەتلىرى:
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئورگان تورى: http://www.xjcfan.com
IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى: http://www.uydata.com
IT بېكەتلەر ئائىلىسى: http://www.xjcfan.net

ئىنكاسقا كومپىيۇتىر ئىشلىرىمىزغا تۆھپە قۇشۇۋاتقانلارنىڭ ئىسمى ياكى تۇنۇشتۇرلىشى يېزىلسا.ئىزدىنىشنى بىلىم باغچىسىسىغا، قامۇسقا ئايلاندۇرساق دېگەن ئۈمۈتتە بۇ يازما يوللاندى.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 15:28:11

{:112:}

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 15:44:30

بىر قىسىملارنىڭ ئىسمىلا يېزىلىپ، كىم، قايسى تۈردىكى تۆھپىكار ئىكەنلىكى يېزىلماپتىغۇ؟

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 15:50:07

مومكىن بولسا رەسىمى بىلەن يوللاڭلار، ئوكيان قامۇسقا يوللاپ قويسا، لازىم بوپ قالار

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 16:17:37

بىر-ئىككىسىدىن باشقا قالغىنىنى بىلىدىكەنمەن {:112:}
نامىمنىڭ ئاشۇ شەخسلەر قاتارىغا تىزىلىشى ئۈچۈن تىرىشاي :lol:P

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 16:26:43

مەن ئالىپ تورى ۋە قۇتيار تورىدىن ئوبدانلا مەنپەئەتلەنگەن....
مېنىڭچە بۇ تور بېكەتلەرنى قورغۇچى كۈلكە، ئالىپ ئەپەندىلەرمۇ بۇ تېزىملىككە كىرىشكە سالاھىيتى توشۇدۇ دەپ قارايمەن...{:87:}

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 16:31:39

ئىنكاسىمدىكى ئىسىم رەت تەرتىپى ئالمىشىپ كېتىپتۇ. ئالىپ تورىدىن - ئالىپ ئەپەندى، قۇتيار تورىدىن كۈلكە ئەپەندى.
تۈزىتىپ ئوقۇغايسىلەر....{:90:}

alepteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 16:39:31

مىنىڭ ئۇمۇت قىلدىغىنىم باشقا مىللەتلەگە ئوخشاش كومپۇيۇتۇرۇمدا ئاناتىلىمدا مەشخۇلات قىلسام،
ئۆزۇم پۇل خەجلەپ سىتىۋالغان كوپۇيۇتۇردا باشقىلانىڭ تىلدا باشقىلانىڭ يىزىقىدا مەشخۇلات قىلىش
مىنىبەكلا ئازاپلىماقتا بەكلا زىرىكتۇرمەكتە

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:21:51

مەن ئەڭ بايراقدار كىشىنى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىممىكىن دەيمەن .
http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=1676

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 21:05:43

alepteken يوللىغان ۋاقتى2014-5-6 16:39 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئۇمۇت قىلدىغىنىم باشقا مىللەتلەگە ئوخشاش كومپۇي ...

سىزنىڭ بۇ ئۈمىدىڭىز ئاللىبۇرۇن رىئاللىققا ئايلاندى ، تىزدىن windows8 گە يۈرۈش قىلىڭ .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 22:29:45

Muzepper يوللىغان ۋاقتى2014-5-6 15:44 static/image/common/back.gif
بىر قىسىملارنىڭ ئىسمىلا يېزىلىپ، كىم، قايسى تۈردىكى ت ...

ئەسلى تېما ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تورچىلىقىدىكى سەردار- باھادىرلار 2011- يىلى 2- ئايدا يوللانغان بولۇپ باشقا تۆھپىكارلارمۇ بار .

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 23:07:14

مەن خىيال كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىمەن،لېكىن لايھىلىگۈچىسىنى بىلمەيتتىم.مانا ئەمدى بىلۋالدىم ،رەھمەت.:)
بۇ تىزىملىككە ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئەپەندى كىرەلمەمدۇ؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 02:28:31

بىلگەنلىرىمىزنى تولۇقلاپ قويايلى

alepteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:05:32

sada425 يوللىغان ۋاقتى2014-5-6 21:05 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ بۇ ئۈمىدىڭىز ئاللىبۇرۇن رىئاللىققا ئايلاندى ، ...

ئۇيغۇرچە نەشىرى بارما ؟ بولسا قايەردىن تاپالايمەن مىنىڭ تۇرۇشلۇقئۇرنۇمقەشقەر شەرھەر ئىچى

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:06:24

بۇ تىزىملىك ناھايتى ئالدىراقسانلىق بىلەن تۈزۈلۈپ قاپتۇ. شۇنداقلا، ھوشۇر ئىسلام، غەيرەت توختى، ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر كونا يىزىقىغا ئېلىپ كىرگۈچى-خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق بانكىسىدىكى تۇرسۇن ئابلىز، تۇنجى بولۇپ ۋوردپرەسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان مۇھەممەتئەلى نىياز ئەلقۇت ( ئۇيغۇربەگ ) ، ئاندروئىد، ئاي ئو ئەس ... قاتارلىق يانفون سېستىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇىۋاتقان ۋە بۇ سېستىمىلارغا ئەپ ياساۋاتقان قېرىنداشلار، يەنە يۇقارقى ساھەلەردە ئۈن تىنسىز تۆھپە يارىتىۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسملىكى قاپتۇ. بۇنى، يازما ئاپتورىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. يازما ئاپتورىمۇ ياخشى كۆڭلى بىلەن يوللىغان بۇ تېمىنى قالغانلىرىمىز بېيىتىپ، تولۇقلىساق تامامەن بولىدۇ، ئەلبەتتە. مەنچە يازما ئاپتورىمۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى خالايدۇ.
بەت: [1]
: ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تورچىلىقىدىكى سەردار- باھادىرلار